1.نامسىز بارمىقىڭىز بىگىز بارمىقىڭىزدىن ئۇزۇن،چىمچىلاق بارمىقىڭىز نامسىز بارمىقىڭىزنىڭ 3-ئۈگىسىدىن قىسقا.
2.نامسىز بارمىقىڭىز بىگىز بارمىقىڭىز بىلەن تەڭ،چىمچىلاق بارمىقىڭىز نامسىز بارمىقىڭىزنىڭ 3-ئۈگىسىدىن قىسقا.
3.نامسىز بارمىقىڭىز بىگىز بارمىقىڭىزدىن ئۇزۇن،چىمچىلاق بارمىقىڭىز نامسىز بارمىقىڭىزنىڭ 3-ئۈگىسى بىلەن تەڭ.
4.نامسىز بارمىقىڭىز بىگىز بارمىقىڭىزدىن ئۇزۇن،چىمچىلاق بارمىقىڭىز نامسىز بارمىقىڭىزنىڭ 3-ئۈگىسىدىن ئۇزۇن.
5.نامسىز بارمىقىڭىز بىگىز بارمىقىڭىزدىن قىسقا،چىمچىلاق بارمىقىڭىز نامسىز بارمىقىڭىزنىڭ 3-ئۈگىسى بىلەن تەڭ.
6.يۇقۇرىقىلارنىڭ ھىچقايسىسى ئەمەس.
[color=#666600][size=4]بۇ پال ئەمەس،مەن پالچىمۇ ئەمەس،ئەمما بىر مۇنبەردە كۆرۈپ تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويدۇم.
1.كەم ئۇچرايدىغان خىل،خاراكتىرى ئىنتايىن ياخشى،ھەرىكەتچان،ئازراق جاھىل،ئىرادىسى كۈچلۈك،ئىشىنىشكە بولىدىغان رەھبەرلەر خىلىدىن.مۇھەببەت جەھەتتە،بەك ئەستايىدىل بولغاچقا ئاسانلا قارشى تەرەپتىن خىجىل بولۇپ قالىدۇ،گەرچە قارشى تەرەپنى ياقتۇرسىمۇ،دائىم ئىپادىلىيەلمەيدۇ.بىرەر تونۇشتۇرغۇچى بولسا مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشىش نىسبىتى يۇقۇرى بولىدۇ.
2.ئىشتا بەك ئەستايىدىل ھەم ئىھتىياتچان،ئىنكاسى كۈچلۈك،ئىش ئۈنۈمى يۇقۇرى،ئەمما بەزىدە يېڭىلىق يارىتىپ ئىلگىرىلەشكە سەل قارايدۇ.مۇھەببەت جەھەتتە بەزىدە ئىسسىق بەزىدە سوغۇق،مۇقىم كۆڭلى يوق،ئوتتەك قىززىپ پوقتەك سوۋۇيدۇ.خاراكتىرى تۇراقسىز،بۇ ئىككى تەرەپ مۇناسۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
3.ئىچ مىجەز،ئىشنى بەك ئويلىشىپ قىلىدۇ،زىيادە ئېھتىياتچان،ئېزلەگڭۈ،ئىشنى كېسىپ قىلمايدۇ،بەزى ئىشلاردا ئېزلەڭگۈلۈك سەۋەبىدىن نەتىجە يوق بولىدۇ.قارشى تەرەپكە بەك سوغۇق تەسىر بېرىدۇ،ئەمما كۆپىنچە چىرايدىلا ئىپادىلەيدۇ،بۇ خىل كىشىلەر كۈلۈمسىرەشنى ئۈگىنىپ،قارشى تەرەپكە ياخشى مۇئامىلە قىلسىلا،كۆڭلىدىكى كىشىگە ئاسانلا ئېرىشەلەيدۇ.
4.تەسەۋۋۇرغا باي،يېڭىلىق يارتىش روھى كۈچلۈك،قىسقا مۇددەتكە چىدايدۇ،ئەمما ئاكتىپچانلىقى ئاجىز،بىر مەسىلىنى مۇستەقىل ھەل قىلالىشى تەس،ئەمما كىشىلىك مۇناسىۋىتى ياخشى،قارشى تەرەپنى بەكمۇ جەلىپ قىلالايدۇ،ئەمما كۆڭلىنى بەك بېرىۋىتىپ،مۇھەببەتنى ئۇنتۇپ قالىدۇ،مۇھەببەتكە بولغان تەلىپى زىيادە كۈچلۈك،شۇڭا ئوخشاش كەسىپ ياكى ئوخشاش قىزىقىشى بولغان كىشىلەرنى تاپسا،ناھايىتى رومانتىك بولىدۇ.
5.ئىدىيىسى مول،ئاددىيلىقنى ئۆچ كۆرىدۇ،ئىشنى قىلغاندا بەك تاللايدۇ،ياقتۇرغىنىنى جان جەھلى بىلەن قىلىدۇ،ياقتۇرمىغىنى بىلەن كارى يوق،ھەتتا ھەمكارلىشىشىنى رەت قىلىشىمۇ مۇمكىن،باشقىلارغىمۇ مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ.مۇشۇ جەھەتتە مۇھىتقا كۆنۈشنى ئۈگىنىۋالالىسام،ناھايىتى ئاسانلا مۇۋاپىقىيەت قازىنالايدۇ.ئوبىكتىغا نىسبەتەن،قارغۇلاچە قوغلىشىدۇ،مۇھەببەتنى ئاخىرىغىچە چىقارماقچى بولىدۇ،ھەتتا قارشى تەرەپنىڭ ھىسياتى بىلەن ھىساپلاشمايلا،ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىپ كىتىدۇ.
6.مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن.[s:119][s:119][s:119][/size][/color]
0 سۆز قالدۇرۇڭ:
ئىنكاس يېزىش