2008/05/31

بۆرە پەلسەپىسى (سەلكىن تەرجىمە مۇكاپاتىغا)

[wmv=1]http://www.tianxinedu.com/AttachFiles/632507555084218750.mp3[/wmv]
مۇزىكىنى چۈشۈرۈش ئادرىسى:[url=http://www.tianxinedu.com/AttachFiles/632507555084218750.mp3]http://www.tianxinedu.com/AttachFiles/632507555084218750.mp3[/url]
[align=center][color=#6600CC][size=6]1.جاپالىق چېنىقىش:بۆرە ھەرگىزمۇ ئاتالمىش غورور-ۋىجداننى دەپلا،ئۆزى ئاجىز تۇرغاندا ئۆزىدىن كۈچلۈك رەقىبلەرگە ھۇجۇم قىلمايدۇ.[img]http://bbs.salkin.cn/1187608282/157_4079_5cce0d746935100.jpg[/img]
2.ئۆملىشىپ ھەمنىيەت بولۇش:بۆرە ئۆزىدىن كۈچلۈك رەقىبلەرگە يۈزلەنمىسە بولمايدىغان ئەھۋال ئاستىدا،چوقۇم ئۆملىشىپ ھۇجۇم قىلىش تاكتىكىسىنى قوللىنىدۇ.[img]http://bbs.salkin.cn/1187608282/157_4079_827711fdcb72346.jpg[/img]
3.ئۆزىنى بىلىش:بۆرىنىڭمۇ ھايۋاناتلارنىڭ پادىشاسى بولغۇسى بار،ئەمما بۆرە ئۆزىنىڭ بۆرە ئىكەنلىكىنى،ھەرگىزمۇ يولۋاس ئەمەسلىكىنى ئوبدان چۈشىنىدۇ.[img]http://bbs.salkin.cn/1187608282/157_4079_8095a1acba35b27.jpg[/img]
4.سۇنىڭ ئېقىشىغا قاراپ ئىش كۆرۈش:بۆرە قانداق قىلىپ ئەڭ ئاز بەدەل تۆلەش بەدىلىگە،ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشىشنى بىلىدۇ.[img]http://bbs.salkin.cn/1187608282/157_4079_8434f91d36cd106.jpg[/img]
5.تەڭ ھۇجۇم قىلىپ تەڭ چىكىنىش:بۆرە ئادەتتە يالغۇز ھەرىكەت قىلسىمۇ،ئەمما ئۇ ئەڭ ئۆم-ئىتىپاقلاشقان ھايۋان،سىز ھەرگىزمۇ بىرەر بۆرە يارىلانغاندا ئۇنىڭ بىرەر ھەمراھىنىڭ ئۇنى تاشلاپ قېچىپ كىتىپ بارغانلىقىنى كۆرەلمەيسىز![img]http://bbs.salkin.cn/1187608282/157_4079_178772fae057abf.jpg[/img]
6.ئىچى ۋە تىشى ئوخشاش:بۆرىنىڭمۇ مۇلايىم ھايۋان بولغۇسى بار،ئەمما بۆرە ئۆز ئاشقازىنىنىڭ پەقەتلا گۆشكە ماسلىشىدىغىنىنى ئوبدان بىلىدۇ.شۇڭا بۆرىنىڭ قىلالايدىغىنى پەقەتلا ھەر قېتىملىق ئولجىسىنى پاك-پاكىزە يەۋىتىش خالاس!ھالبۇكى بەزىبىر ئۆزىنى مۇلايىم دەۋەلغان ھايۋانلار قاۋاقخانا ۋە مىھمانخانىلاردا بىر قىسىم «مۇلايىم بولمىغان»ئىشلارنى قىلىپ قويىدۇ.[img]http://bbs.salkin.cn/1187608282/157_4079_4ef24177ece3944.jpg[/img]
7.ئۆزگىنىمۇ ئۆزىنىمۇ بىلىش:بۆرە رەقىبىگە ھۆرمەت قىلىدۇ،ئۇ ھەر قېتىم ھۇجۇم قىلىشتىن ئىلگىرى چوقۇم رەقىبىنىڭ ئۇچۇرىنى ئالىدۇ،ھەرگىزمۇ كۆزگە ئىلمايدىغان ئىش قىلمايدۇ.شۇڭا بۆرىنىڭ ھۇجۇملىرىدا سەۋەنلىك ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ.[img]http://bbs.salkin.cn/1187608282/157_4079_5f9fb51b830f92c.jpg[/img]
8.بۆرىدىمۇ مىھرىبانلىق بار:ئەركەك بۆرە چىشى بۆرە قوساق كۆتەرگەندە،بالا بۆرە مۇستەقىل ھەرىكەت قىلغۇچە ئۇلارنى ئىزچىل قوغدايدۇ،بۇ ھەرگىزمۇ بەزى «مىھىر شەپقەتلىك»ھايۋانلارنىڭ جۇپتى قوساق كۆتۈرگەندە،تېشىدا ئويناپ يۈرگىنىگە ئوخشىمايدۇ.شۇڭا بۆرە كىشىلەرنىڭ مىھىر شەپقەتسىز كىشىلەرنى «ئىت مىجەز»دەپ تىللىشىغا بەكمۇ قارشى،چۈنكى بۇ بىر ئادالەتسىزلىك![img]http://bbs.salkin.cn/1187608282/157_4079_9e22b92ac309595.jpg[/img]
9.بۆرىلىك تەربىيىسى:ئاتا بۆرە بالا بۆرە مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ھامان ئۇنىڭدىن ئايرىلىدۇ،چۈنكى بۆرە شۇنى ئوبدان بىلىدۇكى:ناۋادا بۆرە بۆرە بولالمىسا ئۇنىڭ قوي بولغىنى ياخشىراق![img]http://bbs.salkin.cn/1187608282/157_4079_e4e409b2706d861.jpg[/img]
10.بىباھا ئەركىنلىك:بۆرە ھەرگىزمۇ ئازراق مەنپەئەتىنى دەپ،ئۆز غورورىنى دەپسەندە قىلىپ خوجىسىغا قويرۇقىنى شىپاڭشىتمايدۇ.چۈنكى بۆرىگە ئېنىقكى:مەغرورلىنىشقا بولمايدۇ،ئەمما مەغرۇرسىز قېلىشقىمۇ بولمايدۇ!شۇڭا بۆرىلەر دائىم تەنھا ھالدا ئەركىنلىك نەزمىسىدىن ھوزور ئىتىدۇ![img]http://bbs.salkin.cn/1187608282/157_4079_495c9a10442e4ae.jpg[/img][img]http://bbs.salkin.cn/1187608282/157_4079_8c5592551e8935c.jpg[/img]
مەنبە:كۆچۈرمىكەشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆچۈرىۋەتتىم
تەھرىر:قوغدىغۇچى[/size][/color][/align]

0 سۆز قالدۇرۇڭ: