2008/05/31

«جۇڭگونىڭ ئۆلۈك دېڭىزى»شىنجاڭ تۇز كۆلى

[color=#0000FF][size=5] شىنجاڭ تۇزكۆل ساياھەت رايونىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆي ئىچى تۇزلۇق سۇدا يۇيۇنۇش مەركىزى----تۇزكۆل ئارامگاھى 18-ئۆكتەبىر رەسمى تىجارەت باشلىدى.بۇنىڭ بىلەن «جۇڭگونىڭ ئۆلۈك دېڭىزى»دەپ نام ئالغان تۇزكۆل تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە«سۇدا لەيلەش»نى ئىشقا ئاشۇردى.ئۈرۈمچىدىن كەلگەن لىياڭ فەمىلىلىك ساياھەتچى مۇخبىرغا مۇنداق دىگەن«كۈز كىرگەندىن كىيىن،تېمپىراتورا تۆۋەنلەپ،تۇز كۆلىگە بەك ئاز كىلەتتۇق،ئەمدى ياخشى بولدى،مەيلى يامغۇر -يېشىن بولسىمۇ،قىش -يازنىڭ ھەممىسىدە بۇ يەرگە كېلىپ،سۇدا لەيلەشنىڭ كارامىتىدىن ھوزورلىنىدىغان بولدۇق». تۇزكۆل ئارامگاھى تۇزكۆل ساياھەت رايونىنىڭ نوقتىلىق تۈرى،كۆلىمى 7200كۇۋادىرات مىتىر بولۇپ،28مىلىيون يۇەن مەبلەغ سېلىنغان،ئۇ سۇدا لەيلەش،تۇز بىلەن داۋالاش،لايدا داۋالاش،ئىكولوگىيەلىك يىمەك-ئىچمەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ تىپتىكى ساغلاملىق كۆڭۈل ئېچىش ئارامگاھى. تۇز كۆل ساياھەت رايونى شۇ رايونغا خاس بولغان كۆل سۈيى،يەر،لاي ۋە قۇياش نۇرى قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلارنى ۋە ئالاھىدە تۇزكۆل تارىخى مەدەنىيەتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرۈپ،«جۇڭگودىكى ئۆلۈك دېڭىز،شىنجاڭ تۇز كۆلى»نى باش تېما قىلغان ئىكولوگىيەلەك ساياھەت تۈرىنى يولغا قويدى. بىر نەچچە يىلدىن بۇيان،شىنجاڭ تۇزكۆل تۇزچىلىق چەكلىك ھەسسىدارلىق شېركىتى 16 مىلىيون يۇەن مەبلەغ سېلىپ،سۇدا لەيلەپ ئۇزۇش كۆلچىكى،تۇز ئېتىزلىقى ساياھىتى،كارخانا ساياھىتى،تۇزكۆل ئارامگاھى،بېلىق تۇتۇش كۆلچىكى،چاپقۇر ماشىنا مەيدانى قاتارلىق ساياھەت نوقتىلىرىنى تەسسىس قىلىپ،2003 -يىلى«ئۈرۈمچىدىكى 10يېڭى مەنزىرە رايونى»بولۇپ باھالاندى. شىنجاڭ تۇزكۆلى ئۈرۈمچىدىن 72 كىلومىتىر ،تۇرپاندىن 110 كىلومىتىر يىراقلىقتا.لەنجۇ -شىنجاڭ تۆمۈر يولى،تۇرپان-ئۈرۈمچى-داخۇاڭسەن يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولى ۋە 312 دۆلەت تاشيولى كۆل رايونىنى كىسىپ ئۆتۈپ،ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەۋزەل شارائىت ھازىرلىغان.بولۇپمۇ تۇزكۆل رايونىنىڭ ئىشلەپچىقارغان يۇيۇنۇش تۇزى،قارا لاي قاتارلىق مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى ياخشى بولغاچقا،ياپون،كورىيە گىرىم بازارلىرىنىڭ ئۈچتىن بىر بازىرىنى ئىگىلەپ تۇرماقتا.[/size][/color]
[backcolor=#FF33CC]سەلكىنداشلارنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ يىنىدا بولىۋاتقان ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇپ قېلىشى ئۈچۈن تەرجىمە قىلدىم.[/backcolor]
مەنبە:[url]http://news.xinhuanet.com/tech/2007-10/19/content_6905728.htm[/url]

0 سۆز قالدۇرۇڭ: