[color=#660066][size=5]1.تاماقتىن كىيىن مىۋە يىيىشكۆپ قىسىم كىشىلەر تاماقتىن كىيىن مىۋە يىيىشنى ياقتۇرىدۇ،بۇنى ئېغىزنى تازىلاشقا پايدىلىق دەپ قارايدۇ،ئەمما بۇ بىر خىل خاتا كۆز قاراش.تاماقتىن كىيىن دەرھال مىۋە يىيىش،ئاشقازان ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىۋىتىدۇ.چۈنكى تاماق ئاشقازانغا كىرگەندىن كىيىن،1-2 سائەتكىچە ئاندىن ھەزىم بولىدۇ،شۇڭا دەرھاللا مىۋە يىگەندە،تاماق نورمال ھەزىم بولالمايدۇ.
2.تاماقتىن كىيىن قېنىق چاي ئىچىشچاي تەركىبىدە كۆپ مىقتاردا دەندىن كىسلاتاسى بولۇپ،تاماقتىن كىيىن قېنىق چاي ئىچكەندە،تاماق تەركىبىدىكى ئاقسىل بىلەن بىرىكىپ،ئاقسىلنىڭ سۇمۇرۇلۇشىگە تەسىر قىلىدۇ،چاي تەركىبىدىكى ئىلمىنتلار يەنە تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلىشىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ،ئۇزاق مۇددەتلىك تاماقتىن كىيىن قېنىق چاي ئىچىش ئادىتىنى يىتىلدۈرگەندە،ناھايىتى ئاسانلا تۆمۈر كاپلىقىدىن پەيدا بولغان قان ئازلىق كىسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ،بۇنىڭدىنن سىرت تاماقتىن كىيىن چاي ئاشقازانغا كىرىپ،ئاشقازار كىسلاتاسىنىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ،بۇنىڭ بىلەن ھەزىم ناچارلىقى كىلىپ چىقىدۇ.
3.تاماقتىن كىيىن تاماكا چىكىشتاماقتىن كىيىن،ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەركىتى ناھايىتى تېزلىشىپ،قان ئايلىنىشىمۇ تېزلىشىدۇ،ھەزىم قىلىش سېستىمىلىرى ئىشقا كىرىشىدۇ،بۇ چاغدا تاماكا چەككەندە،ئۆپكە ۋە بەدەننىڭ زەھەرنى سۈمۈرۈش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ كىتىدۇ،ھەمدە نەپەس ۋە ھەزىم سېستىمىلىرىنى قاتتىق غىدىقلاپ،شۆبھىسىزلا ئورگانىزىم ۋە بەدەن ئىقتىدارىدا پەيدا قىلىدىغان توسالغۇسى ،ئادەتتە تاماكا چەككەندىنمۇ بەكرەك زىيانلىق بولىدۇ.
4.تاماقتىن كىيىن سۇ ئىچىشتاماقتىن كىيىن سۇ ئىچكەندە،ئاشقازان كىسلاتا سۇيۇقلۇقى تۆۋەنلەپ،تاماق ئاشقازاندا ئوبدان ھەزىم بولمايلا،ئۈچەيگە بېرىپ،ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ.ھەمدە ئاشقازان كىسەللىرى كىلىپ چىقىدۇ،ناۋادا تاماقتىن كىيىن گازلىق سۇ ئىچىلسە،ئۇنىڭ زىيىنى تېخىمۇ چوڭ بولۇپ،ئۇنىڭ تەركىبىدىكى كاربون تۆت ئوكسىدى ئاشقازان ئىچكى بېسىمىنى ئاشۇرۇۋىتىپ،ئۆتكۈر ئاشقازان كېڭەيمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5.تاماقتىن كىيىن كارا OKقوساق تويغاندا ئاشقازان توشۇپ،قان ئايلىنىش تېزلىشىدۇ،بۇ چاغدا ناخشا ئېيتىقاندا،دىئافراگما تۆۋەنگە ساڭگىلاپ،قوداق بوشلۇقىنىڭ بېسىمى ئارتىپ كىتىدۇ،يىنىك بولغاندا ھەزىم ناچارلىقى كىلىپ چىقىدۇ،ئېغىر بولغاندا،ئاشقازان كىسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،شۇڭا تاماقتىن كىيىن بىر سائەتلەر ئەتراپىدا،تاماق ھەزىم بولغاندىن كىيىن،ئاندىن ناخشا ئېيتىش كېرەك،ياكى ناخشا ئېيتىپ بولۇپ،ئاندىن غىزالىنىش كېرەك.
6.تاماقتىن كىيىن ماشىنا ھەيدەشتاماقتىن كىيىن،قان ئاساسەن ئاشقازانغا مەركەزلىشىدۇ،مېڭە ئاساسەن قانسىراش ھالىتىدە تۇرىدۇ،بۇ ۋاقىتتا ماشىنا ھەيدىگەندە،ئاسانلا خاتالىق كۆرۈلۈپلا قالماستىن،بەلكى ھادىسە يۈز بېرىشىمۇ مۇمكىن.شۇڭا،تاماقتىن بىر سائەت كىيىن ماشىنا ھەيدەش ئەڭ مۇۋاپىق.[/size][/color]
0 سۆز قالدۇرۇڭ:
ئىنكاس يېزىش