2008/05/31

ئامرىكىنىڭ زادى نەرى يامان---ئازاتلىق ئارمىيە ئوفىتسىرى تىلىدىن...

[color=#669900][size=4]ئازاتلىق ئارمىيە ئوفىتسىرى----لىيۇياجوۋ
ئامرىكىنىڭ زادى نەرى قورقۇنچلۇق؟ئامرىكىنىڭ گەرچە دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك قوشۇنى،ئەڭ ئىلغار تېخنىكىسى بولسىمۇ،ئەمما مېنىڭچە بۇ قورقۇنچلۇق ئەمەس.ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ يۇشۇرۇن ئايروپىلانىنىڭ جۇڭگوغا ئۇچۇپ كىلىشى ناھايىتى ئاسان بىر ئىشكەن،ئەمما بۇمۇ قورقۇنچلۇق ئىش ئەمەس،ئۇنىڭ قورقۇنچلۇق يېرى ھەرگىزمۇ بۇلارلا ئەمەس!
1972-يىلى مەن ۋۇخەن ئۇنۋېرستىتىدا ئوقۇۋاتقىنىمدا،سىياسەت دەرىسىدە ئوقۇتقۇچىمىز:«ئامرىكا چىرىكلەشكەن،قالاق بۇرژۇئازىيەنىڭ ۋەكىلى،ئۇنىڭ كۈنلىرى ئاز قالدى...»دىگىنىدە،مەن ،يەنى بىر ئىنقىلابىي ھەربىيچە كىيىم كىيگەن ئوقۇغۇچى ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ:«مۇئەللىم،مېنىڭچە دىگىنىڭىز خاتا،ئامرىكا گەرچە جۇڭگوغا ئوخشاش سەھەردىكى قۇياش بولمىسىمۇ،ئەمما ئۇ ھەرگىزمۇ ناماششام قۇياشى ئەمەس،بەلكى دەل چىڭ چۈشتىكى قۇياش»دىگەنىدىم. مۇئەللىم ئاچچىقلانغىنىدىن چىرايى تامدەك تاتىرىپ،كىكەچلىگىنىچە ماڭا:«سەن ئوقۇغۇچى تۇرۇپ بۇنداق سۆزلەشكە قانداق پېتىندىڭ!؟»دىگەنىدى،ئۇ مېنىڭ نىمىشقا بۇ سۇئالنى سورىغىنىمنى سورىماستىن،ئەكسچە «پېتىندىڭ»دىگەن سۆزنى ئىشلەتتى.بۇنىڭدىكى ئۇنىڭ مەناسىنىمۇ بىر قاراپلا بىلگىلى بولاتتى.مانا مۇشۇنداق چىرىكلەشكەن،قالاق بۇرژۇئازىيە دۆلىتى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ دۇنيانىڭ يېڭى سانائەت ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلىپ كەلدى.مېنىڭ ئوقۇشۇمنىڭ پۈتۈشىمۇ ئىسلاھات ئىشكنى ئېچىۋىتىش دەۋرىگە توغرا كەلدى. مېنىڭ قارىشىمچە،ئامرىكا مىليونلىغان ئۆز دۆلىتىنى ياخشى كۆرمەيدىغان باشقا دۆلەت كىشىلىرىدىن تەركىپ تاپقان بىر دۆلەت،ئەمما ئۇلار ئامرىكىنى ئىنتايىن سۆيىدۇ،ئۇ چاغلاردا نۇرغۇن باشلىقلار ئاغزىدا ئامرىكىنى تىللىغىنى بىلەن،ئاستىرىتتىن بالىلىرىنى ئامرىكىغا ئېۋەرتىشەتتى،بۇنداق پەرقمۇ بەك چوڭ ئىدى.دىمەك ئامرىكىنىڭ قوقۇنچلۇق يېرى زادى قەيەردە؟ مېنىڭ 3 خىل كۆز قارىشىم بار.
بىرىنچى:ئامرىكىدىكى تالانلىقلار تۈزۈلمىسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.ئۇلارنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى سايلامنى ئاساس قىلىدۇ،بۇ ئارقىلىق قارار چىقارغۇچىلارنىڭ بىر قىسىم تالانتلىقلاردىن تەركىپ تېپىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.جۇڭگونىڭ ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى،چوڭى دۆلەتتىن،كىچىكى بىرەر ئىدارىغىچە كۆپىنچە خىل ئەھۋالدا،ئىدىيىسى بارلار قارار چىقىرالمايدۇ،قارار چىقارغۇچىلارنىڭ بولسا ئىدىيىسى بولمايدۇ،ئەقلى بولغانلارنىڭ ئورنى بولمايدۇ،ئورنى بارلارنىڭ ئەقلى بولمايدۇ،ئامرىكا دەل بۇنىڭ ئەكسىچە،ئۇنىڭ «گۆھەر راۋاق»تۈزۈلمىسى ،دەل شۇنداق بىر قىسىم تالانلىقلارنى باشقۇرۇش ئورنىغا چىقارغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئامرىكا خاتالىق ئۆتكۈزمەيدۇ،خاتالىقنى ئاز ئۆتكۈزىدۇ،خاتالىق بولسا ناھايىتى تېزلا ئوڭشىيالايدۇ.بىز بولساق خاتالىق ئۆتكۈزىمىز،دائىم خاتالىشىمىز،خاتالاشساقمۇ خاتالىقىمىزنى ئوڭشىمىقىمىز بەك تەس!ئامرىكا كىچىككىنە تەيۋەن ئارقىلىق جۇڭگونى يېرىم ئەسىرگە يېقىن تۇتۇپ تۇردى،ئۇ بۇ پىچكىنى شۇنداق جانلىق ئوينىتىپ،پۈتكۈل شەرقى جەنۇبى ئاسىيانىڭ سىياسىي ئىكولوگىيەسىگە تەسىر كۆرسەتتى.مېنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنىم دەل جۇڭگونىڭ يېڭى ئەسىردىكى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ تەيۋەننىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ بۇزۇلۇپ كىتىشى ھىساپلىنىدۇ. ھازىر كۈچلۈك مىللەتكە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا،زىمىننىڭ مۇھىملىقى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى،زىمىن تالىشىشىتىن دۆلەتلەر كۈچىنى سېلىشتۇرۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلدى.ئامرىكىنىڭ ھىچقانداق دۆلەتكە قارىتا زىمىن تەلىپى يوق،ئۇنىڭ ئۈچۈن زىمىن مۇھىم ئەمەس،ئۇنىڭ 20-ئەسىرىدىكى بارلىق قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسى ھەيۋە قىلىشى ئۈچۈن بولدى.ئۇنىڭ ھەيۋىسى نىمە؟ئىقتىساتنىڭ كۈچىيىشىدىن باشقا ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ھەيۋىسى خەلقىنىڭ قوللىشى!خەلقنىڭ قوللىشى بولسىلا دۆلەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچ بولىدۇ،يۈتكەن زىمىنمۇ قايتىپ كىلىدۇ.خەلىق قوللىشى بولمىسا،ئېرىشكەن زىمىنىمىزدىنمۇ ئايرىلىپ قالىمىز!بەزى دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى بىر قەدەمنىلا كۆرسە،ئامرىكا دائىم 10 قەدىمىنى سانايدۇ.شۇڭا 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن،يۈز بەرگەن ھەر قانداق مۇھىم خەلقارالىق ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى ئامرىكىنىڭ خەلقارالىق ئورنىنى چىڭداپ كەلدى. ناۋادا بىز داۋاملىق ئامرىكا تەرىپىدىن يىتىلىنىپ ماڭساق،بارلىق سىتراتىگىيىلىك ئۆزەڭگىلىرىمىزدىنمۇ ئايرىلىپ قالىمىز!مېنىڭ دەيدىغىنىم،ئامرىكىنىڭ سىتراتىگىيىلىك مۇھىم نوقتىسى ھەرگىزمۇ ئاسىياغا يۆتكەلمەيدۇ،ئەمما ئۇنىڭ جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.نۇرغۇن يولداشلار ھەربىي جەھەتتە ئامرىكىنىڭ جۇڭگونى مۇھاسىرىگە ئالغىنىنىلا كۆردى،بۇ خۇددى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تېخنىكا ۋە قورال جەھەتتىكى پەرقىنى كۆرگەندەكلا بىر ئىش.ئەمما نۇرغۇنلىرى چوڭ سىتراتىگىيەنى،بولۇپمۇ دېپلوماتىيە جەھەتتىكى تېخىمۇ ئېغىر تەڭپۇڭسىزلىقنى كۆرۈپ يىتەلمىدى.بىزنىڭ ئامرىكىغا قاراتقان دىپلومەتىيىمىز،ياكى تەدبىرى بار ئەمما چېكى يوق،ياكى ئىنچىكە نوقتىسى بار ئەمما چوڭ ۋەزىيەت يوق!«9.11» دىن كىيىن،ئامرىكا ئىككى ئاي ئىچىدىلا ئافغانىستاننى ئېلىپ،جۇڭگونى غەرپتىن قىستى،ياپون،تەيۋەن ۋە ھىندىستاننىڭ ھەربىي بېسىمىمۇ ئاز ئەمەس،قارىماققا بىر «9.11» دىن ئازغىنە نەپكە ئېرىشكىنمىمىز بىلەن،ئەمما بۇ نەپلەر بىر -ئىككى يىل ئىچىىلا غايىپ بولىدۇ.مېنىڭچە جۇڭگونى ھەربىي قامالغا ئېلىش بىر خىل دەرىجىدىن ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەت! قاراڭ،يېقىنقى يىللاردىن بېرى،دۆلىتىمىزنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر كەينى - كەينىدىن سوتسىيالىستىك تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىپ،ئاتالمىش«دېموكراتىك»دۆلەتلەرگە ئايلاندى،رۇسىيە،مۇڭغۇلىيە ئۆزگەردى،قازاقىستان ئۆزگەردى،بۇنىڭغا ئەسلىدىكى كورىيە،فېلىپپىن،ھىندىنوزىيە،تەيۋەنلەرمۇ قېتىلدى.بۇ خىل ھەيۋە دۆلىتىمىزگە نىسبەتەن ھەربىي ھەيۋىدىن كۈچلۈكرەك!ھەربىي ھەيۋە قىسقا مۇددەتلىك بولىدۇ،ئەمما ئاتالمىش «دېموكراتىك»دۆلەتلەرنىڭ قورشىشى ئۇزۇن مۇددەتلىك بولىدۇ.
ئىككىنچى:ئامرىكىنىڭ سېخى ۋە كەڭ قوساقلىقىياۋروپاغا بارغاندىن كىيىن ،ئاندىن ئامرىكىغا بارسىڭىز ناھايىتى چوڭ پەرق ھىس قىلىسىز،ياۋروپانىڭ سەھەردىكى كوچىلىرىدا ئادەم كۆرگىلى بولمايدۇ،ئەمما ئامرىكىنىڭ چوڭ -كىچىك كوچىلىرىدا چىنىقىۋاتقان كىشىلەرنى نۇغۇن ئۇچراتقىلى بولىدۇ.بەزىدە پۈتۈن كۈن مۇشۇنداق كىشىلەرنى ئۇچرىتالايسىز،مېنىڭچە بەدەن چېنىقتۇرۇش بىر خىل ئەخلاق،بەدەن چېنىقتۇرۇش بىرخىل ئالغا ئىنتىلىدىغان مەدەنىيەت،بىر دۆلەتنىڭ ھاياتى كۈچى بولمىسا،ئۇنىڭدا قانچىلىك كىشىنىڭ سالامەت تۇرۇشىنى پەرەز قىلالايمىز! ئامرىكىلىقلار دۆلەت بايرىقىنى كۇسار قىلىپ كىيەلەيدۇ،مەنمۇ ئامرىكىدا شۇنداق كۇساردىن بىرنى سېتىۋالغان،ئۇنى دائىم كىيىمەن،ئۇنى كەمسىتىمەن،ئاچچىقىمنى چىقىرىمەن،روھىيەتتە ئاچچىقىمنى چىقىرىمەن،ھوزورلىنىمەن.ئەمما ئامرىكىلىقلار پەخرى ئۈچۈن كىيىدۇ.بۇ ماھىيەت جەھەتتىن ئوخشىمايدۇ.ئامرىكىلىقلار كوچىدا ئۆز دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرەلەيدۇ،دەيشۇ(يازغۇچىنىڭ دوستى«ھاۋا ئارمىيە ھەربىي تەلىمات»ژورنىلىنىڭ تەھرىرى) نىڭ دىيىشىچە،ناۋادا بىر دۆلەت ئۆز دۆلىتىنىڭ بايرىقىنىمۇ كۆيدۈرەلىسە،سىزنىڭ ئۇنى كۆيدۈرۈشىڭىزنىڭ ئەھمىيىتى نىمە؟
ئۈچىنچى:روھىيەت ۋە ئەخلاقنىڭ غايەت زور كۈچى،بۇ ئەڭ قۇرقۇنچلۇق!«9.11» بىر قېتىملىق ئاپەت،بۇ ئاپەت كەلگەندە،يىقىلغىنى بەدەن بولغىنى بىلەن ،دەس تۇرغىنى روھ بولدى!بەزى مىللەتلەر ئاپەتكە دۇچار بولغاندا،گەۋدىسى يىقىلماي تۇرۇپلا،روھى قورال تاپشۇرۇپ تەسلىم بولۇپ بولىدۇ!«9.11» ۋەقەسىدە ئۈچ ئىش يۈزبەرگەن.بىز بۇلاردىن ئامرىكىلىقلارنىڭ كۈچىنى كۆرەلەيمىز! 1 .سودا بىناسىغا ئايروپىلان سوقۇلۇپ،قىل ئۈستىدە تۇرغاندا،كىشىلەر ئىشىككە قاراپ قاچقىنىدا،ئالاقىزادە بولۇپ كەتمىگەن.كىشىلەر تۆۋەنگە،ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر يۇقۇرىغا قاراپ يۇگۈرۈشكەن.ئۇلار ئۆز-ئارا يول بېرىشكەن،تۇقۇنۇشۇپ قالمىغان،ئاياللار بالىلار ۋە قارىغۇلارغا ئۇلار ئۆزلۈكىدىن يول بەرگەن،ھەتتا بىر ئەمەك كۈچۈككىمۇ يول بېرىشكەن.بىر مىللەتنىڭ روھى مەلۇم دەرىجىگە يەتمىسە،بۇ خىل ھەرىكەت شەكىللىنەلمەيدۇ،ئۆلۈمگە يۈزلەنگەندىكى ئېغىر بېسقلىق،بەلكىم ئەۋلىيالاردىلا بولسا كېرەك! 2.«9.11» نىڭ ئىككىنچى كۈنى،دۇنيا بۇنى ئەرەپ تېرورچىلىرىنىڭ قىلغىنىنى بىلدى.نۇرغۇن ئەرەپ دۇكانلىرى،ئاشخانىلىرى ئامرىكىلىقلار تەرىپىدىن چېقىۋىتىلدى.بىر قىسىم ئەرەپلەرمۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىدى،بۇ چاغدا بىر قىسىم ئامرىكىلىقلار ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ،ئەرەپلەرنىڭ دۇكانلىرى ۋە مىھمانخانىلىرىغا بېرىپ،ئۇلار ئۈچۈن قاراۋۇللۇق قىلغان.ئەرەپ ئاھالىلەر رايونلىرىدا چارلاپ،ۋەقە يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.بۇ خىل روھنى نىمە دىسەك بولار؟ بىزدە ئەزەلدىن ئۆچنى چوقۇم ئالىدىغان ئەنئەنىمىز بار،مەن چىڭدۇدا تۇرىمەن.تارىختا دىڭ ئەي چىڭدۇنى ئالغاندىن كىيىن،پېڭدېنىڭ ئوغلى گۇەنيۈنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى بىراق قىرىپ تاشلاپتىكەن.قانلىق ئۆچ ئېلىش،قان پۇراپ تۇرغان،تارىختا ئۈزۈلمىگەن. 3.ئامرىكىنىڭ پىنسىلۋانىيەدە چۈشۈپ كەتكەن ئاشۇ 767 ئايروپىلانى ئەسلىدە ئاق سارايغا ئۇرۇلماقچى بولغان،ئەمما كىيىن يولۇچىلار تېرۇرۇچىلار بىلەن ئېلىشقاندىن كىيىنلا،ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن.چۈنكى ئۇلار شۇ چاغدا سودا بىناسى ۋە 5 بۈرجەك بىنانىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغىنىنى بىلگەن،شۇڭا قاراپ تۇرماي،تېرۇرچىلار بىلەن ئېلىشقان.دەل مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ ئۇلار مۇنداق بىر ئىش قىلغان،يەنى بىلەت تاشلاش ئارقىلىق ئېلىشىش ياكى ئېلىشماسلىقنى قارار قىلغان،مۇشۇنداق ھەل قىلغۇچ پەيتتىمۇ ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى خەققە تاڭمىغان!كىيىن ھەممەيلەن قوشۇلۇپ ئاندىن ئېلىشقان. دېمۇكراتىيە دىگەن نىمە؟مانا بۇ دېمۇكراتىيە!دېمۇكراتىيە ئېڭى ئۇلارنىڭ ھاياتىغا،قېنىغا ھەتتا يىلىكلىرىگىچە سىڭىپ كەتكەن! بۇ خىل مىللەت ھەرگىز مەغلۇپ بولمايدۇ،بۇ خىل مىللەت دۇنياغا خوجايىنلىق قىلمىسا يەنە قانداق مىللەت خوجايىنلىق قىلىدۇ؟مەن ئويلايمەن،دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار قورال،ئەڭ يېڭى تېخنىكا،ئەڭ كۈچلۈك قوشۇننىڭ مۇشۇلارنىڭ قولىدا بولۇشى ئەقىلغە مۇۋاپىق بىر ئىشكەن!ياپونلۇقلارنىڭ قولىدا تۇرغىنىدىن مىڭ ھەسسە ياخشىدۇ؟لېۋىيە ئېراقلىقلارنىڭ قولىدا تۇرغىنىدىن ياخشىدۇ؟بىزنىڭ قولىمىزدا بولسۇنمۇ دەيلى،بىزنىڭ نىمە قىلىشىمىزنى ھىچكىم بىلمەيدۇ.ئامرىكىنىڭ نۇرغۇن مۇۋەپپىقىيەتلىك تەجرىبىسى بار،بۇلار بىزنىڭ ئۈگىنىشىمىزگە ئەرزىيدىغان بىر ئىش![/size][/color]
[color=#6600CC]刘亚洲---美国真正的可怕之处在哪儿?


美国真正的可怕之处在哪儿?美国虽然有着世界上最强大的军队,最先进的科技,但我认为这并不可怕。据说它的隐形飞机来去中国很自由,但这也没有什么可怕的。它可怕的东西不是这些。
  1972年我在武汉大学读书,上政治课,一个政治老师讲:“美国是腐朽、没落的资本主义国家的代表,已经日薄西山,气息奄奄了。”我,工农兵大学生,一身军装,立即站起来,反驳:“老师,我觉得你说得不对。美国虽然不象中国一样,是早晨八、九点钟喷薄而出的太阳,但它也不是什么夕阳,而是正午的太阳。”
  老师气白了脸,结结巴巴地说:“你这个同学,怎么敢说这话!”他没有问我为什么要说这话,却用了一个“敢”字。其间心态,一眼看穿。就是这个腐朽、没落的资本主义国家,却在上世纪九十年代领导了世界上最新的一场科技革命。我大学毕业后,正逢改革开放。
  我又有一个观点:美国是由千千万万不爱自己祖国的人组成的国家、但他们都很爱美国。那时很多领导人,一边骂美国,一边把子女往美国送。反差巨大!讲了半天,美国可怕之处何在呢?
  我自己感觉有三点:第一,美国的精英体制不可小觑。他的干部制度,他的竞选机制,能够确保决策者是一批精英。我们中国的悲剧,大到国家,小到一个单位,多数的情况是,有思想的人不决策,决策的人没有思想。有脑子就没位子,有位子就没脑子。美国正好相反,他的宝塔尖体制,正好把一批精英弄上去了。
  因此,第一,他不犯错误,第二,他少犯错误,第三,犯了错误他能很快改正错误。我们是犯错误,这是第一。第二,常犯错误。第三,犯了错误很难改正错误。美国用一个小小的台湾牵制了中国整整半个世纪。他把这个棋子走活了,走神了,一个台湾,改变了东亚的国际政治生态。我最担心的中国新世纪发展的战略框架因为台湾而扭曲。
  现在对强势民族来说,领土的重要性大大下降,已经变追求领土为追求国势。美国人对任何国家都没有领土要求。它不在乎领土,它在二十世纪的全部作为都是造势,什么叫造势?除了经济强大以外,民心啊!有了民心国家就有凝聚力,失去的领土可以回来;没有民心,你拥有的土地肯定会失去。有的国家领导只看一步。美国行事往往看十步。因为如此,所以二次世界大战结束后发生的每一次重大的全球性事件都在加强美国的地位。
  如果我们被它牵着走,就可能丢掉所有的战略筹码。我一再讲,美国的战略重心不会移到亚洲来,但不意味着它不包围中国。很多同志只看到美国在军事上包围中国,就象很多人只看到中美双方在科技和武器装备方面的差距,而没有看到在大战略、尤其是外交层次上比装备落后更严重的失衡。我们的对美外交,要么有措施没有境界,要么有细节没有全局。“9. 11”之后,美国迅速在两个月之内拿下阿富汗,从西面包抄中国。日本、台湾、印度的军事压力也未减轻。看起来我们从“9. 11”中得到了一些眼前的利益,但这些利益不出一两年可能就会消失。我认为对我国的战略包围是另外一种,不是军事,超乎军事。
  你看,近些年,我国周围的国家纷纷改变社会制度,变成所谓的“民主”国家,俄罗斯、蒙古变了,哈萨克斯坦变了。再加上原先的韩国、菲律宾、印度尼西亚,再加上台湾。这种威胁对我国而言比军事威胁更厉害。军事威胁或许是短期效应,而被所谓的“民主”国家包围则是长期效应。第二,美国的大气与宽容。你要到欧洲去,再去美国,你会发现一个重大差异:欧洲早晨大街上没有什么人,而美国早晨大街小巷有很多健身的人,甚至全天如此。我有句言论:健身是一种品质。健身代表一种蓬勃向上的文化。一个国家有没有朝气,看看它有多少人健身就知道了。
  美国人可以把国旗当裤衩穿在身上。我在美国买过一条星条旗裤衩。我常穿。我穿它是为了蔑视它,是出气,是一种心理的渲泄和满足。美国人穿则是一种调侃。本质不同。美国人可以在大街上焚烧自己的国旗。戴旭(作者朋友,《空军军事学术》编辑)说:如果一个国家连自己的国旗都可以烧的话,你还有什么理由去焚烧它呢?第三,精神和道德的伟大力量。这是最可怕的。“9. 11”是一场灾难。当灾难袭来时,最先倒下的是躯体,但站的是灵魂。有的民族逢灾难,躯体未倒,灵魂已缴械。“9. 11”事件中发生了三件事,都可以让我们从中看到美国人的力量。第一件,世贸大楼顶部被飞机撞击之后,烈焰奔腾,形势千钧一发。
  楼上的人们通过EXIT向下逃生的时候,并不特别慌乱。人往下走,消防队员往上冲。互相让道,并不冲突。有妇女、小孩、盲人到时,人们都自动地让出一条道来,让他们先走。甚至还给一条宠物小狗让道。一个民族的精神不强悍到一定的程度,断然做不出这种举动。面对死亡,冷静如斯,恐怕不是圣人也接近圣人了吧。第二件事,“9. 11”的第二天,世界就知道这是阿拉伯恐怖分子所为。很多阿拉伯商店、餐馆被愤怒的美国人砸了。一些阿拉伯商人也受到袭击。这个时刻,有相当一批美国人自发地组织起来,到阿拉伯人的商店、饭馆为他们站岗。到阿拉伯人居住区巡逻,阻止悲剧的进一步发生。这是一种怎样的精神啊。
  我们自古就有报复的传统。我住在成都。邓艾破成都后,庞德的儿子把关羽一家老幼全杀光了。血腥报复,斑斑点点,不绝于史籍。第三件事,在美国宾夕法尼亚坠毁的那架767客机,本来是要撞向白宫的。后来机上乘客与恐怖分子搏斗,才使飞机坠毁。因为当时他们已经知道世贸大楼、五角大楼被撞的消息,他们决定,不能无所作为,要和恐怖分子进行殊死斗争。即便是在这种情况下,他们还做了一件事:决定投票通过,是不是要和恐怖分子作斗争。在这么一个生死悠关的时刻,我都不把我的意志强加给别人。后来全体同意,才去与劫机者搏斗。什么叫民主,这就是民主。民主的理念已经深入到他们的生命中、血液里、骨髓中。
  这样的民族,他不兴盛谁兴盛;这样的民族,他不统治世界,谁能统治世界。我常作奇想:世界最尖端的武器、最新的科学技术、最强大的武装力量,掌握在这些人手中,还是挺合适的。总比掌握在日本人手中强吧,总比掌握在利比亚、伊拉克人手中强吧?就是掌握在我们手中,我们能做出些什么,也未可知。美国这个国家有很多成功的经验,值得我们学习的借鉴。
[url]http://bbs.news.sina.com.cn/treeforum/App/view.php?bbsid=1&subid=0&fid=29285&tbid=2588&ismain=[/url][/color]

0 سۆز قالدۇرۇڭ: