[color=#666600][size=4] ئىقتىسادقا باش قاتۇرمىساق بولمىدى.ئىككى كۈن بولدى،خەنزۇچە مۇنبەرلەردىكى خەۋەرلەرگە دىققەت قىلىپ كىلىۋاتىمەن.بىر نەچچە توربەتلىرىدىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرىمغا ئاساسەن بۇ مۇلاھىزىنى تەرجىمە ئاساسىدا يازدىم.
2007-يىلنىڭ ئاخىرىدا،جۇڭگونىڭ باشقۇرغۇچى ئورگانلىرى شۇنى تونۇپ يەتتىكى،جۇڭگو ئىقتىسادى دۈچ كەلگەن ئەڭ ئېغىر مەسىلە«پۇل پاخاللىقىدىن ساقلىنىش» بولۇپ قالدى.خەلىق بانكىسى 6 قېتىم پۇل ئامانەت ئۆسۈمىنى تەڭشىدى.ھازىر قارىساق مەركەزدىكى قارار چىقارغۇچىلار،مالىيە باشقۇرۇش ئورگانلىرىدىن تارتىپ خەلق بانكىسى،سىتاتىستىكا تارماقلىرى ھەتتا ئىقتىساد مۇتەخىەسسىسلىرى،مەبلەغ ۋاكالەتچىلىرىمۇ پۇل پاخالىشىشىتىن ئىبارەت بۇ ئىشقا ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرىۋاتماقتا. 2006-يىلى كىيىنكى يېرىم يىلدىن بۇيانقى گېزىت-ژورناللار بولسۇن،ياكى خەلق بانكىسىنىڭ پۇل مۇئامىلە دوكىلاتى بولسۇن،ناھايىتى قىزىقارلىق بىر ھادىسە بار يەنى:گەرچە خەلق مال باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئكسكىنىدىن نارازى بولسىمۇ،ئەمما ئۇلار ئېرىشكەن ئۇچۇر «مال باھاسى ئۇنچە ئۆرلەپ كەتمىدى»بولدى.ئىستىمال باھا كۆرسەتكۈچى (Consumer Price Index) بولغان CPI پۇل پاخالىق كۆرسەتكۈچى بولغان 3% كە يىتىشتىن ئىلگىرى،ئەلۋەتتە پۇل پاخاللىقى كۆرۈلدى دىيىشكە بولمايدۇ.ھالبۇكى دۆلىتىمىزنىڭ CPI كۆرسەتكۈچى 3% نى بېسىپ ئۆتكەندىن كىيىن،مۇتەخخەسسىسلەر ھەر خىل كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،ئىستىمالنى كۈچەيتىپ،پۇل پاخاللىقىنىڭ «بىخ»لىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ،«تۈزۈلمە»جەھەتتىن پۇل پاخاللىقىنى ئوڭشاشنى ئويلاشقان بولسىمۇ،ئۈلگۈرەلمەي قېلىشتى. قانداقلا بولمىسۇن،پۇل پاخالىىقىى ئاخىرى ئۆزىنىڭ جامالىنى ئاشكارىلاشقا باشلىدى. ئانالىز قىلساق،بەلكىم نەزەرىيەدىكى قارغۇ نوقتىلار بۇ مۇتەخخەسسىسلەر بىلەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆزىنى غەپلەت قىلدى.ماكرو ئىقتىساد نەزەرىيەسىدە،CPI پويىنتى مەلۇم نوقتىغا يەتكەندىلا،پۇل پەخاللىقى دەپ قارىلاتتى.سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا،ھەممە نەرسىنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كەتمىگەن،ئۆي،يىمەكلىك قاتارلىقلارنىڭ باھاسى ئۆسكەندىن باشقا تاۋارلارنىڭ باھاسى ئانچە بەك ئۆرلەپ كەتمىگەن.شۇنىڭ بىلەن مۇتەخخەسسىسلەر ئېھتىياجنى قاندۇرساقلا،ياكى قالايمىقان باھا ئۆستۈرگەن ئىشنى چىڭ تۇتساقلا جاھان تىنجىيدۇ دەپ قاراشتى. ئەمەلىيەتتە ئادەتتىكى پۇل پاخاللىقى ھەرگىزمۇ مال باھاسىنىڭ ئومومىيۈزلۈك ئېشىشى ئەمەس.ناۋادا راستىنلا مۇشنداق ۋەزىيەت كىلىپ چىقسا،يامان سۈپەتلىك پۇل پاخاللىقى ھىساپلىنىدۇ.ئادەتتىكى پۇل پاخاللىقىنىڭ ئىپادىسى ئوخشىمىغان تاۋار،مۇلازىمەتلەرنىڭ باھاسى ئوخشىمىغان چاغدا نۆۋەتلىشىپ ئۆرلەيدۇ.چۈنكىك،پۇل پاخاللىقى بىلەن تاۋار ئېھتىياجى تەمىنلەش بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ،يىغىنچاقلىغاندا بىر خىل پۇل مۇئامىلە ھادىسىسى خالاس!بۇنى پۇلنى زىيادە كۆپ تارقىتىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.كۆپ تارقىتىلغان پۇل تەبىئىيلا مەلۇم بۆلەكلەرگە كىرىپ،يەنە بىر قىسىم بۆلەكلەرگە تەسىر قىلىدۇ.شۇڭا ئوخشىمىغان تاۋار ۋە مۇلازىمەتلەرنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ ئىلگىرى كىيىنلىكى ۋە يۇقۇرى تۆۋەنلىكى بولىدۇ. شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى،پۇل پاخاللىقىنىڭ بىخلىرى 2003-يىلدىن باشلاپ ئۈنۈشكە باشلىغان.شۇ يىلدىن باشلاپ،بارلىق خام ماتىرىيال،يېقىلغۇ،ئېنىرگىيە،سانائەت تاۋار پويىنتى،ئۆي باھاسى،پاي چەك بازىرى قاتارلىقلار ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۆستى.ھالبۇكى 2006 يىلى كىيىنكى يېرىم يىلدا،يىمەكلىكنىڭ باھاسى ئۆرلەشكە باشلىدى،ھەمدە تۆۋەن تۇرمۇش كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ تۈپكى ھاياتلىقىغا تەسىر كۆرسىتىپ،جەمئىيەتكە پۇل پاخاللىشىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. بەزىلەر شۇنداق دىيىشى مۇمكىن:ئىلگىرىكى نەچچە يىلدا ئىقتىسادىمىز تەرەققىي قىلغان ئىدىغۇ؟!شۇنداق،پۇل پاخاللىقى بىلەن ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشى ھەرگىزمۇ زىدىيەتلىك ئەمەس،جۇڭگونىڭ ئۆتكەنكى يىللاردىكى ئىقتىسادىي گۈللىنىشىدە پۇل پاخاللىقىنىڭ «تۆھپىسى»بار،2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر پۇل پاخاللىقىدىن پايدىلىنىپ،ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇپ،ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان. بۇ خىل گۈللىنىش ھەقىقەتەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرغان،سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا،يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەت ئىچىدە مۇئاشنىڭ ئېشىشىمۇ بىر ھەقىقەت!ئەمما پۇل پاخاللىقى خاراكتىرلىق ەۈللىنىش كىرىمنىڭ غەيرى تەقسىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ پۇلنىڭ پايدىسىنى كۆرۈش شەكلىمۇ ئۆزگەرگەن. ئوموملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا،كىرىم قانچە يۇقۇرى بولغانسىرى ئالىدىغان نەپمۇ قىق بولىدۇ،كىرىمى ئەسلىدىلا تۆۋەن بولغانلار بولسا ئەڭ زىيان تارتىدۇ.تۇرمۇشىمىزغا قارىساق،شېركەتكە مەبلەغ سالغانلار بېيىدى،پاي ۋە ئۆيگە مەبلەغ سالغانلار بېيىدى،نورمال ىىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى 20-30% بولۇشى ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش!يەنە بىر جەھەتتىن ئۆسۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقۇرى ئاشۇ تاۋارلار ئەدەتتە تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم نەرسىلەردۇر.مەسىلەن:يىمەكلىك،يىقىلغۇ قاتارلىقلارنىڭ باھاسى،بۇنچىلىك پۇل بايلار ئۈچۈن ھىچنىمە بولمىغىنى بىلەن ،كەمبەغەللەر ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ پۇل!ئېنىقكى ئۇلارنىڭ تۇرمۇش بېسىمىمۇ ماس ھالدا شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كىتىدۇ.مەلۇم مەنىدە پۇل پاخاللىقى يېڭى خەلق تۇرمۇش مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىقتىسادتىن قارىساق،پۇل پاخاللىقى خاراكتىرىدىكى گۈللىنىش داۋاملىشالمايدۇ،يۇقۇرى سۈرئەتلىك ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا چوقۇم چىكىنىش ۋە ئاستىلىشى ياندىشىپ كىلىدۇ. ھەر قايسى ئەللەرنىڭ پۇل مۇئامىلە باشلىقلىرى ئۈچۈن بۇنداق ئايروپىلاننى «يۇمشاق قوندۇرۇش»ئىنتايىن مۇشكۇل بىر ئىش.پۇل پاخاللىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن،پۇل مۇئامىلە باشلىقلىرى ھەر خىل سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ،كىشىلەرنىڭ ئارزۇسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.باشقۇرغۇچىلار يېڭەلمەيدىغان قېيىن مەسىلە بولسا دەل:ئۇ قايسى سىياسىتىنىڭ چىكىنىڭ نەگە تاقىشىدىغىنىنى ئېنىق بىلەلمەيدۇ،ھالبۇكى بۇ نوقتا بۇزۇپ تاشلانسىلا،كىشىلەرنىڭ ئىشەنچى تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ،ئىقتىسادى پائالىيەتلىرى زور دەرىجىدە چىكىنىپ،مەبلەغ ۋە ئىستىمالىنى زور دەرىجىدە ئازايتىدۇ.بۇ ئىنقلا ئىقتىسادنىڭ چىكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بۇنىڭغا ئەگىشىپ،ئىگىلىكمۇ قايتىدىن جاپالىق تەڭشىلىپ،نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىشسىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ.ئەلۋەتتە بۇ تۆلىنىدىغان بەدەلمۇ دەل تۆېەن كىرىملىك كىشىلەرنىڭ زىممسىگە يۈكلىنىدۇ. شۇڭا بۇ خىل ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ناچار ھادىسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن،پۇل پاخاللىقىنىڭ ئېلىپ كىلىدىغان ياخشى تەرىپىنىلا ئويلاشماسلىق كېرەك،شۇڭا مەركەر يېقىندا «كىلەر يىلى روشەن پۇل پاخاللىقىدىن ساقلىنىش »قارارىنى چىقاردى.ھالبۇكى بۇ نوقتىنى ئورۇنداش ئۈچۈن،مۇستەقىل مەركىزى بانكا تۈزۈمىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ،ئۇنى ئۆز خائىشى بىلەن ،بازار يۆنىلىشىگە ئاساسەن پۇل-مۇئامىلە بازىرىنى تەڭشەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ،مال باھاسىنى مۇقىم تۇتۇپ تۇرۇش لازىم!بۇ خىل ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىر قەدەر ئاستا بولسىمۇ،ئەمما خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا پايدىسى بولۇشى مۇمكىن...داۋامىنى يېزىۋاتىمەن،مۇلاھىزەم داۋاملىشىدۇ....[s:119][/size][/color]
0 سۆز قالدۇرۇڭ:
ئىنكاس يېزىش