[size=4][color=#ff0000][مەھسۇلات ئىسمى][/color][color=#6600cc]ئېغىز تىلىدا خوتۇن،ئاممىۋى سورۇنلاردىكى ئىسمى ئايالىم ياكى رەپىقەم،ھازىرقى زاماندىكى ئىسملىرىدىن سۆيگۈنۈم قاتارلىقلار بار.[/color] [color=#ff0000][تەركىبى][/color][color=#6600cc]سۇ،قان ،ماي ۋە ئانئورگانىك ماددىلاردىن تەركىپ تاپقان[/color]. [color=#ff0000][شەكلى][/color][color=#6600cc]بۇ مەھسۇلات زىلۋا سوزۇنچاق كەمپۈتسىمان،سىرتقى يۈزىدە بىر قەۋەت ئۇپا-ئەڭلىك ۋە لەۋسۇرۇق قاتارلىق تەركىپلەر بار.بۇلارنى چىقىرىپ تاشلىغاندا سەل سېرىققا مايىل رەڭدە.قىياپىتىمۇ سىرتقى قىياپىتىنى چىقىرىپ تاشلىغاندا ئىلگىرىكىدىن خېلىلا زور پەرقلىنىدۇ.بۇ مەھسۇلات ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ،سەمرىش،قورۇق چۈشۈش قاتارلىق ھادىسىلەر پەيدا بولىدۇ،ئەمما داۋاملىق ئىشلىتىشىڭىزگە دەخلى قىلمايدۇ[/color]. [color=#ff0000][داۋالاش ئۈنۈمى][/color][color=#6600cc]بويتاقلىق كىسىلى،ئەۋلات قالدۇرالماسلىق قاتارلىق كىسەللەرگە ئالاھىدە پايدا قىلىدۇ،مۇھەببەتتىن بەھرۇم بولغان ياكى خۇدىنى بىلمەي مۇھەببەتلەشكەنلەرگىمۇ ئۈنۈمى ياخشى[/color]. [color=#ff0000][ئىشلىتىش ئۇسۇلى][/color] [color=#6600cc]ئىچى ۋە تېشىدىن تەڭ ئىستىمال قىلىنىدۇ،بىر قېتىمدا بىر دانە.ئۈنۈمى بولمىغانلار ئىشلىتىشنى توختىتىپ،نىكاھ مەسلىھەت مۇتەخخەسسىلىرىدىن مەسلىھەت سورىسا،ياكى بىر مەزگىل توختاتقاندىن كىيىن ئاندىن ئىستىمال قىلسا بولىدۇ[/color]. [color=#ff0000][دىققەت قىلىدىغان ئىشلار][/color][color=#6600cc]بۇ مەھسۇلات بويتاق ۋە بالاغەتكە يەتكەن ئەرلەرگىلا ماس كىلىدۇ.ئىستىمال قىلغاندا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئەكس تەسىرىنى ئېھتىيات بىلەن كۈزىتىش لازىم،ناۋادا ئەكس تەسىرى بوپ قالسا،ئىشلىتىشنى دەرھال توختىتىش كېرەك.ھاراق تاماكىنى تاشلىۋەتسىڭىز ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ[/color]. [color=#ff0000][مىقدارى][/color][color=#6600cc]ئادەتتە 45-55 كىلوغىچە بولىدۇ،ئالاھىدە ئەھۋال بۇنىڭ سىرتىدا[/color]. [color=#ff0000][ساقلاش][/color][color=#6600cc]نورمال تېمپراتورىدا ساقلىنىدۇ.سالقىن جايدا ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ.ناۋدا سىرتتا قويۇلغاندا،قۇياش نۇرىدىن ۋە يامان كۆزلەردىن ئالاھىدە ساقلىنىش كېرەك.ساقلىنىش مەزگىلىدە،بىر تەرەپكە چۆرۈپ قويۇپ،كارى بولماسلىققا بولمايدۇ[/color]. [color=#ff0000][قاچىلىنىشى][/color][color=#6600cc]ھەر خىل مودا كىيىملەرگە قاچىلىنىدۇ،پەسىلنىڭ ئالمىشىشىغا ئەگىشىپ ئالماشتۇرۇلۇپ تۇرۇلىدۇ[/color]. [color=#ff0000][تەستىق نۇمىرى][/color][color=#6600cc]ئىمامنىڭ تەستىقى ۋە نىكاھ كىنىشكا تەستىقىغا قارالسۇن[/color]. [color=#ff0000][ئىشلىتىلىش مۇددىتى][/color][color=#6600cc]مەمنۇنلۇق دەرىجىسىگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ،ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا بىر ئۆمۈر،قىسقا بولغاندا بىر ياكى ئىككى كۈن بولۇشىمۇ مۇمكىن![/color] [color=#ff0000][ئىشلەپچىقارغان ئورۇن][/color][color=#6600cc]«تاتلىق»ئاتا-«تاتلىق» ئانا[/color] [color=#ff0000][ئالاھىدە چۈشەندۈرۈلمە][/color] [/size][color=#669900][size=4]1.توي قىلمىغان يىگىتلەر ئىستىمال قىلشتىن ئىلگىرى بۇ قوللانمىنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقىشى لازىمدۇر.ھەمدە قوللانما بەلگىلىمىسى ۋە نىكاھ مۇتەخخەسسىسلىرىنىڭ ياردىمىدە ئىشلىتىش كېرەك. 2.بۇ مەھسۇلاتقا زىيادە سېزىمچانلارنىڭ ئىشلىتىلىشى چەكلىنىدۇ. 3.باشقا مۇشۇ خىلدىكى دورىلارنى ئىشلىتىۋاتقانلارنىڭ بۇ دورا بىلەن بىللە ئىشلىتىشى چەكلىنىدۇ. 4.بۇ مەھسۇلار رىتسىپسىز دورا،ئەمما سېتىۋىلىپ ئىشلەتكەندە ،بىر قىسىم قىممىتى بار بۇيۇملىرىڭىزنى چىقىرىشىڭىز شەرت! 5.بۇ مەھسۇلاتنى بالىلارنىڭ ۋە ياتلارنىڭ قولى يەتمەيدىغان يەرگە قويۇڭ!!![/size][/color]
0 سۆز قالدۇرۇڭ:
ئىنكاس يېزىش