[color=#6600CC][size=5]رىۋايەت قىلىنىشىچە،نوشىرۋان ئادىل شائىرلارنى ھوزورىغا يىغىپ مۇنداق دەپتۇ:-بۇ نىمە دىگەن ئۇياتسىزلىق،سىلەر نىمىشقا مەندەك ئادىل شاھ دەۋرىدە يالغان شېئىرلارنى يازىسىلەر،ئاشىقنىڭ ئاھۇ پىغانى سەھراغا ئوي قويارمىش،جاناننىڭ كىرپىكى ئوق بولۇپ،ئاشىق يىگىتنىڭ كۆكسىگە سانچىلارمىش.بۇ سۆزگە كىم ئىشىنىدۇ؟قىسقىسى،بۈگۈندىن باشلاپ كىم مۇشۇنداق يالغان شېئىر يازسا،كاللىسىنى ئالىمەن!مۈلكىنى ۋەيران قىلىمەن! شۇ پەرماندىن كىيىن،ئۇزۇن يىللارغىچە ھىچكىم شېئىر يازماپتۇ،ئاخىر بىر شائىر مۇنداق شېئىر يېزىپتۇ:
تاڭ ئاتسا يۇلتۇزلار ئۆچەر ئاسماندا، خورازلار چىللىشار مازانداراندا(جاي ئىسمى). خەلەپتە(جاي ئىسمى)كەچقۇرۇن قۇياش پاتىدۇ، كىچىسى ئادەملەر ئۇخلاپ ياتىدۇ.
نۇشىرۋان ئادىن ھىچبىر يالغىنى بولمىغان باشتىن -ئاخىرىغىچە ھەقىقەتنى ئەكىس ئەتتۈرگەن بۇ شېئىرنى ئوقۇپ،مۆرىسىنى قىسىپ،بىشىنى تاتىلاپ ئۇزۇن ئويلانغاندىن كىيىن،«شائىرلار ئۆزىنىڭ شۇ يالغىنىنى يېزىۋەرسۇن»دەپ قايتا پەرمان چۈشۈرۈپتۇ. «شائىر سۆزى يالغاندۇر»دىگەن سۆز شۇنىڭدىن قالغانىكەن.[/size][/color]
مەنبە:تەربىيىلىنىشتىكى 99 پاراسەتتەھرىر:قوغدىغۇچى
0 سۆز قالدۇرۇڭ:
ئىنكاس يېزىش