2008/05/31

ئاتوم دەۋرىدىكى ئازغۇن خىيالىم - نېرۋىلىرىمغا ئوسكار مۇكاپاتى بېرىمەن.

[color=#FF00CC][size=4]تېمامغا قىزىقىپ كىردىڭىز ھەقىچان،مەنمۇ سىزنى ئۈمىتسىز قالدۇرماسلىق ئۈچۈن تىرىشاي!
بۈگۈن سەھەردە ئاخشام كۆرگەن چۈشلىرىمنى ئويلاۋىتىپ،ئۆزۈمنىڭ نېرۋا سېستىمام ئېسىمگە كېلىپ قالدى.مېنىڭچە ئۇلار «ئوسكار مۇكاپاتى» ئېلىشقا تىگىشلىك!بۇنداق دىيىشىمدە مۇنداق سەۋەپلەر بار:1.ئۇلار داڭلىق، چىنلىقى يۈكسەك يۇقۇرى بولغان ئارتىست.مەن خىيال نەزەرىمنى قايارگە قىلسام،نېرۋىلىرىمى توختاۋسىز،ئاڭلىق ھەرىكەت قىلىپ،مېنى ئەڭ يېقىمىلىق،گۈزەل ئەسلىمە،ھىس -تۇيغۇ،ئوي-پىكىرلەر بىلەن ھوزۇلارندۇرىدۇ.مەن ئۈچۈن ئۇنىڭدىنمۇ چىن تۇيغۇ بولمىسا كېرەك.
2.ئۇلار ئەڭ ماھىر كىنو دېرىكتورىمەن نىمىنى خىيال قىلغۇم كەلسە شۇنى خىيال قىلالايمەن.ئاسمەاندا ئۇچقۇم كەلسە ئۇچالايمەن،سۇدا ئۈزگۈم كەلسە ئۈزەلەيمەن،ياقتۇرغىنىمنى سۆيەلەيمەن،ئىشقىلىپ نىمە قىلغۇم كەلسە،ىىيال دۇنيارىمدا شۇنى قىلالايمەن.ئاللاھنىڭ بەندىسىگە بەرگەن ئەڭ مول بايلىقلىرىنىڭ بىرى دەل بەندىنىڭ چېكى يوق تەپەككۇر،ھىس- خىيال دۇنياسى بولسا كېرەك.
3.ئۇلار ئەڭ ياخشى باھالىغۇچىئىنساننىڭ ھايۋاندىن پەرقى ھەق-ناھەق،ياخشى - ياماننى پەرق ئېتىش،شەرمى-ھايادۇر.بۇلارنىڭ ھەممىسىگە مېنىڭ نېرۋا سېستىمام قۇماندانلىق قىلىدۇ.ئۇلار ماڭا نىسبەتەن ئەڭ توغرا باھا بېرەلەيدۇ،باشقۇرالايدۇ،مەسىلىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىيالايدۇ.
4.ئۇلار ئەڭ ياخشى تاماشىبىنھەر قېتىم ئۆزۈمنىڭ شېرىن خىياللىرىمدىن ھوزۇرلىنىپ كىتىمەن،بۇ خىل ھىس تۇيغۇنى دەل مېنىڭ نېرۋا سېستىمام ماڭا تەسۋىر قىلىپ بېرىدۇ.ئۇلار ھەرگىز يامانلىمايدۇ،مېنىڭ ئىرادەمگە بويسۇنىدۇ،دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ ياخشى تاماشىبىن بارمۇ؟
5.ئۇلار ئاڭ ياخشى ئىجادىي كەشىپچىبۇنىڭ تىپىك مىسالى---مېنىڭ چۈشلىرىم.چۈنكى مەن ئۇخلاشتىن ئىلگىرى چۈشۈمدە نىمە كۆرۈشۈمنى بىلمەيمەن،ھەر كۈنى سەھەردە مېنىڭ تۈنجى تەپەككۈرۈم كۆرگەن چۈشلىرىم ئۈستىدە بولىدۇ،مەن ئويلاپ باقمىغان خىياللار چۈشلىرىمدە پەيدا بولىدۇ،مەن خىيالىمغا كەلتۈرۈپمۇ باقمىغان ئىشلار چۈشۈمدە يۈز بېرىدۇ.مەن چۈشلىرىمنى كونترول قىلالمايمەن.ئۇلارمۇ ھەم مېنىڭ ئىرادەمگە بويسۇنمايدۇ.ئۇلار باشقۇرۇشتىن خالىي ئەڭ نادىر ئىجادىيەتچىلەردۇر.
ساراڭ خىياللىرىمنى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتمەڭلار،مېنىڭچە ھەمىمىزدە ئازدۇر كۆپتۇر بۇنداق «ساراڭ خىياللار »بارغۇ دەيمەن؟![s:49][/size][/color]
[attachment=4054] [attachment=4055] [attachment=4056] [attachment=4057] [attachment=4058] [attachment=4059] [attachment=4060] [attachment=4061]

0 سۆز قالدۇرۇڭ: