2008/05/31

قىران ئەرنىڭ ئەرلەرگە قىلغان نەسىھىتى(تەرجىمە ئەسەر مۇكاپاتىغا)

[color=#0000FF][size=5]1.مەيلى سىز ئىشىنىڭ ياكى ئىشەنمەڭ،ئەرلەر مەڭگۈ جەمئىيىتنىڭ ئاساسى گەۋدىسى!بارلىق ئەرلەردە بۇ خىل مەسئولىيەت تۇيغۇسى بولۇشى كېرەك.
2.ئېسىڭىزدە بولسۇن،25 ياشتىن ئىلگىرىكى مۇھەببەت ئاساسەن يالغان بولىدۇ،ياكى سىز ئويلىغاندەك ساپ ۋە مەڭگۈلۈك بولۇشى ناتايىن.25 ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن بۇنى تەدرىجى ھىس قىلالايسىز.
3.تاماق يىگەندە يەتتىلىك(70%) تويسىڭىزلا بولدى،قىز دوستىڭىزغىمۇ ئىمكانقادەر يەتتىلىك مۇئامىلە قىلسىڭىزلا بولدى.
4. 30 ياشتىن ئىلگىرى بەدىنىڭىزنى ئاسراڭ،ئالدىنقى 30 يىلدا سىز كىسەلنى تاپىسىز،كىيىنكى 30 يىلدا كىسەل سىزنى تاپىدۇ.ناۋادا سىز 30 دىن ئاشقان بولسىڭىز بۇنى تەدرىجى چۈشىنىپ قالىسىز.
5.كەسىپ مۇھەببەتتىن مۇھىم،ناۋادا كەسپ مەڭگۈلۈككە ئېرىشەلمىسە،ئۇنداقتا مۇھەببەت پەقەت گۈلنىڭ ۋاقىتسىز توزىشى خالاس.
6.سىزنى قوغلاشقان قىز بالىنى ئاسانلىقچە قوبۇل قىلماڭ.«قوغلىغاندىن قاچ،قاچقاننى قوغلا!»،ناۋادا ئۆزىڭىزنى ئاسانلا تۇتقۇزۇپ قويسىڭىز،ئۆزىڭىزنىڭ نۇرغۇن نەرسىلەرنى قولدىن بېرىپ قويغىنىڭىزنى،نۇرغۇن نەرسىلەردىن ئايرىلغىنىڭىزنى ھىس قىلىسىز.
7.شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى،پۇل بىلەن ھەل قىلغىلى بۇلىدىغان مەسىلە مەسىلە ھىساپلانمايدۇ.ناۋادا پۇلنى ھەممىگە قادىر،پۇلۇم بولسىلا قىزلار بولىدۇ،پۇلۇم بولمىسا قىزلارمۇ بولمايدۇ دەپ قارىسىڭىز ،ئۇ چاغدا قىز بالا مەسىلە ھىساپلانمايدۇ.
8.مەڭگۈ ئاكتىپ ئىلگىرىلەڭ!ھەر بىر ئەر كىشىنىڭ سۆيۈملۈك تەرىپى بولىدۇ،ئەمما تۇرمۇشقا ئاكتىپ قارىمىغاندا يىرگىنىشلىك تەرەپلىرى ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ.
9.بىر ئايالنى ئىككى قېتىم ئازاپلىماڭ.«ياخشى ئەر تۈكۈرۋەتكەن تۈكۈرۈكنى ئاغزىغا ئالمايدۇ»دىگەن بۇ ماقالىنىڭ مەنىسى بەك چوڭقۇر.ئايرىلىشقا كۆزىڭىز يىتىپ،تەپسىلى ئويلانغان بولسىڭىزلا،كەينىڭىزگە يانىدىغان،كۆزى قىيمىغاندەك ئىش قىلماڭ!
10.ناۋادا ئىلگىرىكى قىز دوستىڭىز بىلەن دوست بولسىڭىز ئۆزىڭىزگە «نىمە ئۈچۈن؟»دىگەن سۇئالنى قويۇڭ،ناۋادا ئايرىلغاندىن كىيىنمۇ دوست بولالىساڭلار بۇنىڭ ئىككى خىل سەۋەبى بار:سەۋەپلەرنىڭ بىرى سىلەر ئۆز ۋاقتىدا پەقەتلا مۇھەببەتنى ئويۇن قاتارىدا كۆرگەن خالاس،ھەقىقىي ھىسياتىڭلارنى سەرپ قىلمىغان.يەنە بىر سەۋەبى،چوقۇم ئىچىڭلاردىن بىرى سۈكۈت ئىچىدە ئۆز مۇھەببىتىنى مىننەتسىز سەرپ قىلماقتا.
11.ئاياللارنىڭ مۇھەببەتلەشكەن ۋاقتىدىكى تاتلىق سۆزلىرىگە مەڭگۈ ئىشەنمەڭ.ھەممە كىشى ئاياللارنى تاتلىق سۆزگە ئامراق دىيىشىدۇ،ئەمما ئەمەلىيەتتە ئەرلەر تېخىمۇ ئامراق كىلىدۇ.
12.ئۆزىڭىزنىڭ چىراي تۇرقى ۋە بوي ئېگىزلىكىڭىز ئۈچۈن ئارتۇقچە قايغۇرۇپ كەتمەڭ.ئادەم بىر خىل ھايۋان،ئەمما ئۇ ھايۋاندىن پەرقلىق.توغما پەرق ھەرگىزمۇ سىزنىڭ سىزنىڭ ياخشى ياشىشىڭىزنىڭ توسقۇنلۇقى بولالمايدۇ،كىشىنىڭ قەلبى چىرايىدىن مۇھىم!ناۋادا بىراۋ چىرايىغا تايىنىپلا كىشىلەرنى ئۆزىگە ئىگەلىسە،بۇنىڭغا ئانچە ھەيران قالماڭ،مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،ئۇ پەقەت بىر ھايۋان خالاس،ھايۋان بىلەن تالىشىپ تەڭ تۇرۇشنىڭ ئورنى يوق!
13.مۇھەببەتتىن مەھرۇم بولۇشنىڭ ئىككى خىل سەۋەبى بولۇش مۇمكىن،ياكى سىز ئۇنى سۆيىسىز ئەمما ئۇ سىزنى سۆيمەيدۇ،ۋەياكى دەل ئۇنىڭ قارشىسى.ھالبۇكى سىز سۆيگەن كىشى سىزنى سۆيمىسە،ياكى سىزنى ئەزەلدىن سۆيمىگەن بولسا،ئۇنداقتا سىزدە ئارمان بولمىسۇن،چۈنكى سىز يۈتتۈرگەن پەقەتلا سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغان بىرى خالاس!
14.ياخشى قىزلارنى ئالدىماڭ،چۈنكى بۇ دۇنيادا ياخشى قىزلار بەك ئاز قالدى.
15.پۇلنى ھەممىگە قادىر دەپ قارىغۇلارچە يەكۈن چىقارماڭ،ھىچ بولمىغاندا ئەيدىزنى پۇل بىلەن داۋالىغىلى بولمايدۇ.
16.ئۆزىڭىزگە چوقۇم ئىشىنىڭ.سىز ئۆزىڭىز بىر گۈزەل مەنزىرىسىز،شۇنداق تۇرۇپ باشقىلارنىڭ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىشنىڭ ئورنى يوق.
17.ھەر قانچە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسىڭىزمۇ،ھاياتلا بولىدىكەنسىز،ھەر كۈندىكى قۇياشنىڭ يېڭى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىڭ.
18.مۇھەببەت مەڭگۈ تەڭپۇڭ بولمايدۇ.مۇھەببەتتىن بەخت ئىزدىگەنسىز،چوقۇم قايغۇغا رازى بولۇشىڭىز كېرەك.
19. باشقىلاردىن ئۆزىگە ئۈمىت كۈتىدىغان قىزلاردىن ۋاقتىدا ئايرىلىڭ.ھىچ كىمنىڭ ھىچ كىمدە قەرزى بولمايدۇ،ناۋادا ئۇ مۇشۇنچىلىكمۇ ساۋاتنى بىلمىسە،ئۇنداقتا ئۇ قەدىرلەشنىمۇ بىلەلمەيدۇ.
20.زېرىكىشنى دەپلا «خۇشاللىق»ئىزدەپ يۈرمەڭ.زېرىككەن ئەر كىشى زېرىكىشتىن ھوزورلىنىشنى بىلىش كېرەك،ئېسىڭىزدە بولسۇنكى،سىزگە ئوخشاشلا،يىراقتىكى قاراڭغۇلۇق ئىچىدە،چوقۇم يەنە بىرەيلەن سىزگە ئوخشاش زېرىكمەكتە،گەرچە زېرىكىش ئوخشىمىسىمۇ،ئەمما سىلەر نەزەر سالغان يۇلتۇشلۇق ئاسمان پەقەت بىرلا!
21.ھەر قانداق ئىش مەڭگۈلۈك بولمايدۇ،قانداق قىلغاندا مەڭگۈ بولىدىغىنىنىمۇ قوغلاشماڭ،تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئىمكانسىزلىقلار بولىدۇ،شۇڭا ئامال بار ئۆزىڭىزنى،تۇرمۇشىڭىزنى رەڭدار،مول مەزمۇنلۇق قىلىشقا تىرىشىڭ،تۇرمۇشقا توغرا مۇئامىلە قىلىڭ.
ئەر كىشىنىڭ نۇرغۇن باش ئاغرىقى بولىدۇ،ھەم تۇرمۇشتا بەك ھارىدۇ،ئەمما تۇرمۇش بولغىنى ئۈچۈنلا ئەھمىيىتى بولىدۇ،ئۆزىڭىزنى ھەممىدىن ئايرىلدىم دەپ قارىغان ۋاقتىڭىزدا،ھىچ بولمىغاندا ۋاقتىڭىز سىزنىڭ بولىدۇ،چۈنكى ۋاقىت بارلىق جاراھەتلەرنى ساقايتىدۇ،شۇڭا ھەرگىزمۇ كۆز يېشىڭىزنى تۆكمەڭ...............[/size][/color]
مەنبە:[url]http://www.5i5art.com/fun/testinfo.asp?id=3006[/url]
تەھرىر:قوغدىغۇچى

0 سۆز قالدۇرۇڭ: