2008/05/31

بىر ئىستاكان سۈت

[color=#6600CC][size=4] بىر كۈنى،بىر نامرات ئۆسمۈر ئوقۇش پۇلىنى قامداش ئۈچۈن،ئۆيمۇ-ئۆي يۈرۈپ مال تونۇشتۇرىۋاتاتتى.بىر كۈنلۈك ھارغىنلىق بىلەن قوشۇلۇپ،ئۇنىڭ قوسىقىنىڭ ئاچلىقى ئۇنى ئازاپلىماقتا ئىدى.ئۇ يېنىنى ئاقتۇرىۋىدى،ئاران بىر موچەن چىقتى،بۇنىڭغا ھىچنىمە كەلمەيتتى.سوغوق ۋە ئاچلىق ئۇنى بىر نىمە تىلەپ يىيىشكە مەجبۇر قىلدى،شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر ئۆينىڭ ئىشىكىنى چەكتى.ئىشىكنى ناھايىتى چىرايلىق بىر گۈزەل قىز ئاچتى،بالا بۇنى كۆرۈپ،خىجىللىقىدا نىمە دىيىشىنى بىلمەي،پەقەت بىر يۇتۇم سۇ بېرىشنى ئۆتۈندى.قىز ئۇنىڭ ئېچىرقاپ كەتكەن ھالىتىنى كۆرۈپ،ئۇنىڭغا يوغان بىر ئىستاكان سۈت قۇيۇپ بەردى.بالا سۈتنى ئىچىپ بولغاندىن كىيىن،سورىدى:-مەن نەچچە پۇل تۆلىشىم كېرەك؟-.قىز كۈلۈپ تۇرۇپ:-بىر پۇڭمۇ تۆلىمەيسىز!ئاپام ماڭا«باشقىلارغا قىلغان ياردىمىڭگە مىننەت قىلما» دەپ ئۈگەتكەن-دىدى.بالا:-ئۇنداق بولسامېنىڭ چىن يۈرىكىمدىن قىلغان رەھمىتىمنى قۇبۇل قىلىڭ-دىدى-دە،كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭدى.بۇ چاغدا ئۇنىڭ پۈتۈن بەدەنلىرى كۈچكە تولۇپ،تەڭرى ئۇنىڭ بېشىنى سىلىغاندەك بىلىندى..... ئۇزۇن يىللاردىن كىيىن،بۇ قىز بىر خىل ئاز ئۇچرايدىغان كىسەلگە گىرىپدار بولدى.دوختۇرلارمۇ بۇ كىسەلگە ئامال قىلالمىدى،ھەمدە ئۇنى شەھەردىكى چوڭ دوختۇرخانىغا يۆتكەپ بېرىشتى.ئەينى يىلدىكى ھېلىقى بالىمۇ ھازىر داڭلىق مۇتەخخەسسىس ---خوۋارد.كەرى دوختۇرغا ئايلانغانىدى.ئۇمۇ بۇ قىزنى داۋالاش گۇرۇپپىسىدا ئىدى.قىزنىڭ كىسەللىك ئارخىبىنى كۆرىۋىتىپ،ئۇنىڭ ئادرىسىغا دىققەت قىلغان دوختۇرنىڭ كاللىسىغا قانداقتۇر بىر خىياللار كەچتى-دە،دەرھال كىسەلخانىغا قاراپ يۈگۈرىدى. كىسەلخانىدا دوختۇر ئەينى يىللاردا ئۆزىگە سۈت بەرگەن غەمگۇزارىنى بىر قاراپلا تونىدى.ئۇ ئىشخانىسىغا قايتقاندىن كىيىن،بۇ كىسەلنى چوقۇم داۋالاپ ساقايتىش نىيىتىگە كەلدى.شۇ كۈندىن باشلاپ،بۇ كىسەلنى توختىماي تەتقىق قىلدى،بىمارىغىمۇ شۇنداق ياخشى قارىدى،تىرىشىشلار ئارقىلىق ئوپىراتسىيە ئاخىرى مۇۋەپىقىيەت قازاندى.دوختۇر بىمارنىڭ داۋالاش ھەققى ئۇقتۇرىشىنى ئېلىپ،ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئىمزاسىنى يازدى... داۋالاش ھەققى ئۇقتۇرۇشى بىمارنىڭ قولىغا كەلگەندە،ئۇ بۇ ئۇقتۇرۇشقا قاراشقا پېتىنالمىدى،روشەنكى داۋالاش راسخوتى ئۇنىڭ بارلىق بىساتىنى ئېلىپ كىتەتتى.ئاخىرى ئۇ غەيرەت قىلىپ ھېلىقى قەغەزگە قاراپ،ئىمزا قويغان يەردىكى ئىككى جۈملە سۆزنى كۆرۈپ ھاياجىنىدىن كۆزلىرىدىن ياشلار قۇيۇلدى.ئۇ يەرگە «داۋالاش ھەققى بىر ئىستاكان سۈت. خوۋارد.كەرى دوختۇر»دەپ يېزىلغانىدى.[/size][/color]

0 سۆز قالدۇرۇڭ: