2008/05/31

(ساراڭ خىياللىرىم)قولۇمنى مۈشۈك مورلىۋالدى...

[color=#660000][size=5] ياپونىيەدە ئەركە ھايۋانلار بەك جىق.ئەڭ كۆپى ئىت بىلەن مۈشۈك.ھەممە ئائىلىدە دىگۈدەك بىردىن ئىت بېقىشىدىكەن،قانجۇقلار بەزى كۈنلىرى سەھەردە قاۋاپ ئۇيقۇمنى بۇزۇشىدۇ.ئەمما مۈشۈكلەرمۇ شۇنداق كۆپ،ئۇلارنىڭ ياخشى يېرى شۇكى،ئۇلارنىڭ بوينىغا ئىتلاردەك بۇيۇنداق سېلىنمايدىكەن،ھەممىلا يەردە ئەركىن يايراپ يۈرۈشىدىكەن،بىزنىڭ يۇرتىمىزدىكىدەك،بىرەرسىنىڭ تۇتۇپ ئاپىرىپ دۈملەپ سۆڭەكلىرى بىلەن قوشۇپ يەۋىلىشىدىنمۇ غەم يوقكەن.... نەچچە كۈندىن بېرى ئۆيۈمنىڭ ئالدىدا بىر قارا مۈشۈك پەيدا بولۇپ قالدى،بىچارە مۈشۈك باشتا مېنى كۆرۈپ يېتىرقاپ قاچاتتى،ئەمما ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن قوسىقىنىڭ ئاچلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى،بۇ ياپونىيەدە ئۆتكەندە روزا-زامزاندىمۇ سەدىقە بەرگۈدەك بىرەرسىنى ئۇچرىتالمىغان ئىدىم،مۇشۇ جانۋارغا بولسىمۇ بىر ياخشىلىق قىلايچۇ دىگەن ئۈمىتلەر بىلەن ئۇنى بېقىپ قويۇش قارارىغا كەلدىم. كىچىكىمدە قوي قاتارلىق جانۋارلارنى جىق باققان بولساممۇ،مۈشۈك بېقىپ باقمىغانىدىم.شۇڭا نىمە بەرسەم بولار دىگەن ئويلار بىلەن كىرىپ،توڭلاتقۇنى ئاچسام گۆش باركەن،كىچىكىمدىن «بەز يىمەيدىغان مۈشۈك يوق »دىگەن تەمسىلنى كۆپ ئاڭلىغاچقا،ئۇنىڭغا بەز بەرمەكچى بولدۇم،ئەمما چاتاق بولغىنى مەن يەۋاتقان گۆش ئاۋسترالىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان ھالال قوي گۆشى بولغاچقا،ئۇلارنىڭ قائىدىسى بويىچە گۆشنىڭ ھەممە ماي بەزلىرى ئىلىپ تاشلىنىدىكەن،شۇنداق بولغاچقا يامان تەستە بىر پارچە ماينى تېپىپ،ئۇنىڭغا تاشلاپ بەردىم،ئەمما مېنى ھەممىدىن بەك ھەيران قىلغىنى بۇ جانۋار ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمىدى................ئۇ بەز-ماي دىگەنلەرنى يىمەيدىكەن،ھەقىقەتەن «مال ئىگىسىنى دورىمىسا ھارام» دە!بۇ ياپونلارمۇ ئۇ يىلدىن بۇ يىلغا تۈزۈك بىرماي يىمەيدىكەن،ئەمدى ئۇلارنىڭ مۈشۈكىمۇ........... قايتىپ كىرىپ يەنە توڭلاتقۇنى ئاختۇردۇم،قارىسام ئۆتكەندە سىناپ يەپ كۆرەيچۇ دەپ ئېلىپ،يەپ بېقىپ تەمىگە كۆنەلمەي قويۇپ قويغان بىر خالتا ئېرىمچىك تۇراتتى.بۇ ئېرىمچىكنى ئېنگىلىزچە Cheese دىيىشىدىكەن،ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ سۈت قايماقلىرىمىزدىن قىلغان ئېرىمچىك شۇغۇ دەپ ئېلىپ،تەركىپلىرىنى تەپسىلى تەكشۈرۈپ،سالپاڭ قۇلاق تەركىپى يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلغاندىن كىيىن،ئاندىن يەپ باققان ئىدىم.ئەمما بۇ كاساپەتلەرنىڭ نەرسىسى شۇنداق لاۋزا ئىكەن،شۇڭا قويۇپ قويغان ئىدىم،ئىشەنمىسەڭلار ئۈرۈمچىدىكى كەررىفور تاللا بازىرىنىڭ مۇسۇلمانچە پوكەيلىرىدە بار،ئامرىكىنىڭ دەپ سېتىشىدۇ،شۇنى يەپ باقساڭلار بىلىسىلەر..... ۋوي!تولا كوتۇلداپ تېمىدىن چەتنەپ كىتىپتىمەن،شۇنىڭ بىلەن ھىلىقى ئېرىمچىكنى ئەچىقىپ تاشلاپ بەردىم،جانۋار شۇنداق ئىشتىھا بىلەن يەپ كەتتى.ھەي توۋا،مۇشۇ جانۋار چېغىدىمۇ يىمەكلىك خىللايدىكەن....شۇ تەرىقىدە كۈندە شۇ ئېرىمچىكتىن ئەچىقىپ بېرىدىغان بولدۇم،بۇ قېلىن گۇيمۇ كۈندە مەن قايتىپ كەلگۈچە يولنىڭ بويىدا مېنى ساقلاپ تۇرىدۇ،مۇساپىرچىلىقتا كۈندە سىزنى بىرەر ھايۋان يولىڭىزغا قاراپ ساقلاپ تۇرسىمۇ،يۈرىكىڭىزدە شۇنداق ئىللىق سېزىم بولىدىكەن.قايتىپ كىلىپ ئۇنىڭ ئېرىمچىكىنى بېرىپ بولغۇچە،پۇتلىرىمغا يامىشىپ،سۇركۇشۇپ،مىياڭشىپ قىلمىغىنى قالمايدۇ بۇ جانۋار......بىردەم بۇنىڭ ئىشتىھاسىغا قاراپ ئولتۇرىمەن،ئاندىن قايتىپ كىرىپ ئۆز تامىقىمغا تۇتۇش قىلىمەن. ئەمما تۆنۈگۈن بىر ئىش بولدى،مەن بۇنىڭغا ئېرىمچىكىنى بەرگۈچە،ئۇنىڭ قوسىقى بەك ئېچىپ كەتتىمۇ ئەيتاۋۇر شۇنداق بەك مىياڭشىپ كەتتى.ئەمدى بېرىۋاتسام ئۇ مېنىڭ مىس-مىسلىقىمدىن ئاغرىندى بولغاي،قولىنى چىقىرىپ شۇنداقلا سىلكىۋىدى،قولۇمدا ئۇنىڭ ئۆتكۈر تىرناقلىرىنىڭ ئىزى قالدى....دەرھال چۆچۈپ ئۆزۈمنى چەتكە ئالدىم،قارىسام ئۇ تامىقىغا دۈملا چۈشۈپ،مېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇمنى ئۇنتىغان ئىدى..... ئۇنىڭ تاتلىغان جايى ۋىششىدە ئىچىشىپ كەتتى،ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن كاللامدا بىر خىياللار پەيدا بولۇپ كەتتى،مۇشۇنداق بىر ئۇماق جانۋارنىڭ شۇنداق ئۆتكۈر قورالى بار ھە!نىمىلا دىگەن بىلەن ئۇ تەبىئەتكە شۇنداق كۆنگەندە!ئاچچىقى كەلگەندە شۇنداقلا بىر سۈرۈپ ئۆزىنىڭ بىر يىرتقۇچلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئۆزۈمنى خىيال قىلىپ قالدىم،يېقىنقى بىر ئەسىردىن بۇيان،بىز ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتتىن ئەڭ يىراقلاشقان دەۋرىمىز بولدى،سانائەت ئىنقىلابىدىن كىيىن،ئىنسانلار جەمئىيىتى گۈللەپ جانلىنىپ،جىق تەرەققىي قىلدى،ئەمما شۇنىڭلىق بىلەن بىز تەبىئەت قوينىدىن بارغانسىرى يىراقلىشىپ كەتتۇق.كىتاپلاردا ئاتا-بوۋىلىرىمىز پەرزەنتىرىگە ئوغۇل بولسا ئوۋ ئوۋلاش،تەبىئەتكە ماسلىشىش،ئات مىنىش ....قاتارلىق ئىشلارنى،قىز بولسا قانداق قىلىپ خام ئەشيالارنى پىششىقلاپ،بىر ئۆينى تۇتۇشنى ئۈگىتەتتىكەن.ئەمما ھازىرچۇ؟؟؟ئىشىنىمەنكى خېلى مەنمەن دىگەن ئەزىمەتلەرنى دالاغا تاشلاپ قويسا،ئۆيىنى تېپىپ كىلەلەيدىغانلىرى ئاز ھازىر!تېخى تەبىئەتنىڭ قوينىغا قايتتۇق دەپ يىلدا بىرەر ئىككى قېتىم،ماشىنا بىلەن تاغ ئىچىگە ياكى مەنزىرىلىك جايلارغا بېرىپ ھاراقنى بولۇشىغا ئىچىپ،ياكى قوساقنى بولۇشىغا تويغۇزۇپ قايتىپ كىلىمىز،چىرايلىق قىلىپ «دالا ساياھىتى»قىلدۇق دەپ ماختىنىپمۇ قويىمىز.... ماڭا فرانسىيە فانتازىيە يازغۇچىسى ژۇلى ۋېرىننىڭ(凡尔纳(Verne,J.)) ئەسەرلىرى بەكمۇ يارايدۇ،ئۇنىڭ «سۇ ئاستىدىكى 20مىڭ يوللۇق سەپەر»،«كاپىتان گىرانتنىڭ پەرزەنتلىرى»،«سىرلىق ئارال»دىگەن ئەسەرلىرى بەكمۇ ياخشى يېزىلغان فانتازىيىلىك ئەسەرلەر،كىچىكىمدە بۇ كىتاپلارنى قانچە قېتىملاپ ئوقىغىنىم ئېسىمدە يوق.مەندەك شەھەردە چوڭ بولغان بالىلار ئۈچۈن بۇ بەكمۇ ياخشى تەبىئەت ئوقۇشلۇقى ئىدى.بۇكىتاپلادا ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئەت قوينىدىكى ھەر خىل كەچۈرمىشلىرى بەكمۇ جانلىق تەسۋىرلەنگەن ئىدى.بۇنىڭدىن باشقا يەنە13-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئىتالىيەلىك داڭلىق رەسسام شۇنداقلا ئالىم لېئوناردو داۋىنچنىڭ(李奧納多·達文西[1](Leonardo di ser Piero da Vinci) ئەسەرلىرى مېنى دائىم ئويغا سالىدۇ،كۆپىنچە كىشىلەر داۋىنچ دىگەن ئىسىم تىلغا ئېلىنسىلا ئۇنى بىر رەسسام دەپ تەرپلىشىدۇ،ئەمما رەسساملىق ئۇنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى خالاس،بۇندىن باشقا ئۇ ئاناتونىيە،مىخانىكا،فىزىكا ،پىسخولوگىيە جەھەتلەردىمۇ جىق ئىزدەنگەن ئالىم ئىكەندۇق.دىمەكچىمەنكى شۇ ئالىممۇ تەبىئەت ئۈستىدە جىق ئىزدىنىشلەردە بولغانىكەن.... يەنە شۇ مۈشۈككە قارىدىم،ئۇ بىر خىلدا ئېرىمچىكىنى يەۋاتاتتى،ئىشىنىمەنكى ئۇ ئەتىمۇ مۇشۇنداق بىر خىل ئاماللار بىلەن قوسىقىنى تويغۇزىدۇ،يەنە غالىپلارچە كېرىلىپ قويۇپ،ئۆزيولىغا راۋان بولىدۇ،قولۇم يەنە ئىچىشتى....ئەمما بىزچۇ؟بىزدىكى ياۋايى تەبىئەت قېنى؟مۇشۇنداق ئاتوم دەۋرىدە بىز نىمىلەرگە ئېرىشتۇق،نىمىلەردىن مەھرۇم بولدۇق؟؟؟!!!ئەتە نىمە يەيمىز؟بىر مۈشۈكچىلىك بولالىدۇقمۇ؟ يەنە دىسەم گەپ بەك جىقكەن......شۇنداق ئاچچىق خىياللار بىلەن ئىشىكىمنى يېپىپ ئۆيگە قايتىپ كىرىپ كەتتىم،مۈشۈك بولسا بىر ئىزىدا ئېرىمچىكىنى يەپ قالدى....

بۇ مۇشۇ ئىككى ھەپتە ئىچىدە بولغان،مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن شۇنداق بىر ئاددىي ۋەقە،سەلكىنداشلىرىم بىلەن ئورتاقلىشارمەن دەپ يوللىدىم.بەزىدە ئۆزۈمنى ساراڭمۇ مەن دەپ ئويلاپ قالىمەن،كىچىككىنە ئىشلارغىمۇ بەزىدە خىيالىم جىق!قىززىقتە![s:49][s:49][s:49][/size][/color]

0 سۆز قالدۇرۇڭ: