2008/05/31

ئۇيغۇر تىبابىتى(شېئىر)

[attachment=5901]
[attachment=5898]
ئۇيغۇر تىبابىتى
[attachment=5901]
مۇخەممەس
[attachment=5899]
تۇرغۇن يىلتىز [attachment=5899]
جۇڭگو مىللەتلىرى ژورنىلى 2005-يىللىق 5-سان
[attachment=5899]
[attachment=5900]
[attachment=5902]
پۈتۈن ئالەمدە شۆھرەتلىك،چېۋەر ئۇيغۇر تىبابەتتە، مەئىشەت ئۇلى سەنئەتلىك،ئىجاد يۈكسەك پاراسەتتە، داۋالاش كۈچى قۇدرەتلىك،سىرى رېتسىپ،كارامەتتە، ئەجىر- تۆھپىدە نۇسىرەتلىك،ھامان كاتتا ئىناۋەتتە، ئىگە تارىخقا ھۆججەتلىك، تازا،ئىلمىي لاياقەتتە.
[attachment=5902]
[attachment=5900]
[attachment=5902]
قاچانكى،تەندە ئەجداتلار كىسەللىك ھەم يارا تاپتى، شۇنىڭدىن سوڭرە،ئىزدەشنى ئامال،چىن مۇددىئا تاپتى، ھاياتلىق جىسمىنى بايقاپ سۇ،ئوت،تۇپراق،ھاۋا تاپتى، سوغۇق،ئىسسىق،قۇرۇق،ھۆل ئىلكىدە ھەر كىم شىپا تاپتى، خالاسكار يۇلتۇزى چاقناپ كۆكى تۈرلۈك تەبىئەتتە.
[attachment=5902]
[attachment=5900]
[attachment=5903]
خىلىتلار تەلىماتى:قانۇ سەپرا،سەۋدا،بەلغەمدۇر، يەنە مەزمۇنى روھ،قۇۋۋەت،مىزاج،ئەزامۇ ھەمدەمدۇر، تولا توم-توم دىۋانلاردا داۋا چەشمىسى زەمزەمدۇر، ساۋاق-تەجىرىبە ئوكيانى،رىسالە مىسلى ئەزەمدۇر، يېشى ئۈچ مىڭغا ئۇلاشقان ئىلىمدۇر بۇ مۇشەققەتتە.
[attachment=5903]
[attachment=5900]
[attachment=5903]
تېۋىپ،ئەمچى،باھادىر ئاتاساغۇنلارنىڭ تىپ غازىباي، جىۋا،كومراجىۋا،گەنجۇقاغىن،باشلاقنى كۆر،ئايھاي! ئەبۇنەسىر فارابى ھەم ئىبنىسىنا،تارىم...نۇر-ئاي، خوتەنىي،قەشقەرىي،ھاجىپ،مۇرات...يوللىرى ھاڭغىر قاي، خەزىنە بولدى تەۋۋەرۈك مىراسلاردىن بالاغەتتە.
[attachment=5903]
[attachment=5900]
[attachment=5904]
«كاتالوگلار»،«مۇجەررەپ نوسخىلار»قالدى سادىر مىشتىن، ھەدىيە «دەستۇرۇلئىلاج»،شۇ سۇلتانى ئەلى دانىشتىن، ياراتتى«تەجرىباتى تىببىيە»قۇربان ئىجاد-ئىشتىن، تەجەللىي پۈتتى«رېتسىپلار»دېبان توپلام كەچۈرمىشتىن، مۇھەممەد ئىختىرا ئەتتى«...قۇلۇپ»لارنى جاسارەتتە...
[attachment=5904]
[attachment=5900]
[attachment=5904]
يېقىن تارىختا ئەجمەلخان،يۇسۇپ،تۇردى...ياشاپ ئۆتتى، باباخۇن،ئەمەت ھاجى،ھەزرىتىم...ناملىق جاناب ئۆتتى، ئەزەمخان،ئەمچى،سامساقباي...كىسەللەرگە فىماپ ئۆتتى، مۇتىللا،ئاخۇنۇم،ئىنايىتۇللا...دىن ساۋاپ ئۆتتى، يۈسۈف،ئابدۇلھىمىد نادىر ئەسەر يازدى پاساھەتتە...
[attachment=5904]
[attachment=5900]
[attachment=5905]
سىناق-تەجرىبىلەر ئازمۇ زامانى تەيپۇنەملەردىن؟! نەمۇنە-ئۈلگىلەر كەممۇ كلاسسىك،پىشقەدەملەردىن؟! قۇت ئاتتى كۈنسىرى ئۇشبۇ كەسىپ سانسىز تۆلەملەردىن... دەرىخ!قانچىسى ئۆتكەندۇ باھادىر مۆھتەرەملەردىن، بېغىشلاپ ئۆمرىنى ئەل بەختىگە چەكسىز ھىدايەتتە؟!...
[attachment=5905]
[attachment=5900]
[attachment=5905]
سوراپ قالساڭ:ئىلىم ئۇيغۇر تىبابەتتە بۆلەك،دەيدۇ، مۇرەككەپ،يەككە ئەزاغا بۆلۈش تەننى كېرەك، دەيدۇ، تەئەللۇق يەككىگە مۇسكۇل،تومۇر،پەي،چاچ،سۆڭەك...دەيدۇ، مۇرەككەپكە مېڭە،ئۆپكە،جىگەر،بۆرەك،يۈرەك...دەيدۇ، رەئىس ھەم خادىمىي ئەزا تۇتار جاننى نازارەتتە...
[attachment=5905]
[attachment=5900]
[attachment=5906]
تېۋىپلار كۆپ كىسەللىكنى چىرايلادىن قاراپ بىلگەي، تومۇر تۇتماق ئاجايىپ سىر،ئاسارەتنى پۇراپ بىلگەي، بەدەنلەرنى تۇتۇپ-سىيلاپ،يەنە ئەھۋال سوراپ بىلگەي، ئېدىتلاپ چىقىرىندى ماددىنى،توغرا،روياپ بىلگەي، ئىلىم ئەھلىگە ئىنساننىڭ جىمىي تۇرقى بىشارەتتە...
[attachment=5906]
[attachment=5900]
[attachment=5906]
داۋالاش ئۆزگىچە روھىي ئالامەتلەر مىزانغا باش، ھاۋا يۆتكەش،قۇۋۋەت ساقلاش،قۇياشنىڭ نۇرىغا قاقلاش، قىلىش ھۆقنە،چۈشۈش ئارشاڭۇ قۇمغا،ئۇۋۇلاش،داغلاش، تېڭىش،دەستكار،ئۇرۇش نەشتەر،قويۇش لوڭقا،بېرىش ئونباش... مۇدام بىسيار ئۇسۇل ئۆزرە سالامەتلىك كاپالەتتە.
[attachment=5906]
[attachment=5900]
[attachment=5906]
ئۆسۈملۈك،ھايۋانات،مەدەن تۈمەن خىل دورىغا ئەشيا، قىيام،شەربەت،ئەرەف،كاشكاپ،سۇفۇپ،سىركەنجىۋىل ئۇختا، جاۋارىش،ئىتىرفىل،مەجۇن،لوئوف،ھەب،قۇرسى...جان گويا، زىماد،مەتبۇخ،خېمىر،مەلھەم،ئابارەج ھەم مۇھىم تۇتقا، شىپادۇر ھەممىسى،ئەكىس تەسىرى يوقتۇر ئىجابەتتە.
[attachment=5906]
[attachment=5900]
[attachment=5906]
ھاياتلىق بولسا كەڭ ئاسمان،تىبابەت ئۇندىكى چولپان، نە چولپانكى،جىمىي روھ-جان ياشارغان گۈل،چىمەن،بوستان، يارالغان مۆجىزە چەندان،يىشىللىق سەلكىنىگە جاھان ھەيران، بۈيۈك مەسئولىيەت،ۋىجدان بىلىك مەركىزىدە ئىنسان، ئۇنىڭ يىلتىزى ئۆزلۈك-قان،سۈرەر دەۋران كامالەتتە.
[attachment=5906]

0 سۆز قالدۇرۇڭ: