2008/05/31

يەتتە يۇمۇردىن يەتتە تۇرمۇش پەلسەپىسىنى ئۈگىنىش(سەلكىن تەرجىمە مۇكاپاتىغا)

[color=#6600CC][size=5]1.ئىنژىنىربىر ئايال ئىنژىنىرغا تېلىفون قىلىپ،ھەر قېتىم پويىز ئۆيىنىڭ قېشىدىن ئۆتكەندە،ئۇنىڭ كارۋىتىنىڭ تىترەپ كىتىدىغىنىنى ئېيتىپتۇ.-قۇرۇق گەپ!-دەپتۇ ئىنژىنىر ۋە :-مەن ئۆزۈم بېرىپ سىناپ باقاي!-دەپتۇ.ئىنژىنىر كەلگەندىن كىيىن،ھىلىقى ئايال ئۇنى كارىۋاتتا يېتىپ،پويىز ئۆتكەندىكى تىترەشنى ھىس قىلىپ بېقىشىنى سوراپتۇ.ئىنژىنىر ئەمدى كارىۋاتقا يىتىشىغىلا،ئايالنىڭ ئېرى كېلىپ قاپتۇ-دە،ئۇنىڭ كارىۋاتتىلىقىنى كۆرۈپ ئاچچىق بىلەن:-سەن مېنىڭ خوتۇنۇمنىڭ كارىۋىتىدا نىمە قىلىسەن؟-دەپتۇ.ئىنژىنىر ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن:-مەن پويىزنى ساقلاۋاتىمەن دىسەم ئىشىنەمسىز؟-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.[/size][/color]
[color=#66CC00]تۇرمۇش ئەسلەتمىسى:بەزى سۆزلەر راست بولسىمۇ،ئاڭلىنىشقا ئىنتايىن يالغان تۇيۇلىدۇ.بەزى سۆزلەر يالغان بولسىمۇ،ئەمما ھىچكىم ئۇنىڭدىن گۇمان قىلمايدۇ.[/color]
[color=#6600CC][size=5]2.ئازدۇرۇشئەنگىلىيەلىك مۆتىۋەر بىلەن فرانسىيەلىك ئايال بىر دوژنا(ۋاگون بۆلۈمچىسى)دە ئىكەن.ئايال ئەرنى ئازدۇرماقچى بولۇپ،كىيىمىنى سېلىۋىتىپ بولۇپ بەك توڭلاپ كەتتىم دەپ غەلۋە قىپتۇ.مۆتىۋەر ئۆزىنىڭ يوتقىنىنى ئۇنىڭغا بېرىپتۇ.ئەمما ئايال يەنە غەلۋە قىلىۋېرىپتۇ.-مەن سىزگە نىمە قىلىپ بەرسەم بولىدۇ ئەمدى؟-دەپتۇ مۆتىۋەر بىزار بولغان ھالدا.-مەن كىچىك ۋاقتىمدا ئاپام مېنى قوينىغا ئېلىپ ئىسىتىپ قوياتتى.-خېنىم،ئەمىسە مەن ياردەم قىلالمىغۇدەكمەن،نىمىلا بولمىسۇن مۇشۇ چاغدا پويىزدىن سەكرەپ چۈشۈپ ئاپىڭىزنى ئەكىلىپ بەرمەسمەن ئەمدى؟![/size][/color]
[color=#669900]تۇرمۇش ئەسلەتمىسى:قىزىقتۇرۇشنى توغرا بىر تەرەپ قىلغانمۇ نوچى ئەر ھىساپلىنىدۇ،قىزىقتۇرۇشنى قوبۇل قىلمىغان تېخىمۇ بەك نوچى ئەر ھىساپلىنىدۇ.[/color]
[color=#6600CC][size=5]3.قوشۇقخىرىدار رېستۇرانغا كىرىپ،سۇيقاش بۇيرۇپتۇ،مۇلازىم دەرھال ئەكىلىپتۇ.مۇلازىم ئەمدىلا كەينىگە بۇرۇلۇشىغىلا،خېرىدار ۋاقىراپتۇ:-كەچۈرۈڭ،مەن بۇ سۇيقاشنى ئىچەلمەيمەن.مۇلازىم ئۇنىڭغا يەنە بىر قاچا كەلتۈرۈپتۇ.ئەما خىېرىدار يەنىلا:-كەچۈرۈڭ،مەن بۇ سۇيقاشنى ئىچەلمەيمەن-دەپتۇ.مۇلازىم ئامالسىز مەسئولىنى چاقىرىپتۇ.مەسئول خېرىدارغا سالام-تازىم قىلىۋەتكەندىن كىيىن،ئۇنىڭدىن:-ئەپەندىم،بۇ تاماق بىزنىڭ خىل تامىقىمىز ئىدى،سىزگە نەرى يارى......-دەپ سوراپ تۇرۇشىغا،خېرىدار سوراپتۇ:-مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم،بۇنى ئىچىدىغان قوشۇق قېنى؟[/size][/color]
[color=#669900]تۇرمۇش ئەسلەتمىسى:خاتالىقنى تۈزىتىش ياخشى ئىش،ئەمما بىز دائىم توغرىسىنى ئۆزگەرتىۋىتىپ،خاتاسىنى ساقلاپ قالىمىز،نەتىجىدە تېخىمۇ خاتالىشىمىز.[/color]
[color=#6600CC][size=5]4.خاتا كىيىپ قېلىشمىھمانخانىدا بىز خىرىدار تەمتىرىگەن ھالدا يەنە بىر خىرىدارنى تۈرتۈپتۇ،ئۇ كىشى پەلتۇ كىيىۋاتقانىكەن.-كەچۈرۈڭ،سىز ئادىل ئەپەندى بولامسىز؟-ياق،مەن ئەمەس-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ھىلىقى كىشى.-ھە-دەپ ئۇلۇق تىنىپتۇ باشتىكى خېرىدار:-ئۇنداقتا خاتالاشماپتىمەن،مەن ئادىل بولىمەن،سىز ئادىلنىڭ پەلتۇسىنى كىيىۋاپسىز.[/size][/color]
[color=#669900]تۇرمۇش ئەسلەتمىسى:ئۆز مەقسىدىنى دادىل ئۇقتۇرۇش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس،دادىل كىشىنىڭ كۆپىنچە دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كىتىدۇ،ھالبۇكى زومىگەرلەرنىڭ بولسا خورىكى ئالامەت چوڭ بولىدۇ.[/color]
[color=#6600CC][size=5]5.جاۋاپ قايتۇرۇشبىر شوتلاندىيىلىك لوندونغا بېرىپ،ئۆتەر يولدا بىر دوستىنى يوقلىماقچى بوپتۇ.ئەمما ئۇنىڭ ئادرىسىنى ئۇنتۇپ قالغاچقا ئۆيىگە«سىز توماسنىڭ ئادرىسىنى بىلەمسىز،تېز جاۋاپ قايتۇرۇڭ»دەپ تىلىگىرامما يوللاپتۇ.شۇ كۈنلا ئۇ «بىلىمەن»دەپ يېزىلغان جىددى جاۋاپ تېلىگرامما تاپشۇرىۋاپتۇ.[/size][/color]
[color=#669900]تۇرمۇش ئەسلەتمىسى:بىز ئاخىرى ئەڭ توغرا جاۋاپنى تاپقىنىمىزدا،ئۇنىڭ كېرەكسىزلىكىنى بايقايمىز.[/color]
[color=#6600CC][size=5]6.كۆڭۈلنى يېرىم قىلغان ئىشئۈچ كىشى نىيو-يورىكقا بېرىپ ساياھەت قىپتۇ،ئۇلار بىر ئالىي مىھمانخانىنىڭ 45-قەۋىتىدىن بىر ئۆي تىزىملىتىپتۇ.بىر كۈنى كەچتە لېفىت بۇزۇلۇپ قېلىپ،مۇلازىم ئۇلارنى چوڭ زالدا ئۇخلاشقا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ.ئۇلار مەسلىھەتلەشكەندىن كىيىن،ئۆيىگە چىقماقچى بولۇشۇپتۇ،ھەمدە نۆۋەتلىشىپ يۇمۇر ،ناخشا ۋە ھىكايە ئېيتىشىپ،ھارغىنلىقىنى تۈگەتمەكچى بوپتۇ.ئاران 34-قەۋەتكە چىققاندا،ھەممەيلەننىڭ ھېرىپ ھالى قالماپتۇ-دە،پىتىرغا قاراپ:-بولىدۇپىتىر،سەن بىر يۇمۇرلۇق ھىكايە ئېيتقىن-دەپتۇ.پىتىر:-ھىكايە ئۇزۇن ئەمەس،ئەمما ئادەمنىڭ كۆڭلىنى بەك يېرىم قىلىدۇ،مەن ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى زالدا ئۇنتۇپ قاپتىمەن.[/size][/color]
[color=#669900]تۇرمۇش ئەسلەتمىسى:ئازاپلانغاچقا يۇمۇر ئېيتىمىز،يۇمۇر بولغاچقىلا خۇشال تۇرىمىز.[/color]
[color=#6600CC][size=5]7.كىتاپ سېتىشبىر داڭلىق يازغۇچى كىتاپخانىغا ئىكىسكۇرسىيە قىلغىلى كەپتۇ.كىتاپخانا خوجايىنىنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كىتىپتۇ،ھەمدە بارلىق كىتاپلارنى چۈشۈرىۋىتىپ،شۇ يازغۇچىنىڭ كىتابىنى تىزىپ قويۇپتۇ.يازغۇچى كىتاپخانىغا كىلىپ،ئىنتايىن خۇشال بولۇپ سوراپتۇ:-بۇ كىتاپخانىدا مېنىڭلا كىتابىم سېتىلامدۇ؟-ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ خوجايىن:-باشقا كىتاپلارنىڭ بازىرى ئىتتىك بولغاچ سېتىلىپ بولدى.[/size][/color]
[color=#669900]تۇرمۇش ئەسلەتمىسى:«پوداقچىلىق قىلىش»غەلىتە سۆز،بۇ سۆز بەزىداقارشى تەرەپنى مەدھىلەۋاتقانداك،يەنە بەزىدە ئۇنى ھاقارەتلىگەندەك تەسىر بېرىدۇ.[/color]
مەنبە:[url]http://www.5i5art.com/fun/dongniao/test/show.asp?id=460[/url]
تەھرىر:قوغدىغۇچى

0 سۆز قالدۇرۇڭ: