[color=#6600CC][size=4][align=center]1.چىش چوتكىلاشنىڭ ئالتۇن پەيتى[/align] تاماق يەپ بولۇپ ئۈچ مىنۇتتىن كىيىن ،ئىغىز چايقاپ چىشنى چوتكىلاشنىڭ ئالتۇن پەيتى.چۈنكى بۇ چاغدا باكتىرىيەلەر تاماق قالدۇقلىرىنى پارچىلاپ،ئۇنىڭدىن پەيدا بولغان كىسلاتالىق بىرىكمىلەر ئاسانلا چىشنى چىرىتىپ،چىشقا زىيان يەتكۈزىدۇ.
[align=center]2.چاي ئىچىشنىڭ ئالتۇن پەيتى[/align] تاماقتىن بىر سائەت كىيىن چاي ئىچىشنىڭ ئالتۇن پەيتى ھىساپلىنىدۇ.بەزىلەر تاماقتىن كىيىنلا قىززىق چاي ئىچىشنى ياقتۇرىدۇ،بۇ خىل قىلمىش ئىلمىي ئەمەس.چۈنكى چاي تەركىبىدىكى چۆپ كىسلاتاسى ئوزۇقلۇق تەركىبىدىكى تۆمۈر ئىلمىنتى بىلەن بىرىكىپ،ئېرىمەس تۆمۈر تۇز بىرىكمىلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ،تۆمۈرنىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ،ۋاقتى ئۇزارغانسىرى قان ئازلىق كىسىلىنى پەيدا قىلىدۇ.
[align=center]3.سۈت ئىچىشنىڭ ئالتۇن پەيتى[/align] سۈتنىڭ تەركىبىدە مول كالىتسىي بولۇپ،ئوتتۇرا ۋە ياشانغانلارنىڭ ئىچىشىگە مۇۋاپىق،چۈنكى ئۇ ئۇلارنىڭ قاندىكى كالىتسىي مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماستىن،راخت كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.سۈتنىڭ بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئۇيقۇ كەلتۈرۈش رولىمۇ بار.
[align=center]4.مىۋە يىيىشنىڭ ئالتۇن پەيتى[/align] تاماقتىن بىر سائەت ئىلگىرى مىۋە يىيىشنىڭ ئالتۇن پەيتى ھىساپلىنىدۇ.چۈنكى مىۋە خام يىمەكلىك بولۇپ،خام تاماقتىن كىيىن پىششىق تاماق يىگەندە،بەدەندىكى ئاق قان ھۈجەيرىلىرى جىقلاپ كەتمەيدۇ،بۇنىڭ بىلەن ئادەمنىڭ ئىممۇنوتسىيە سېستىمىسىنى قوغدىغىلى بولىدۇ.
[align=center]5.ئاپتاپقا قاقلىنىشنىڭ ئالتۇن پەيتى[/align] ئەتىگەن سائەت 8دىن 10 غىچە بولغان ۋاقىت ئاپتاپقا قاقلىنىشنىڭ ئالتۇن پەيتى ھىساپلىنىدۇ.چۈنكى بۇ ۋاقىتتىكى ئاپتاپ نۇرى بەدەنگە پايدىلىق ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرى A نى ئاساس قىلغان بولۇپ،بەدەندە ۋىتامىن D نىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،بەدەن ئىممۇنۇتسىيسىنىڭ چارچاشقا قارشى تۇرۇش ۋە سۆڭەك شالاڭلىشىشىقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ھەمدە قان تومۇر قېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.
[align=center]6.ھۆسىن تۈزەشنىڭ ئالتۇن پەيتى[/align] تېرىنىڭ مىتابولىزىمى سەھەر ئالتىدە ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ،شۇنىڭ ئۈچۈن كىچىسى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى تېرە ئاسراش مايلىرىنى ئىشلىتىش ئەڭ مۇۋاپىق.بۇنىڭ مىتابولىزىمنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تېرە ساغلاملىقىنى قوغداش رولى بار.
[align=center]7.سەيلە قىلىشنىڭ ئالتۇن پەيتى[/align] تاماقتىن كىيىن 45-60 مىنۇتقىچە،سائىتىگە 4.8 كىلومىتىرلىق سۈرئەتتە 20 مىنۇت سەيلە قىلغاندا.ئىنىرگىيە خوراپ،ئورۇقلاشقا بەكمۇ پايدىلىق.تاماقتىن ئىككى سائەتتىن كىيىن سەيلە قىلىشنىڭ پايدىسى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
[align=center]8.يۇيۇنۇشنىڭ ئالتۇن پەيتى[/align] ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئىللىق سۇدا(35-45گرادۇس) يۇيۇنغاندا،مۇسكۇل-ئۈگىلەر بوشاپ،قان ئايلىنىش تېزلىشىپ،ئۇيقۇنى كەلتۈرىدۇ.
[align=center]9.ئۇخلاشنىڭ ئالتۇن پەيتى[/align] چۈشلۈك ئۇيقۇ 13 تىن باشلانغىنى ياخشى بولۇپ،بۇ چاغدىكى بەدەن سېزىمى ئاجىز بولۇپ،ئاسانلا ئۇخلىغىلى بولىدۇ.كەچتە بولسا 22-23 كىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇخلاش ئەڭ مۇۋاپىق،چۈنكى ئادەمنىڭ قېنىپ ئۇخلاش مەزگىلى 24 تىن سەھەر 3 كىچە بولۇپ،كىشى ئۇخلاپ بىر يېرىم سائەتتىن كىيىن ئاندىن قېنىپ ئۇخلاش باسقۇچىغا كىرىدۇ.
[align=center]10.چېنىقىشنىڭ ئالتۇن پەيتى[/align] كىچىدە چېنىقىش ئەڭ مۇۋاپىق.چۈنكى ئادەم بەدىنىنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارى چۈشتىن كىيىن ياكى ناماششامغا يېقىن ئەڭ ياخشى بولۇپ،بۇ ۋاقىتتا،تەم سېزىش،كۆرۈش،ئاڭلاش سەزگۈلىرى ئەڭ سەزگۈر بولۇپ،بەدەننىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارىمۇ ئەڭ ياخشى ھالەتتە بولىدۇ.بولۇپمۇ يۈرەك رېتىمى بىلەن قان بېسىمى تۇراقلىق بولۇپ،چېنىقىشقا ماس كىلىدۇ.
خەنزۇچىسنى كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىش ئىقتىدارى بولغاچقا كۆچۈرۈشكە مۇمكىن بولمىدى.مەنبە:[url]http://www.5i5art.com/fun/testinfo.asp?id=3220[/url][/size][/color]
تەھرىر:قوغدىغۇچى
0 سۆز قالدۇرۇڭ:
ئىنكاس يېزىش