[align=center][size=4][attachment=6439] [/size][/align][hr][align=center] [/align][align=center] [/align][align=center][color=#ff0000]1.ئۆزىگە تايىنىش [/color][/align][align=right] [color=#0000ff]كىچىك قۇلۇلە ئانا قۇلۇلىدىن سوراپتۇ: -نىمىشقا بىز تۇغۇلىشىمىزدىنلا مۇشۇنداق سەت ھەم ئېغىر قاپنى يۈدۈپ يۈرۈيمىز؟ -چۈنكى بىزنىڭ بەدىنىمىزدە سۆڭىكىمىز يوق،پەقەت ئۆمىلىيەلەيمىز،ھەم تېز ئۆمىلىيەلمەيمىز،شۇڭا مۇشۇ قاپ بىزنى قوغدايدۇ--دەپتۇ ئانا قۇلۇلە. -قۇرۇت ئۇكىلىرىمنىڭمۇ سۆڭىكى يوققۇ؟ئۇلارمۇ ئاستا ئۆمىلەيدۇغۇ؟نىمىشقا ئۇلارمۇ بىزدەك قاپ يۇدىمەيدۇ؟--دەپتۇ بالا قۇلۇلە. -چۈنكى قۇرۇت ئۇكىلىرىڭ كىيىن كىپىنەككە ئايلىنالايدۇ،ئۇلارنى ئاسمان قوغدايدۇ. -ئەمما سازاڭ ئۇكاممۇ سۆڭىكى يوق،قانىتىمۇ يوق،ئۇمۇ قاپ يۈدىمەيدۇغۇ؟ -چۈنكى سازاڭ يەر ئاستىغا كىرىپ كىتەلەيدۇ،ئۇنى يەر قوغدايدۇ.-دەپتۇ ئانا قۇلۇلە.بالا قۇلۇلە يىغلاپ كىتىپتۇ: -بىز نىمە دىگەن بىچارە،بىزنى ئاسمانمۇ، يەرمۇ قوغدىمايدىكەن.-- ئانا قۇلۇلە بۇنى ئاڭلاپ ئۇنى بەزلەپ دەپتۇ:[/color] [color=#0000ff]- شۇڭابىز قېپىمىزنى يۈدۈپ يۈرىمىز،[/color] [color=#669900]بىز ئاسمانغىمۇ،يەرگىمۇ تايانمايمىز،پەقەت ئۆزىمىزگە تايىنىمىز! [/color][/align][align=center]
[attachment=6436] [/align][align=center][color=#ff0000]2.كەڭقوساقلىق [/color][/align][align=right] [color=#0000ff] بىر چوشقا،بىر قوي ۋە بىر كالىنى بىر قوتانغا سولانغان ئىكەن.بىر قېتىم قاسساپ چوشقىنى تۇتۇۋالسا،ئۇ چوشقا سەت چېقىراپ،قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىپتۇ.قوي بىلەن كالىنىڭ بېشى ئاغرىپ،ئۇنىڭغا: -ئۇ قاسساپ بىزنىمۇ دائىم تۇتىدۇ،ئەمما بىز ئۇنچىلىك ۋاقىراپ كەتمەيمىز،سەن نىمانچە كۈچەيسەن؟ -سىلەرنى تۇتۇش بىلەن مېنى تۇتۇش تۈپتىن ئوخشىمايدۇ،سىلەرنى تۇتۇشى سىلەرنىڭ يۇڭ ۋە سۈتۈڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن،مېنى تۇتۇشى مېنىڭ جېنىم ئۈچۈن--دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ چوشقا. [/color][color=#669900]مەيدانى ۋە مۇھىتى ئوخشىمىغان ئىككى كىشىنىڭ قارشى تەرەپنى چۈشەنمىكى بەكمۇ تەس ئىش،شۇڭا باشقىلارنىڭ ئازابى،ئوڭۇشسىزلىقىنى كۆرگەندە ئوت ئۈستىگە ماي چاچماي،ئەكسىچە ئۇنىڭغا كۆيۈنىشىمىز،ئىشنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق چۈشۈنىشىمىز لازىمدۇر.ئەڭ مۇھىمى كەڭ قوساق بولۇش كېرەك!!! [/color][/align][color=#669900][align=center][attachment=6437] [color=#ff0000]3.ئاكولا بىلەن بېلىق [/color][/align][color=#ff0000][/color][align=right] [color=#0000ff] كىشىلەر مۇنداق بىر تەجرىبە ئىشلىگەن،ئاكولا بىلەن بېلىقلانى بىر كۆلچەككە قويۇپ،ئۇلارنى بىر پارچە ئەينەك بىلەن ئايرىپ قويغان.يەنە كىشىلەر كۈندە ئاكولاغا يىتەرلىك سازاڭ بېلىقنى يەمچۈك قىلىپ تاشلاپ بەرگەن.دەسلەپتە ئاكولا يەيدىغان نەرسىسى بولسىمۇ،يەنىلا قارشى تەرەپتىكى بېلىقلارنى يىمەكچى بولۇپ،ئۆزىنى ئەينەك توسۇققا قاتتىق ئورغان،نەچچە قېتىملاپ ئۇنىڭ تۇمشۇقلىرى قاناپ كەتكەن بولسىمۇ شۇنداق قىلغان،كىيىن ئەينەك يېرىلغان،ئەمما تەتقىقاتچىلار ئۇ ئەينەكنى ئېلىۋىتىپ ئۇنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ قېلىن ئەينەك قويغان.كىيىن ئاكولا ئۇ ئەينەككە ئۈسمەس بولغان،ھەتتا ئەينەك توسۇقنى ئېلىۋەتسىمۇ ئۇ بېلىقلارغا قاراپمۇ قويماي،ئۆزىنىڭ سازاڭ بېلىقىن تۇتۇپ يىگەن،شۇنىڭ بىلەن ئالىملار ئۇنى دېڭىزدىكى ئەڭ دۆت بېلىقكەن دەپ باھا قويغان.[/color] [color=#669900]ئەمما مۇھەببىتىدىن ئايرىلغان كىشىلەر بۇنىڭ نىمىشقىلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ،يەنە ئۇلار قايتا ئازاپلىنىشتىن قورقىدۇ. [/color][/align][color=#669900][align=center][attachment=6438] [color=#ff0000]4.خىسلەتلىك ئاسارە-ئەتىقە[/color] [/align][align=right] [color=#0000ff] فرانسىيەنىڭ چەت بىر يېزىسىدا بىر خىسلەتلىك بۇلاق باركەن.بۇ بۇلاقتا نۇرغۇن كىشىلەر ساقىيىپتۇمىش.بىر كۈنى بىر پۇتى يوق بىر مىيىپ قېرى ئەسكەر يېزىدىن ئۆتۈپ،شۇ بۇلاققا قاراپ كىتىۋاتسا،يېنىدىكى كىشلەر دەپتۇ: -بىچارە بايقۇش،ئەجىبا ئۇ بۇلاقنىڭ ئۆزىگە بىر يېڭى پۇت بېرىشىنى تىلەمدىغاندۇ؟ بۇنى قىرى ئەھكەر ئاڭلاپ،غەزىپىدىن كەينىگە بۇرۇلۇپلا ئۇلارغا دەپتۇ: -مەن پەرۋەردىگردىن بىر تال پۇت ئەمەس،بەلكى پۇتۇم يوق ھالەتتىمۇ قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى ئۈگىتىپ قويۇشىنى ئۆتۈنمەكچى! [/color] بارغا قانائەت-شۈكرى قىلىش،يوققا قايغۇرماسلىق،مەيلى كىشىلىك تۇرمۇشتا ئېرىشكەن ۋە يۈتتۈرگەنلىرىمىز بولسۇن،ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشى ئۈچۈن نۇر قوشۇششىمىز،كۆز يېشىمىزنى ئېيتىۋىتىپ،ئۆزىمىزگە خاس تۇرمۇش ئۇسلۇبىنى يارىتىشىمىز لازىمدۇر. [/align][align=center][attachment=6440] [color=#ff0000]5.قارماق [/color][/align][align=right] [color=#0000ff] بىر قېرى بېلىقچى بېلىق تۇتىۋاتسا،بىر بالا يېنىدا قاراپ ئولتۇرۇپتۇ،بېلىقچىنىڭ ئېپى بولغاچ،بىر دەمدىلا نۇرغۇن بېلىق تۇتۇپتۇ.بوۋاي يېنىدىكى بالىنىڭ ئۇماقلىقىغا ئېچى كۆيۈپ،سېۋىتىدىكى ھەممە بېلىقىنى ئۇنىڭغا سوغا قىپتۇ،ئەمما بالا بېشىنى چايقاپتۇ،بوۋاي نىمىشقىلىقىنى سورىسا،بالا: -ماڭا پەقەت قولىڭىزدىكى قارمىقىڭىز لازىم-دەپتۇ.بوۋاي: -قارماقنى نىمە قىلىسەن؟-دەپ سوراپتۇ. -بۇ سېۋەتتىكى بېلىق ئۇزۇن قالماي سېسىپ قالىدۇ،ئەممامېنىڭ قارمىقىم بولسىلا،ئۆزۈم بېلىق تۇتالايمەن،مەڭگۈ يىسەممۇ يېتىدۇ-دەپتۇ.[/color]بۇنى ئويلاپ،سىز «نىمە دىگەن ئەقىللىق بالا بۇ»دىيىشىڭىز مۇمكىن،خاتالاشتىڭىز.چۈنكى ئۇ بالا قارماقنىلا سورىدى،ئەگەر ئۇنداق بولسا ئۇ بىر تال بېلىقمۇ تۇتالمايدۇ،چۈنكى ئۇ بېلىق تۇتۇشتىكى ھۆنەرنى بىلمەيدۇ،قۇرۇق قارماق بولسىلا كۇپايە قىلمايدۇ،چۈنكى بېلىق تۇتۇشتا ئەڭ مۇھىمى قارماق ئەمەس،بەلكى بېلىق تۇتۇش تېخنىكىسى،شۇ تېخنىكىنى ئىگەللىسەكلا،تۇرمۇشىمىزدا قانداق بوران چاپقۇن بولىشىدىن قەتئىينەزەر،ئۆزىمىزنىڭ قوسىقىنى باقالايمىز.بۇيەردە بدلىنىڭ بوۋاينىڭ قولىدىكى قارماققا قىزىقىپ،قارماق بولسىلا بېلىق تۇتالايمەنغۇ دەپ ئويلىشى ،دەل ئىشخانىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ باشلىقىغا قاراپ،ئىشخانىدا ئولتۇرساملا،ئالدىمغا بايلىق كىلىۋېرىدۇغۇ؟! دىگىنىگە ئوخشاشلا بىر ئىش!!!
[/align][/color][/color]
0 سۆز قالدۇرۇڭ:
ئىنكاس يېزىش