2008/05/31

ئاي شارىنىڭ سىرى

[align=right][size=4][color=#6600cc] ئاي شارىنىڭ كىلىپ چىقىشى توغرىلىق 3 خىل كۆز قاراش بار،بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە ئاي شارى 4 مىليارد600 مىليون يىل ئىلگىرى يەرشارىغا ئوخشاشلا ئالەم چاڭلىرىدىن پەيدا بولغانىكەن.يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قارىشىچە،ئاي شارى يەر شارىنىڭ بالا پىلانتى ئىكەن،ئەمما ئاپوللو ئالەم ئايروپىلانى ئېلىپ كەلگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا،ئاي بىلەن يەر شارىنىڭ تەركىبى ئوخشىمايدىكەن.يەنە قىسمەن ئالىملارنىڭ قارىشىچە،ئاي نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى سەۋەبىدىن ئوربىتىغا كىرىپ قالغان ئىكەن. [/color][color=#ff0000] ئاي شارى يەر شارىدىنمۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە.[/color] [/size][/align][size=4] [color=#6600cc] ئالىملارنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى،ئاي شارىدىن ئېلىپ كىلىنگەن تاش ئەۋرىشكىلىرىدە،99% تاش يەر شارىدىكى 90% قەدىمىي تاشتىنمۇ قەدىمىي چىققان.ئۇلارنىڭ ئۆمرى تەخمىنەن 300 مىليون يىلدىن 4مىليارد600 مىليون يىلغىچە دەپ مۆلچەرلەنگەن.ئەمما بۇ قۇياش سېستىمىسىنىڭ يېشىغا تەڭلىشىپ قالغان. [/color] [color=#ff0000] تۇپرىقى تاشلىرىدىنمۇ قەدىمىي ئىكەن.[/color]
[color=#6600cc]ئامرىكا ئاي شارىغا قونغاندا،ئۇلارنىڭ توپرىقىنىڭ يېشىنىڭ تاشلىرىدىنمۇ قەدىمىي ئىكەنلىكىنى بايقىغان.تەخمىنەن 1مىليارد يىل دەپ مۆلچەرلەنگەن.خېمىيىلىك ئانالىزغا ئاساسلانغاندا،بۇ تۇپراقلار تاشلاردىن شەكىللەنمىگەن،باشقا يەردىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. [/color][color=#ff0000] سۇقۇلغاندا قاتتىق ئاۋازى چىقىدىكەن.[/color]
[color=#6600cc]ئاپوللو كىمىسى ئايغا چىققاندا ۋە يەر شارىغا قايتقاندا ئاي شارىغا سوقۇلغان،ئەمما ھەر بىر قېتىم سوقۇلغاندا،ئاي شارىدىن جاڭ چالغاندەك ئاۋاز چىققان،ئاپوللو 12 ئايغا چىققاندا سوقۇلغان ئاۋاز 4 سائەت داۋاملاشقان،بۇنى ھىچقانداق ئالىم چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىگەن.[/color]
[color=#ff0000] قاراڭغۇ رايونىدا قىممەتلىك مىتال بايلىقى باركەن.[/color]
[color=#6600cc] يەر شارىدىن ئايغا قارىغاندا،بەزى يەرلىرى قاراڭغۇ كۆرۈنىدۇ،ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بۇ قاراڭغۇ رايونلارنى بۇرما بىلەن تىشەلمىگەن،ئانالىزغا ئاساسلانغاندا،بۇ رايونلاردا تىتانىيۇم،بارىي،ئېردىيۇم قاتارلىق ئاز ئۇچرايدىغان قىممەتلىك مىتاللار باركەن.بۇ ئالىملارنى بەكمۇ قىزىقتۇرغان،چۈنكى بۇ مىتاللار 6000 سېلسىيە گرادۇستا ئاندىن ئېرىپ،ئەتراپتىكى تاشلار بىلەن بىر گەۋدە بولالايدىكەن.[/color] [color=#ff0000] ساپ تۆمۈر دات باسمەيدىكەن. [/color]
[color=#ff0000] [/color][color=#6600cc] ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئېلىپ كەلگەن تاش ئەۋرىشكىلىرى تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى بولۇپ،بۇ تۆمۈر ماددىلىرى يەر شارىغا ئېلىپ كىلىنگەندىن كىيىنمۇ ئۇزاق مۇددەتكىچە دات باسمىغان.بۇنىڭغا كۆپچىلىك ھەيران قىلىشقان. [/color] [color=#ff0000] بەزى يەرلىرى ئەينەكتەك سىلىق.[/color] [color=#6600cc]ئاي شارىنىڭ نۇرغۇن جايلىرى ئەينەكتەك سىلىق ئىكەن.بىر خىل يۇقۇرى تېمپىراتورىدا كۆيدۈرۈلگەندەكلا كۆرۈنىدىكەن،ئالىملار قۇياشنىڭ ھارارىتىدىن شۇنداق بولغان دەپ پەرەز قىلىشقان. [/color] [color=#ff0000] ماگىنىتلىقى كىشىنى ھەيران قىلىدۇ. [/color][color=#ff0000]
[color=#6600cc]ماتىرىيالغا ئاساسلانغاندا،ئاي شارىنىڭ بەزى يەر پوستلاقلىرىدا ئۇيۇشما ماددىلار بەركەن،شۇڭا ئالەم كىمىسى بۇ رايونلار ئۈستىدە ئۇچۇپ كىتىپ بېرىپ،سىلكىنىپ كىتىدىكەن.ئالىملار ھازىرچە بۇ ماددىلارنىڭ ناھايىتى ئېغىر ۋە زىچ ماددىلىقىنىلا بىلەلىگەن،باشقا تەرەپلىرى سىر بولۇپ تۇرماقتا.[/color][/color] [color=#6600cc] بالدۇرقى تەرقىقاتلاردا ئاي شارىنىڭ ماگنىتلىق تارتىش كۈچى ئاجىز دەپ تەرپلەنگەنىدى،ئەمما كىيىن ئايدىكى تاشلارنى تەتقىق قىلغاندىن كىيىن،ئۇلارنىڭ كۈچلۈك ماگىنىتلىقى بايقالغان.ماتىرىياللاغا ئاساسلانغاندا،ئاي شارىنىڭ ماگىنىت مەيدانى ئۇنىڭ يادروسىدا ئەمەس ئىكەن،يەر شارىدىن تارتىش كۈچىگە ئېرىشىشىمۇ مۇكىن ئەمەس ئىكەن.بۇ ھازىر تېخى بىر سىر بولۇپ تۇرماقتا. [/color] [color=#ff0000] تاشقى پوستىدىكى ئاجرالمىلار[/color] [/size]

0 سۆز قالدۇرۇڭ: