2008/05/31

يىغلايمۇ كۈلەيمۇ؟(سەلكىنگە ھېيتلىق)

[color=#660066][size=4] ھەش پەش دىگۈچە يېڭى سەلكىن مۇنبىرىدە يۈرگىنىمگە 5 -6 ئاي بولۇپ قاپتۇ.بۇ جەرياندا نۇرغۇن دوستلار بىلەن،ھازىرقى ئۇيغۇر تور پىكىر ئېقىملىرى بىلەن تونۇشتۇم.كىچىككىنە ئىشلار بىلەن تالىشىپ،سوقۇشۇپ،قىزىرىشىپ ھۆرپۈيۈشكەن چاغلىرىممۇ،ئۆز ھىسلىرىمنى سەلكىنگە يوللاپ،دوستلىرىم بىلەن ئورتاقلاشقان چاغلىرىممۇ بولدى. سەلكىن ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ بىر مۇھىم قىسىمى،بۇ يەردە ھەر خىل پىكىردىكى كىشىلەر باركەن،مۆكۈپ يىتىپ،سۇ چۆمۈلۈپ،ئانچە -مۇنچە بېشىنى چىقىرىپ قويىدىغان ئەزالارمۇ،كۈندە ھەممە تېمىنى ئالا قويماي ئىنكاس يازىدىغان ئەزالارمۇ،بەزىدە ماڭا ئوخشاش بەزى تېمىلارنى كىيۇ-كىيۇ قىلىۋىتىدىغان ئەزالارمۇ بار ئىكەن.بەزى ئەھالارنىڭ ئىنكاسلىرىنى مىڭ جىڭ ئالتۇنغىمۇ تىگىشكىلى بولمايدۇ،بەزىلىرىنىڭ بولسا كاللا دىسە پاقالچاق دەيدىغان تېمىلىرىدىن ئادەمنىڭ كۆڭلى ئاينىيدۇ.... مەن ئۆزۈمنىڭ سەلكىندىكى تەرەققىياتىمنى بۇ كۈنگە كىلەرمەن دەپ ئويلىمىغان ئىدىم.ئەڭ دەسلەپتە غېرىپچىلىقتا سەلكىندىكى چۆلگۈلى،فىرۇزە،قارا كۆلەڭگە،چىمەلتەك، باغۋەن قاتارلىقلارنىڭ تېمىلىرىنى قىزىقىپ كۆرەتتىم.نىمىشقىدۇر خېلى قىززىق مەزمۇنلار ئىدى.بارا -بارا باشقىلارنىڭ تېمىسىدا قول -قوشتۇرۇپ تۇرۇشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدىمدە،ئۆزۈممۇ ئانچە مۇنچە تېمىلارنى يوللاشقا باشلىدىم.ھەر ھالدا خېلى نۇرغۇن تېمىلارنى يازدىم دەپ ئويلايمەن.بەزى تېمىلىرىمدىكى تورداشلىرىمنىڭ ئىجادىي كۆز قاراشلىرىنى،ۋە خۇشاللىق ھىسلىرىنى كۆرگىنىمدە،بېشىم كۆككە يەتتى.بەزىلىرى بىلەن بولسا سوقۇشقان چاغلىرىممۇ بولدى.ئەمما نىمىلا بولمىسۇن تورداشلىرىمنىڭ تېمىلىرىغا ئىنكاسلارنى يېزىپ تۇردۇم.مانا شۇنىڭ بىلەن قىسقا ۋاقىتتلا ھازىرقىدەك مۇنبەر باشلىقى بولۇپ قالدىم.بەزى ئىشلارغا توۋا دىمىسە بىكار،تۆنۈگۈنكى ئەرتىكىننىڭ باشقۇرغۇچىلار توغرىسىدىكى 2008-يىللىق سۇئالغا جاۋاپ بېرەي دىدىميۇ،ئەمما مېنىڭ بۇرۇن يوللىغان باشقۇرغۇچى بولۇش توغرىسىدىكى بىر تېمىلىرىم ئېسىمگە كېلىپ،جاۋاپ يازغۇم كەلمىدى.ھەتتا بەزى تېمىلىرىم ئىنكاسلارنىڭ دەستىدىن ئەخلەتخانىغا كىرىپ كەتكەن ۋاقىتلىرىمۇ بولغانىدى،.. ئەمما توردا بىرلا «سەلكىن» ئەمەسكەن،سەلكىن مۇنبىرىگە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان مۇنبەرلەر بەر ئىكەن،«بىر زات ئەڭ ئۇلۇغ» نىڭ بىر تېمىسىدا بىلىك كۇلۇبىدا ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ ip سىتاتىسىتىكىسى توغرىسىدىكى ئىنكاسى مېنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغانىدى.چۈنكى مېنىڭ قەلبىمدە ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ سەركىسى ھىساپلانغان سەلكىن مۇنازىرىسى 4- ئورۇندا ئىكەن،1- شەبنەم،2-دىيارىم،3-284 دىگەن مۇنبەرلەركەن.شۇنىڭ بىلەن شۇ ئالدىنقى قاتاردىكى مۇنبەرلەرنى بىر كۆرۈپ بېقىش خىيالىدا ئۇ مۇنبەرلەرنى زىيارەت قىلدىم.ھەقىقەتەن ئۇ مۇنبەرلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار ئىكەن. شەبنەم مۇنبىرىدە بىر قىسىم قابىل باسقۇرغۇچىلار ۋە ئىنكاسچىلار بار ئىكەن.گەرچە مۇنبەر ياسىلىش ئۇسلۇبى بىر قەدەر كونا بولسىمۇ،ئەمما ئەزالارنىڭ قىزغىنلىقى يۇقۇرى،ئىنكاسلارنىڭ ساپاسى خېلىلا يۇقۇرى ئىكەن.ئەمما ماڭا ئەڭ ياقمىغىنى ئۇلارنىڭ ھەر قايسى ئېقىمدىكى كىشىلەرنىڭ بىر -بىرىنى غالجىرلارچە قىرغىن قىلىشىغا،تىلىشىغا قول قوشتۇرۇپ تۇرغىنى بولدى. دىيارىم مۇنبىرىدە بولسا،مېنىڭچە روشەن ئالاھىدىلىكى يوقتەك قىلىدۇ،ئەمما ئەدەپ ئەخلاقلىق مۇنازىرىنى خېلىلا مۇھىم ئورۇنغا قويۇشىدىكەن.284 مۇنبىرىنىڭ ئاساسلىق بەزى مۇزىكىلارنى چۈشۈرگىلى بولىدىغىنى ئۈچۈن،«ناخشا خۇمار» دوستلىرىمىزنىڭ ياخشى ھەمراھى بولغىنى ئۈچۈن شۇنداقمىكىن دەپ ئويلىدىم. سەلكىن مۇنبىرىگە كەلسەم،بىزنىڭ سەلكىندە ھەم قابىلىيەتلىك ئەزالارمۇ باشقۇرغۇچىلارمۇ بار.ئىنكاسچىلارنىڭ گېپىنىڭ قاتتىق جېنى بار. تورچىلىقتا قايسىبىر مۇنبەرنىڭ ئۆز چۆنتىكىنى كولاپ،ماددى مۇكاپاتلاش ئۇسۇلى بىلەن، ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى قىلغىنىنى تېخى كۆرمىدىم،«مۇكاپاتلىق ئەدەبىيات مۇسابىقىسى».«مۇكاپاتلىق تەرجىمە ئەسەرلەر مۇسابىقىسى»،«مۇكاپاتلىق ئىمزا سالونى»قاتارلىق پائالىيەتلەر بۇنىڭ يارقىن ئىزناسى.باغۋەن،كرورەن،ئۈمىد،ئادىلە،ئەمىلىيە،سىرلىق شائىر قاتارلىق باشقۇرغۇچىلىرىمىز بۇ توغرىسىدا جىق خىزمەتلەنى ئىشلىدى.گۆھەر تاش،تىنچلىق قۇشى،گۈلسىما ،ئىدرىس،پەرىشتە،تۈركەنئاي،زىلالئاي قاتارلىق ئەزالىرىمىزمۇ ئۆز ھەسسىسىنى ئايىمىدى.بەلكىم بەزىلارنى دەماللىق ئۇنتۇپ قالغاندىمەن.كەچۈرەرسىلەر. ئەمما خۇشاللىقىم بىلەن قايغۇممۇ تەڭ كەلدى.سەلكىننىڭ بەزىبىر كەمچىلىكلىرىمۇ خېلىلا ئېغىر.مەسىلەن: 1.تېخنىكىلىق كەمچىلىكلەر سەلكىن مۇنبىرى مېنىڭچە مەن بىلىدىغان مۇنبەرلەر ئىچىدىكى ئەڭ تۇراقسىز،شۇنداقلا مەن ئەڭ كۆپ مەسىلىگە ئۇچرىغان مۇنبەرلەرنىڭ بىرى.ئۆتكەندە بىر قىسىم ئەزالارنىڭ ئارخىبى يۈتتى،مۇنبەرنىڭ ئىككى كۈنلۈك خاتىرىسى يۈتتى،تېخى ئاچچىقى كىلىپ قالسا پات-پاتلا ئاستىلاپ قالىدۇ،ياكى بولمىسا نەچچە كۈنلەپ كىرگىلى بولمايدۇ.تېما تەھرىرلەر ئىقتىدارى يەنىلا مۇكەممەل ئەمەس،خەتنى ئوتتۇرىغا كەلمىدى دەپ كانىيىمنىڭمۇ سۈيى قالمىدى.يونىكودلۇق خەتكە ئۆزگەرتتۇق دىگەن باھانە بىلەن خەت شۇنداق سەت چىقىدىغان بولۇپ قالدى،xp ۋە vista سېستىمىلىرىدا سىنىدىم،نەتىجە ئوخشاش بولدى شۇنداق سەت!ئەزالىق دەرىجىسى بەزىلەرنىڭ تەتۈرىسىگە يانىدىغان ئىشلارمۇ كۆرۈلدى.بۇ توغرلىق قايتا قايتا دىدۇق،ئەمما ھازىرغىچە ئەمىلىيلەشمەيۋاتىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئامىللارمۇ مۇنبەرنىڭ ئەزالىرىنى توزۇتىۋىتىشكە سەۋەپ بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.
2.باشقۇرغۇچىلاردىكى مەسىلىلەر باشقۇرغۇچى بولغاندىن كىيىن ھىس قىلدىمكى باشقۇرغۇچىلىق بىر خىل سەنئەت ئىكەن.بۇنىڭدىكى خىزمەت ھەم ئاۋارىچىلىق ھەم زېرىكىشلىك ئىكەن.نۇرغۇن تېمىلار خاتا سەھىپىلەرگە يوللىنىدۇ،خەتلىرى ئىگىز -پەس،ئەخلەت تېمىلارمۇ ئاز ئەمەس،مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىگە باشقۇرغۇچىلىرىمىزنىڭ جاپالىق ئەجرى سىڭگەن. ئەمما بەزى باشقۇرغۇچىلىرىمىزنىڭ ساپاسى دىگەندەك يۇقۇرى ئەمەس،بەزىدە تېمىغا قارىمايلا،سەھىپە سۈرۈشتۈرمەيلا تەھرىرلەپ سالىدىكەنمىز.بەزىلەر تېما تەھرىرلىگەندە مۇنبەرنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلمايدىكەن،چىكىدىن ئاشقان مىللەتچىلىك،سىياسىي ۋە بەزى ئەھمىيەتسىز تېتىقسىز نەرسىلەرنىمۇ تەھرىرلەۋېرىدىكەن.بەزىدە مۇنبەردە بولىۋاتقان قالايمىقان ئىنكاسلارغىمۇ كۆزىنى يۇمۇپ يۇرىۋېرىدىكەن.تېخىمۇ مېنى ھەيران قىلغىنى بەزىسىگە ئەگشىپ ئىنكاسلارنىمۇ يېزىشىدىكەن. بىزنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى بىكاغا كىلىپ قالمىغان،مۇنبەر ئىچىدىكى پىكىرى ئۆتكۈر،مۇستەقىل دۇنيا قارىشى بولغان،ياخشى تېمىلارنى يوللايدىغان ئەزالارنىڭ ئىچىدىن سايلاپ چىقىلغان.ئەمما ھىس قىلدىمكى بەزى ئەزالىرىمىز باشقۇرغۇچى بولۇپلا،ئۆزىدىكى ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىدۇ،بەلكىم بۇنىدا ھەر خىل سەۋەپلەر باردۇ،ئەمما بۇنداق روشەن پەرقنىڭ قانداق كېلىپ چىققىنىنى بىلەلمىدىم. يەنە بىر باش ئاغرىتىدىغان ئىش نادىر تېما مەسىلىسى،ئۆز -ئارا نادىرلىشىدىغان،بەزى يېڭى ئەزالارنىڭ ياخشى تېمىلىرىنىمۇ باستۇرۇپ قويىدىغان ئىشلارمۇ مەۋجۇت،مېنىڭچە مۇشۇ مەسىلىدە دىققەت قىلساق،مەن ئىلگىرىكى چۈشەندۈرۈشلەردە ئېيتقىنىمدەك،كىمنىڭ تۆھپىسى ۋە ياخشى يازمىسى كۆپ بولسا شۇنىڭ نادىر تېمىسى كۆپ بولىدۇ دىگەن ئىدىم،ئەمما خوشنا مۇنبەرلەرگە سېلىشتۇرسام،بىزنىڭ مۇنبەردە ھەقىقەتەنمۇ «نادىر تېما پاخالچىق»مەسىلىسىمۇ باردەك قىلىدۇ.شۇڭا مۇشۇ ئىش توغرىسىدا تورداشلار ،جۈملىدىن باشقۇرغۇچىلار بىر ئوبدان لاھىيىنى ئوتتۇرىغا قويساق!
3.ئەزالار مەسىلىسى بۇ مەسىلە مېنىڭچە ئەڭ مۇھىم مەسىلە،شۇنداقلا سەلكىننىڭ تەقدىرىگە تاقىلىدىغان مەسىلە،چۈنكى ھازىرقىدەك 7000دىن كۆپ ئەزاسى بار(بۇرۇنقى مۇنبەردىكى ساننى مەن بىلمەيمەن) مۇنبەردە،راستنى ئېيتسام يوللىنىۋاتقان ئىجادىي ئەسەرلەرنىڭ سالمىقى بەكمۇ كىچىك.بەزى كۆچۈرۈلمىلەرنىڭ ئەھمىيىتى خېلى زور بولسىمۇ،ئەمما ئەخلەت كۆچۈرۈلمىلەرمۇ بەك جىق!تېمىلارنىڭ بىزىلىشى،رەڭدارلىقى كىشىنى دىگەندەك ئۆزىگە مەپتۇن قىلالمايدۇ.شۇڭا تېما تەھرىرلەش ئىقتىدارىنى كۈچۈيتىش تەكلىپىنى بېرىمەن. يەنە بىر جەھەتتە ئىنكاسلارنىڭ سۈپىتى تۆۋەن،يىغىپ كەلسە تىرناقتا توختىغۇدەك ئىنكاسلارنىڭ تايىنى يوق.بەزى پىكىرلەرنىڭ ئۆزگىچىلىكى يوق،مۇشۇنداق چاغدا مېنىڭ دەيدىغىنىم،باشقۇرغۇچىلىرىمىز پىكىر يۆنىلىشىگە باشلامچىلىق قىلىشىمىز كېرەكمىكىن دەيمەن.ئەخلەت ئىنكاسلارنى ئۆچۈرۈپ،مۇنازىرە مۇنبىرى بولغاندىن كىيىن،ھەقىقىي «مۇنازىرە»قىلىشىپ باقساقمىكىن دەيمەن.بۇ جەھەتتە ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى بەزى ئىنكاسلار ھەقىقەتەنمۇ بىزنىڭ ئۈگىنىشىمىزگە ئەرزىيدىكەن.
4.ئومومىي كەيپىيات مەسىلىسى مېنىڭچە مۇنبەر كەيپىياتىغا ئۇيغۇرئاينىڭ كىيۇكىيۇ توپى ياخشى دەرسلىك بولالايدۇ دەپ قارايمەن.بۇ قىز كىچىك بولغىنى بىلەن،ئەزالارنى قاتتىق خىللايدىكەن،ئەزالارنىڭ ئىناق -ئىتتىپاقلىقىمۇ شۇنداق ياخشى،بەزى تايىنى يوق پىكىرداشلارنى شۇ زامان چىقىرىپ تاشلىدى.ئەمما ئومومىي كەيپىيات شۇنداق جانلىق.بۇنىڭدىكى يەنە بىر زور ئامىل شۇ توپ باشلىقى بولغان ئۇيغۇر ئايدىمىكىن دەيمەن.چۈنكى ئۇ بار بولسىلا،بالىلارنى سۆزلىتىپ،ئۆزىمۇ تەڭ كوتۇلداپ،ئومومىي كەيپىياتنى شۇنداق ياخشى تەڭشەيدىكەن. مېنىڭچە بىز باشقۇرغۇچىلارمۇ بىر -بىرىمىزگە تەتۈر قاراشماي،ھەمكارلىشىپ،تولا مۇنبەر بۇزۇلدى دەپلا ئەزالارنى قاچۇرىۋەتمەي،ياخشى تېمىلارنى داۋاملىق يوللىساقلا،مېنىڭچە مۇنبەرنىڭ ئومومىي كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇش تەس ئىش ئەمەس! دوستلىرىم،ھازىر رىقابەت دەۋرى،«بىكاغا مۈشۈكمۇ ئاپتاپقا چىقماپتۇ»دىگەندەك،ئۆزىمىزدىكى بەزىبىر نوقتىلارغا دىققەت قىلمىساق،ئەزالىرىمىز توزۇپ كىتىشى مۇمكىن،مېنىڭچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىز خاراپلىشىۋاتقان مۇشۇنداق كۈنلەردە،مۇشۇنداق بىر ئۇيغۇر مۇنبىرىنىڭ بولمىقى ئاسان ئىش ئەمەس،ھەممىمى قول تۇتۇشۇپ مۇشۇ ئازغىنە بايلىقىمىنى بولسىمۇ قوغدايلى،ئۇنى تاكاممۇلاشتۇرايلى،باشقىلار بىزگە ھەۋەس قىلسۇن،سۆيۈنسۇن!بۇ يەرنى خاراپلاشتۇرۇپ قويمايلى!جىقراق كوتولداپ قويدۇم،خاتا بولسا ئېغىر ئالماي پىكىر بېرەرسىلەر!
ئاخىرىدا ھەممىڭلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن!ۋەتەندە خۇشال كۈلگىنىڭلاردا،دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا بىزدەكمۇ قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالمىغايسىلەر![s:103]
يازغىنىم يوقاپ كەتمىسۇن،ئاۋال يوللىغاچ يازاي ھە!ھىلىقى قالايمىقان كۆچۈرمەڭ دىگەن سۆز مۇشۇنداق ئۇزۇن تېما يازغاندا بىزگە دۈشمەن بولۇپ قالىدىكەن. [/size][/color]

0 سۆز قالدۇرۇڭ: