2008/05/31

(ئىسىل)بۇ بۇنيا ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ دۇنياسى!

[size=4][color=#6600CC]ئەزەلدىن بېرى بىر قانونىيەت بولۇپ كەلگەن،ئۇ بولسىمۇ 80% قانونىيىتى،يەنە پاتىنسېن قانونىيىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ،مەسىلەن:20% ئادەم دۇنيانىڭ 80% بايلىقىنى ئىگەللىگەن بولىدۇ.80% كىشى 20% كىشىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ.80%پايدا شۇ 20%كىشىدىن كىلىدۇ.80%مالنىڭ سېتىلىشى 20 مال ساتقۇچىنىڭ ئەمگىكى.80%ۋاقتىمىز 20%كۈندىلىك ئىشلىرىمىزغا سەرپ بولىدۇ.
فىزىكىدا مۇنداق بىر تەجرىبە بار: ناۋادا بىر چۆگۈن سۇ بولسا،ئۇنى قاينىتىپ 100 گرادۇسقا يەتكۈزۈش ئۈچۈن 10 مىنۇت كەتسە،ئۇنداقتا بۇ سۇنى قايناتساق نەچچە گرادۇسقا يىتىدۇ؟ناۋادا ئۇڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەت بولسا،5 مىنۇتتىن كىيىن سۇنىڭ تېمپىراتورىسى 50 گرادۇس بولسا توغرا بولاتتى،ھالبۇكى بۇ خىل تەبىئىي ھادىسە ئۇڭ تاناسىپلىققا بويسۇنمايدۇ،توغرا جاۋاپ----- 80 گرادۇسقا يىتىدۇ.
يېقىندا «ماددىنىڭ مەنبەسى» دىگەن بىر كىتاپنى ئوقۇدۇم،ئۇنىڭدا كائىناتنىڭ باشلىنىش مەنبەسى سۆزلىنىپتۇ،ھەتتا ئالەمدىكى چوڭ پارتىلاش،پارتىلاشتىن كىيىنكى ماددىلارنىڭ بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى دۇنيا ئەمەسلىكىنى،كۆپىنچىسىنى بىز كۆرەلمەيدىغان،تۇتالمايدىغان،ھەتتا ھىس قىلالمايدىغان مەۋھۇم ماددا ئىكەنلىكىنى يېزىپتۇ.مەۋھۇم ماددا گەرچە كۆرۈنمىسىمۇ،ئۇنىڭ ماسسىسى بىز بىلىدىغان ،اددىلاردىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن بولىدىكەن.بۇنى كائىنات جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتىدىكى نورمالسىزلىقلاردىن بىز غايەت زور ئىنىرگىيىنىڭ بارلىقىنىڭ ھىس قىلغانكەنمىز.ھالبۇكى بۇ ماددىلار بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا خالاس،ئۇ شۇ يەردە بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزنى جىمجىت كۈزىتىپ تۇرىدىكەن. ئادەم بەدىنىدە بىر خىل قىزىقارلىق ھادىسە مەۋجۇت،ھازىر ھەممەيلەن ئېرسىيەتنىڭ DNA غا تايىنىپ مەۋجۇتلىقىنى بىلىدۇ،ھالبۇكى ئاقسىل،بىزنىڭ ئورگانىزىملىرىمىزنى تەشكىل قىلغۇچى ئاقسىلنى دەل DNAبەلگىلەيدۇ.ئەمما DNAننىڭ پەقەت 10%لا ئاقسىلنى كودلاشقا قاتنىشىدۇ،قالغان قىسىمى بولسا كوللىكتىپ جىمجىتلىقىنى ساقلايدۇ.ئۇلار ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات ئېرسىيەتلىنىدۇ،ئەمما پەقەت ئاقسىلنىڭ ئىپادىلىنىشىگە قەتناشمايدۇ،پەقەتلا سۈكۈت ئىچىدە تۇرىدۇ. ئاز بىر قىسىم نەرسىلەر مانا مۇشۇنداق كۆپ قىسىم ئىشنى تاماملايدۇ،پاتىنت قانونىيىتى پەقەت تۇرمۇشتىكى مۇشۇ ئىشلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ،ئۇ ھەتتا پۈتۈن كائىناتنىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغا تارقالغان.بۇ قانۇنىيەت ھەقىقەتەنمۇ كۆپخىل مۇھىتقا ماس كىلىدىكەن.
قۇياش سېستىمىسىغا قارىساقلا،يەرشارى گەرچە ئىنتايىن كىچىك بولسىمۇ،ئەمما ئۇ قۇياش سېستىمىسىدىكى مۇرەككەپ ھاياتى شەكىللىرىگە ئىگە.تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر نوپوس،يەر زىمىن جەھەتتە ئاز ساننى ئىگەللىسىمۇ،ئەمما كۆپقىسىم بايلىق،تېخنىكاۋە بېيلىق مەنبەلىرىنى ئىگەللىگەن.بىزنىڭ بەدىنىمىزدىمۇ،كىچىكى ھۈجەيرە،ھەتتا بىز سۆزلەپ ئۆتكەن يادرو كىسلاتاسى زور قىسىمدىكى ھاياتى پائالىيەتلەرنى كونترول قىلىدۇ.چوڭ ئورگانىزىملار بولسا ئاساسى جەھەتتىن ئىككى ئورگانىزىمغا خىزمەت قىلىدۇ،يەنى ----------مېڭە ۋە يۈرەك.
ئاخىرىدا جەمئىيەتكە قايتىپ كەلسەك،بىزنىڭ جەمئىيىتىمز زادى كىمنىڭ؟مېنىڭ جاۋابىم:ئۇ ئاز سانلىق بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ خالاس!لۇشۇن كوناجەمئىيەتنى تەسۋىرلىگەدە،«كۆپىنچىسى كونا»لىقىنى تەسۋىرلىگەن،مېنىڭچە بۇ جۇڭگوغىلا ئەمەس پۈتۈن دۇنياغا ماس كىلىدۇ.
تارىخى كىتاپلارنى ۋاراقلىساق،بۇ دۇنيانىڭمۇ شۇ ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.يەنى ئاز بىر قىسىم كىشىلەر ئوتتۇرىدىكى ھوقوق -مەنپەئەت كۆرىشىنىڭ تارىخى خالاس!سۈكۈتتىكى كۆپچىلىك ئۇلار ئۈچۈن ئۇرۇپ چېپىشىدۇ خالاس.كۆپىنچە سۈكۈتلەر كائىناتتىكى مەۋھۇم ماددىغا ئوخشاش،ئاشۇ 90%DNA غا ئوخشاش بىز ئۇلارنى ئەزەلدىن بايقىمايمىز،ئۇنداقتا ئۇلارمۇ مەۋجۇت بولغانمۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئېنىق،ھەم كىشىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ،ئۇلار مەۋجۇت بولغان،ئەمما ئەزەلدىن مەۋجۇت بولمىغاندەك ھالىتىنى ساقلىغان!!![/color][/size]
[size=7][color=#FF0000] [align=center]بۇ دۇنيا ئاشۇ ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ!!!!!![/align][/color][/size]

0 سۆز قالدۇرۇڭ: