2008/05/31

تەتقىقاتىمدىن نەتىجىلەر

[color=#669900][size=4]مېنىڭ يېقىنقى ئىزدىنىشلىرىم دىئابىت كېسىلى ئۈستىدە بولىۋاتىدۇ.نەچچە ئاي مابەينىدە،نۇرغۇن چاشقانلارنى قەتلى قىلدىم،نۇرغۇن دورىلارنى سىناق قىلدىم.تۆۋەندە كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن،قىزىقىدىغان تورداشلىرىمنىڭ ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن،بەلكىم مۇھىم بايقاشلار بولسا ئەجەپ ئەمەس.قەنت مىتابولىزىمى
1.دىئابىت كىسىلىنى تۈرگە بۆلۈشبەدەندە بېتا ھۈجەيرىسى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ھۈجەيرە بولۇپ،بۇ خىل ھۈجەيرە ئادەتتە ئاشقازان ئاستى بېزىدە بولۇپ،ئاساسلىق ئىقتىدارى :ئوزۇقلانغاندىن كىيىن،يىمەكلىكتىن كىچىك ئۈچۈيدە سۈمۈرۈلگەن قەنتلەر قانغا كىرگەندىن كىيىن،بۇ خىل ھۈجەيرە قاندىكى يۇقۇرى قان قۇيۇقلۇقىنى سېزىپ،دەرھال ھەرىكەتلىنىپ،ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىدۇ،ھەم ئۇنى قانغا قويۇپ بېرىدۇ.قاندىكى ئىنسۇلىن بەدەن ھۆجەيرىلىرى يۈزىدىكى ئىنسۇلىن تەسىرچىسى بىلەن رىئاكسىيەلەشكەندىن كىيىن،ھۈجەيرىنىڭ مىتو خوندىرومى ھەرىكەتلىنىپ،ھۈجەيرە ئىچىدىكى قەنت توشۇغۇچى تەركىپلەر ئاكتىپلىنىپ،قاندىكى قەنت ھۆجەيرىگە سۆمۈرۈلۈپ،مىتوخوندرومدا ئىنىرگىيە ئىشلەپچىقىرىلىپ،بەدەنگە بولغان ئىنىرگىيە قانىدۇ.بەدىنىمىزدە ئاساسلىق جىگەر،ياغ قاتلاملىرى ۋە مۇسكۇللاردا ئاساسلىق قەنت مىتابولىزىمى بولىدۇ.
1-خىلدىكى دىئابىت كىسىلىبۇ خىل كىسەلدە،بېتا ھۆجەيرىسىنىڭ ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىش قابىلىيىتى ئاجىزلىغان ياكى يوقالغان بولۇپ،بىمار ئۆزى ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرالمىغاچقا،سىرتتىن ئىنسۇلىن ئۇكۇل قىلىنىپ،قاندىكى ئىنسۇلىن سەۋىيىسى ساقلىنىدۇ.
2-خىل دىئابىت كىسىلىبۇ خىل دىئابىت سەل خەتەرلىك بولۇپ،بۇنىڭدا ئاساسلىقى بەدەن ھۆجەيرىلىرىنىڭ ئىنسۇلىنغا بولغان سەزگۈرلىكى تۆۋەنلەپ كىتىدىكەن،شۇڭا گەرچە بېتا ھۆجەيرە ئىندۇلىن ئىشلەپچىقارسىمۇ،ئەمما ھۆجەيرىلەر سەزگۈرلىكىنى يوقاتقاچقا،قەنتلەر بەدەن ھۆجەيرىلىرىگە سۆمۈرۈلمەيدىكەن.بۇ خىل كىسەلنى خەلقارادا ئېرسيەتچانلىقى كۈچلۈك ،ئەگەشمە كىسەللىكى كۆپ،داۋالاش بىر قەدەر قىيىن دەپ قارىماقتا.
مېنىڭ ئىزدىنىشىم:1.بىزنىڭ ئىنىرگىيە قوبۇل قىلىشىمىز:ھازىر تۇرمۇشىمىز بارغانسىرى ياخشى بولىۋاتىدۇ،دىئابىت كىسىلىنىڭ «بايلىق»كىسىلى دەيدىغان ئىسمىمۇ بار،بۇنداق دىيىشتىكى سەۋەپ،داۋاملىق يۇقۇرى ئىنىرگىيىلىك ھەركەت يەۋەرسەك،ھەمدە مۇۋاپىق ھەرىكەت بولمىغاندا ئاسسىملاتسىيە دېسسىملاتسىيەدىن ئېشىپ كىتىپ،ئارتۇق ئېنىرگىيە بەدەندە تويۇينغان ياغ شەكلىدە جۇغلىنىدۇ.بەدەندىكى ياغلارنىڭ بەدەنگە ئانچە زىيىنى يوق،ئەمما ئەركىن ياغ كىسلاتاسى (free fetty acid) دەيدىغان بىر خىل تەركىپ بولۇپ،بۇ خىل تەركىپ قانغا بىرلىشىپ بەدەندە ئايلىنىپ يۈرىدۇ،ناۋادا بەدەننىڭ مەلۇم قىسىمى ياللۇغلانغاندا،ياللۇغلانغان ئورۇن مەلۇم خىل بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلارنى ۋە ماددىلارنى تارقىتىدۇ،بۇ چاغدا ئەركىن ياغ كىسلاتالىرى شۇ خىلدىكى ئاقسىل ياكى ماددىلار بىلەن بىرىككەندە،ناھايىتى ئاسانلار ئورگانىزىملارغا ،بولۇپمۇ قانتومۇرغا چۆكمىلىنىپ،يېڭى ياللۇغقا ئۇۋا بولۇپ بېرىدۇ.بۇنىڭدىن سىرت بۇ خىل ياغلارنىڭ يەنە بىر خەتەرلىك يېرى شۇكى،بۇ خىل ياغ كىسلاتالىرى ھۆجەيرە مىتابولىزىمىغا كىرگەندىن كىيىن،پارچىلىنىپ،ناھايىتى ئاسانلار ئەركىن رادىكاللىق بىرىكمىلەرگە ئايلىنىدۇ.ئەركىن رادىكار دىگىنىمىز بىر خىل ئاكتىپلاشقان رادىكاللىق ماددا بولۇپ،بەزىدە بەدەندە ياللۇغلانى،ھەتتا يادرو كىسلاتاسىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.شۇڭا مېنىڭ قارىشىمچە نورمال ئوزۇقلىنىش،تويۇينمىغان ياغلارنى ئىستىمال قىلىش(بېلىق قاتارلىقلار)،كاربونلۇق يىمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىش،بەدەنگە كىرگەن ئىنىرگىيە تەڭپۇڭلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
2.خېمىيىۋى ئوغۇتلۇق يىمەكلىكلەرھازىر تۇرمۇشىمىزدا خېمىيىۋى ئوغۇت تەركىبى بەك ئېغىر،چۈنكى خېمىيىۋى ئوغۇت ئۆسۈملۈكنى تېز ئۆستۈرىدۇ،ھوسۇلمۇ ئاشىدۇ،ئەمما ئۇنىڭ ياخشى تەرىپى بۇلۇشى بىلەن يەنە يامان تەرىپىمۇ بار.خېمىيىۋى ئوغۇتنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ئامموياك ۋە باشقا فوسفورلۇق تەركىپلەردىن تەركىپ تاپىدۇ.ناۋادا زور مىقتاردا خېمىيىۋى ئوغۇت ئىشلىتىلگەندە،ئۆسۈملۈك تەركىبىدىمۇ زور مىقتاردا شۇ خىلدىكى تەركىپلەر بولىدۇ.بۇ خىل يىمەكلىكلەرنى يىسەك بەدەنگە كىرگەندىن كىيىن،باشقا خىل زەھەرلىك تەركىپكە ئايلىنىش بىلەن بىرگە يەنە ئامموياك تەركىپلىرى بايا مەن تىلغا ئالغان ئەركىن رادىكاللارغا ناھايىتى تېزلا ئايلىنالايدۇ.نەتىجىسىمۇ مەن دەپ ئۆتكەندەك بولىدۇ.يەنە بىر خىيالىمدا،بۇ خىل يىمەكلىكلەرنىڭ ئىنساننىڭ روھىنى ۋە ئىرادىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش رولىمۇ باردەك قىلىدۇ،بۇ توغرىلىق داۋاملىق ماتىرىيال كۆرىۋاتىمەن.
3.بىز دىققەت قىلمايدىغان ئاستا خاراكتىرلىق ياللۇغلىنىشيىمەكلىكىمىزنىڭ سۈنئىيلىشىشىغا ئەگىشىپ،بەدىنىمىزمۇ ئاجىزلاپ كىتىپ بارىدۇ،ھەمدە بىزدىكى ھەرىكەتمۇ زور دەرىجىدە ئازلاپ كەتتى.دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى شۇكى،بەدىنىمىزدە كۈندە ھەر خىل ئۆزگىرىشلەر بولۇپ تۇرىدۇ،بولۇپمۇ بەزى ياللۇغلارغا سەل قارىساق بولمايدىكەن.مەسىلەن:بەزىمىزنىڭ بۇرنى تولا قانايدۇ،تولا قەقەچ بولىدۇ،تاتىلاپ يارا قىلىپ قويىمىز،بەزىمىزنىڭ تېرىسىنىڭ سېزىمچانلىقى زىيادە يۇقىرى،ھە دىسىلا قىچىشىدۇ،يارا بولىدۇ،يەنە بەزىلىرىمىزنىڭ بەدىنىمىزنىڭ ئۇ يەر بۇ يېرى سەۋەپسىزلا ئاغرىپ قالىدۇ.بەزىلىرىمىزنىڭ گېلى تولا ئىششىيدۇ.مۇشۇنداق چاغلاردا بولۇپمۇ مېنىڭ ھىس قىلغىنىم بەدەندىكى لىمفا بەزلەرگە يېقىن جايلار(مەسىلەن باش،قولتۇق،بۇيۇن ،چات ئارىلىقى ئەتراپى)بىئارام بولسا ياكى ياللۇغلانسا ھەرگىز سەل قارىماڭ.چۈنكى نۇرغۇن ماتىرىياللاردىن كۆرسەم ياللۇغ،بولۇپمۇ ئاستا خاراكتىرلىق ياللۇغلار بەدەنگە ھەر خىل زىيانلىق ئۇچۇرلارنى ۋە ئاقسىللارنى قويۇپ بېرىدىكەن.بۇ خىل تەسىرلەر بېتا ھۆجەيرىسىدىكىدەك ھۆجەيرىلەرنى تەركرار غىدىقلاۋەرسە، بۇ خىل ھۆجەيرىلەر بىر بولسا غىدىقلىنىشىنى يوقىتىدىكەن،بىر بولسا ئاستا خاراكتىردا ئۆلۈپ كىتىپ،بەدەننىڭ نومال فونكىسىيىسى تەسىرگە ئۇچراپ،بېشىمىزغا بالا بولىدىكەن.
4.بەزىبىر ھورمونلانغان يىمەكلىكلەرمىسالغا ئالسام ئاڭ تىپىك مىسال «ھورمۇنلانغان توخو گۆشى».ھەممىڭلار بىلىسىلەر ،دۆلىتىمىزدە ئادەم جىق،شۇڭا ئىشلەپچىقىرىش تېز بولمىسا خەلىق ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجى قانمايدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە ھايانكەشلىكمۇ بەك ئەۋج ئېلىپ كەتتى.ھازىر توخولارغا ۋە باشقا ھايۋانلارغا (avian pancreation polypeptide ,APP) دەيدىغان بىر خىل ھورمۇن ئۇرۇلىدۇ،بۇ خىل ھورمۇن،ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغان بىر خىل ھورمۇن(ئاقسىل) بولۇپ،بۇنى ئىشلەتكەندە ھايۋاناتنىڭ ئىشتىھاسىنى قاتتىق ئېچىۋەتكىلى بولىدۇ.شۇڭا بۇ خىلدىكى ھايۋانلار پۈدەپ چوڭ قىلغاندەك بىردەمدىلا چوڭ بولۇپ كىتىدۇ.ئۆتكەندە شاڭخەيدە بىر 10 ياشقا توشمىغان قىزنىڭ ھەيز كۆرگىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم،بۇ ھەقتە خەۋەرلەرمۇ بولغان ئىدى.شاڭخەيدە مەنمۇ تۇرۇپ باققان،ئۇ ياردە كىنتاكى(kentaki)،مس دونالد(MC Donald) قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى ۋە بولكا خاراكتىرلىق يىمەكلىكلەرنى كىچىك بالىلار بەك كۆپ يەيدۇ،بولكىغا نۇرغۇن ئېچىتقۇلار ۋە باشقا چىرىشنىڭ ئالغۇچى تەركىپلەرنى سالىدۇ.مانا مۇشۇ خىلدىكى يىمەكلىكلەرنى داۋاملىق ئىستىمال قىلساق،بەدىنىمىزدە بۇخىل ھورمۇن ۋە باشقا زىيانلىق تەركىپلەر جۇغلىنىۋېرىپ،بېتا ھۆجەيرىسىگە ئوخشاش بىچارە ھۆجەيرىمىز بەرداشلىق بېرەلمەي،ناھايىتى تېزلا ئىقتىدارىنى يوقۇتىدۇ.بۇنىڭدىن سىرت بەزىبىر ئۆستۈرگۈچى ھورمۇنلارنىڭمۇ ئاشقازان ئاستى بېزىنى ئىششىتىۋىتىدىغانى توغرىسىدىكى ماتىرىياللارنى كۆرۈپ قالدىم،دىمەك بەزىبىر خىلدىكى ھورمۇنلارنى بەك دىققەت قىلمىساق بولمىغۇدەك.
5.ھاراقئىسلام دىنىمىزدا دىيىلگەن ھاراق ھارام دەپ.بۇنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرىنىڭ بىرسى ھازىر تەتقىقات ئۈستىدە.بەزىبىر ماتىرىياللارنى كۆرسەم،بېتا ھۆجەيرىسىنى بەدەن سىرتىدا ئۆستۈرگەندىن كىيىن،ئۇنى ئىسپىرت بىلەن ئۇچراشتۇرسا،شۇ خىل ھۆجەيرىنى ئەجەللىك زىيانغا ئۇچرىتىدىكەن،بۇنىدىن سىرت ھاراقنىڭ جىگەرنى قاتۇرۇش رولىمۇ بەك ئېغىر.مەن باشتا سۆزلىگەندەك،ھېلىقى ئەركىن ياغ كىسلاتالىرى جىگەر توقۇلمىلىرى ئارىسىغىمۇ مەك ئاسان چۆكمىلىنىدىكەن،بولۇپمۇ ھاراقنىڭ تەسىرى بىلەن بۇ خىل چۆكمىلىنىش تېخىمۇ تېزلىشىپ،جىگەر قاتىدىكەن،شۇنىڭ بىلەن بەدىنىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئورگانىزىمى بولغان جىگەرنىڭ قەنتلەرنى سۈمۈرۈش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدىكەن ياكى يوقاپ كىتىدىكەن.مەن دەپ ئۆتكەندەك ياغ كىسلاتاسى پارچىلانغاندىن كىيىنكى ئەركىن رادىكاللار ۋە باشقا زىيانلىق ئۇچۇرلار جۇغلىنىپ،DNA نىڭ بۇزۇلۇشى ۋە باشقا يامان تەسىر پەيدا قىلىپ،ئاخىرىدا ئۆسمىگە ئايلىنىدىكەن.
6.سېمىزلىكئەركىن ياغ كىسلاتالىرىنىڭ تەسىرىنى باشتا سۆزلەپ ئۆتتۈم،بۇ يەردە يەنە داۋاملىق تىلغا ئالمايمەن.
7.چۈشكۈن كەيپىياتبىلىشىمچە كىشى داۋاملىق ئېغىر بېسىم ئاستىدا،چۈشكۈنلۈك ئاستىدا يۈرىۋەرسە،ئىشىنىمەنكى شۇ كىشىنىڭ بەدىنىدىمۇ ئاستا خاراكتىرلىق ياللۇغلىنىشلار بىخ سۈرىدۇ.يەنە بىر ئىزدىنىشىمدە،ئارقا كىچىك مېقىدىكى بەزى ئورۇنلار ئىشلەپچىقارغان بەزى ھورمۇنلارمۇ بەدەندىكى مىتابولىزىم ھۆجەيرىلىرىگە بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق تەسىر كۆرسىتىدىكەن.يەنە بىر دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى دائىم ھاراق-تاماكىنىڭ ،ئېغىر بېسىمنىڭ ئاستىدا يۈرگەن كىشىلەرنىڭ نېرۋا سېستىمىسىنىڭ شۇنداقلا ئىچكى ئاجراتما سېستىمىسىنىڭمۇ ئىشلەپچىقىرىشى چوقۇم قالايمىقانلىشىدۇ،شۇڭا بۇ خىل تۇرمۇش شەلكىنى ئىمكانقەدەر تۈزۈتۈش كېرەك.
يەنە نۇرغۇن مەزمۇنلارنى ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن كىيىنچە تولۇقلارمەن.پىكىرىڭلار بولسا ياكى سۇئاللار بولسا يوللارسىلەر،بىللە مۇزاكىرە قىلارمىز،پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن بىر قانچە ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنى يوللاپ قويدۇم،پايدىلىنارسىلەر.
diabetes,beta cell,B cell,MAPK pathway,PIP3 pathway,Islet,Pancrease,Glucose,Hormone,Insulin receptor,GLUT4,cell apoptosis,Alchol[/size][/color]

0 سۆز قالدۇرۇڭ: