2008/05/31

ئىلگىرى دۇنيانى تىترەتكەنلەرنىڭ ھازىر نىمە قىلىۋاتقىنىنى بىلەمسىلەر؟(7)

ياك شىراك(Jacques Chirac)1932-يىلى 11-ئايدا فرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدىكى كىلىز بازىرىدا باي ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن،ئۇنىڭ دادىسى فرانسىيە سودا بانكىسىنىڭ باشلىقى ئىدى،شىراك پارىژ سىياسى قانۇن ئىنىستىتوتىنى پۈتتۈرگەن.يەنە فرانسىيە دۆلەتلىك مەمۇرىيەت ئىنىستىتوتىدىمۇ ئوقىغان،1967-يىلى ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولۇپ سايلانغان،1967-يىلدىن 1974-يىلغىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش دۆلەت ۋازارەت كاتىپى،مالىيە دۆلەت ۋازارەت كاتىپى،زۇڭلى مەھكىمە مەسئولى ۋە پارلامىت بىلەن ئالاقىلىشىدىغان مىنىستىر دەرىجىلىك ۋەكىل،دىھقانچىلىق مىنىستىرى،ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى قاتارلىق كۆپلىگەن ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.1974-يىلى فرانسىيەنىڭ زۇڭلىسى بولۇپ سايلانغان،1976-يىلى خىزمىتىدىن ئىستىيپا بېرىپ،جۇمھۇرىيەتنى قوغداش .ۇيۇشمىسىنى بەرپا قىلغان ھەمدە رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.1977-يىلدىن1995-يىلغىچە ئۇدا ئۈچ قىتىم پارىژ شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلانغان،بۇ جەرياندا 1986-يىلى ۋە 1988-يىلى ئىككى قىتىم زۇڭلىلىق ۋەزىپە ئۆتىگەن،1995-يىلى 5-ئايدا فرانسىيەنىڭ پرىزدىنتلىقىغا سايلانغان،2002-يىلى 5-ئايدا قايتا سايلانغان.
رەسىمدە،سابىق پرىزدېنت شىراك 2007-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئايالى بىلەن فرانسىيەنىڭ جەنوبىدىكى بىر ساناتورىيەدە دەم ئالماقتا.[img]http://news.xinhuanet.com/world/2007-08/22/xinsrc_20208042218265781309416.jpg[/img]

0 سۆز قالدۇرۇڭ: