2008/05/31

گېۋارا كىم؟؟؟

[color=#6600CC][size=5] تارىختا شۇنداق بىر كىشى،يۈكسەك بىر شەخس خاتىرىلەنگەن،بۇ ماڭا بىر سۆزنى ئەسلەتتى:«بەزىلەر تىرىك تۇرىدۇ،ئەمما ئۇ ئۆلگەن؛بەزىلەر ئۆلگەن ،ئەمما ئۇ يەنىلا ھايات!»چې.گېۋارا ئەنە شۇنداق ھايات تۇرغانلارنىڭ بىرىدۇر. 1967-يىلى 10 ئاينىڭ 9-كۈنى،گېۋارا ئۆلتۈرۈلدى،شۇ چاغدا ئۇ ئاران 39 ياشتا ئىدى،سوراقچىلار ئۇنىڭدىن «نىمە ئويلاۋاتىسەن؟»دەپ سورىغاندا،ئۇ«ئىنقىلاپنىڭ مەڭگۈگە داۋاملىشىدىغىنىنى ئويلاۋاتىمەن»دەپ جاۋاپ بەرگەن.شۇنىڭدىن كىيىن،دۈشمەنلەر ئۇنىڭ ئىككى قولىنى كېسىۋېلىپ،ئۇنىڭ «ئۆلمەس بەدىنى»نى ئىسپاتلىماقچى بولغان.چۈنكى،دۈشمەننىڭ نەزەرىدە گېۋارا ھەتتاكى «ئۆلمەيدىغان»لارنىڭ ۋەكىلى بولۇپ قالغانىدى. بۈگۈن،دەل گېۋارانىڭ ئۆلۈم خاتىرە كۈنى،بۇنىڭغا دەل 40 يىل بولدى،بەزى خەۋەرىگە ئاساسلانغاندا،دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايىدىكى كىشىلەر ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ،ئۇنىڭ قۇربان بولغىنىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن.گېۋارانىڭ شېئىرلىرى يېزىلغان كىتاپمۇ يېقىندا مىكسىكىدا ئېلان قىلىندى.تەزكىرە يازغۇچىسى تەيۋنىڭ ئېيتىشىچە،گېۋارا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە،بولڭۋىيەدە پارتىزانلىق ئۇرۇش قىلىۋاتقىنىدا،دائىم دەرەخكە چىقىپ شېئىر يازاتتىكەندۇق.كىشىلەر ھازىرغىچە بۇ ئىنقىلاپچى،«رومانتىك ساياھەتچى»،«قىزىل روبىنھان»،«كوممونىزىمنىڭ دونكىخوتى»نى ئۇنتۇپ قالمىدى.بۇگۈنكى كۈندە،دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كوچىلاردا،سىز ياشلارنىڭ گېۋارانىڭ باش سۆرىتى بېسىلغان كۆينەكلەرنى كىيىىشپ يۈرگىنىنى ،كىشلەرنىڭ ئۇنى مەدھىيلەپ ناخشا ئېيتىدىغىنىنى كۆرەلەيسىز. گېۋارانىڭ تارىخنى تېپىش ئاسان.1928-يىلى 6-ئاينىڭ 14 -كۈنى،گېۋارا ئارگىنتىنانىڭ روسسارىئو شەھىرىدىكى كاپىتالىست ۋە ئېكىنزار خوجايىنى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.ئۇ ئۆينىڭ چوڭى بولۇپ.1947-يىلىدىن 1953 -يىلغىچە،بۇيىنوس-ئايرىس ئۇنۋېرسىتىتىدا تىببىي پەنلەر كەسپىدە ئوقىغان.1955-يىلى فېدىر.كاستېرو بىلەن كۆرۈشۈپ،ئىنقىلاپقا قاتناشقان.1958-يىلى 11-ئايدا،كۇبا ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كىيىن،دۆلەت بانكىسىنىڭ باشلىقلىقىغا كۆرسىتىلگەن،كىيىن سانائەت مىنىستىرى،كۇبا كوممونىستىك پارتىيىسىنىڭ سېكرىتارلار باشقارمىسىنىڭ سېكرىتارى بولغان.1960-يىلى،جۇڭگوغا كىلىپ،ماۋزېدۇڭ ۋە جۇئېنلەي بىلەن كۆرۈشكەن.1967-يىلى3-ئاينىڭ 22-كۈنى،گېۋارا ئىسمىنى «رامون»غا ئۆزگەرتىپ،ئۆزىنىڭ پارتىزانلىق گۇرۇپپىسىغا يىتەكچىلىك قىلىپ،(يەنى بولىۋىيە مىللىي ئازاتلىق ئارمىيىسى)،جەنوبىي ئامرىكىدىكى ھەربىي ھەركىتىنى باشلىغان.10-ئاينىڭ 8-كۈنى،گېۋارا يوۋرو تاغ جىلغىسىدىكى ئۇرۇشتا يارىلىنىپ قولغا چۈشۈپ،10-ئاينىڭ 9-كۈنى،يىگىرا كەنتىدە ئۆلتۈرۈلگەن. قائىدە بويىچە،نام-شەرەپكە ئېرىشكەن گېۋارا،كۇبادا سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانسا تامامەن بولاتتى،ئەمما ئۇ بۇ ئىشنى رەت قىلغان.چۈنكى ئۇ بىر ئۆمۈر ئىنقىلاپچى بولۇشقا بەل باغلىغان ئىدى.1965-يىلى 4-ئاينىىڭ 1-كۈنى،ئۇ كاستېروغا بىر پارچە خەت يېزىپ،بارلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن،شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۇبا پۇقرالىقىدىنمۇ ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.ئېيتىشلارغا قارىغاندا،ئۇ سۆۋىتكە زىيارەتكە بارغاندا،سۆۋىت پاسونىدىن ئىنتايىن مەيۈسلەنگەن،سوتسىيالىزىم ئىشلىرىنىڭ كەلگۈسىدىن غەم قىلغان.ئۇنىڭ ئېيتىشىچە،ئۇ نۇرغۇن ئىنقىلاپچىلارنىڭ ئىسىل ماشىنىدا ئولتۇرغىنىنى،چىرايلىق ئايال كاتىپلارنىڭ قوينىدا جەڭگىۋارلىقىنى يوقاتقانلىقىنى بايقىغان.شۇڭا ئۇ ئىنقىلاپچىلارنىڭ مۇكەممەل ئوبرازىنى ساقلاش ئۈچۈن،كۆرەش قىلىش يولىنى تاللاپ،سۇمرۇغ كۈيۈپ كەتكەندەك ئاقىۋەتكە قالغان.شۇ يىلى،گېۋارا125 كىشىلىك كۇبا پارتىزانلار قوشۇنىنى يىتەكلەپ،ئافرىقىنىڭ كونگو(ھازىرقى زاھىر)،يەنى ئافرىقىنى يۈرىكىدە بىر يېڭى «كۇبا»قۇرماقچى بولغىنىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان.ئىككىنچى يىلى ئۇ يەنە بولىۋىيەگە بېرىپ،بولىۋىيە مىللىي ئازاتلىق قوشونىغا رەھبەرلىك قىلىپ،پۈتۈنلەي تۈگەشكىچە ھەربىي ھەركىتىنى داۋاملاشتۇرغان. 40 يىللىق تارىخى جەرياندا،گېۋارا بىر ئادەمدىن قەھرىمانغا،قەھرىمانلىقتىن بىر مەبۇدقا ئايلانغان.بەزىلەر ئۇنى مۇكەممەل ئادەم دىيىشىدۇ،ھەقىقەتەن ئىنقىلابى جەڭچىلەرنىڭ نەزەرىدە،ئۇ بىر بايراق ئىدى،ھەربىي قىزىققۇچىلارنىڭ نەزەرىدە،ئۇ بىر پارتىزان ئۇرۇش مۇتەخخەسسىسى،زىيالىيلارنىڭ نەزەرىدە،ئۇ تۈزۈمگە قارشىلىق قىلغۇچى،تولغىما ئۇسۇلچى ياشلارنىڭ نەزەرىدە،ئۇلارمۇ ئۇنى«قوڭغۇز»مۇزىكىلىرىنىغا ئوخشاشلا ياقتۇراتتى.ھەتتاكى ئڭنىڭ چاچ پاسونىمۇ،شۇ دەۋىردىكى ياشلارنىڭ مودىسىغا ئايلىنىپ،كىشىلەرنى سەرگەردان بولۇشقا ئۈندىگەن.ئۇنىڭ سوغوق نەزەرىنىڭ قانچىلىغان قىزلارنىڭ مۇھەببىتىنى ئۆزىگە رام قىلغىنىنى بىلىپ بولغۇلى بولمايدۇ.ئاڭلىشىمچە،ئەينى ۋاقىتتىكى جۇڭگو زىيالىي ياشلىرىىنمۇ،ئۇنىڭ يازمىلىرىنى كۆتۈرىۋىلىپ،شەرقى جەنوبىي ئاسىياغا بېرىپ ئىنقىلاپقا قاتناشقانىكەن،ئەينى ۋاقىتتىكى فرانسىيە ئوقۇغۇچىلىرىمۇ،ئۇنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ،ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقاندا،توۋلىغان شۇئارىمۇ«چې!چې!چې!(چې.گېۋارا)»ئىكەندۇق. ئەمما بىز يەنە بىر خىل چې.گېۋارانىمۇ كۆردۇق،بەزىلەر ئىلگىرى«كىسەل گېۋارا»دىگەن تېمىدا ماقالە يازغانىكەن،بەزىلەرنىڭ نەزەرىدە ئۇ بىر جاللات،ئادەم ئۆلتۈرۈش ماشىنىسى،قارا قوساق ئىقتىساد يىتەكچىسى،قارام تەۋەككۈلچى ھەربىي،ھەتتاكى نېرۋا كىسەلنىڭ سىمۋولى ئىدى.بەزىلەر مۇشۇ توغرىلىق«ئۇ بىزنىڭ دەۋىرنىڭ مۇكەممەل ئادىمىمۇ،ياكى كىسەل ئادىمىمۇ؟»دەپ سۇئال قويۇشقان.بەزىلەر ئۇنى كىسەل دەپ ھۆكۈممۇ قىلغان ئىدى.گېۋارا دىگەننىڭ ئۆزىنىمۇ بىر خىل كىسەللىك دەپ قاراشقان،ئەينى چاغدا كۇبادىن قېچىپ چىققان بىر كىشى بولۇپ،ئۇنىڭ ئىسمى Fontova ئىكەن،ئۇ بىر كىتاپ يېزىپ،ئۇنى بىگۇنانى قىرغىن قىلغان دىگەن.ستافىن ئىسىملىك رومانىيە مۇخبىرىمۇ،گېۋارانىڭ ئۆلۈم بۇيرۇقىنى چۈشۈرگىنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنىكەن.بۇنىڭدىن ھەيران بولغان بۇ مۇخبىر مۇشۇ ئىش توغرىلىق بىر شېئر يازغان بولۇپ،تېمىسى«مەن ئەمدى سېنى مەدھىيلىمەيمەن،چې»ئىدى.دۆلەت بانكىسىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن،گېۋارا پۇل-مۇئامىلە تۈزۈمىنى يوقىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ،«پۇل ئىشلىمەيدىغان مەدەنىيەت»قۇرۇشنى تەرغىپ قىلغان،پىسونى زور مىقتاردا ئىشلەپچىقىرىش،ئۇنىڭ ئىقتىسادى ۋاستىلىرىنىڭ بىرى ئىدى.ئەلۋەتتە بەزىلەر ئۇنىڭ داڭلىق سائەت،گولىف توپ ۋە ئاياللارغا ئامراقلىقى توغرىلىقمۇ خەۋەر يازغان.مەسىلەن،1965-يىلى3-ئايدا،ئۇ مىسىردە زىيارەتتە بولۇۋاتقاندا،قاھىرەنىڭ «ئەلئىھرام گېزىتىنىڭ بىر مۇخبىرى بىلەن كىچىلىك تاماشىدا بولىۋاتقاندا،بىر ئايال ئۇنىڭغا ئىش-پەش تارتسا،ئۇ مۇخبىرنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالماي،ئۇ ئايالنى ئۆزى تۇرغان مىھمانخانىغا باشلاپ كىرىپ،تېخى قاراۋۇلنى دەللاللىققا سالغان.ئۇ ھەتتا«ئەزەلدىن بىر ئەرنىڭ ئكمۈر بويى بىر ئايال بىلەن ئۆتۈشى بەلگىلەنمىگەن،ئاياللارغا يان باسماي،ئەرلەرنىلا چىشلەپ تارتماڭلار »،«ماركىسىزىم پەرىزچىلىك ئەمەس»دىگەن.بۇنداق كۆرەڭلىك،بەلكىم شۇ چاغدىكى رومانتىك ياشلارنىڭ ئۇنىڭغا مەپتۇن بولۇشىنىڭ سىرى بولسا كېرەك. ئامرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتىتىنىڭ ئۇنىڭ قان ساتقانلىقى توغرىسىدىكى مەلوماتىمۇ بىر خىل كۆز قاراش،ئېيتىلىشىچە،ئۇ ئىلگىرى مەھبۇسلارنىڭ قېنىنى ئېلىپ،باشقا دۆلەتلەرگە ساتقانىكەن،مەسىلەن ۋېيتنام قاراتلىقلارغا.ئەمما بۇ دوكىلات،1967-يىلى ئېلان قىلىنغان.يەنى گېۋارا بولىۋىيەدە پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىۋاتقىنىنىڭ ئىككىنچى يىلى يېزىلغان،ئامرىكىنىڭ بۇ قىلمىشىغا نىمە سىر يۇشۇرۇنغىنىنى بىلىش بەك تەس!ئەمما زور كۆپچىلىك ماتىرىياللاردا تەسۋېرلىنىشىچە،ئامرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ جاسوسلىرىنىڭ سان-ساناقسىز گېۋارانى قەستلەش پىلانىلىرىنىڭ ھەممىسى يوققا چىققانىكەن. ئېنىقكى،گېۋارا بىر نومال ئادەم،ئادەم بولغانكەن مۇرەككەپ بولىدۇ،ئۇنىڭ«ئىلاھىي»لاشتۇرۇلۇشىنىڭ،ئېنىقكى ئۆزىگە چۇشلۇق سەۋەبى بار.مەسىلەن،60-يىللارنىڭ ئادەملىرى گېۋارانى ياقتۇرىدۇ،چۇنكى ئۇ ئىنقىلاب قەھرىمانلىرىنىڭ نامايەندىسى،70-يىللارنىڭ ئادەملىرى گېۋارانى ياقتۇرىدۇ،چۇنكى ئۇ ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى رومانتىك چەۋەنداز،80-يىللارنىڭ ئادەملىرى ئۇنى ياقتۇرىدۇ،چۈنكى ئۇ غەيرى ۋە ئالاھىدە!ئۇ مودا ئېقىمى ۋە خاسلىقنىڭ سىمۋولى،ئەرلەر ئۇنىڭ تىز پۈكمەس ئىرادىسى ۋە كەسكىنلىكىنى ياقتۇرىدۇ،ئاياللار ئۇنىڭ كەڭ قورساق رومانتىكىلىقىنى ياقتۇرىدۇ،ئۇنىڭ يىمىرىلمەس ئوبرازىنىڭ كەينىگە يۇشۇرۇنغان مۇلايملىقى نۇرغۇن ئاياللارنى مەست قىلىدۇ......... [/size][/color]
مەنبە:[url]http://cafe.pconline.com.cn/topic.jsp?tid=7691467[/url]

0 سۆز قالدۇرۇڭ: