[color=#6600CC][size=4]ئىلىم - پەن كىشىدىن غېرىپلىقنى تەلەپ قىلىدۇ.ئىلىم-پەن كەسپىمۇ ئىنتايىن زېرىكىشلىك بىر كەسىپ.ئالىملار غېرىپ كىلىدۇ،ئۇلارنىڭ بۇ تەرىپى تولىمۇ سۆيۈملۈك ۋە سېھرىيەتكە تولغان بولىدۇ.ياخشى ئىلىم ئىگىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە ئالدىنقى شەرتى قوڭىنى بىر يەرگە مۇقىم قويۇپ،پۈتۈن زېھنىنى يىغىپ بىز مەسىلە ئۈستىدە ئىزدىنەلەيدىغان بولۇشى كېرەك.ئەلمىساقتىن ئالىملىق دەرىجىسىگە يەتكۈچىلەرنىڭ مۇنداق ئۈچ خىل ئالاھىدىلىكى بولۇشى كېرەك.بىرىنچى: قاراڭغۇ زۇلمەت ئىچىدىمۇ نىشاندىن ئازماي،يىراقنى كۆرەرلىكى بولۇشى كېرەك.ئىككىنچى: بىلىم ئىشقىدا «جاندىن كەچمىگۈچە جانانغا يەتمەپتۇ»دىگەندەك ئىگىلمەس روھ بولۇشى كېرەك.ئۈچىنچى: ئالدىنقى ئىككىش شەرتنى ھازىرلىغاندىن كىيىن،يەنە ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك.
ئېينىشتىيىن ئالىملارنى مۇنداق ئۈچ تۈرگە ئايرىغانىكەن.بىرىنچى خىلدىكىلەر ئىلىم -پەن ئۇلارغا قابىلىيىتىنى نامايەن قىلىدىغان سورۇن ھازىرلاپ بەرگىنى ئۈچۈنلا ئىلىم-پەن بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن،ئۇلارنىڭ ئىلىم -پەنگە بولغان سۆيگۈسىمۇ،تەنتەربىيەچىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ماھارىتىنىلا ياقتۇرغىنىدەك بىر ئىش ئىكەن.ئىككىنچى خىلدىكىلەر بولسا ئىلىم-پەننى ھاياتلىق كەچۈرۈشتىكى ۋاستە قىلىدىكەن،ئۇلار پەقەت تەلىيىنىڭ غەيرىلىكىدىنلا تەتقىقاتچى بولۇپ قالغانىكەن.ئۈچىنچى خىلدىكىلەر بولسا ئۆزىنى ئىلىم-پەنگە بېغىشلىغۇچىلار بولۇپ،بۇنداق ئالىملار ئاز ئۇچرايدىكەن،ئەمما ئۇلارنىڭ ئىلەم-پەنگە قوشقان تۆھپىسىمۇ ئەڭ زور بولىدىكەن.
ھەقىقىي ئىلىم -پەن تەتقىقاتى بىر خىل ياراتقۇچ خاراكتىرلىق خىزمەت،ئۇ مۇھتەقىل پىكىر قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ.ئۇ ھەم ئەتراپىدىكى شەيئىلەر بىلەن مۇئەييەن ئارىلىق تاشلىغاندىلا ئاندىن ئىلىم-پەنگە مەركەزلىشىدۇ.دارۋىننىڭ «مەۋجۇداتلارنىڭ كىلىپ چىقىشى»دىگەن ئەسىرىنى يېزىشقا 33 يىل ۋاقىت كەتكەن،بېل ئۆزىنىڭ تۈنجى تېلىفونىنى ئېلان قىلغاندا،كۆپچىلىك ئۇنى زاڭلىق قىلغان،پروست تاناسىپلىق تىئورىمىنى ئىسپاتلاشقا 9 يىل ۋاقىت سەرپ قىلغان....بۇنىڭدىن سىرت يەنە نۇرشغۇنلىغان جاپالىق ئەمما مەغلۇپ بولغان تەتقىقات جەريانلىرى بار.مانا مۇشۇ جەريانلارنىڭ ھەممىسى ئىلىم-پەن تەتقىقاتىنىڭ مۇشەققەت ۋە غېرىپلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.ھالبۇكى ئىلىم-پەن تەتقىقاتىدىكى غېرىپلىق بىزنىڭ ئادەتتىكى زېرىكىش،يالغۇزلۇق ۋە غېرىپلىقلاردىن پەرقىلىنىدۇ،ئۇ بىر خىل پەننىي غېرىپلىق،شۇنداقلا تىنچ قەلپ بىلەن دۇنيا مۆجىزاتلىرىنى تەپەككۈر قىلىدىغان غېرىپلىقتۇر!
ساپ ئىلىم -پەن نام-شۆھرەت قوغلاشمايدۇ،قوساقنى كەڭ تۇتۇپ،نام -شۆھرەتتىن ئۆزىنى چەتكە ئالماي تۇرۇپ،چوڭ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدۇ.ئىلىم-پەن نام-شۆھرەت ۋە مەنپەئەت بىلەن ئىلىشىپلا قالىدىغان بولسا،ئۆز قىممىتىنى دەرھال يوقىتىدۇ،شۇنداقلا ئىلىم-پەننىڭ غېرىپلىق ۋە مۇشەققەت قېلىپىدىن چىقىپ كىتىدۇ.ماركىس«ئىلىم-پەندە داغدام يول يوق،پەقەت پەقەت جاپاغا چىداپ تىك چوققىلارغا ياماشقۇچىلارلا،ئىلىم-پەننىڭ بۈيۈك چىققىسىغا يىتەلەيدۇ»دىگەنىدى.ھەقىقىي ئالىمغا نام -شۆھرەت،مەنپەئەتنىڭ لازىمى بولمايدۇ،ئۇلار جاپاغا چىداملىقلىقى ،ماددى قىزىقىشلاردىن خالىيلىقى،سۇنماس روھى ھەمدە دەرىجىدىن تاشقىرى ئىرادىسى بىلەن ھەر خىل مۇشەققەتلەرنى يېڭىدۇ.«كاپىتال»نىڭ بىرىنچى تومى پۈتكەندە،ماركىس خۇرسىنغان ھالدا«مەن بۇ ئەسىرىم ئۈچۈن ئۆلۈم گىردابىدا يۈردۈم،ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلالايدىغانلىكى ۋاقتىمنى سەرپ قىلدىم،ساغلاملىقىمنى،بەختىمنى ۋە ئائىلەمنى قۇربان قىلدىم»دىگەن.ئىلىم-پەن تەتقىقاتى قىزىقىشتىن قوزغىلىپ،مەسئولىيەت بىلەن پۈتۈپ،جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە ئۆز ۋىسالىنى تاپىدۇ.ناۋادا سەيچىلەرنىڭ سەي سېتىشىدەك ھىسيات بىلەن تەتقىقات ئېلىپ بېرىلسا،نەتىجە ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلسا،ئۇنداقتا ئالدىراقسانلىقتىن مەغلۇپ بولىدىغان ئىش كىلىپ چىقىدۇ.ناۋادا شەخسى مەنپەئەتنى چىقىش نوقتا قىلىپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغاندا،قوساقتىكى ئۇماچنىڭ كەملىكى تۈپەيلى سۇ قېتىپ يالغانچىلىق قىلىدىغان ئىشلارمۇ كىلىپ چىقىدۇ.غېرىپلىققا بەرداشلىق بېرىپ،نام-شۆھرەتنىڭ ئازدۇرۇشىدىن ساقلىنىش ئالىملارنىڭ ئىسىل ئەخلاقىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.شەخسى مەنپەئەت ئۈچۈن قىلىنغان تەتقىقاتنىڭمۇ زىيىنى يوق،چۈنكى ھالال ئەمگەكتىن ئېرىشكەن گۈزەل تۇرمۇش روھىنى قەدىرلەر ۋە تەرغىپ قىلىش لازىمدۇر.ئەمما ھەر قانداق ئەھۋالدا «ھەقىقەت»نىڭ ئىلىم-پەننىڭ ماھىيىتى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قىلىشقا بولمايدۇ.شۇنداقلا بۇ پەننىي ئەخلاقنىڭ چىگرىسىدۇر!پەن راستلىقىنى يوقاتقان چاغدىن باشلاپ،ئالىممۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆز ۋىژدانىنى سېتىپ يەپ،ئۆز نامىغا داغ كەلتۈرىدۇ.ھەتتا ئادىمىيلىقىنىمۇ يوقىتىدۇ.ھەر قانداق تەتقىقاتتا مەيلى ئاددىي ياكى مۇرەككەپ بولسۇن،ئىلىم-پەننىڭ ماھىيىتىگە خىلاپلىق قىلىشقا،پەننىي ئەخلاققا خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ.
مېنىڭ بۇ ئەسەرنى تەرجىمىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ يېزىشىمدىكى سەۋەپمۇ.سەلكىندىكى دوستلارنىڭ كاللىسىنى سىلكىۋىتىپ،ئەتراپىدىن پۇرسەت ئىزدەپ،راست بىلەن يالغاننى ئارىلاشتۇرىۋالماي،ھالال ئەمگىكى بىلەن ھازىرقى جەمئىيەتتە بىر كىشىلىك ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىسىكەن دىگەندىن ئىبارەت.
دوستلارنىڭ كۆزئالدىدىكىنىلا كۆرۈپلا قالماستىن ،يەنە ئەتراپلىق ئىزدىنىپ،يېڭى تەپەككۈرلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى ئۈمىت قىلىمەن،ئاللا ھەممىمىزنىڭ ئىشىغا بەرىكەت ئاتا قىلسۇن!
[/size][/color]
0 سۆز قالدۇرۇڭ:
ئىنكاس يېزىش