2008/05/31

(بىلىۋېلىڭ)خەلقئارادىكى توشۇغۇچى راكىتالار

[color=#0000FF][size=5]1.كۈچ ئىلاھى(Titan) تىپىدىكى توشىغۇچى راكىتالارئامرىكىنىڭ كۈچتۈڭگۈر تىپىدىكى توشىغۇچى راكىتالار ئامرىكىنىڭ كۈچ ئىلاھى -2 تىپىدىكى قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان سىنارىتىسىدىن ئۆزگەرتىپ ياسالغان،1964-يىلى تۈنجى قويۇپ بېرىلگەن.بۇ تىپتىكى راكىتالار، كۈچ ئىلاھى-2،كۈچ ئىلاھى- 3،كۈچ ئىلاھى-34،كۈچ ئىلاھى-4،ۋە سودىغا ئىشلىتىلىدىغان كۈچ ئىلاھى 3 قاتارلىق راكىتالاردىن تەركىپ تاپقان.ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئوربىتىلىق يۈك توشۇش مىقتارى 21.9توننا بولۇپ،يەر شارىغا ماس قەدەملىك يۈك توشۇش مىقتارى 5.3توننا كىلىدۇ. [attachment=2166]
2.ئالەم ئىلاھى (Atlas)تىپىدىكى توشىغۇچى راكىتالارئامرىكىنىڭ بۇ خىلدىكى توشۇغۇچى راكىتاسى 1958-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى تۈنجى قېتىم قويۇپ بېرىلگەن،دۇنيادىكى تۈنجى ئۇچۇرلىشىش سۈنئىي ھەمراسى،تۈنجى ئالەم ئايروپىلانىنى قويۇپ بېرىشكە ئىشلىتىلگەن.ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقىنى ئالەم ئىلاھى-2A،ئالەم ئىلاھى-2ASۋە ئالەم ئىلاھى -3 قاتارلىق راكىتالار. ھازىر تەتقىق قىلىپ ياسىلىۋاتقان ئالەم ئىلاھى -5 راكىتا ئۇنۋېرسال بۆلەكلەشتۈرۈلگەن بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىر تىپتىكى راكىتاغا 3 بۆلەك ئىشلىتىلگەن،بۇ خىل راكىتانىڭ بولۇپ،يەر شارىغا ماس قەدەملىك يۈك توشۇش مىقتارى 13توننا كىلىدۇ. [attachment=2167]
3.دېلتا (Delta)تىپىدىكى توشىغۇچى راكىتالارئامرىكىنىڭ دېلتا توشۇغۇچى راكىتاسى 1960-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى تۈنجى قويۇپ بېرىلگەن،ھازىرغىچە 19 خىل راكىتاغا تەرەققى قىلغان،ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقىنى دېلتا - 2ۋە دېلتا -3 تىپتىكى راكىتا.ئامرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بارلىق GPSسۈنئىي ھەمراھلىرىنى دېلتا -2 تىپتىكى راكىتا ئارقىلىق قويۇپ بەرگەن،دېلتا-2 ۋە دېلتا-3 نىڭ ئاساسىدا چوڭ تىپتىكى راكىتا لاھىيىلەنگەن بولۇپ،3.8توننا يۈكنى يەر شاى ماس قەدەملىك ئوربىتىسىغا ئېلىپ چىقالايدۇ،دېلتا-3 2000 -يىلى 8- ئايدا مۇۋاپىقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى،ھازىر دېلتا-4 تىپى تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ،ئىشلىتىلگەن،بۇ خىل راكىتانىڭ بولۇپ،يەر شارىغا ماس قەدەملىك يۈك توشۇش مىقتارى 13توننىدىن يۇقۇرى كىلىدۇ. [attachment=2168] [attachment=2169]
4.ساتۇرىن(Saturn)تىپىدىكى توشىغۇچى راكىتالارئامرىكا ساتورىن تىپىدىكى راكىتانى مەخسۇس ئاپوللو ئايغا چىقىش پىلانى ئۈچۈن لاھىيىلىگەن،ئۇ ھازىرغىچە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ توشۇغۇچى راكىتا ھىساپلىنىدۇ،ئۇنىڭ ئۇچۇش ئېغىرلىقى 3000 توننا ،دىيامىتىر 10 مىتىر،ئىگىزلىكى 110 مىتىر كىلىدۇ،يەر شارىغا يېقىن ئوربىتىغا يۈك توشۇش مىقتارى 139 توننا كىلىدۇ،ئۇ 50 توننا ئېغىرلىقتىكى ئاپوللو ئالەم كىمىسىنى ئاي شارى ئوربىتىسىغا يەتكۈزەلەيدۇ،ساتورىن-5 ئىلگىرى 12 ئالەم ئۇچقۇچىسىنى ئاي شارىغا چىقارغان. [attachment=2170] [attachment=2171]
5.شەرىق (Vostok)تىپىدىكى توشىغۇچى راكىتالاررۇسىيەنىڭ شەرق تىپىدىكى توشۇغۇچى راكىتاسى دۇنيادىكى تۈنجى توشۇغۇچى راكىتا،ئۇ تۈنجى سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بەرگەن،تۈنجى ئاي شارىنى تەكشۈرەۈچىنى قويۇپ بەرگەن،تۈنجى مېركۇرى تەكشۈرگۈچىنى قويۇپ بەرگەن،تۈنجى يۇپىتىر تەكشۈرگۈچىنى قويۇپ بەرگەن،تۈنجى ئادەم سالغان ئالەم ئايروپىلانىنى قويۇپ بەرگەن،تۈنجى ئادەمسىز ئالەم ئايروپىلانىنىمۇ قويۇپ بەرگەن،ئۇ دۇنيادىكى قويۇپ بېرىلىش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ راكىتا ھىساپلىنىدۇ،ئۇنىڭ ئىچىدە ھەمكارلاشقۇچى تىپىدىكى راكىتا ئۇنىڭ بالا راكىتاسى ھىساپلىنىدۇ. [attachment=2172]
6.پروتون (Proton) تىپىدىكى توشىغۇچى راكىتالارروسىيەنىڭ پروتون تىپىدىكى راكىتاسى ئىككىنچى دەرىجىلىك،3-دەرىجىلىك ۋە 4-دەرىجىلىك ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ،ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقىنى 3 ۋە 4 -دەرىجىلىكلىرى.3- دەرىجىلىك پروتون راكىتا 1968-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى قويۇپ بېرىلگەن،تۆۋان ئوربىتىغا يۈك يەتكۈزۈش مىقتارى 20 توننا،ئۇ دۇنيادىكى تۈنجى ئالەم بوشلۇق بازىسى قويۇپ بېرىلگەن توشۇغۇچى راكىتا،ئىلگىرى ھۆرمەت توپى 1دىن 7 گىچە بولغان ئالەم بوشلۇق بازىسىنى قويۇپ بەرگەن،1998-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى ،ئۇ خەلقئارا ئالەم بوشلۇق بازىسىنىڭ بىرىنچى بۆلىكىنى قويۇپ بەرگەن. [attachment=2173]
7.ئالەم ئۆگزىسى (Zenit)تىپىدىكى توشىغۇچى راكىتالاربۇ خىل راكىتا سۆۋىت دەۋرىدە(كىيىنكى ئۇكرايىنا)ياسالغان،ئۇنىڭ ئاسمان ئۆگزىسى 2 ۋە 3 دەرىجىلىكلىرى،ۋە دېڭىزدىن قويۇپ بېرىلىدىغان ئاسمان ئۆگزىسى 3SL تىپلىقلىرى بار. ئاسمان ئۆگزىسى 2 تىپلىقىنىو يۈك توشۇش مىقتارى 14 توننا،قۇياشقا ماس ئوربىتىلىق يۈك توشۇش مىقتارى 11 توننا بولۇپ،دېڭىزدىن قويۇپ بېرىلىدىغان راكىتاسىنى ئامرىكا،نورۋىگىيە،ئوكرايىنا ۋە رۇسىيە بىرلىشىپ ياسىغان بولۇپ،ماس ئوربىتىلىق توشۇش مىقتارى ئىككى توننا بولۇپ،1999-يىلى 3-ئايدا مۇۋاپىقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەن. [attachment=2174]
8.ئېنىرگىيە (Energia)تىپىدىكى توشىغۇچى راكىتالارئۇنى روسىيە سۆۋىت دەۋرىدە ياسىغان بولۇپ،ھازىرغىچە ئۇچۇش ئېغىرلىقى ۋە ئىتتىرىش كۈچى ئەڭ زور راكىتا ھىساپلىنىدۇ،ئۇنىڭ ماس ئوربىتىلىق يۈك توشۇش مىقتارى 105 توننا بولۇپ،1987-يىلى مۇۋاپىقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەن،رۇسىيەنىڭ بوران چاپقۇن ناملىق ئالەم كىمىسىنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقارغان،كىيىن رۇسىيە ئىقتىسادى چىكىنگەچكە،قويۇپ بېرىلمىگەن. [attachment=2175]
9.ئارىئاننا (Ariane)تىپىدىكى توشىغۇچى راكىتالاربۇ خىل راكىتانى ياۋروپادىكى 11 دۆلەت بىرلىشىپ ياسىغان،ھازىرغىچە 5 تىپى بار،ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقىنى 4 ۋە 5- تىپلىقى.ئارىئاننا 4 تىپلىقى 1988-يىلى 6-ئاينىڭ 15 كۈنى تۈنجى قويۇپ بېرىلگەن،يۈك توشۇش مىقتارى 9.4 توننا كىلىدۇ،يەر شارىغا ماس ئوربىتىلىق يۈك توشۇش مىقتارى 4.2 توننا كىلىدۇ،ئارىئاننا 5 تىپلىقى 1997 -يىلى مۇۋاپىقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەن،ئۇنىڭ ئوربىتىلىق يۈك توشۇش مىقتارى 22 توننا،يەر شارىغا ماس ئوربىتىلىق يۈك توشۇش مىقتارى 6.7 توننا كىلىدۇ،2005 -يىلغىچە ئەسلىدىكى يۈك توشۇش مىقتارى 6.7 توننىدىن 11-12 توننىغا يەتكۈزۈلدى. [attachment=2176]
10.H تىپىدىكى توشىغۇچى راكىتالارياپونىيەنىڭ H تىپىدىكى راكىتاسى H-1、H-2、H-2A تىپلىق راكىتالاردىن تەركىپ تاپقان،ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقىنى پەقەتلا H-2A تىپلىقى.2001-يىلى 8 -ئايدا مۇۋاپىقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەن. [attachment=2177]
11.ئوربىتىلىق (PSLV)تىپىدىكى توشىغۇچى راكىتالارھىندىستان ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان 4 بۆلەكلىك راكىتا بولۇپ،يۈك توشۇش ئىقتىدارى بىر توننا،تۆۋەن بوشلۇققا يۈك يەتكۈزۈش ئىقتىدارى 3 توننا،1993 -يىلى 9-ئايدا مۇۋاپىقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەن،ئەمما كاشىلا چىقىپ،ئوربىتىغا كىرەلمىگەن،كىيىن 3 قېتىم مۇۋاپىقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەن،1999-يىلى 5- ئايدا،بىر راكىتادا 3 سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىشتە مۇۋاپىقىيەت قازانغان. [attachment=2178] [/size][/color]
مەنبە:[url]http://bbs.bitscn.com/128068[/url]

0 سۆز قالدۇرۇڭ: