2008/05/31

بىز 100 ياشقا كىرەلەمدۇق؟

[size=4]مەن تىبابەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغىنىمغا خېلى يىللار بولۇپ قالدى،بۇ جەرياندا گەرچە كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە يارىتالمىغان بولساممۇ،ئەمما ئۆز كەسپىمگە دائىر بىلىملەرنى ئىگەللەپ كەلدىم.يېقىندىن بېرى ياپونىيەدە دىئابىت كىسەللىكى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئوزۇقلۇق بىلەن سالامەتلىكنىڭ باغلىنىشى توغرىسىدا نۇرغۇن ماتىرىياللارنى ئوقۇدۇم.ئۆزەم تىبابەت ساھەسىدە بولغاچقىمىكىن،تەبىئىيلا چەتئەللىك ئالىملارنىڭ بەزى تەتقىقات تېمىلىرىدىكى ئوزۇقلۇققا ئائىت بىلىملەرنى ئۆز تىبابىتىمىزدىكى ئۇزۇقلۇق ۋە سالامەتلىك بىلىملىرى بىلەن باغلاپ سېلىشتۇرۇپ قالدىم. ماتىرىياللاردا ئىنساننىڭ ئەمەلىي يېشى ئۆزىنىڭ ئەسلى يىشىدىن تولىمۇ قىسقا تۇرىدىكەن.چۈنكى ئىنسان پائالىيىتىدىكى ھەر خىل ياخشى ۋە يامان ئامىللارنىڭ ھەممىسى ئۆمرىمىزگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.بىزنىڭ دىيارىمىزمۇ دۇنيا تىبابەت ساھەسىدە «ئۇزۇن ئۆمۈر چولپانلىرىنىڭ ماكانى»دەپ نام ئالغانىدى.ئەپسۇس 100 ياشلىق بوۋايلىرىمىزنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ بۇ نامىمىزنىمۇ ساقلاپ قالالمايدىغاندەك قىلىمىز! يولداش [color=#ff0000]باغۋەن[/color] ئۆتكەندە دىئابىت كىسىلى توغرىسىدىكى تېمامنى يازغاندا،نورمال كىشىلەر نىمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك،قانداق قىلساق كىسەلنىڭ ئالدىنى ئالىمىز دەپ سورىغانىدى.بۇ توغرىلىق ئويلىغانلىرىمنى مەن تۆۋەندە ئوتتۇرىغا قويۇپ باقاي! ھەممىمىزگە مەلۇم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىمىز دەيدىكەنمىز ئاساسەن تۆۋەندىكى بىر نەچچە جەھەتلەردىن ئىزدىنىشىمىز لازىم!
[color=#6600cc]1.ئېتىقاد ۋە ئاكتىپ تۇرمۇش پوزىتسىيىسى 2.ياخشى ئوزۇقلۇق 3.ھاراق-تاماكىغا يېقىن يولىماسلىق. 4.نورمال بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش 5.دائىم چېنىقىش 6.ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوست-يارەنلەر بىلەن ئەپ ئۆتۈش،دائىم مۇڭدىشىپ،ئالاقىلىشىپ تۇرۇش. 7.مېڭىنى چېنىقتۇرۇش،بولۇپمۇ قىسقا ۋاقىتلىق خاتىرىنى كۈچەيتىش 8.ئىقتىساد ۋە تۇرمۇشنى ياخشى پىلانلاش 9.قاندىكى ئاقسىل مىقدارىنى ئاشۇرۇش 10.قان پىلازما،قان ھۆجەيرىسىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاش 11.دائىم سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش ۋە تىبابىتىمىز[/color]
[color=#6600cc]1.ئېتىقاد ۋە ئاكتىپ تۇرمۇش پوزىتسىيىسى[/color] بىر ئىنساندا ئېتىقاد بولۇشى ئىنسانىيلىقنىڭ جۇملىسىدىن،ئېتىقادسىز پەقەت ماددىي تۇرمۇشنىلا قوغلىشىش مەنىسىز ۋە قەدىرسىز دەپ قارايمەن.مېنىڭچە بىزنىڭ ئېتىقادىمىز ئىسلام بولغاچقا،ئېتىقادىمىزدا چىڭ تۇرىشىمىز ۋە ئۆز ئىتىقادىمىزنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك!بۇنى سۆزلىسەم گەپ بەك جىق!شۇڭا سۆزلىمەيمەن،ئەمما ئىسلام دىنىدا پەرز قىلىنغان 5 پەرز ۋە باشقا سۈننەتلەرنىڭ قايسىسىنىڭ بىزنىڭ ساغلام روھىمىز ۋە ساغلاملىقىمىزغا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى مەن بىلمەيمەن!مېنىڭچە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ روھىيەت ئىلمىيلىقىلا ئەمەس بەلكى رىئال تۇرمۇشتىكى پايدىسىمۇ مۇقەررەر! بىز دۇنياغا تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ يىتىلىپ ئۆلۈپ كىتىش ئۈچۈنلا كەلمىگەن.«يارىتىشنى مەن ياراتتىم،يارىلىشىڭ ئۆزۈڭدىن»دەپتىكەن،ئەمما قانداق يارىلىمىز؟قانداق ياشايمىز؟مېنىڭچە بىز خام -خىيال قىلىشقا،تەپەككۇر قىلىشقا،كۈندە بىرەر ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ،ئۆزىمىزنى خۇشال قىلىشقا ماھىر بولۇشىمىز كېرەك.ئىنساندا ئارزۇ-ئۈمىت بولمىسا،ناھايىتى تېزلا ئۆزىنىڭ نىمە ئۈچۈن ياشاۋاتقانلىق مەناسىنى يوقىتىپ قويىدۇ.بىز ھەر كۈنى سەھەردە كوچىلاردا نۇرغۇن ياشانغان كىشىلىرىمىزنىڭ ئايلىنىپ يۈرگىنىنى كۆرىمىز،مېنىڭچە ئۇلارنىڭ بىرەر كۈن بولسىمۇ ساغلام ياشىغۇسى بولغاچقا شۇنداق سەھەر تۇرۇپ، ھەرىكەت قىلىشىدۇ.«ھەر ئىشنىڭ بەرىكىتى سەھەردىدۇر».سەھەر قىلغان ئىشىڭ بەركىتى بولىدۇ،سەھەر تۇرۇپ كۆنگەن كىشىمۇ روھلۇق بولىدۇ.شۇنداقلا ئۆزىمىزنى تاشلىۋىتىپ قىلغان ئىشىمىزنىڭ كۆپىنچە ھاللاردا ئۈنۈمى بولمايدۇ.كەچتە ۋاقتىدا يىتىپ، سەھەر تۇرۇپ ناماز ئوقۇش،كۈندىلىك ئىشلارنى پىلانلاشنىڭ ساغلاملىققا بولغان ئىلمىي پايدىسى بەلكىم شۇنداق بولسا كېرەك!
[color=#6600cc]2.ياخشى ئوزۇقلۇق [/color]«كىسەل ئېغىزدىن كىرىدۇ»دەپ ياخشى ئېيتىلغان.يىمەكلىكىمىزنىڭ تازىلىقى،تۇز-تەمى،مىقدارى ۋە تەركىبى ئىنتايىن مۇھىم بىر ئۇقۇم! ئىنسانىيەت نوپوسىنىڭ ئىشىشغا ئەگىشىپ،يىمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ھالقىلىرىمۇ ئۆز رېتىمىنى تېزلەتمەكتە،بۇنىڭ بىلەن توكتا چىققان چۈجە بىر ئايغا يەتمەيلا ۋايىغا يىتىش،خېمىيىۋى ئوغۇت تەركىبى چەكتىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن سەي-كۆكتات،مىۋە -چىۋە،بۇلغانغان ئوت-چۆپلەرنى يەپ چوڭ بولغان،ھەتتا ئېنزىملار بىلەن ئۆسۈشى تېزلىتىلگەن قوي-كالا قاتارلىق گۆش زاپسىمىز،سانائەت ئەخلەتلىرىنىڭ تۇپراققا سىڭىپ كىرىشى ۋە سۇ مەنبەلىرىنى بۇلغىشى تۈپەيلىدىن ئېغىر مىتال دەرىجىسى ۋە باشقا زەھەرلىك تەركىپلەر مىقتارى ئېشىپ كەتكەن سۇ،كوچىلاردىكى «تەييار،تېز يىمەكلىكلەر» ،رايونىمىزدىكى ككپىنچە كالىلاردا تۇبىركىلىيۇز كىسىلىنىڭ ئېغىر بولۇشى قاتارلىق ئىشلار تۇرمۇشىمىزدا ناھايىتى نورمال ئەھۋال بولۇپ قالدى.مىسالەن مەن كورلىنىڭ مۇھىتىنى شىنجاڭ بويىچە ياخشى دەپ قارايتتىم،ئەمما ئۆتكەن يىلى قىشتا بارسام،نۇرغۇن بىنالار سېلىنىپتۇ،شور يەرلەر ئېچىلىپتۇ،ئەڭ ئىچىم ئېچىشقىنى كورلىمۇ ئۈرۈمچىگە ئوخشاش تۈتەك ئىچىدە قىلىشقا باشلاپتۇ.چەتئەللەردە مەخسۇس مۇھىت بۇلغۇنىشىنى كۈزىتىدىغان تارماقلار ۋە خادىملار بار،ئەمما بىزدىچۇ؟بەلكىم باردۇ،ئەمما بىرەر گېزىت -ياكى ژورناللاردا ئۇلارنىڭ شۇ توغرىلىق ھەقىقىي سانلىق مەلۇماتلىرى ئېلان قىلىنىۋاتامدۇ؟ شۇڭا يىمەكلىك مەسىلىسىدە گەرچە كۆز قارىشىم سەل ئىپتىدائىي بولسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ باقاي: كونىلاردا يىمەكلىك قىلىدىغان قوي-كالىنى ھەپتە بېقىپ،ئاندىن يەيدىغان ئادەتلەر بار ئىدى.چۈنكى بۇنداق بولغاندا ئىچى بىرەر قۇر تازىلىنىدۇ دەپ قارىلاتتى.مېنىڭچە شارائىتىمىز بولسىلا ئۆزىمىز يەيدىغان مالغنى بوداپ يىسەك.ئەگەر شارائىتىمىز يوقلار ئىشەنچلىك قاسساپلاردىن ئېلىپ يىسەك ياخشىمىكىن دەيمەن.باشقا يىمەكلىكلەرنىمۇ ئالغاندا سۈپىتىنى ئالاھىدە تەكشۈرۈپ،ئىشەنچلىك دەپ قارىغانلىرىمىزنى ئىستىمال قىلساق دەيمەن.يەنە بىر جەھەتتىن رىستورانلاردىكى ئوزۇقلىنىش ئادىتىمىزنى ئۆزگەرتىپ،ئۆيدە ئۆز تامىقىمىزنى ئۆزىمىز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ ئېتىپ يىسەك بۇمۇ ناھايىتى ياخشى ئامال،مېنىڭچە بۇنداق بولغاندا ئائىلە ئىقتىسادىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن،سالامەتلىكىمىزگىمۇ ئالاھىدە پايدىلىق.شۇڭا بىر «ئۆي تامىقى»نى ئەزىزلەيدىغان ئوزۇقلۇق ئادىتىنى يىتىلدۈرسەك دەيمەن.
[color=#6600cc]3.ھاراق-تاماكىغا يېقىن يولىماسلىق. [/color]بۇنى دەپ ئولتۇمىساممۇ ھەممىڭلارنىڭ كۆڭلىگە ئايان.ئەمما تاماكا مەسىلىسىدە مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى بىئو-خېمىيە ئوقۇتقۇچۇم مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەرگەنىدى.يەنى تاماكا چېكىپ 7 يىلدىن ئاشقانلار تاماكىنى توساتتىنلا تاشلىۋەتمەي،پەيدىن-پەي تاشلىشى كېرەك،دىگەنىدى.چۈنكى بەدەندە 7 يىلغىچە مەخسۇس نىكوتىن پارچىلايدىغان ئېنزىملار شەكىللىنەرمىش،شۇڭا ھەر كۈنى بەلگىلىك نىكوتىن تەلەپ قىلارمىش،ناۋادا تۇيۇقسىزلا تاماكا تاشلاپ نىكوتىن قۇبۇل بولمىغاندا بۇ ئېنزىملار بەدەندىكى نورمال ئېنزىملارنى پارچىلارمىش!بۇ توغرىلىق ئېنىق ماتىرىيال ئىزدىمىدىم،ھەر ھالدا ئويلىنارسىلەر.
[color=#6600cc]4.نورمال بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش[/color] بۇ بولۇپمۇ ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە بەكمۇ مۇھىم بىر ئىش بولۇپ قالدى،كىشىلەر نورمال بەدەن ئېغىرلىقىدىن ئىككى قۇتۇپقا بۆلىنىۋاتىدۇ،بولۇپمۇ رايونىمىزدا بۇخىل ئەھۋال تولىمۇ ئېغىر.بەزىلەر تامىقىنى كونترول قىلالماي سەمرىپ كەتسە،يەنە بەزىلەر «گۈزەللىك»قوغلىشىپ زىيادە ئورۇقلاپ كىتىپ بارىدۇ.سېمىزلىكنىڭ ھازىر نۇرغۇن كىسەللەر بىلەن ئالاقىسى ئىنتايىن قويۇق،بۇنىڭ مۇھىم سەۋەپلىرىنىڭ بىرى ئادەم زىيادە سەمرىگەندە،بەدەندە «frre fatty acid »دەيدىغان خېمىيىۋى تەركىپ كۆپىيىدىكەن،بۇ يەنى ئەركىن ياغ تەنچىلىرى بولۇپ،بۇ خىل ياغ تەنچىلىرى قان ئايلىنىش سېستىمىسىغا كىرىپ بەدەندە ئايلىنىپ يۈرىدىكەن،خۇددى قەرەللىك بومبىدەكلا،بەدەندە بىرەر جايدا ياللۇغ يۈز بەرگەندە،ياللۇغلانغا ئورۇن چىقارغان بەزى بىئولوگىيىلىك ئۇچۇرلار بۇ ياغ تەنچىلىرىنىڭ ئورگانىزىم ۋە قان تومۇرلاغا چۆكمىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن،مېنىڭ ھازىرقى تەتقىقاتىممۇ نىمىشقا ياغلار چۆكمىلىنىدۇ،بىئولوگىيىلىك ئۇچۇرلارنى قانداق قۇبۇل قىلىدۇ،بۇنى ئالدىنى ئالىدىغان دورىلار تەتقىقاتى ئۈستىدە بولىۋاتىدۇ. زىيادە ئورۇقلۇقنى دىسەك،مېنىڭچە زىيادە ئورۇق كىشىلەرنىڭ ئىممۇنت ئىقتىدارى مۇكەممەل بولمايدۇ،شۇڭا بەزىبىر تاشقى ئامىللار تەسىرىدە ياللۇغلىنىش ياكى تەكرار قايتىلىنىشى تەسىرىدە،ئۆز ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالالمايدۇ. شۇڭا نورمال بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىش!
[color=#6600cc]5.دائىم چېنىقىش[/color] بۇ توغرىلىق جىق سۆزلىمەيمەن،ئەمما دائىم ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ساقلاشتىكى ئەڭ مۇھىم ئەڭگۈشتەر ئۆزىڭىزگە ماس كىلىدىغان ياخشى تەنھەرىكەت ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىش ۋە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشتۇر.ھىچ بولمىغاندا ھەپتىسىگە 3-4 سائەت چېنىقىپ بېرىش كېرەك.شەھەرلەردە چېنىقىش ئۇسۇللىرى ئانچە ككپ ئەمەس،ئەمما تور بەتلىرىدىن ئىزدەپ كۆرسەك ئۆزىمىزگە ماس كىلىدىغان ئۆي-ئىچى چېنىقىش ئۇسۇلىنى تاپالايمىز.
[color=#6600cc]6.ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوست-يارەنلەر بىلەن ئەپ ئۆتۈش،دائىم[/color] مۇڭدىشىپ،ئالاقىلىشىپ تۇرۇش. بىز مۇڭچى خەلقمىز،ئەجداتلىرىمىز ئۇزۇن تارىخلاردىن بۇيان ئۆز-ئارا سالام-تازىم قىلىش،خوشنىلار ئارا باردى كەلدى قىلىش،دائىم مۇڭدىشىش قاتارلىق ياخشى ئەنئەنىلىرىنى ساقلاپ كەلگەن،ئەمما بىزگە كەلگەندە بۇ خىل ئادەتلەر بارغانسىرى يوقىلىشقا ياكى «شەكىل ئۆزگەرتىش»كە دۈچ كىلىشكە باشلىدى.تۇرمۇش رېتىمىمىزنىڭ تېزلىشىشى ۋە ئىجتىمائىي بېسىمنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ،كىشىلىرىمىز بارغانسىرى «غېرىپ»لىشىپ كىتىۋاتىدۇ.مەسىلەن پائالىيەتلىرىمىز رېستوران-قاۋاقلارغا،تورخانا-ئويۇنخانىلارغا،ئۆيدىكى تېلىۋىزورغا مەركەزلىشىۋاتىدۇ.بىرەرسى بىلەنمۇ مەلۇم مەقسىدىمىز بولمىسا قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ ئالدىراپ چىراي ئاچالمايمىز!دوستلار ئارامۇ پايدا -مەنپەئەتنى شەرت قىلىپ ئارىلىشىۋاتىمىز.ياپونلارنىڭ بىر ئىشى مېنى بەكمۇ تەسىرلەندۈردى.بۇلارنىڭ جەمئىيىتى ھەممىمىزگە مەلۇم رېتىمى ئىنتايىن تېز ھەم جىددىي،كۆپىنچە ئەرلەر ئىشلەپ،ئاياللار ئۆيدە ئولتۇرىشىدىكەن.خوشنا -خۇلۇملار ئارامۇ ئانچە بەك ئىزدىشىپ كەتمەيدىكەن،ئەمما بۇلارنىڭ تۇرمۇش مەركىزى ئائىلە ئىكەن.بولۇپمۇ شەنبە-يەكشەنبىدە ھەرقانداق خىزمەتكە دائىر ئىشلارنى ئويلاشمايدىكەن،پۈتۈن زېھنىنى ئۆيىگە سەرپ قىلىدىكەن،بالىلىرى بىلەن بىللا بولىدىكەن،نۇرغۇن مەكتەپلەر پائالىيەتلەرنى ھەپتە ئاخىرى قىلىدىكەن،ئاتا-ئانىسى تەڭ قاتنىشىدىكەن.شۇڭا بۇلاردا ئىنسانىي مۇلايىملىق ۋە تۇرمۇشقا بولغان سۆيگۈ شۇنداق كۈچلۈككەن،قېرىلار ئالاھىدە كۈتىلىدىكەن،شۇڭا ياپونىيەدە ياشانغانلار شۇنداق جىقكەن.مېنىڭچە بۇلارنىڭ بەزى تۇرمۇش ئادەتلىرىنى بىرمۇ ئۈگىنىشىمىز كېرەك.
[color=#6600cc]7.مېڭىنى چېنىقتۇرۇش،بولۇپمۇ قىسقا ۋاقىتلىق خاتىرىنى كۈچەيتىش[/color] ھازىر بىزنىڭ مېڭىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ قاتىلى تىلىۋىزور،كومپۇتىر ۋە يانفون دەپ قارايمەن.چۈنكى نۇرغۇن «زامانىۋىلاشقان»كىشىلىرىمىزدە بۇ 3 نەرسە كەم ئەمەس.تېلىۋىزور ۋە كومپيۇتىر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئېلىپ كىتىپ بارىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇنلىغان ئۇچۇرلارنى كاللىمىز دەماللىققىلا قۇبۇل قىلالماي،رودىمىتلىشىپ،كۆرگەن نەرسىلىرىمىزنى ناھايىتى ئاسانلا ئۇنتۇپ كىتىدىغان ئەھۋاللار شەكىللىنىۋاتىدۇ.ئىلگىرى مېنىڭ بىر ئەنگىلىيەلىك ئوقۇتقۇچۇم بار ئىدى،بىر قېتىم ئۇنىڭ ئۆيىگە بارسام شۇنسدق جىق كىتاپلار بار ئىكەن،ئەمما تېلىۋىزور يوق ئىكەن.مەن سورىسام .ئۇ«تېلىۋىزور مېنىڭ نۇرغۇنن ۋاقتىمنى ئېلىپ كىتىدۇ،ئىشەنمىسەڭ بىر كۈن تېلىۋىزورمۇ ئاچماي،كومپۇتىرمۇ ئاچماي سىناپ كۆرگىن»دىدى.شۇنىڭ بىلەن مەن ئۆيگە قايتىپ بېرىپ سىنىدىم،دەرۋەقە شۇ كەچتە بۇرغۇن كىتاپ ئوقۇدۇم،يەنە ئادەتتە قىلالمىغان ئىشلىرىمنىمۇ قىلىۋالدىم،ئىشقىلىپ قىلغۇلى ئىش چىقتى،ھەم بالدۇر ئۇخلىدىم،بۇنىڭ ھەقىقەتەن پايدىسى بولىدىكەن. يانفوننى دىسەم ئۇنىڭ ئىككى تەرىپى بار،بىرى مەن يانفون رادىئاتسىيىسىنىڭ ئۆسمە پەيدا قىلىدىغىنىغا ئىشىنىمەن،شۇڭا مەن ھېلىقى جۇڭگو تىلىگىرافىنىڭ«كىچىك لەقۋا»سىنى ئۇزۇن يىل ئىشلەتتىم،چۈنكى بەزىدە بەك «لەقۋا»بولسىمۇ،ئەمما ئەرزان،ئاڭلاشلارغا قارىغاندا رادىئاتسىيىسى تېلىۋىزور تېزگىنىكىدىنمۇ تۆۋەنمىش!يەنە بىر جەھەتتىن ئۇنىڭ تېلىفون دەپتىرى مېنىڭ ئاستە ساقالىشىمنىڭ دۈشمىنى،ئىشەنمىسەڭلار،تېلىفونۇڭلار يۈتۈپ كىتىپ باقسۇن،ئەڭ يېقىن دوستلىرىڭلارنىڭ قانچىسىنىڭ تېلىفونىنى ئەسلىيەلەيسىلەركىن؟! شۇڭا مېڭىمىزنى چېنىقتۇرۇش،دائىم كىتاپ كۆرىدىغان ئادەتنىى يىتىلدۇرۈش سالامەتلىككە بەكمۇ پايدىلىق!
[color=#6600cc]8.ئىقتىساد ۋە تۇرمۇشنى ياخشى پىلانلاش[/color] ياشلارغا بولۇپمۇ يېڭى توي قىلغانلار ئۈچۈن بۇ نوقتا تولىمۇ بەك مۇھىم!بىر ئۆينىڭ ئىقتىسادى شۇ ئائىلىنى تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ مۇھىم ئامىلى،ئىقتىساتتا بىرلىككە كىلەلمىگەن ئائىلىنىڭ ۋەيران بولۇشى مۇقەررەر!ئەرلەرنىڭ ئىقتىسادى كاللىسى بولۇشى ،بېلى چىڭ بولۇشى،ئائىلىسىدە ئىناۋىتىنى ساقلىشى،ئايالنىڭ ئەرنى تولۇقلىشى،ئاياللىق بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىپ ئەرنى قوللىشى،بالىلىرىنىڭ ۋە ئاتا-ئانا دوست يارەنلەرنىڭ ئالدىدا ئۆز-ئارا ئىززىتىنى قىلىشى بەكمۇ مۇھىم بىر ئىش!بىر خوتۇننى مەيدىسىگە ئۇرۇپ ئالغان يىگىت ئۆز بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلىشى،ئائىلىسىنى ھەر جەھەتتىن تەمىنلەپ ھىمايە قىلىشىنى بەكمۇ مۇھىم دەپ قارايمەن.بۇ توغرىلىق سەلكىن مۇنبىرىمىزدىمۇ چۆلگۈلى باشلىق ئەزالىرىمىزنىڭ تېمىلىرى بەك جىق.شۇلارنى كۆرۈپ پايدىلانساڭلار بولىدۇ.
[color=#6600cc]9.قاندىكى ئاقسىل مىقدارىنى ئاشۇرۇش 10.قان پىلازما،قان ھۆجەيرىسىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاش[/color] بۇ ئىككىسى بىر مەۋقەگە ياتىدۇ.بۇنى ئورۇنداش ئاسان،مەن يۇقىرىدىكى ئوزۇقلۇق قىسىمىدا سۆزلىگەن يەرلەرگە دىققەت قىلىپ،كۆڭۈلنى ئازادە تۇتۇپ،ھاۋالىق يەرلەردە يۈرگەندە،دائىم مۇۋاپىق چېنىققاندا بۇنى ئورۇنداش ئۇنچە تەس ئىش ئەمەس.
[color=#6600cc]11.دائىم سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش ۋە تىبابىتىمىز[/color] تىبابەت قارىشىمىز بىزنىڭ ئۇيغۇر تىبابىتىمىزدە بەدەننىڭ بىر پۈتۈنلىكى ئەزەلدىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇلۇپ كەلگەن.شۇنداقلا ئۇ بىزنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى مىراسىمىزدۇر! تورداشلار ئىزدىنىپ كۆرسەڭلار بولىدۇ،تىبابەت تورلىرىمىزدا ياكى كىتاپخانىلىرىمىزدا تىبابەت دەستۇرلىرىمىز كەم ئەمەس.مېنىڭچە بىزنىڭ كىسەلنى بايقىشىمىزدىن ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز بەكرەك مۇھىم!ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئىنسانلار خېلىتىنى ۋە مىزاجىنى ئىسسىق،سوغۇق،قۇرۇق،ئىسسىق ۋە سەپرا،سەۋدا،بەلغەم،قان دەپ بۆلىدۇ،ھەم شۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ داۋالاش ئېلىپ بارىدۇ.ئەمما [color=#ff0000]ھەممىدىن مۇھىمى ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن تارتىپ،يىلدا بىر ياكى ئىككى قېتىم مۇنزىچ ئىچىپ بەدەندىكى زەھەرلەرنى يىغىش،ئاندىن مۇسھىل بىلەن ئۇنى بەدەن سىرتىغا تازىلاپ چىقىرىشنىڭ ئەھمىيىتى بەكمۇ زور![/color]ئۇنىڭ ئۈستىگە قىممەتمۇ ئەمەس،تۇمۇر تۇتۇپ،مىزاجىڭىزنى ئايرىغاندىن كىيىن،شۇ خىلدىكى ماس مۇنزىچ ۋە مۇسھىللارنى سېتىۋىلىپ،ئۆيدە تەييار قىلىش شۇنداق ئاسان بىر ئىش!يەنە كىلىپ قىممەمۇ ئەمەس،يىلدا پەقەت 50-60 يۇەن كىتەر،ماڭىمۇ ئايالىم قاينىتىپ بېرەتتى،خېلى پايدىسىنىمۇ كۆرگەنىدىم،مېنىڭچە دوستلار بۇنى سىناپ كۆرۈپ ،بولسا ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن قالغان بۇ ئۇدۇمنى ئۆزىمىزگە ھەمراھ قىلساق،100 ياش ئەمەس،ئاللاھ خالىسا 200 ياشقىمۇ كىرىشىمىز مۇمكىن!
[color=#669900]يۇقۇرىدا شۇنداق بەزى نوقتىلارنى توختىلىپ ئۆتتۈم ،كىمنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈسى كەلمەيدۇ؟!كىمنىڭمۇ ياخشى ساغلام ياشىغۇسى كەلمەيدۇ؟!ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن سىجىل ئىرادە بىلەن يۇقۇرىقىدىكىدەك يامان تۇرمۇش ھادىسىلىرىنى توسۇپ،ياخشى سالامەتلىك ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كۆرسەك دىگەن قاراشتىمەن.بۇ تېمامنى سەلكىندىكى دوستلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يېزىپ چىقتىم،بەلكىم پايدىسى بولۇپ قالار!خاتالىق يەرلىرىمۇ بولۇشى مۇمكىن،ئەپۇ قىلارسىلەر ياكى ئۇچۇر يوللارسىلەر. [/color]

[/size]

0 سۆز قالدۇرۇڭ: