[color=#660066][size=4] [attachment=4911]
غېرىپلىق بىر خىل ئەقىلنىڭ دورىسى ئىكەن،بۇنداق دىيىشىمدىكى سەۋەپ ئۇ كۆڭۈلنى تىنچلاندۇرغۇچى دورا،بىر خىل روھنىڭ پەرىشتىسى ،قەلبنىڭ ئاقلىغۇچىسى ۋە تازىلىغۇچىسى،مەردانە ھالدا ئېچىلىپ كۈلۈشتىن ئىبارەت!ھالبۇكى،كۆپلىگەن كىشىلەر غېرىپلىقتىن قورقىدۇ،ئۇنى ھاياتلىقىنىڭ كۈشەندە قاپقىنى،كۆڭۈل پاراكەندىلىكىنىڭ مەنبەسى،ھاياتلىققا ئۇرۇلغان ئۆتكۈر تىغ،بەدەنگە چىرماشقان ئالۋاستىدەك،ھاياتلىقنىڭ قاقشال شاخلىرىدەك كۆرۈشىدۇ. قىشنىڭ كىچىلىرى جىمجىت ھەم ئۇزۇن،قاراڭغۇ تۈننىڭ مۇدھىش نۇرلىرى،كىشىگە بىر خىل سوغۇق تۇيغۇ بېرىدۇ،يوتقانلىرىمنى شۇنچە چىڭ ئورىساممۇ،يەنىلا تىترىكىم بېسىقمىدى،مەن تېخى ئۆزۈمنى غېرىپلىققا كۆنىدىغان كىشى دەپ قاراپ كەپتىمەن.....
[attachment=4910] قەلبىمنىڭ نىمىشقا بۇنداق چۈشكۈنلىكىنى بىلەلمىدىم،ناھايىتى ھارغىن ھىس قىلىمەن،مەن ھېرىپ قالغان ئوخشايمەن،ھارغان چاغلىرىمدا يۈرىكىم بەكرەك ھېرىپ كىتىدۇ،نۇرغۇن ئىشلار ماڭا تۇرمۇشنىڭ مۇشەققىتىنى ھەقىقىي ھىس قىلدۇردى،ئويلىغانسىرى غېرىپلىشىپ كىتىۋاتىمەن،بەزىدە ياشلىرىم مەڭزىمنى سۆيۈپ ئۆتىدۇ،شۇندىلا يىغلىشىمنىڭ جاۋاپسىز ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىمەن.نىمىشقا يىغلىغىنىمىنى بىلىمەيمەن،ئەمما،ياشلىرىم بەزىدە ئىرادەمگە باقماي توختاۋسىز ئېقىپ كىتىدۇ. تۇرمۇشنىڭ نىمىشقا بۇنداق ھارغىن بولىدىغىنىنى پەقەتلا بىلەلمىدىم،مەن بەكلا چارچىدىم،ئۇزاقتىن بېرى ماڭا ھەمراھ بولغان ساختا غەيرەت،غېرىپ كىچىلەردە ئۆزىنى ئاشكارىلىماقتا،مەن بۇنىمۇ يېڭەرمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم،غېرىپ يىغلىمايمەن،غەيرەت ۋە ئىرادەمگە ئىشىنىمەن دىگەنىدىم،ئەمما ئاخىرىدا مەغلۇپ بولدۇم.پۇشمان،چارچاش ۋە نۇرغۇنلىغان ئەجەپلىنەرلىك تاقەتسىزلىكلەر،ئىرادەمگە باقمىغان كۆزياشلار مېنى ئويلاتتى.قانداق قىلىمەن؟؟ھەممسىنى ئۆز ئەركىگە قويۇپ بەردىم،قانغىچە يىغلىدىم،ئۆزۈمنى تاشلىۋەتتىم،ھىسياتلىرىمنىڭ چۇلۋۇرىنى بوشىتىپ تاشلىدىم،كۆڭلۈمنى ئەمىن تاپقۇزدۇم،ھەقىقەتەنمۇ بەك چارچاپ كىتىپتىمەن.رىئال دۇنيانىڭ ئازاپلىرىدىن،روھىيىتىمدىكى ئىشكەللەردىن قۇتۇلۇشنى ئويلايمەن،ئاركىن پەرۋاز قىلىشقا يىتىشنى ئويلىمىساممۇ ،ئەمما ئۆزۈمگە چۇشلۇق بوشلۇقۇم بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن،چارچاش،غېرىپلىق دەل ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ئورتاق تېمىسى...... ئۇزۇن قارا كىچىلەردە،تىنىمسىز خىياللىرىم ئېقىۋاتقان رېتىملاردۇر،سەللا ئېزىپ كەتسەم قەلبىمنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىدىكى مېنى كىچىچە ئازاپلايدىغان تاۋۇشلىرىنى چالىدۇ،ئەمما شۇنداقتىمۇ كۆڭۈل چىگىشلىرىم يىشىلمەيدۇ،مۇنبەرگە يازغان تىللىرىم بولسا غېرىپلىق گىرداۋىنى ساقلاۋاتقان،مۇدھىش كىچىلەردىكى يۆگەنسىز خەياللىرىمنىڭ ئەكسىدۇر.كىشىلەر غېرىپلىق پەردىسىنى يىرتىپ تاشلاپ،جاھان خولۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشنى،شېرىن شاراپ،ئېسىل لەززەتلەر دۇنياسىدا مەست بولۇشنى ئىزدىشىدۇ،ئەمما ئېنىقكى ئۇلار شاراپلاردا ئۆزىنى يوقىتىپ،ئىسلار قوينىدا ئۆمرىنى خاراپ ئىتىشىدۇ. رىقابەت بىلەن تولغان مۇشۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ خىزمەن بېسىمى،تۇرمۇش بېسىمى ۋە «خان»بېسىملىرى بولىدۇ،بۇ يۈزلەنمەي بولمايدىغان بىر رىئاللىق!بېسىم بىر خىل قوش بىسلىق خەنجەر،بىر جەھەتتىن،ئۇ ياشاشنىڭ ئاساسى ۋە تۈرتكىسى بولسا،يەنە بىر جەھەتتىن،ئۇ ئىنسانىي تەبىئەتنى دەپسەندە قىلىدۇ ۋە ئۆزگەرتىدۇ. غېرىپسىنالمايدىغان،غېرىپلىقتىن قورقىدىغان،ئۇنى ئۆچ كۆرىدىغان كىشىلەر زېرىكىشنىڭ نىمىلىكىنى بىلەلمەيدۇ.كىشىلەر يالغۇزلۇققا بەرداشلىق بېرەلىگىنى بىلەن،غېرىپلىققا چىدىيالمايدۇ.چۈنكى يالغۇزلۇق ئىچىدىكى غېرىپلىقتا ئۆزىمىزنى تونىۋالالايمىز،ئەمما غېرىپلىق ئىچىدە يالغۇزلۇقنى يۈرەك تارىلىرىمىز بىلەن چىكىشىمىزگە توغرا كىلىدۇ.ناۋادا سىز يالغۇز قېلىپ باقمىغان بولسىڭىز،ئۇنداقتا سىز كىشىنى تۇنجۇقتۇرىدىغان غېرىپلىقنى ھىس قىلىپ باقمىغان بولىسىز،يالغۇز غېرىپلىق يېشىنىڭ تەمىنىڭ قانداق بولىدىغىنىنىمۇ بىلەلمەيسىز..... يېرىم كىچىدە ھەممە ئۇيقۇدا،شاماللارنىڭ زىمىننى سۆيۈپ ئۆتكەن تاۋۇشلىرى ئېنىق ئاڭلىنىدۇ،كاللامدا ئۆتمۈشنى ئەسلەشلەر،ھالبۇكى خىياللىرىم تېخىچە ئۆزىنى قويىدىغان يەرنى تاپالماي يۈرىدۇ.يوتقانغا كىرىۋالغىنىم بىلەن،توختىماي ئۆرۈلىمەن،ئۇيقۇلىرىم قاچقان.قارىغاندا بۇ كىچە ئۇيقۇ مەن بىلەن خوشلاشقان ئوخشايدۇ..... خىياللىرىمغا ئەگىشىپ ئاسمانغا چىقىپ،يەرگە كىرىپ،مەستخۇشلۇق ئىچىدە ئۆزۈمنىڭ ھەقىقىي ئەكسىمنى ئىزدىدىم،پەردازلانمايدىغان مىجەزىمنى،ھەقىقىي ئۆزۈمنى ئىزدىدىم،مۇشۇنداق قاتمال دۇنيادا ئۆزىگە تەئەللۇق غېرىپلىققا ئېرىشىشكەندىلا،غېرىپلىق جامىدا شېرىن شاراپ ئىچىكەندىلا،غېرىپلىقنىڭ مەنىسىنى تونۇپ يىتىپ،كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ ئاجايىپ لەززەت ۋىسالىغا يەتكىلى بولىدىكەن....
[attachment=4912] [attachment=4909][attachment=4913]
[flash=500,400]http://www.maidee.com/v/43Ev33sqa0.swf[/flash]
Feelings, nothing more than feelings, trying to forget my feelings of love. Teardrops, rolling down on my face, trying to forget my feelings of love. Feelings, for all my life I'll feel it. I wish I've never met you, girl. You'll never come again. Feelings'Feelings'Feel you again in my arms. Feelings, feelings like I've never lost you, and feelings like I'll never have you again in my heart, again in my life. Feelings' Feelings' Again in my heart. Feelings'Feelings.[/size][/color]
0 سۆز قالدۇرۇڭ:
ئىنكاس يېزىش