2008/05/31

جۇڭگو رەھبەرلىرىدىكى چاچ بوياش دولقۇنى

[color=#6600CC][size=4] ۋالتىس كۈندىلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە،يېقىنقى يىللاردىن بېرى جۇڭگو سىياسى ساھەسى ۋە سودا ساھەسىدىكى رەھبەرلەرنىڭ چاچلىرىنىڭ ناھايىتى قارىداپ كىتىۋاتقىنى يېزىلغان.بۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ گىن تىپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ،ئەمما باشقا سەۋەپلەرمۇ يوق ئەمەس.جۇڭگودىكى ھوقوقدار مۇيسىپىتلارغا نىسبەتەن،چاچ بوياش ئەينى يىللاردا ئۇلار كەيگەن ماۋزىدۇڭ چاپىنىدەكلا مودا بولغان. جۇڭگو مەركىزى ئىشلار كومىتىتىدىكى 9 دائىمىي ھەيئەتنىڭ يېشى 52 دىن 67 قىچە،ئەمما ئۇلارنىڭ چاچلىرى قاپقارا پاقىراپ تۇرىدۇ.64 ياشلىق يولداش خۇجىنتاۋ قارا چاچلىق،ئۇنىڭ ئالدىدىكى 81 ياشلىق رەھبەر جىياڭ زېمىنمۇ مۇھىم سىياسى سەھنىلەردە قاپقارا چېچى بىلەن چىقىدۇ. مەلۇم دىھقانچىلىق زاۋۇتىنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى ۋاڭجىڭرۈن «سىياسى رەھبەرلەر داۋاملىق تېلىۋىزور ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا ئاممىغا كۆرۈنىدۇ،ئۇلار خەلىق ئاممىسىغا ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنى بىلدۈرىدۇ»دىگەن،ئۇنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل جۇڭيىچە چاچ بويىقىنى ئىشلىتىدىكەن. ياپون،ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ ئەرلەر چېچىنى بويايدۇ،ئەمما جۇڭگودەك ئاق چاچتىن قورقىدىغان دۆلەرتلەر بەكمۇ ئاز.ياپوننىڭ باش ۋەزىرى كويزۇمى جۇمىچىرو،ھىندىستان زۇڭلىسى سېنگى،ئامرىكا پىرىزدىنتى بۇش،ۋە ئىلگىرىكى پىرىزدىنتى كىلىنتون قاتارلىقلار ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ ئاق چېچىنى يۇشۇرغان ئەمەس. جۇڭگودا قارا چاچ قوغلىشىش مودىسى سودا ساھەسىگىمۇ تارالغان،7-ئايلىق «جۇڭگو سودىگەرلىرى»ژورنىلىنىڭ مۇقاۋىسىدا،65 ياشلىق «مېيدى»گوروھىنىڭ لىدىرى خېشىياڭجىيەننىڭ چېچىمۇ قاپقارا تارتىلغان.بۇنىڭ سىرىنىمۇ پەقەتلا ئۇنىڭ ساتىرىچى بىلىشى مۇمكىن.65 ياشلىق ۋاڭمىڭجاڭ مەلۇم چاچبۇياق زاۋۇتىدا يۈزنەچچە ئىشچىنى باقۇرىدۇ،ئۇمۇ 40 نەچچە يېشىدىن باشلاپلا چېچىنى بۇياشقا باشلىغان،ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ باشقىلارنىڭ ئۇنى ياشانغان دەپ قېلىشىنى خالىمايدىكەن. مۇتەخخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە،جۇڭگودىكى قارا چاچ قىزغىنلىقى ھازىرقى جەمئىيەتنىڭ مەھسۇلىكەن. جۇڭگودا 60%كىشىنىڭ يېشى 39 ياشقا يەتمەيدۇ،شۇڭا ياشانغان خادىملارنىڭ ئورنىنى ياش خادىملارنىڭ ئېلىشىمۇ ئاسان،جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى لىيىنخېنىڭ ئېيتىشىچە:«جۇڭگودا ياش ئەمەلنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل ئىكەن»،بۇنىڭ بىلەن ياشلىقنى مەڭگۈ ساقلاشنى ئارزۇ قىلىدىغان جۇڭگولۇقلار چاچبۇياق بازىرىنى روناق تاپقۇزغان.Eu-romonitor International شېركىتىنىڭ سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا،2006-يىللىق جۇڭگو چاچبۇياق سېتىلىش مىقتارى 148 مىليون ئامرىكا دوللىرىغا يەتكەن،بۇ سانلىق قىممەت 2001-يىلدىكىدىن 75% ئاشقان.چاچ ئاسراش بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى 275 مىليون ئامرىكا دوللىرىغا يىتىپ،2001-يىلدىكىدىن 80% ئاشقان.جۇڭگو ساتىراچلىرىنىڭ ئېيتىشىچە،ككپىنچە ئەرلەر باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ،چېچىنى ئۆيىدە بويايدىكەن.53 ياشلىق جېجىياڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پروفىسسورى جاڭدېمىڭ ھەر ئايدا چېچىنى ئىككى قېتىم«ئوسما »ماركىلىق چاچبۇياق بىلەن بويايدىكەن. ھالبۇكى بەزى قەدىمىي دەۋىردىكى ئۆلىمالار چاچ بۇياشقا قارشى تۇرغان،ھەمدە تەبىئىيلىكنى تەرغىپ قىلغان.كوڭزى«چاچ بەدەننىڭ كىيىمى،ئۇنى ئاتا-ئانىمىز بىزگە بەرگەن،ئۇنى ئاسراش،ئاتا-ئانىغا مېھرىبانلىقنىڭ جۈملىسىدىن»دىگەن.ئىقتىسات ئالىمى جاۋفېڭمۇ جۇڭگو قەدىمىي كىشىلىرى ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسىلا،چېچىغا ئالدىراپ تەگمەيتتى دىگەن.17-ئەسىردا مانجۇلار خەنزۇلارنى ئەل قىلغاندىن كىيىن،چىڭ پادىشاھى يارلىق چۈشۈرۈپ،ئۇلارنى چېچىنى ئۇزۇن قويۇپ بېرىپ ئەل بولغانلىقىنى ئىپادىلەشكە قىستىغان.3 پادىشالىق دەۋرىدە،ساۋساۋنىڭمۇ«چېچىنى كىسىپ قوشۇن باشلاش» تەك ئىشلىرى بولغان،راھىپلارمۇ راھىپلىققا كىرگەندە چېچىنى كېسىپ،دۇنيادىن مېھرىنى ئۈزگەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. ھالبۇكى جۇڭگودا مودا ئىستىمال مەدەنىيىتى دەپ قارالغاندىن كىيىن،قەدىمىيلارنىڭ تەربىيىسى بىر تەرەپكە چۆرۈپ تاشلاندى،ئەرلەر دورا ۋە ھەر خىل چاچبۇياقلىرىنى ئىشلىتىشكە باشلىدى،دورىگەرلەرمۇ جۇڭيى دورىلىرىنىڭ باھنى قۇۋۋەلەپ،چاچنى قارايتىدىغىنىنى كۆپتۈرۈشكە باشلىدى.گۇڭدوڭ «باھادىر»شېركىتى ھەتتا داڭلىق كىنو چولپىنى چېڭلۇڭنى تەكلىپ قىلىپ،ئۆزى ئىشلەپچىقارغان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلىقىغا ئېلان بەردى.ھەمدە ئۇنى چاچنىڭ قارا ۋە ساقلىقىنى ساقلايدۇ دەپ تۇنۇشتۇردى.جۇڭگونىڭ«قارا چاچ ئورمىنى»نىڭ ئىچىدە ئايرىم مىساللارمۇ يوق ئەمەس،مەسىلەن «جۇڭشىن تەيفۇ»گوروھىنىڭ لىدىرى روڭجىجىيەننىڭ چېچى ئاپپاق رەڭلىك ئىكەن.ھازىر چېكىنگەن دۆلەت ئىشلار مۇئاۋىن كومىسسارى ۋۇيىنىڭ چېچىمۇ بويالمىغان. قارا چاچ قىزغىنلىقى جۇڭگو كىشىلىرىنىڭ ياشنىڭ قېرىشىغا ئەگىشىپ پەيدا بولغان ئۆزگىرىشلەرگە بولغان ئەنسىزلىكىنىڭ ئىپادىسى،ھۆسىن تۈزەش دوختۇرى چېنخۇەنرەن نىڭ بايقىشىچە،ئۆتكەن ئىككى يىلدا ئەرلەردىن ھۆسىن تۈزەيدىغانلارنىڭ سانى روشەن دەرىجىدە ئاشقان،ئەمما جۇڭگو ئەرلىرى ئۆزلىكىدىن بىر نەرسىسىنى ساقلاپ قالغان،ئۇ بولسىمـــــــــــــــــۇ:پىۋە قوســـــــــــاق!چۈنكى ئۇ مەرتىۋىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالغان.[/size][/color]
مەنبە:[url]http://msn.bbs.ynet.com/viewthread.php?tid=490463&extra=page%3D1[/url]
[attachment=6148] [attachment=6149] [attachment=6150]

0 سۆز قالدۇرۇڭ: