2008/05/31

ھەسەتخورلۇق توغرىسىدا

[color=#669900][size=5]ھەسەتخورلۇق دىگەن نىمە؟ ھەسەتخورلۇق ئىقتىدار،شۆھرەت،ئىجتىمائىي ئورنى ۋە تۆھپىسى جەھەتتە ئۆزىدىن ئارتۇق بولغان كىشىلەرگە بولغان بىر خىل ئۆچ ساقلاش كەيپىياتىدىن ئىبارەت.ئۇ خۇددى ياۋا ئوتقا ئوخشاش كىشىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر يېرىدە ئۆسۈپ،كىشىنىڭ ھەرىكەت ۋە ھۆكۈم ئىقتىدارىغا تەسەر كۆرسىتىدۇ. ھەسەتخورلۇق كەيپىياتى كۆپىنچە دوست-يارەنلەر،ساۋاقداشلار،خىزمەتداشلار ئوتتۇرىدا ناھايىتى ئاسانلا پەيدا بولىدۇ.چۈنكى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىدىكى رىقابەت كەسكىن بولغاچقا،كۆپچىلىك بىللە تۇرغاندا تۇيۇقسىزلا بىرەيلەن ئالغا بېسىپ كەتسە،باشقىلارنىڭ ئىچى قوتۇرلۇقىنى ئاسانلا قوزغاپ قويىدۇ.ئەمما ناتۇنۇش كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا ھەسەتخورلۇق كەيپىياتى ئاسان يۈز بەرمەيدۇ،چۈنكى ئۆز-ئارا ئورتاقلىق ۋە چۈشىنىش بولمىغان ئەھۋالدا،ئىككى شەخسنىڭ ئۆز-ئارا ئانچە كارى بولۇپ كەتمەيدۇ،پەۋقۇلادە بۇ خىل كەيپىيات پەيدا بولغان تەقدىردىمۇ ناھايىتى تېزلا يوقۇلىدۇ ھەمدە كىشىگە ئېلىپ كەلگەن قايغۇسىمۇ ئانچە ئېغىر بولمايدۇ.ھالبۇكى خىزمەتداشلار قاتارلىق مەنپەئەت چىتىشلىقى بولغان كىشىلەر ئارىسىدا مەڭگۈ رىقابەت بولىدۇ،رىقابەت بولغانىكەن ھەسەتخورلۇقنىڭ شەكىللىنىشى مۇقەررەر!ئارىدىكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتى دەل بۇ خىل كەيپىياتنىڭ قوزغىغۇچىسىدۇر! ئىنسانىيلىقتا نورمال كىشىلەرنىڭ ھەممىسىدە بۇ خىل كەيپىياتنىڭ بولۇشى نورمال ئەھۋال،باشقىلارنىڭ ئۆزىدىن ئېشىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ھەۋەس قىلىماسلىق،ئىچى قوتۇرلۇق قىلماسلىق ۋە كۆزى قىزارماسلىقى مۇمكىن ئەمەس.ھەممىدىن مۇھىمى كۆرەلمەسلىك كەيپىياتى شەكىللەنگەندىن كىيىن قانداق قىلىشتا! كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە ئىسىل پەزىلەتلىك كىشىلەر ھەرگىزمۇ باشقىلارنى كۆرەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ دەپ قارىلىدۇ.ھالبۇكى بۇ بىر خىل خاتا بولغان ئاممىۋى قاراش،مەسىلىنىڭ يىلتىزىنى ئىزدىگەندە ئىسىل پەزىلەتلىك كىشىلەردىمۇ ھەسەتخورلۇق ئىدىيىسى بولىدۇ،ئەمما ئۇلارنىڭ ئاۋام بىلەن ئوخشىماسلىقى شۇكى،ئۇلار ئالىيجاناپ پەزىلىتى بىلەن بۇ خىل ھەسەتخورلۇق ئىدىيىسىنى تېزگىنلىگەن،ئۆز قەلبىدىكى ھەسەتخورلۇق ئوتىنى ئۆچۈرگەن،ئۆزىدىن ئېشىپ كەتكەنلەرنى دۈشمەن ئەمەس بەلكى رىقابەتچىسى دەپ قارىغان!رەقىبىنىڭ غىدىقلىشى ئىسىل پەزىلەتلىك كىشىلەرنىڭ كۆرەش قىلىش ئىرادىسىگە ئۆزگەگەندىن كىيىن،ئۇلار قەدىمىنى تېزلىتىپ ئالدىدىكىلەرگە يىتىشىۋىلىشقا تىرىشىدۇ،ئۇلار ئۆمۈر بويى مۇشۇنداق قوغلىشىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىسىل پەزىلىتىنى يىتىلدۈرگەن بولىدۇ. ھەسەتخورلۇق ئىدىيىسىنىڭ يۇقۇرىقىدەك قارشى ھالدا پەيدا قىلغان كۆرەش قىلىش ئىدىيىسى نۇرغۇنلىغان ئىسىل ئىختىساس ئىگىلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. شۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى:كھەسەتخورلۇق ئىدىيىسى بىر قوش بىسلىق قىلىچ بولۇپ،ئۇ ئىسىل پەزىلەتلىك كىشىلەرنى پەيدا قىلىپلا قالماستىن يەنە بىر ئەۋلات نائەھلى مۇناپىقلارنىمۇ بارلىققا كەلتۈرەلەيدۇ. ئۇنداق نائەھلىلەر باشقىلارنىڭ ئېشىپ كەتكىنىنى كۆرەلمەيدۇ،ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكى كىشىلەر چوقۇم ئۇنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىدۇ.ئەقلى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا نائەھلىلەردە ئەقىلمۇ كەم ئەمەس،ئەمما،ئۇلارنىڭ ئەقلىنى كۆرەلمەسلىك كونترول قىلغان بولىدۇ.ئۇلار ھەر دائىم يامان نىيەت بىلەن ئۆزىدىن ئېشىپ كەتكەنلەرنى قەستلەش نىيىتىدە بولىدۇ،بىر ئاماللارنى قىلىپ،ئالدىدىكىلەرنىڭ قەدىمىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ،ئۇلارنى زەخمىلەندۈرىدۇ،ئۇلارنى كەينىدە قالدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ چىرايىغا تۈكۈرۈپ ئوينايدۇ! نائەھلىلەردە كەڭ قورساقلىق كەمچىل بولىدۇ،ياماندىن قورقۇپ،يۇۋاشنى بوزەك قىلىدۇ،شۆھرەت قوغلىشىدۇ،ئۆزىنىڭكىنىلا راست دەپ تۇرىۋالىدۇ،دائىم كۆرەڭلەر چوڭچىلىق قىلىشىدۇ.ئۇلار ھەرگىزمۇ قوساقتىكى ئۇمىچى بىلەن رىقابەتلەشمەستىن،بەلكى كاززاپلىق ۋە ئىپلاس ۋاستىلەر بىلەن ئاۋامنىڭ كۆزىنى بويايدۇ،بىزنىڭ بۇ ئىنسانىيەت دۇنيارىمىزدا بۇ توغرىسىدىكى پاجىئە ۋە ھىكايىلەرنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ! رىئاللىقتا،بىز دائىم مۇنداق ئىشقا يولۇقىمىز:بىز خېلى يامان ئەمەس دەپ قارايدىغان بەزى كىشىلەر،ھەسەتخورلۇق ئىدىيىمىزنىڭ تۈرتكىسى بىلەن بەزىدە كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان بىر ئىشلارنى قىلىپ قويىدۇ.بۇنى بىز كىيىن قانچىلىك ئويلىغىنىمىز بىلەنمۇ ئۇنىڭ نىمىشقا شۇنداق قىلغانلىقىمىزنى بىلەلمەيمىز،رىئاللىقنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيمىز.ئەمەلىيەتتە بۇ دەل ھەسەتخورلۇق ئىدىيىسىنىڭ شۇ كىشىنىڭ ھىسياتى ۋە قەلبنى چىرماپ،كونتىرول قىلىۋالغانلىقىنىڭ نەتىجىسى،بۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشى شۇنداق بىچارە ۋە خورلۇق ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ،ئۇنىڭ قەلبىدە پەقەتلا ھەسەتخورلۇقتىن باشقىنىڭ ئەسەرى بولمايدۇ.بۇ ئۇنىڭ قەلبىنى قاپلاپ،ئۇنىڭ قەلبىگە قىلمۇ سىغماس بولۇپ كىتىدۇ.ھەر قانداق ھەرىكىتىنىمۇ ھەسەتخورلۇق كونترول قىلىۋالىدۇ. ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلانساق،بىز ئۆزىمىزنىڭ قايغۇمىز بىلەن بۇ دۇنياغا كىلىپ،ئاۋامنىڭ كۆز يىشى بىلەن ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىمىز.كىشىلىك ھايات شۇ دەرىجىدە قىسقا،كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا ئۆتۈپ كىتىدۇ!بۇنىڭدىن بىز دائىم ئۇھ تارتىپ:«ياشلىق باھارى كەتسە قايتا كەلمەيدىكەن»دەپ قويىمىز.قىسقا ئەمما گۈزەل ھاياتىمىزنى كىمنىڭمۇ بىكاردىن بىكار ئۆتكۈزىۋەتكىسى كىلەر!؟كىممۇ تۇرمۇشىنىڭ مەنىلىك بولۇشىنى ئارزۇ قىلمىسۇن؟!شۇ خىياللار بىلەن سەمىمىيەت قايچىسىنى قولىمىزغا ئېلىپ،ھاياتلىق دەرىخىمىزدىكى ھارام شاخلارنى پۇتاپ،سارغايغان يۇپۇرماقلارنى تازىلىۋەتسەكلا،ھاياتلىقىمىزنىڭ كۈز پەسلى كەلگەندىمۇ،بىزنىڭ ھاياتلىق دەرىخىمىز مىۋىلەپ بۆك-باراقسانلاپ تۇرىدۇ! ھەسەتخورلۇق ھەر قانداق كىشىدە بولىدۇ،تۇغۇلۇشتىنلا بىزنىڭ پەزىلەتلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.ئۇ سىزنى جەننەتكىمۇ جەھەننەمگىمۇ يولغا سالالايدۇ!بىزىدە ئادەم شۇ بىر دەملىك خاتالىقىنىڭ دەردىنى ئۆمۈرۋايەت تارتىپ قالىدۇ.ئۆزىنىڭ ئىچى تارلىقىنى يېڭەلىگەن كىشىنى ناھايىتى قابىلىيەتلىك كىشى دەپ قاراشقا بولىدۇ.ھەسەتخورلۇق بىر خىل ھىسيات،بىر خىل كەيپىيات بولۇش سۈپىتى بىلەن بىزنىڭ سالامەتلىكىمىزگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.مەيلى قاچان،قەيەردە بولمايلى،ھەسەتخورلۇقىمىزنى كونترول قىلالمىساق،ئۇنى تاشلىيالمىساق،توغرا بىر تەرەپ قىلالمىساق،تۇرمۇشىمىزدا ناھايىتى ئېغىر يۈكنى ئارتىپ مېڭىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىمىز! ھەسەتخورلۇق كىشى ھاياتلىقىدىكى بىر يامان ئۆسمە،ئۇنى ئېلىپ تاشلىمىسا بىر كۈنى بولماي بىر كۈنى قوزغالماي قالمايدۇ،ئۇنىڭ بىر قىتىملىق قوزغىلىشىلا پۇتۇن ئۆمرىڭىزنى ۋەيران قىلىۋىتەلەيدۇ!چۈمۈلىنىڭ كىچىككىنە ئۆيىمۇ بىر دامبىنى كاردىن چىقىرىۋىتەلەيدۇ! ئۆزىمىزنى ئىتراپ قىلايلى،ئۆزىمىزنىڭ ھەسەتخورلۇقىمىزنى ئىتىراپ قىلايلى!ئۆزىمىزدىكى ئاجىزلىقنى ئىتىراپ قىلايلى!بۇ نوقتىغا توغرا قارىساقلا ھەسەتخورلۇق ئىدىيىسىنى كۆرەش قىلىش كۈچىگە ئۆزگەرتىش دەل بىزنىڭ كەڭ قوساقلىقىمىزنىڭ ۋە ئالىيجاناپلىقىمىزنىڭ نامايەندىسى ئەمەسمۇ؟! [/size][/color]
[backcolor=#66CC00][size=6]بۇ تېمىنىڭ تەھرىرلىكىگە باشقۇرغۇچى ئادىلە جىق ياردەم بەردى! ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن![/size][/backcolor]
مەنبە:[url]http://literary.goodmood.com.cn/2007/9-21/2007092110245256129.html[/url]

0 سۆز قالدۇرۇڭ: