[color=#0000FF][size=4]كىيىمنىڭ پاسونى،رەڭگى قاتارلىق ئامىللار بەدەن قۇرۇلمىسىنى بېزەيدۇ ۋە گۈزەللەشتۈرىدۇ.كىيىم تاللىغاندا ئاۋال ئۆز بەدەن قۇرۇلمىڭىزنى تەپسىلى كۈزىتىپ بېقىشىڭىز كېرەك.مەسىلەن،مۆرە بىلەن كاسسىڭىزنىڭ نىسبىتى،بېلىڭىزنىڭ ئىگىزلىكى قاتارلىقلار.تۇرمۇشىمىزدا بەدەن قۇرۇلمىسى ئۆلچەملىك كىشلەر ئۇنچە كۆپ ئەمەس،كىيىمنى ياراشتۇرۇپ كىيىشنىڭ مەقسىدىمۇ،كۆزنى ئالداش ئارقىلىق،بەدەن قۇرۇلمىسىدىكى نوقسانلارنى يېپىش،كۆرۈنۈشىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن ئىبارەت.بۇ مەقسەتكە كىيىمىىزنىڭ پاسونى،سىرتقى شەكلى،رەڭگى قاتارلىقلارنى تاللاش ئارقىلىق يەتكىلى بولىدۇ.تۆۋەندە بىر نەچچە خىل بەدەن شەكلى تۇنۇشتۇرىلىدۇ.
1.مۆرە كەڭلىكى كاسسا كەڭلىكىدىن چوڭ بولغانلار.بۇ خىلدىكى بەدەن قۇرۇلمىسى بىر قەدەر سىپتا بولۇپ،كۆپخىل كىيىملەرنى تاللاپ كىيىشكە بولىدۇ. [attachment=3382] 2.مۆرە بىلەن كاسسا كەڭلىكى ئوخشاشلارئۆرە بەدەن خىلىدىكى بەدەن قۇرۇلمىسى بۇلۇپ،كىيىم تاللىغاندا قېنىق رەڭ،ياكى پاراللىل سىزىقلىق كىيىملەر ئارقىلىق ئېغىرلىق تۇيغۇسىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. [attachment=3383] 3.مۆرە كەڭلىكى كاسسا كەڭلىكىدىن كىچىك بولغانلارپاكار سىمىزلەر خىلىغا كىرىدۇ،كىيىم تاللىغاندا تىك سىزىقلىق كىيىملەرنى تاللاش،بىر قەدەر سىپتا رەختلىك كىيىملەرنى تاللاش كېرەك.پاسوندا پاراللىل ماس كىلىدىغان كىيىملەردىن ساقلىنىش،ئىنچىكىرەك بەلتاسما تاللاش كېرەك. [attachment=3384] 4.سېمىز بەدەن قۇرۇلمىسى شەكلىدىكىلەرسېمىز بەدەنلىك ئەرلەر كۆرۈنۈشكە تولغان كۆرۈنىدۇ،شۇڭا ئورۇقراق كۆرۈنۈش ئۈچۈن،تىك سىزقلىق كىيىملەرنى تاللاش كېرەك.راختى تىك سىزقلىق،زىچ توقۇلغان رەختلەر بولۇشى كېرەك،پاسوندا مۆرە بىلەن ماس كىلىپ قالىدىغان،بېلى بوش كىيىملەردىن ساقلىنىش كېرەك.سىپتا مۆرە پاسونى،v شەكىللىك ياقا ۋە تىك پاسوندىكى بىزەكلەر بولسا،بىر قەدەر ئازادە كۆرۈنىدۇ. [attachment=3385] 5.پۇتى قىسقا ھەم ئەگرىلەرپۇتى مايماق ئەرلەر،كىيىمنى ماسلاشتۇرۇشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.ئىشتاننى سۇس رەڭلىك ،رەختىنى ئازراق يۇڭلۇڭ تەسىر بېرىدىغان قىلىپ تاللاش كېرەك.پۈتۈن بەدەندىكى كىيىم قېنىق تەڭ تۈسىنى ئېلىپ قالسا بولمايدۇ،پاسوندا،بەلنىڭ يۇقۇرىسىدىكى كىيىم ئۆزگىرىشچانراق بولۇشى،خەقنىڭ كۆزىنى بەلنىڭ يۇقۇرىسىغا جەلىپ قىلىدىغان بولۇشى كېرەك.مەسىلەن،مۇۋاپىق مىقتاردا بىزەك قېتىلسا بولىدۇ. [attachment=3386] 6.قوسىقى تومپايغانلارقوسىقى تومپايغان ئەرلەرنى «قوساق»مۇ دەپ قويىمىز،چاپان تاللىغاندا ئانچە - مۇنچە نەقىشلىك رەخت بولسا ياخشى،رەختنىڭ زىچلىقى ۋە سۈپىتى ياخشى سىپتا بولۇشى كېرەك.ئىنچىكىرەك بەلتاسما تاللاش كېرەك.قارا ئاياق كىيىش،نەزەرنى تۆۋەنگە تارتىش كېرەك. [attachment=3387] 7.ئورۇق پاكار،كاسىسىسى تۈزلەرتار كىيىم كەيسە بولمايدۇ،سەل بوش كىيىم كىيىش كېرەك،شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە،ئىشتاننىڭ ئېغى سېمىز،چوڭ بۇلماسلىقى كېرەك،رەختنى سەل سىپتا رەخت تاللاش كېرەك. [attachment=3388] 8.پۇتى قىسقا،قوڭى يوغانلاربۇ خىل بەدەن قۇرۇلمىلىق ئەرلەر ياقىسىنىڭ تۈگمىسىنى ئېتىپ يۈرۈشى كېرەك،يوللۇق،كاتاچكە نەقىشلىك چاپان،قېنىق رەڭ ئىنچىكە بەلتاسما ئىشلىتىشى كېرەك.ئاياقنى سەل سۇس رەڭلىك تاللاش كېرەك. [attachment=3389] 9.يۈزى يوغان، قىسقا توم بويۇنلۇقلاربۇينى قىسقا بولۇشمۇ بىر مەسىلە،كىيىم تاللىغاندا ياقا ئىڭەككە تاقاشمايدىغان كىيىم تاللاش كېرەك. [attachment=3390] 10.مۆرىسى كەڭرى،بىلەكلىرى توملارمۆرە بەك كەڭ بولۇپ كەتسە،كىيىمنىڭمۇ بېلىنى كىڭەيتىش كېرەك،لەپلىمىلىك يانچۇق ئارقىلىق كەڭلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشقىمۇ بولىدۇ.كىمە شەكىللىك،ئۆرۈمە ياقىلىق كىيىملەردىن ساقلىنىش كېرەك.مۆرە بەك پەس بولسا،مۆرىگە پادوشكا قويۇشقا بولىدۇ.ئەگەر قول قىسقا ھەم توم بولسا،يەڭنى سەل كەڭرەك تاللاشقا بولىدۇ.
11.كاسسىسى چوقچىيىپ قالغانلارئەرلەرنىڭ كاسىسىسى چوقچىيىپ قالسا،دۈمبىسى بەل تەرەپ ئاراچلىق كىيىم بىلەن يېپىشقا بولىدۇ،يۇمشاق رەختلىك چاپان بىلەنمۇ كاسسىنى يېپىپ تۇرۇشقا بولىدۇ.ناۋادا دۈمبە يۇمىلاق بولسا،رەڭلىك،رەختى قوپالراق كىيىم تاللاشقا بولىدۇ.
12.بارمىقى قىسقا ياكى ئۇزۇنلاربارماقنى ئويلاشقاندا ئۈزۈك ئارقىلىق،ئەيپنى يېپىش مۇمكىن،تىرناقنىڭ ۋە قولنىڭ پاكىزلىقىمۇ بەكمۇھىم.
ئوموملاشتۇرغاندا،كىيىمنى قارغۇلارچە تاللىماسلىق لازىم،كىيىمنىڭ يارىشىملىقى ئەڭ مۇھىم.ئەلۋەتتە سىزنىڭ بەدىنىڭىز ئۆلچەملىك ،كېلىشكەن يىگىت بولسىڭىز بۇ تېمىنى كۆرۈپ ئولتۇرۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق....[/size][/color]
0 سۆز قالدۇرۇڭ:
ئىنكاس يېزىش