2008/05/31

ئىلگىرى دۇنيانى تىترەتكەنلەرنىڭ ھازىر نىمە قىلىۋاتقىنىنى بىلەمسىلەر؟(7)

ياك شىراك(Jacques Chirac)1932-يىلى 11-ئايدا فرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدىكى كىلىز بازىرىدا باي ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن،ئۇنىڭ دادىسى فرانسىيە سودا بانكىسىنىڭ باشلىقى ئىدى،شىراك پارىژ سىياسى قانۇن ئىنىستىتوتىنى پۈتتۈرگەن.يەنە فرانسىيە دۆلەتلىك مەمۇرىيەت ئىنىستىتوتىدىمۇ ئوقىغان،1967-يىلى ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولۇپ سايلانغان،1967-يىلدىن 1974-يىلغىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش دۆلەت ۋازارەت كاتىپى،مالىيە دۆلەت ۋازارەت كاتىپى،زۇڭلى مەھكىمە مەسئولى ۋە پارلامىت بىلەن ئالاقىلىشىدىغان مىنىستىر دەرىجىلىك ۋەكىل،دىھقانچىلىق مىنىستىرى،ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى قاتارلىق كۆپلىگەن ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.1974-يىلى فرانسىيەنىڭ زۇڭلىسى بولۇپ سايلانغان،1976-يىلى خىزمىتىدىن ئىستىيپا بېرىپ،جۇمھۇرىيەتنى قوغداش .ۇيۇشمىسىنى بەرپا قىلغان ھەمدە رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.1977-يىلدىن1995-يىلغىچە ئۇدا ئۈچ قىتىم پارىژ شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلانغان،بۇ جەرياندا 1986-يىلى ۋە 1988-يىلى ئىككى قىتىم زۇڭلىلىق ۋەزىپە ئۆتىگەن،1995-يىلى 5-ئايدا فرانسىيەنىڭ پرىزدىنتلىقىغا سايلانغان،2002-يىلى 5-ئايدا قايتا سايلانغان.
رەسىمدە،سابىق پرىزدېنت شىراك 2007-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئايالى بىلەن فرانسىيەنىڭ جەنوبىدىكى بىر ساناتورىيەدە دەم ئالماقتا.[img]http://news.xinhuanet.com/world/2007-08/22/xinsrc_20208042218265781309416.jpg[/img]

مامكاپ

[wmv=1]http://huizhoufile.focus.cn/file/480/塔拉.wma[/wmv][color=#ff33cc][size=5] ....مامكاپ غەمكىن شامالنى ئۈمىتسىزلەندۈرمەيدۇ ئۇرۇقلىرىنى چاچىدۇ. ئىككىنچى باھاردا، ھەممە يەردە ئۈنۈپ چىقىدۇ. [attachment=3114] تولغان غۇنچىنىڭ ئۈنسىز ساقلىشى، ئۇرۇق يارغاندكى ئازاپ. تەقدىر ... ئازاپقا كۆنگە، ئىگىلمەس روھ. ئالغا ئۈندىگەن! [attachment=3115] مانا كۈز كەلدى، تىنىمسىز شاماللار. ھەر خىل سېغىنىش، ۋەدىلىرىنى بىللە ئەپ كەتتى. [attachment=3116] تۇرمۇش قانۇنىيىتى، ئۇرۇقتىن ئۈمىد. ھوسولدىن ئارزۇ، پەرزەنتكە سۆيگۈ. بەختكە قانات، ئۆينى سېغىنىش، چوڭلارنى ئەسلەش، ھەممىسى مۇھەببەت. بەڭباش شاماللار مۇھەببىتىمنى،چۈشلىرىمنى تەڭ ئېلىپ ئۇچتى... [attachment=3117] [/size][/color]

ئەرلەر كىيىمىنى بەدەنگە ياراشتۇرۇپ كىيىشى توغرىسىدا بىلىم

[color=#0000FF][size=4]كىيىمنىڭ پاسونى،رەڭگى قاتارلىق ئامىللار بەدەن قۇرۇلمىسىنى بېزەيدۇ ۋە گۈزەللەشتۈرىدۇ.كىيىم تاللىغاندا ئاۋال ئۆز بەدەن قۇرۇلمىڭىزنى تەپسىلى كۈزىتىپ بېقىشىڭىز كېرەك.مەسىلەن،مۆرە بىلەن كاسسىڭىزنىڭ نىسبىتى،بېلىڭىزنىڭ ئىگىزلىكى قاتارلىقلار.تۇرمۇشىمىزدا بەدەن قۇرۇلمىسى ئۆلچەملىك كىشلەر ئۇنچە كۆپ ئەمەس،كىيىمنى ياراشتۇرۇپ كىيىشنىڭ مەقسىدىمۇ،كۆزنى ئالداش ئارقىلىق،بەدەن قۇرۇلمىسىدىكى نوقسانلارنى يېپىش،كۆرۈنۈشىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن ئىبارەت.بۇ مەقسەتكە كىيىمىىزنىڭ پاسونى،سىرتقى شەكلى،رەڭگى قاتارلىقلارنى تاللاش ئارقىلىق يەتكىلى بولىدۇ.تۆۋەندە بىر نەچچە خىل بەدەن شەكلى تۇنۇشتۇرىلىدۇ.
1.مۆرە كەڭلىكى كاسسا كەڭلىكىدىن چوڭ بولغانلار.بۇ خىلدىكى بەدەن قۇرۇلمىسى بىر قەدەر سىپتا بولۇپ،كۆپخىل كىيىملەرنى تاللاپ كىيىشكە بولىدۇ. [attachment=3382] 2.مۆرە بىلەن كاسسا كەڭلىكى ئوخشاشلارئۆرە بەدەن خىلىدىكى بەدەن قۇرۇلمىسى بۇلۇپ،كىيىم تاللىغاندا قېنىق رەڭ،ياكى پاراللىل سىزىقلىق كىيىملەر ئارقىلىق ئېغىرلىق تۇيغۇسىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. [attachment=3383] 3.مۆرە كەڭلىكى كاسسا كەڭلىكىدىن كىچىك بولغانلارپاكار سىمىزلەر خىلىغا كىرىدۇ،كىيىم تاللىغاندا تىك سىزىقلىق كىيىملەرنى تاللاش،بىر قەدەر سىپتا رەختلىك كىيىملەرنى تاللاش كېرەك.پاسوندا پاراللىل ماس كىلىدىغان كىيىملەردىن ساقلىنىش،ئىنچىكىرەك بەلتاسما تاللاش كېرەك. [attachment=3384] 4.سېمىز بەدەن قۇرۇلمىسى شەكلىدىكىلەرسېمىز بەدەنلىك ئەرلەر كۆرۈنۈشكە تولغان كۆرۈنىدۇ،شۇڭا ئورۇقراق كۆرۈنۈش ئۈچۈن،تىك سىزقلىق كىيىملەرنى تاللاش كېرەك.راختى تىك سىزقلىق،زىچ توقۇلغان رەختلەر بولۇشى كېرەك،پاسوندا مۆرە بىلەن ماس كىلىپ قالىدىغان،بېلى بوش كىيىملەردىن ساقلىنىش كېرەك.سىپتا مۆرە پاسونى،v شەكىللىك ياقا ۋە تىك پاسوندىكى بىزەكلەر بولسا،بىر قەدەر ئازادە كۆرۈنىدۇ. [attachment=3385] 5.پۇتى قىسقا ھەم ئەگرىلەرپۇتى مايماق ئەرلەر،كىيىمنى ماسلاشتۇرۇشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.ئىشتاننى سۇس رەڭلىك ،رەختىنى ئازراق يۇڭلۇڭ تەسىر بېرىدىغان قىلىپ تاللاش كېرەك.پۈتۈن بەدەندىكى كىيىم قېنىق تەڭ تۈسىنى ئېلىپ قالسا بولمايدۇ،پاسوندا،بەلنىڭ يۇقۇرىسىدىكى كىيىم ئۆزگىرىشچانراق بولۇشى،خەقنىڭ كۆزىنى بەلنىڭ يۇقۇرىسىغا جەلىپ قىلىدىغان بولۇشى كېرەك.مەسىلەن،مۇۋاپىق مىقتاردا بىزەك قېتىلسا بولىدۇ. [attachment=3386] 6.قوسىقى تومپايغانلارقوسىقى تومپايغان ئەرلەرنى «قوساق»مۇ دەپ قويىمىز،چاپان تاللىغاندا ئانچە - مۇنچە نەقىشلىك رەخت بولسا ياخشى،رەختنىڭ زىچلىقى ۋە سۈپىتى ياخشى سىپتا بولۇشى كېرەك.ئىنچىكىرەك بەلتاسما تاللاش كېرەك.قارا ئاياق كىيىش،نەزەرنى تۆۋەنگە تارتىش كېرەك. [attachment=3387] 7.ئورۇق پاكار،كاسىسىسى تۈزلەرتار كىيىم كەيسە بولمايدۇ،سەل بوش كىيىم كىيىش كېرەك،شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە،ئىشتاننىڭ ئېغى سېمىز،چوڭ بۇلماسلىقى كېرەك،رەختنى سەل سىپتا رەخت تاللاش كېرەك. [attachment=3388] 8.پۇتى قىسقا،قوڭى يوغانلاربۇ خىل بەدەن قۇرۇلمىلىق ئەرلەر ياقىسىنىڭ تۈگمىسىنى ئېتىپ يۈرۈشى كېرەك،يوللۇق،كاتاچكە نەقىشلىك چاپان،قېنىق رەڭ ئىنچىكە بەلتاسما ئىشلىتىشى كېرەك.ئاياقنى سەل سۇس رەڭلىك تاللاش كېرەك. [attachment=3389] 9.يۈزى يوغان، قىسقا توم بويۇنلۇقلاربۇينى قىسقا بولۇشمۇ بىر مەسىلە،كىيىم تاللىغاندا ياقا ئىڭەككە تاقاشمايدىغان كىيىم تاللاش كېرەك. [attachment=3390] 10.مۆرىسى كەڭرى،بىلەكلىرى توملارمۆرە بەك كەڭ بولۇپ كەتسە،كىيىمنىڭمۇ بېلىنى كىڭەيتىش كېرەك،لەپلىمىلىك يانچۇق ئارقىلىق كەڭلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشقىمۇ بولىدۇ.كىمە شەكىللىك،ئۆرۈمە ياقىلىق كىيىملەردىن ساقلىنىش كېرەك.مۆرە بەك پەس بولسا،مۆرىگە پادوشكا قويۇشقا بولىدۇ.ئەگەر قول قىسقا ھەم توم بولسا،يەڭنى سەل كەڭرەك تاللاشقا بولىدۇ.
11.كاسسىسى چوقچىيىپ قالغانلارئەرلەرنىڭ كاسىسىسى چوقچىيىپ قالسا،دۈمبىسى بەل تەرەپ ئاراچلىق كىيىم بىلەن يېپىشقا بولىدۇ،يۇمشاق رەختلىك چاپان بىلەنمۇ كاسسىنى يېپىپ تۇرۇشقا بولىدۇ.ناۋادا دۈمبە يۇمىلاق بولسا،رەڭلىك،رەختى قوپالراق كىيىم تاللاشقا بولىدۇ.
12.بارمىقى قىسقا ياكى ئۇزۇنلاربارماقنى ئويلاشقاندا ئۈزۈك ئارقىلىق،ئەيپنى يېپىش مۇمكىن،تىرناقنىڭ ۋە قولنىڭ پاكىزلىقىمۇ بەكمۇھىم.
ئوموملاشتۇرغاندا،كىيىمنى قارغۇلارچە تاللىماسلىق لازىم،كىيىمنىڭ يارىشىملىقى ئەڭ مۇھىم.ئەلۋەتتە سىزنىڭ بەدىنىڭىز ئۆلچەملىك ،كېلىشكەن يىگىت بولسىڭىز بۇ تېمىنى كۆرۈپ ئولتۇرۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق....[/size][/color]

ماشىنا ھەيدىگەچ ئاڭلايدىغان پىچەت مۇزىكىلار2

[img]http://bbs.yxun.net/UpFile/UpAttachment/2007-8/200789942.jpg[/img]
ئورۇندىغۇچى:Ludovico Einaudi
  دېسكا ئىسمى:Divenire
  تارقىتىلغان ۋاقتى:2007.02.22
  تارقاتقۇچى:Universal Classics
  مۇزىكا خىلى:New Age
01. Uno
  02. Divenire
  03. Monday
  04. Andare
  05. Rose
  06. Primavera
  07. Oltremare
  08. L'origine Nascosta
  09. In Volo
  10. Ascolta
  11. Ritornare
  12. Svanire

[url]http://fv.menllo.com/musics/66f4f8d2-8ae8-4c6f-8df1-bd8031e53fb5/2007/08/06/113718.Mp3[/url]
[url]http://fv.menllo.com/musics/66f4f8d2-8ae8-4c6f-8df1-bd8031e53fb5/2007/08/06/114936.Mp3[/url]
[url]http://fv.menllo.com/musics/66f4f8d2-8ae8-4c6f-8df1-bd8031e53fb5/2007/08/06/115728.Mp3[/url]
[url]http://fv.menllo.com/musics/66f4f8d2-8ae8-4c6f-8df1-bd8031e53fb5/2007/08/06/120609.Mp3[/url]
[url]http://fv.menllo.com/musics/66f4f8d2-8ae8-4c6f-8df1-bd8031e53fb5/2007/08/06/121222.Mp3[/url]
[url]http://fv.menllo.com/musics/66f4f8d2-8ae8-4c6f-8df1-bd8031e53fb5/2007/08/06/122236.Mp3[/url]
[url]http://fv.menllo.com/musics/66f4f8d2-8ae8-4c6f-8df1-bd8031e53fb5/2007/08/06/123631.Mp3[/url]
[url]http://fv.menllo.com/musics/66f4f8d2-8ae8-4c6f-8df1-bd8031e53fb5/2007/08/06/124256.Mp3[/url]
[url]http://fv.menllo.com/musics/66f4f8d2-8ae8-4c6f-8df1-bd8031e53fb5/2007/08/06/125059.Mp3[/url]
[url]http://fv.menllo.com/musics/66f4f8d2-8ae8-4c6f-8df1-bd8031e53fb5/2007/08/06/012458.Mp3[/url]
[url]http://fv.menllo.com/musics/66f4f8d2-8ae8-4c6f-8df1-bd8031e53fb5/2007/08/06/013912.Mp3[/url]
[url]http://fv.menllo.com/musics/66f4f8d2-8ae8-4c6f-8df1-bd8031e53fb5/2007/08/06/015132.Mp3[/url]

بۆرە پەلسەپىسى (سەلكىن تەرجىمە مۇكاپاتىغا)

[wmv=1]http://www.tianxinedu.com/AttachFiles/632507555084218750.mp3[/wmv]
مۇزىكىنى چۈشۈرۈش ئادرىسى:[url=http://www.tianxinedu.com/AttachFiles/632507555084218750.mp3]http://www.tianxinedu.com/AttachFiles/632507555084218750.mp3[/url]
[align=center][color=#6600CC][size=6]1.جاپالىق چېنىقىش:بۆرە ھەرگىزمۇ ئاتالمىش غورور-ۋىجداننى دەپلا،ئۆزى ئاجىز تۇرغاندا ئۆزىدىن كۈچلۈك رەقىبلەرگە ھۇجۇم قىلمايدۇ.[img]http://bbs.salkin.cn/1187608282/157_4079_5cce0d746935100.jpg[/img]
2.ئۆملىشىپ ھەمنىيەت بولۇش:بۆرە ئۆزىدىن كۈچلۈك رەقىبلەرگە يۈزلەنمىسە بولمايدىغان ئەھۋال ئاستىدا،چوقۇم ئۆملىشىپ ھۇجۇم قىلىش تاكتىكىسىنى قوللىنىدۇ.[img]http://bbs.salkin.cn/1187608282/157_4079_827711fdcb72346.jpg[/img]
3.ئۆزىنى بىلىش:بۆرىنىڭمۇ ھايۋاناتلارنىڭ پادىشاسى بولغۇسى بار،ئەمما بۆرە ئۆزىنىڭ بۆرە ئىكەنلىكىنى،ھەرگىزمۇ يولۋاس ئەمەسلىكىنى ئوبدان چۈشىنىدۇ.[img]http://bbs.salkin.cn/1187608282/157_4079_8095a1acba35b27.jpg[/img]
4.سۇنىڭ ئېقىشىغا قاراپ ئىش كۆرۈش:بۆرە قانداق قىلىپ ئەڭ ئاز بەدەل تۆلەش بەدىلىگە،ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشىشنى بىلىدۇ.[img]http://bbs.salkin.cn/1187608282/157_4079_8434f91d36cd106.jpg[/img]
5.تەڭ ھۇجۇم قىلىپ تەڭ چىكىنىش:بۆرە ئادەتتە يالغۇز ھەرىكەت قىلسىمۇ،ئەمما ئۇ ئەڭ ئۆم-ئىتىپاقلاشقان ھايۋان،سىز ھەرگىزمۇ بىرەر بۆرە يارىلانغاندا ئۇنىڭ بىرەر ھەمراھىنىڭ ئۇنى تاشلاپ قېچىپ كىتىپ بارغانلىقىنى كۆرەلمەيسىز![img]http://bbs.salkin.cn/1187608282/157_4079_178772fae057abf.jpg[/img]
6.ئىچى ۋە تىشى ئوخشاش:بۆرىنىڭمۇ مۇلايىم ھايۋان بولغۇسى بار،ئەمما بۆرە ئۆز ئاشقازىنىنىڭ پەقەتلا گۆشكە ماسلىشىدىغىنىنى ئوبدان بىلىدۇ.شۇڭا بۆرىنىڭ قىلالايدىغىنى پەقەتلا ھەر قېتىملىق ئولجىسىنى پاك-پاكىزە يەۋىتىش خالاس!ھالبۇكى بەزىبىر ئۆزىنى مۇلايىم دەۋەلغان ھايۋانلار قاۋاقخانا ۋە مىھمانخانىلاردا بىر قىسىم «مۇلايىم بولمىغان»ئىشلارنى قىلىپ قويىدۇ.[img]http://bbs.salkin.cn/1187608282/157_4079_4ef24177ece3944.jpg[/img]
7.ئۆزگىنىمۇ ئۆزىنىمۇ بىلىش:بۆرە رەقىبىگە ھۆرمەت قىلىدۇ،ئۇ ھەر قېتىم ھۇجۇم قىلىشتىن ئىلگىرى چوقۇم رەقىبىنىڭ ئۇچۇرىنى ئالىدۇ،ھەرگىزمۇ كۆزگە ئىلمايدىغان ئىش قىلمايدۇ.شۇڭا بۆرىنىڭ ھۇجۇملىرىدا سەۋەنلىك ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ.[img]http://bbs.salkin.cn/1187608282/157_4079_5f9fb51b830f92c.jpg[/img]
8.بۆرىدىمۇ مىھرىبانلىق بار:ئەركەك بۆرە چىشى بۆرە قوساق كۆتەرگەندە،بالا بۆرە مۇستەقىل ھەرىكەت قىلغۇچە ئۇلارنى ئىزچىل قوغدايدۇ،بۇ ھەرگىزمۇ بەزى «مىھىر شەپقەتلىك»ھايۋانلارنىڭ جۇپتى قوساق كۆتۈرگەندە،تېشىدا ئويناپ يۈرگىنىگە ئوخشىمايدۇ.شۇڭا بۆرە كىشىلەرنىڭ مىھىر شەپقەتسىز كىشىلەرنى «ئىت مىجەز»دەپ تىللىشىغا بەكمۇ قارشى،چۈنكى بۇ بىر ئادالەتسىزلىك![img]http://bbs.salkin.cn/1187608282/157_4079_9e22b92ac309595.jpg[/img]
9.بۆرىلىك تەربىيىسى:ئاتا بۆرە بالا بۆرە مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ھامان ئۇنىڭدىن ئايرىلىدۇ،چۈنكى بۆرە شۇنى ئوبدان بىلىدۇكى:ناۋادا بۆرە بۆرە بولالمىسا ئۇنىڭ قوي بولغىنى ياخشىراق![img]http://bbs.salkin.cn/1187608282/157_4079_e4e409b2706d861.jpg[/img]
10.بىباھا ئەركىنلىك:بۆرە ھەرگىزمۇ ئازراق مەنپەئەتىنى دەپ،ئۆز غورورىنى دەپسەندە قىلىپ خوجىسىغا قويرۇقىنى شىپاڭشىتمايدۇ.چۈنكى بۆرىگە ئېنىقكى:مەغرورلىنىشقا بولمايدۇ،ئەمما مەغرۇرسىز قېلىشقىمۇ بولمايدۇ!شۇڭا بۆرىلەر دائىم تەنھا ھالدا ئەركىنلىك نەزمىسىدىن ھوزور ئىتىدۇ![img]http://bbs.salkin.cn/1187608282/157_4079_495c9a10442e4ae.jpg[/img][img]http://bbs.salkin.cn/1187608282/157_4079_8c5592551e8935c.jpg[/img]
مەنبە:كۆچۈرمىكەشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆچۈرىۋەتتىم
تەھرىر:قوغدىغۇچى[/size][/color][/align]

شائىر سۆزى يالغاندۇر

[color=#6600CC][size=5]رىۋايەت قىلىنىشىچە،نوشىرۋان ئادىل شائىرلارنى ھوزورىغا يىغىپ مۇنداق دەپتۇ:-بۇ نىمە دىگەن ئۇياتسىزلىق،سىلەر نىمىشقا مەندەك ئادىل شاھ دەۋرىدە يالغان شېئىرلارنى يازىسىلەر،ئاشىقنىڭ ئاھۇ پىغانى سەھراغا ئوي قويارمىش،جاناننىڭ كىرپىكى ئوق بولۇپ،ئاشىق يىگىتنىڭ كۆكسىگە سانچىلارمىش.بۇ سۆزگە كىم ئىشىنىدۇ؟قىسقىسى،بۈگۈندىن باشلاپ كىم مۇشۇنداق يالغان شېئىر يازسا،كاللىسىنى ئالىمەن!مۈلكىنى ۋەيران قىلىمەن! شۇ پەرماندىن كىيىن،ئۇزۇن يىللارغىچە ھىچكىم شېئىر يازماپتۇ،ئاخىر بىر شائىر مۇنداق شېئىر يېزىپتۇ:
تاڭ ئاتسا يۇلتۇزلار ئۆچەر ئاسماندا، خورازلار چىللىشار مازانداراندا(جاي ئىسمى). خەلەپتە(جاي ئىسمى)كەچقۇرۇن قۇياش پاتىدۇ، كىچىسى ئادەملەر ئۇخلاپ ياتىدۇ.
نۇشىرۋان ئادىن ھىچبىر يالغىنى بولمىغان باشتىن -ئاخىرىغىچە ھەقىقەتنى ئەكىس ئەتتۈرگەن بۇ شېئىرنى ئوقۇپ،مۆرىسىنى قىسىپ،بىشىنى تاتىلاپ ئۇزۇن ئويلانغاندىن كىيىن،«شائىرلار ئۆزىنىڭ شۇ يالغىنىنى يېزىۋەرسۇن»دەپ قايتا پەرمان چۈشۈرۈپتۇ. «شائىر سۆزى يالغاندۇر»دىگەن سۆز شۇنىڭدىن قالغانىكەن.[/size][/color]
مەنبە:تەربىيىلىنىشتىكى 99 پاراسەتتەھرىر:قوغدىغۇچى

ئاتوم دەۋرىدىكى ئازغۇن خىيالىم - نېرۋىلىرىمغا ئوسكار مۇكاپاتى بېرىمەن.

[color=#FF00CC][size=4]تېمامغا قىزىقىپ كىردىڭىز ھەقىچان،مەنمۇ سىزنى ئۈمىتسىز قالدۇرماسلىق ئۈچۈن تىرىشاي!
بۈگۈن سەھەردە ئاخشام كۆرگەن چۈشلىرىمنى ئويلاۋىتىپ،ئۆزۈمنىڭ نېرۋا سېستىمام ئېسىمگە كېلىپ قالدى.مېنىڭچە ئۇلار «ئوسكار مۇكاپاتى» ئېلىشقا تىگىشلىك!بۇنداق دىيىشىمدە مۇنداق سەۋەپلەر بار:1.ئۇلار داڭلىق، چىنلىقى يۈكسەك يۇقۇرى بولغان ئارتىست.مەن خىيال نەزەرىمنى قايارگە قىلسام،نېرۋىلىرىمى توختاۋسىز،ئاڭلىق ھەرىكەت قىلىپ،مېنى ئەڭ يېقىمىلىق،گۈزەل ئەسلىمە،ھىس -تۇيغۇ،ئوي-پىكىرلەر بىلەن ھوزۇلارندۇرىدۇ.مەن ئۈچۈن ئۇنىڭدىنمۇ چىن تۇيغۇ بولمىسا كېرەك.
2.ئۇلار ئەڭ ماھىر كىنو دېرىكتورىمەن نىمىنى خىيال قىلغۇم كەلسە شۇنى خىيال قىلالايمەن.ئاسمەاندا ئۇچقۇم كەلسە ئۇچالايمەن،سۇدا ئۈزگۈم كەلسە ئۈزەلەيمەن،ياقتۇرغىنىمنى سۆيەلەيمەن،ئىشقىلىپ نىمە قىلغۇم كەلسە،ىىيال دۇنيارىمدا شۇنى قىلالايمەن.ئاللاھنىڭ بەندىسىگە بەرگەن ئەڭ مول بايلىقلىرىنىڭ بىرى دەل بەندىنىڭ چېكى يوق تەپەككۇر،ھىس- خىيال دۇنياسى بولسا كېرەك.
3.ئۇلار ئەڭ ياخشى باھالىغۇچىئىنساننىڭ ھايۋاندىن پەرقى ھەق-ناھەق،ياخشى - ياماننى پەرق ئېتىش،شەرمى-ھايادۇر.بۇلارنىڭ ھەممىسىگە مېنىڭ نېرۋا سېستىمام قۇماندانلىق قىلىدۇ.ئۇلار ماڭا نىسبەتەن ئەڭ توغرا باھا بېرەلەيدۇ،باشقۇرالايدۇ،مەسىلىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىيالايدۇ.
4.ئۇلار ئەڭ ياخشى تاماشىبىنھەر قېتىم ئۆزۈمنىڭ شېرىن خىياللىرىمدىن ھوزۇرلىنىپ كىتىمەن،بۇ خىل ھىس تۇيغۇنى دەل مېنىڭ نېرۋا سېستىمام ماڭا تەسۋىر قىلىپ بېرىدۇ.ئۇلار ھەرگىز يامانلىمايدۇ،مېنىڭ ئىرادەمگە بويسۇنىدۇ،دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ ياخشى تاماشىبىن بارمۇ؟
5.ئۇلار ئاڭ ياخشى ئىجادىي كەشىپچىبۇنىڭ تىپىك مىسالى---مېنىڭ چۈشلىرىم.چۈنكى مەن ئۇخلاشتىن ئىلگىرى چۈشۈمدە نىمە كۆرۈشۈمنى بىلمەيمەن،ھەر كۈنى سەھەردە مېنىڭ تۈنجى تەپەككۈرۈم كۆرگەن چۈشلىرىم ئۈستىدە بولىدۇ،مەن ئويلاپ باقمىغان خىياللار چۈشلىرىمدە پەيدا بولىدۇ،مەن خىيالىمغا كەلتۈرۈپمۇ باقمىغان ئىشلار چۈشۈمدە يۈز بېرىدۇ.مەن چۈشلىرىمنى كونترول قىلالمايمەن.ئۇلارمۇ ھەم مېنىڭ ئىرادەمگە بويسۇنمايدۇ.ئۇلار باشقۇرۇشتىن خالىي ئەڭ نادىر ئىجادىيەتچىلەردۇر.
ساراڭ خىياللىرىمنى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتمەڭلار،مېنىڭچە ھەمىمىزدە ئازدۇر كۆپتۇر بۇنداق «ساراڭ خىياللار »بارغۇ دەيمەن؟![s:49][/size][/color]
[attachment=4054] [attachment=4055] [attachment=4056] [attachment=4057] [attachment=4058] [attachment=4059] [attachment=4060] [attachment=4061]

دىئابىت كىسىلىدە پۇت ۋە بەلنى ئىسسىق تۇتۇش توغرىسىدا....

[color=#6633CC][size=4]دىئابىت كىسىلى توغرىسىدىكى ماتىرىياللانى كۆرىۋىتىپ،دىئابىت كىسىلىنىڭ بەزىدە ئاستا خاراكتىرلىق ياللۇغلاردىن،سېمىزلىك سەۋەپلىرىدىن بولىدىغىنىنى بايقىدىم.ھەممىمىزگە مەلۇم ،ياللۇغ بەدىنىمىز ئىممنت ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىدىنمۇ پەيدا بولىدۇ.دىمەكچىمەنكى،بەدىنىمىزدە ئادەتتە ئىممۇنت مۇۋازىننىتى بولىدۇ.بەزىبىر تاشقى يامان تەسىرلەرنىڭ داۋاملىق غىدىقلىشى تەسىرىدە ،بۇ خىل مۇۋازىننەت بەزىدە بۇزۇلۇپ كىتىدۇ.ئىممۇنت سېستىمىسىغا كەلسەك ،مەن يىلىككە بەكمۇ قىزىقىپ قالدىم.چۈنكى يىلىكتە 3 خىل مۇھىم ئىممۇنت ھۈجەيرىسى بولىدىكەن.ئۇلار Bلىمفا ھۈجەيرىسى،T لىمفا ھۈجەيرىسى ،K ھۈجەيرىسى ۋە NKھۈجەيرىسىدىن(natural killer cell) ئىبارەت.B لىمفا ھۈجەيرىسى ئادەتتە يىلىكتە پەيدا بولۇپ يىلىكتە پىشىپ يىتىلىدىكەن.T لىمفا ھۈجەيرىسى بولسا يىلىكتە پەيدا بولۇپ،ئاندىن تۆش(مەيدە)بېزىدە پىشىپ يىتىلىدىكەن.NK ھۈجەيرىسى بولسا يىلىكتە يىتىلىپ لىمفا سېستىمىسىدە بولىدىغان كۈچلۈك يامان ھۆجەيرىلەرنى ئۆلتۈرگۈچى ھۈجەيرە.
دىئابىت كىسىلىدە،بىر خىل يامان ئەگەشمە كىسەللىك بولۇپ،كىسەل ئېغىرلاشقاندا،ئىممۇنت سېستىمىسى بۇزۇلۇپ،بىمارنىڭ پۇت قىسىمى ياللۇغلىنىپ،ئاسان ساقايمايدىكەن. كۆز ئاستى تور پەردىسىمۇ بۇزۇلىدىكەن،كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كىتىدىكەن.ئېغىر بولغاندا،پۇت كىسىپ تاشلىنىدىكەن.
مېنىڭ يۇقۇرىقى ئەگەشمە كىسەللىكىدىن ئويلىغىنىم،پۇت ۋە بەل قىسىمىمىزدىن ئاسان سوغۇق ئۆتۈپ كىتىدىغان ئورگان،بولۇپمۇ ھازىرىدەك يىمەكلىكلىرىمىز كۈنسىرى سۈنئىيلىشىۋاتقان،بەدىنىمىز رودىمىنتلىشىۋاتقان مۇشۇنداق كۈنلەردە،پۇت-بەلنى قۇرغاق تۇتۇش،ئىسسىق ساقلاش بەكمۇ مۇھىم دەپ قارىدىم.چۈنكى مېنىڭ قارىشىمچە،بەدەنگە سوغۇق ئۆتۈپ كەتسە،يىلىككە دەرھاللا تەسىرى بولىدۇ،بەلكىم يىلىككىمۇ «سوغۇق» ئۆتۈشى مۇمكىن.ئۆزىمىزگە بىلىنمىگىنى بىلەن ،بۇمۇ بىر خىل ئاستا خاراكتىرلىق ياللۇغلىنىش جەريانى بولۇشى مۇمكىن،داۋاملىق سوغۇق ئۆتۈش جەريانىدا،بىزنىڭ مۇھىم ئىممۇنت ئەزايىمىز بولغان يىلىك ئىممۇنت ھۈجەيرىلىرىنى ئىشلەپچىقىرالماسلىقى.ئىشلەپچىقارغان ئىممۇنت ھۈجەيرىلىرىنىڭمۇ سۈپىتى تۆۋەنلەپ كىتىشى،بۇنىڭدىن بەدەننىڭ ئوموميۈزلۈك ئىممۇنت سەۋىيىسى تۆۋەنلەپ،ئاستا خاراكتىرلىق ياللۇغقا ئوتنىڭ ئۇستىگە ماي چىچىشى مۇمكىن.
ئەلۋەتتە يۇقۇرىقى پەرەزلىرىمنى كىيىنكى ماتىرىيال ئىزدىنىشىمدە ۋە تەتقىقاتلىرىمىدا،ئاللاھ خالىسا دەللىلەشكە تىرىشىمەن.تورداشلىرىمنىڭ پىكىر بېرىشىنى قارشى ئالىمەن.[/size][/color]

تەتقىقاتىمدىن نەتىجىلەر

[color=#669900][size=4]مېنىڭ يېقىنقى ئىزدىنىشلىرىم دىئابىت كېسىلى ئۈستىدە بولىۋاتىدۇ.نەچچە ئاي مابەينىدە،نۇرغۇن چاشقانلارنى قەتلى قىلدىم،نۇرغۇن دورىلارنى سىناق قىلدىم.تۆۋەندە كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن،قىزىقىدىغان تورداشلىرىمنىڭ ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن،بەلكىم مۇھىم بايقاشلار بولسا ئەجەپ ئەمەس.قەنت مىتابولىزىمى
1.دىئابىت كىسىلىنى تۈرگە بۆلۈشبەدەندە بېتا ھۈجەيرىسى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ھۈجەيرە بولۇپ،بۇ خىل ھۈجەيرە ئادەتتە ئاشقازان ئاستى بېزىدە بولۇپ،ئاساسلىق ئىقتىدارى :ئوزۇقلانغاندىن كىيىن،يىمەكلىكتىن كىچىك ئۈچۈيدە سۈمۈرۈلگەن قەنتلەر قانغا كىرگەندىن كىيىن،بۇ خىل ھۈجەيرە قاندىكى يۇقۇرى قان قۇيۇقلۇقىنى سېزىپ،دەرھال ھەرىكەتلىنىپ،ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىدۇ،ھەم ئۇنى قانغا قويۇپ بېرىدۇ.قاندىكى ئىنسۇلىن بەدەن ھۆجەيرىلىرى يۈزىدىكى ئىنسۇلىن تەسىرچىسى بىلەن رىئاكسىيەلەشكەندىن كىيىن،ھۈجەيرىنىڭ مىتو خوندىرومى ھەرىكەتلىنىپ،ھۈجەيرە ئىچىدىكى قەنت توشۇغۇچى تەركىپلەر ئاكتىپلىنىپ،قاندىكى قەنت ھۆجەيرىگە سۆمۈرۈلۈپ،مىتوخوندرومدا ئىنىرگىيە ئىشلەپچىقىرىلىپ،بەدەنگە بولغان ئىنىرگىيە قانىدۇ.بەدىنىمىزدە ئاساسلىق جىگەر،ياغ قاتلاملىرى ۋە مۇسكۇللاردا ئاساسلىق قەنت مىتابولىزىمى بولىدۇ.
1-خىلدىكى دىئابىت كىسىلىبۇ خىل كىسەلدە،بېتا ھۆجەيرىسىنىڭ ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىش قابىلىيىتى ئاجىزلىغان ياكى يوقالغان بولۇپ،بىمار ئۆزى ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرالمىغاچقا،سىرتتىن ئىنسۇلىن ئۇكۇل قىلىنىپ،قاندىكى ئىنسۇلىن سەۋىيىسى ساقلىنىدۇ.
2-خىل دىئابىت كىسىلىبۇ خىل دىئابىت سەل خەتەرلىك بولۇپ،بۇنىڭدا ئاساسلىقى بەدەن ھۆجەيرىلىرىنىڭ ئىنسۇلىنغا بولغان سەزگۈرلىكى تۆۋەنلەپ كىتىدىكەن،شۇڭا گەرچە بېتا ھۆجەيرە ئىندۇلىن ئىشلەپچىقارسىمۇ،ئەمما ھۆجەيرىلەر سەزگۈرلىكىنى يوقاتقاچقا،قەنتلەر بەدەن ھۆجەيرىلىرىگە سۆمۈرۈلمەيدىكەن.بۇ خىل كىسەلنى خەلقارادا ئېرسيەتچانلىقى كۈچلۈك ،ئەگەشمە كىسەللىكى كۆپ،داۋالاش بىر قەدەر قىيىن دەپ قارىماقتا.
مېنىڭ ئىزدىنىشىم:1.بىزنىڭ ئىنىرگىيە قوبۇل قىلىشىمىز:ھازىر تۇرمۇشىمىز بارغانسىرى ياخشى بولىۋاتىدۇ،دىئابىت كىسىلىنىڭ «بايلىق»كىسىلى دەيدىغان ئىسمىمۇ بار،بۇنداق دىيىشتىكى سەۋەپ،داۋاملىق يۇقۇرى ئىنىرگىيىلىك ھەركەت يەۋەرسەك،ھەمدە مۇۋاپىق ھەرىكەت بولمىغاندا ئاسسىملاتسىيە دېسسىملاتسىيەدىن ئېشىپ كىتىپ،ئارتۇق ئېنىرگىيە بەدەندە تويۇينغان ياغ شەكلىدە جۇغلىنىدۇ.بەدەندىكى ياغلارنىڭ بەدەنگە ئانچە زىيىنى يوق،ئەمما ئەركىن ياغ كىسلاتاسى (free fetty acid) دەيدىغان بىر خىل تەركىپ بولۇپ،بۇ خىل تەركىپ قانغا بىرلىشىپ بەدەندە ئايلىنىپ يۈرىدۇ،ناۋادا بەدەننىڭ مەلۇم قىسىمى ياللۇغلانغاندا،ياللۇغلانغان ئورۇن مەلۇم خىل بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلارنى ۋە ماددىلارنى تارقىتىدۇ،بۇ چاغدا ئەركىن ياغ كىسلاتالىرى شۇ خىلدىكى ئاقسىل ياكى ماددىلار بىلەن بىرىككەندە،ناھايىتى ئاسانلار ئورگانىزىملارغا ،بولۇپمۇ قانتومۇرغا چۆكمىلىنىپ،يېڭى ياللۇغقا ئۇۋا بولۇپ بېرىدۇ.بۇنىڭدىن سىرت بۇ خىل ياغلارنىڭ يەنە بىر خەتەرلىك يېرى شۇكى،بۇ خىل ياغ كىسلاتالىرى ھۆجەيرە مىتابولىزىمىغا كىرگەندىن كىيىن،پارچىلىنىپ،ناھايىتى ئاسانلار ئەركىن رادىكاللىق بىرىكمىلەرگە ئايلىنىدۇ.ئەركىن رادىكار دىگىنىمىز بىر خىل ئاكتىپلاشقان رادىكاللىق ماددا بولۇپ،بەزىدە بەدەندە ياللۇغلانى،ھەتتا يادرو كىسلاتاسىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.شۇڭا مېنىڭ قارىشىمچە نورمال ئوزۇقلىنىش،تويۇينمىغان ياغلارنى ئىستىمال قىلىش(بېلىق قاتارلىقلار)،كاربونلۇق يىمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىش،بەدەنگە كىرگەن ئىنىرگىيە تەڭپۇڭلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
2.خېمىيىۋى ئوغۇتلۇق يىمەكلىكلەرھازىر تۇرمۇشىمىزدا خېمىيىۋى ئوغۇت تەركىبى بەك ئېغىر،چۈنكى خېمىيىۋى ئوغۇت ئۆسۈملۈكنى تېز ئۆستۈرىدۇ،ھوسۇلمۇ ئاشىدۇ،ئەمما ئۇنىڭ ياخشى تەرىپى بۇلۇشى بىلەن يەنە يامان تەرىپىمۇ بار.خېمىيىۋى ئوغۇتنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ئامموياك ۋە باشقا فوسفورلۇق تەركىپلەردىن تەركىپ تاپىدۇ.ناۋادا زور مىقتاردا خېمىيىۋى ئوغۇت ئىشلىتىلگەندە،ئۆسۈملۈك تەركىبىدىمۇ زور مىقتاردا شۇ خىلدىكى تەركىپلەر بولىدۇ.بۇ خىل يىمەكلىكلەرنى يىسەك بەدەنگە كىرگەندىن كىيىن،باشقا خىل زەھەرلىك تەركىپكە ئايلىنىش بىلەن بىرگە يەنە ئامموياك تەركىپلىرى بايا مەن تىلغا ئالغان ئەركىن رادىكاللارغا ناھايىتى تېزلا ئايلىنالايدۇ.نەتىجىسىمۇ مەن دەپ ئۆتكەندەك بولىدۇ.يەنە بىر خىيالىمدا،بۇ خىل يىمەكلىكلەرنىڭ ئىنساننىڭ روھىنى ۋە ئىرادىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش رولىمۇ باردەك قىلىدۇ،بۇ توغرىلىق داۋاملىق ماتىرىيال كۆرىۋاتىمەن.
3.بىز دىققەت قىلمايدىغان ئاستا خاراكتىرلىق ياللۇغلىنىشيىمەكلىكىمىزنىڭ سۈنئىيلىشىشىغا ئەگىشىپ،بەدىنىمىزمۇ ئاجىزلاپ كىتىپ بارىدۇ،ھەمدە بىزدىكى ھەرىكەتمۇ زور دەرىجىدە ئازلاپ كەتتى.دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى شۇكى،بەدىنىمىزدە كۈندە ھەر خىل ئۆزگىرىشلەر بولۇپ تۇرىدۇ،بولۇپمۇ بەزى ياللۇغلارغا سەل قارىساق بولمايدىكەن.مەسىلەن:بەزىمىزنىڭ بۇرنى تولا قانايدۇ،تولا قەقەچ بولىدۇ،تاتىلاپ يارا قىلىپ قويىمىز،بەزىمىزنىڭ تېرىسىنىڭ سېزىمچانلىقى زىيادە يۇقىرى،ھە دىسىلا قىچىشىدۇ،يارا بولىدۇ،يەنە بەزىلىرىمىزنىڭ بەدىنىمىزنىڭ ئۇ يەر بۇ يېرى سەۋەپسىزلا ئاغرىپ قالىدۇ.بەزىلىرىمىزنىڭ گېلى تولا ئىششىيدۇ.مۇشۇنداق چاغلاردا بولۇپمۇ مېنىڭ ھىس قىلغىنىم بەدەندىكى لىمفا بەزلەرگە يېقىن جايلار(مەسىلەن باش،قولتۇق،بۇيۇن ،چات ئارىلىقى ئەتراپى)بىئارام بولسا ياكى ياللۇغلانسا ھەرگىز سەل قارىماڭ.چۈنكى نۇرغۇن ماتىرىياللاردىن كۆرسەم ياللۇغ،بولۇپمۇ ئاستا خاراكتىرلىق ياللۇغلار بەدەنگە ھەر خىل زىيانلىق ئۇچۇرلارنى ۋە ئاقسىللارنى قويۇپ بېرىدىكەن.بۇ خىل تەسىرلەر بېتا ھۆجەيرىسىدىكىدەك ھۆجەيرىلەرنى تەركرار غىدىقلاۋەرسە، بۇ خىل ھۆجەيرىلەر بىر بولسا غىدىقلىنىشىنى يوقىتىدىكەن،بىر بولسا ئاستا خاراكتىردا ئۆلۈپ كىتىپ،بەدەننىڭ نومال فونكىسىيىسى تەسىرگە ئۇچراپ،بېشىمىزغا بالا بولىدىكەن.
4.بەزىبىر ھورمونلانغان يىمەكلىكلەرمىسالغا ئالسام ئاڭ تىپىك مىسال «ھورمۇنلانغان توخو گۆشى».ھەممىڭلار بىلىسىلەر ،دۆلىتىمىزدە ئادەم جىق،شۇڭا ئىشلەپچىقىرىش تېز بولمىسا خەلىق ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجى قانمايدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە ھايانكەشلىكمۇ بەك ئەۋج ئېلىپ كەتتى.ھازىر توخولارغا ۋە باشقا ھايۋانلارغا (avian pancreation polypeptide ,APP) دەيدىغان بىر خىل ھورمۇن ئۇرۇلىدۇ،بۇ خىل ھورمۇن،ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغان بىر خىل ھورمۇن(ئاقسىل) بولۇپ،بۇنى ئىشلەتكەندە ھايۋاناتنىڭ ئىشتىھاسىنى قاتتىق ئېچىۋەتكىلى بولىدۇ.شۇڭا بۇ خىلدىكى ھايۋانلار پۈدەپ چوڭ قىلغاندەك بىردەمدىلا چوڭ بولۇپ كىتىدۇ.ئۆتكەندە شاڭخەيدە بىر 10 ياشقا توشمىغان قىزنىڭ ھەيز كۆرگىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم،بۇ ھەقتە خەۋەرلەرمۇ بولغان ئىدى.شاڭخەيدە مەنمۇ تۇرۇپ باققان،ئۇ ياردە كىنتاكى(kentaki)،مس دونالد(MC Donald) قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى ۋە بولكا خاراكتىرلىق يىمەكلىكلەرنى كىچىك بالىلار بەك كۆپ يەيدۇ،بولكىغا نۇرغۇن ئېچىتقۇلار ۋە باشقا چىرىشنىڭ ئالغۇچى تەركىپلەرنى سالىدۇ.مانا مۇشۇ خىلدىكى يىمەكلىكلەرنى داۋاملىق ئىستىمال قىلساق،بەدىنىمىزدە بۇخىل ھورمۇن ۋە باشقا زىيانلىق تەركىپلەر جۇغلىنىۋېرىپ،بېتا ھۆجەيرىسىگە ئوخشاش بىچارە ھۆجەيرىمىز بەرداشلىق بېرەلمەي،ناھايىتى تېزلا ئىقتىدارىنى يوقۇتىدۇ.بۇنىڭدىن سىرت بەزىبىر ئۆستۈرگۈچى ھورمۇنلارنىڭمۇ ئاشقازان ئاستى بېزىنى ئىششىتىۋىتىدىغانى توغرىسىدىكى ماتىرىياللارنى كۆرۈپ قالدىم،دىمەك بەزىبىر خىلدىكى ھورمۇنلارنى بەك دىققەت قىلمىساق بولمىغۇدەك.
5.ھاراقئىسلام دىنىمىزدا دىيىلگەن ھاراق ھارام دەپ.بۇنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرىنىڭ بىرسى ھازىر تەتقىقات ئۈستىدە.بەزىبىر ماتىرىياللارنى كۆرسەم،بېتا ھۆجەيرىسىنى بەدەن سىرتىدا ئۆستۈرگەندىن كىيىن،ئۇنى ئىسپىرت بىلەن ئۇچراشتۇرسا،شۇ خىل ھۆجەيرىنى ئەجەللىك زىيانغا ئۇچرىتىدىكەن،بۇنىدىن سىرت ھاراقنىڭ جىگەرنى قاتۇرۇش رولىمۇ بەك ئېغىر.مەن باشتا سۆزلىگەندەك،ھېلىقى ئەركىن ياغ كىسلاتالىرى جىگەر توقۇلمىلىرى ئارىسىغىمۇ مەك ئاسان چۆكمىلىنىدىكەن،بولۇپمۇ ھاراقنىڭ تەسىرى بىلەن بۇ خىل چۆكمىلىنىش تېخىمۇ تېزلىشىپ،جىگەر قاتىدىكەن،شۇنىڭ بىلەن بەدىنىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئورگانىزىمى بولغان جىگەرنىڭ قەنتلەرنى سۈمۈرۈش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدىكەن ياكى يوقاپ كىتىدىكەن.مەن دەپ ئۆتكەندەك ياغ كىسلاتاسى پارچىلانغاندىن كىيىنكى ئەركىن رادىكاللار ۋە باشقا زىيانلىق ئۇچۇرلار جۇغلىنىپ،DNA نىڭ بۇزۇلۇشى ۋە باشقا يامان تەسىر پەيدا قىلىپ،ئاخىرىدا ئۆسمىگە ئايلىنىدىكەن.
6.سېمىزلىكئەركىن ياغ كىسلاتالىرىنىڭ تەسىرىنى باشتا سۆزلەپ ئۆتتۈم،بۇ يەردە يەنە داۋاملىق تىلغا ئالمايمەن.
7.چۈشكۈن كەيپىياتبىلىشىمچە كىشى داۋاملىق ئېغىر بېسىم ئاستىدا،چۈشكۈنلۈك ئاستىدا يۈرىۋەرسە،ئىشىنىمەنكى شۇ كىشىنىڭ بەدىنىدىمۇ ئاستا خاراكتىرلىق ياللۇغلىنىشلار بىخ سۈرىدۇ.يەنە بىر ئىزدىنىشىمدە،ئارقا كىچىك مېقىدىكى بەزى ئورۇنلار ئىشلەپچىقارغان بەزى ھورمۇنلارمۇ بەدەندىكى مىتابولىزىم ھۆجەيرىلىرىگە بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق تەسىر كۆرسىتىدىكەن.يەنە بىر دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى دائىم ھاراق-تاماكىنىڭ ،ئېغىر بېسىمنىڭ ئاستىدا يۈرگەن كىشىلەرنىڭ نېرۋا سېستىمىسىنىڭ شۇنداقلا ئىچكى ئاجراتما سېستىمىسىنىڭمۇ ئىشلەپچىقىرىشى چوقۇم قالايمىقانلىشىدۇ،شۇڭا بۇ خىل تۇرمۇش شەلكىنى ئىمكانقەدەر تۈزۈتۈش كېرەك.
يەنە نۇرغۇن مەزمۇنلارنى ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن كىيىنچە تولۇقلارمەن.پىكىرىڭلار بولسا ياكى سۇئاللار بولسا يوللارسىلەر،بىللە مۇزاكىرە قىلارمىز،پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن بىر قانچە ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنى يوللاپ قويدۇم،پايدىلىنارسىلەر.
diabetes,beta cell,B cell,MAPK pathway,PIP3 pathway,Islet,Pancrease,Glucose,Hormone,Insulin receptor,GLUT4,cell apoptosis,Alchol[/size][/color]

ئۇيقا كەلتۈرۈش مۇزىكىلىرى

[img]http://i9.tinypic.com/6y4alqg.jpg[/img]
[img]http://i19.tinypic.com/6ynvnrr.jpg[/img]
Soundsleep SolutionsVarious ArtistsEasy Listening2003
1 Introduction 01:13 2 Body Relaxation 12:25 3 Mind Relaxation 05:19 4 Floating 07:44 5 Cloudland Canyon 06:03 6 Starrry Sea 05:02 7 Twighlight 17:12 8 Transitions 1 (Excerpt) 07:22
1 Introduction 01:13 [url]http://www.musicwebtown.com/xiaoxiaoxiao/playlists/157204/1222821.mp3[/url]
2 Body Relaxation 12:25 [url]http://www.musicwebtown.com/xiaoxiaoxiao/playlists/157204/1222898.mp3[/url]
3 Mind Relaxation 05:19 [url]http://www.musicwebtown.com/xiaoxiaoxiao/playlists/157204/1222953.mp3[/url]
4 Floating 07:44 [url]http://www.musicwebtown.com/xiaoxiaoxiao/playlists/157204/1223000.mp3[/url]
5 Cloudland Canyon 06:03 [url]http://www.musicwebtown.com/xiaoxiaoxiao/playlists/157204/1223050.mp3[/url]
6 Starrry Sea 05:02 [url]http://www.musicwebtown.com/xiaoxiaoxiao/playlists/157204/1232176.mp3[/url]
7 Twighlight 17:12 [url]http://www.musicwebtown.com/xiaoxiaoxiao/playlists/157204/1232206.mp3[/url]
8 Transitions 1 (Excerpt) 07:22 [url]http://www.musicwebtown.com/xiaoxiaoxiao/playlists/157204/1232260.mp3[/url]

يىغلايمۇ كۈلەيمۇ؟(سەلكىنگە ھېيتلىق)

[color=#660066][size=4] ھەش پەش دىگۈچە يېڭى سەلكىن مۇنبىرىدە يۈرگىنىمگە 5 -6 ئاي بولۇپ قاپتۇ.بۇ جەرياندا نۇرغۇن دوستلار بىلەن،ھازىرقى ئۇيغۇر تور پىكىر ئېقىملىرى بىلەن تونۇشتۇم.كىچىككىنە ئىشلار بىلەن تالىشىپ،سوقۇشۇپ،قىزىرىشىپ ھۆرپۈيۈشكەن چاغلىرىممۇ،ئۆز ھىسلىرىمنى سەلكىنگە يوللاپ،دوستلىرىم بىلەن ئورتاقلاشقان چاغلىرىممۇ بولدى. سەلكىن ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ بىر مۇھىم قىسىمى،بۇ يەردە ھەر خىل پىكىردىكى كىشىلەر باركەن،مۆكۈپ يىتىپ،سۇ چۆمۈلۈپ،ئانچە -مۇنچە بېشىنى چىقىرىپ قويىدىغان ئەزالارمۇ،كۈندە ھەممە تېمىنى ئالا قويماي ئىنكاس يازىدىغان ئەزالارمۇ،بەزىدە ماڭا ئوخشاش بەزى تېمىلارنى كىيۇ-كىيۇ قىلىۋىتىدىغان ئەزالارمۇ بار ئىكەن.بەزى ئەھالارنىڭ ئىنكاسلىرىنى مىڭ جىڭ ئالتۇنغىمۇ تىگىشكىلى بولمايدۇ،بەزىلىرىنىڭ بولسا كاللا دىسە پاقالچاق دەيدىغان تېمىلىرىدىن ئادەمنىڭ كۆڭلى ئاينىيدۇ.... مەن ئۆزۈمنىڭ سەلكىندىكى تەرەققىياتىمنى بۇ كۈنگە كىلەرمەن دەپ ئويلىمىغان ئىدىم.ئەڭ دەسلەپتە غېرىپچىلىقتا سەلكىندىكى چۆلگۈلى،فىرۇزە،قارا كۆلەڭگە،چىمەلتەك، باغۋەن قاتارلىقلارنىڭ تېمىلىرىنى قىزىقىپ كۆرەتتىم.نىمىشقىدۇر خېلى قىززىق مەزمۇنلار ئىدى.بارا -بارا باشقىلارنىڭ تېمىسىدا قول -قوشتۇرۇپ تۇرۇشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدىمدە،ئۆزۈممۇ ئانچە مۇنچە تېمىلارنى يوللاشقا باشلىدىم.ھەر ھالدا خېلى نۇرغۇن تېمىلارنى يازدىم دەپ ئويلايمەن.بەزى تېمىلىرىمدىكى تورداشلىرىمنىڭ ئىجادىي كۆز قاراشلىرىنى،ۋە خۇشاللىق ھىسلىرىنى كۆرگىنىمدە،بېشىم كۆككە يەتتى.بەزىلىرى بىلەن بولسا سوقۇشقان چاغلىرىممۇ بولدى.ئەمما نىمىلا بولمىسۇن تورداشلىرىمنىڭ تېمىلىرىغا ئىنكاسلارنى يېزىپ تۇردۇم.مانا شۇنىڭ بىلەن قىسقا ۋاقىتتلا ھازىرقىدەك مۇنبەر باشلىقى بولۇپ قالدىم.بەزى ئىشلارغا توۋا دىمىسە بىكار،تۆنۈگۈنكى ئەرتىكىننىڭ باشقۇرغۇچىلار توغرىسىدىكى 2008-يىللىق سۇئالغا جاۋاپ بېرەي دىدىميۇ،ئەمما مېنىڭ بۇرۇن يوللىغان باشقۇرغۇچى بولۇش توغرىسىدىكى بىر تېمىلىرىم ئېسىمگە كېلىپ،جاۋاپ يازغۇم كەلمىدى.ھەتتا بەزى تېمىلىرىم ئىنكاسلارنىڭ دەستىدىن ئەخلەتخانىغا كىرىپ كەتكەن ۋاقىتلىرىمۇ بولغانىدى،.. ئەمما توردا بىرلا «سەلكىن» ئەمەسكەن،سەلكىن مۇنبىرىگە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان مۇنبەرلەر بەر ئىكەن،«بىر زات ئەڭ ئۇلۇغ» نىڭ بىر تېمىسىدا بىلىك كۇلۇبىدا ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ ip سىتاتىسىتىكىسى توغرىسىدىكى ئىنكاسى مېنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغانىدى.چۈنكى مېنىڭ قەلبىمدە ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ سەركىسى ھىساپلانغان سەلكىن مۇنازىرىسى 4- ئورۇندا ئىكەن،1- شەبنەم،2-دىيارىم،3-284 دىگەن مۇنبەرلەركەن.شۇنىڭ بىلەن شۇ ئالدىنقى قاتاردىكى مۇنبەرلەرنى بىر كۆرۈپ بېقىش خىيالىدا ئۇ مۇنبەرلەرنى زىيارەت قىلدىم.ھەقىقەتەن ئۇ مۇنبەرلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار ئىكەن. شەبنەم مۇنبىرىدە بىر قىسىم قابىل باسقۇرغۇچىلار ۋە ئىنكاسچىلار بار ئىكەن.گەرچە مۇنبەر ياسىلىش ئۇسلۇبى بىر قەدەر كونا بولسىمۇ،ئەمما ئەزالارنىڭ قىزغىنلىقى يۇقۇرى،ئىنكاسلارنىڭ ساپاسى خېلىلا يۇقۇرى ئىكەن.ئەمما ماڭا ئەڭ ياقمىغىنى ئۇلارنىڭ ھەر قايسى ئېقىمدىكى كىشىلەرنىڭ بىر -بىرىنى غالجىرلارچە قىرغىن قىلىشىغا،تىلىشىغا قول قوشتۇرۇپ تۇرغىنى بولدى. دىيارىم مۇنبىرىدە بولسا،مېنىڭچە روشەن ئالاھىدىلىكى يوقتەك قىلىدۇ،ئەمما ئەدەپ ئەخلاقلىق مۇنازىرىنى خېلىلا مۇھىم ئورۇنغا قويۇشىدىكەن.284 مۇنبىرىنىڭ ئاساسلىق بەزى مۇزىكىلارنى چۈشۈرگىلى بولىدىغىنى ئۈچۈن،«ناخشا خۇمار» دوستلىرىمىزنىڭ ياخشى ھەمراھى بولغىنى ئۈچۈن شۇنداقمىكىن دەپ ئويلىدىم. سەلكىن مۇنبىرىگە كەلسەم،بىزنىڭ سەلكىندە ھەم قابىلىيەتلىك ئەزالارمۇ باشقۇرغۇچىلارمۇ بار.ئىنكاسچىلارنىڭ گېپىنىڭ قاتتىق جېنى بار. تورچىلىقتا قايسىبىر مۇنبەرنىڭ ئۆز چۆنتىكىنى كولاپ،ماددى مۇكاپاتلاش ئۇسۇلى بىلەن، ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى قىلغىنىنى تېخى كۆرمىدىم،«مۇكاپاتلىق ئەدەبىيات مۇسابىقىسى».«مۇكاپاتلىق تەرجىمە ئەسەرلەر مۇسابىقىسى»،«مۇكاپاتلىق ئىمزا سالونى»قاتارلىق پائالىيەتلەر بۇنىڭ يارقىن ئىزناسى.باغۋەن،كرورەن،ئۈمىد،ئادىلە،ئەمىلىيە،سىرلىق شائىر قاتارلىق باشقۇرغۇچىلىرىمىز بۇ توغرىسىدا جىق خىزمەتلەنى ئىشلىدى.گۆھەر تاش،تىنچلىق قۇشى،گۈلسىما ،ئىدرىس،پەرىشتە،تۈركەنئاي،زىلالئاي قاتارلىق ئەزالىرىمىزمۇ ئۆز ھەسسىسىنى ئايىمىدى.بەلكىم بەزىلارنى دەماللىق ئۇنتۇپ قالغاندىمەن.كەچۈرەرسىلەر. ئەمما خۇشاللىقىم بىلەن قايغۇممۇ تەڭ كەلدى.سەلكىننىڭ بەزىبىر كەمچىلىكلىرىمۇ خېلىلا ئېغىر.مەسىلەن: 1.تېخنىكىلىق كەمچىلىكلەر سەلكىن مۇنبىرى مېنىڭچە مەن بىلىدىغان مۇنبەرلەر ئىچىدىكى ئەڭ تۇراقسىز،شۇنداقلا مەن ئەڭ كۆپ مەسىلىگە ئۇچرىغان مۇنبەرلەرنىڭ بىرى.ئۆتكەندە بىر قىسىم ئەزالارنىڭ ئارخىبى يۈتتى،مۇنبەرنىڭ ئىككى كۈنلۈك خاتىرىسى يۈتتى،تېخى ئاچچىقى كىلىپ قالسا پات-پاتلا ئاستىلاپ قالىدۇ،ياكى بولمىسا نەچچە كۈنلەپ كىرگىلى بولمايدۇ.تېما تەھرىرلەر ئىقتىدارى يەنىلا مۇكەممەل ئەمەس،خەتنى ئوتتۇرىغا كەلمىدى دەپ كانىيىمنىڭمۇ سۈيى قالمىدى.يونىكودلۇق خەتكە ئۆزگەرتتۇق دىگەن باھانە بىلەن خەت شۇنداق سەت چىقىدىغان بولۇپ قالدى،xp ۋە vista سېستىمىلىرىدا سىنىدىم،نەتىجە ئوخشاش بولدى شۇنداق سەت!ئەزالىق دەرىجىسى بەزىلەرنىڭ تەتۈرىسىگە يانىدىغان ئىشلارمۇ كۆرۈلدى.بۇ توغرلىق قايتا قايتا دىدۇق،ئەمما ھازىرغىچە ئەمىلىيلەشمەيۋاتىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئامىللارمۇ مۇنبەرنىڭ ئەزالىرىنى توزۇتىۋىتىشكە سەۋەپ بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.
2.باشقۇرغۇچىلاردىكى مەسىلىلەر باشقۇرغۇچى بولغاندىن كىيىن ھىس قىلدىمكى باشقۇرغۇچىلىق بىر خىل سەنئەت ئىكەن.بۇنىڭدىكى خىزمەت ھەم ئاۋارىچىلىق ھەم زېرىكىشلىك ئىكەن.نۇرغۇن تېمىلار خاتا سەھىپىلەرگە يوللىنىدۇ،خەتلىرى ئىگىز -پەس،ئەخلەت تېمىلارمۇ ئاز ئەمەس،مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىگە باشقۇرغۇچىلىرىمىزنىڭ جاپالىق ئەجرى سىڭگەن. ئەمما بەزى باشقۇرغۇچىلىرىمىزنىڭ ساپاسى دىگەندەك يۇقۇرى ئەمەس،بەزىدە تېمىغا قارىمايلا،سەھىپە سۈرۈشتۈرمەيلا تەھرىرلەپ سالىدىكەنمىز.بەزىلەر تېما تەھرىرلىگەندە مۇنبەرنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلمايدىكەن،چىكىدىن ئاشقان مىللەتچىلىك،سىياسىي ۋە بەزى ئەھمىيەتسىز تېتىقسىز نەرسىلەرنىمۇ تەھرىرلەۋېرىدىكەن.بەزىدە مۇنبەردە بولىۋاتقان قالايمىقان ئىنكاسلارغىمۇ كۆزىنى يۇمۇپ يۇرىۋېرىدىكەن.تېخىمۇ مېنى ھەيران قىلغىنى بەزىسىگە ئەگشىپ ئىنكاسلارنىمۇ يېزىشىدىكەن. بىزنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى بىكاغا كىلىپ قالمىغان،مۇنبەر ئىچىدىكى پىكىرى ئۆتكۈر،مۇستەقىل دۇنيا قارىشى بولغان،ياخشى تېمىلارنى يوللايدىغان ئەزالارنىڭ ئىچىدىن سايلاپ چىقىلغان.ئەمما ھىس قىلدىمكى بەزى ئەزالىرىمىز باشقۇرغۇچى بولۇپلا،ئۆزىدىكى ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىدۇ،بەلكىم بۇنىدا ھەر خىل سەۋەپلەر باردۇ،ئەمما بۇنداق روشەن پەرقنىڭ قانداق كېلىپ چىققىنىنى بىلەلمىدىم. يەنە بىر باش ئاغرىتىدىغان ئىش نادىر تېما مەسىلىسى،ئۆز -ئارا نادىرلىشىدىغان،بەزى يېڭى ئەزالارنىڭ ياخشى تېمىلىرىنىمۇ باستۇرۇپ قويىدىغان ئىشلارمۇ مەۋجۇت،مېنىڭچە مۇشۇ مەسىلىدە دىققەت قىلساق،مەن ئىلگىرىكى چۈشەندۈرۈشلەردە ئېيتقىنىمدەك،كىمنىڭ تۆھپىسى ۋە ياخشى يازمىسى كۆپ بولسا شۇنىڭ نادىر تېمىسى كۆپ بولىدۇ دىگەن ئىدىم،ئەمما خوشنا مۇنبەرلەرگە سېلىشتۇرسام،بىزنىڭ مۇنبەردە ھەقىقەتەنمۇ «نادىر تېما پاخالچىق»مەسىلىسىمۇ باردەك قىلىدۇ.شۇڭا مۇشۇ ئىش توغرىسىدا تورداشلار ،جۈملىدىن باشقۇرغۇچىلار بىر ئوبدان لاھىيىنى ئوتتۇرىغا قويساق!
3.ئەزالار مەسىلىسى بۇ مەسىلە مېنىڭچە ئەڭ مۇھىم مەسىلە،شۇنداقلا سەلكىننىڭ تەقدىرىگە تاقىلىدىغان مەسىلە،چۈنكى ھازىرقىدەك 7000دىن كۆپ ئەزاسى بار(بۇرۇنقى مۇنبەردىكى ساننى مەن بىلمەيمەن) مۇنبەردە،راستنى ئېيتسام يوللىنىۋاتقان ئىجادىي ئەسەرلەرنىڭ سالمىقى بەكمۇ كىچىك.بەزى كۆچۈرۈلمىلەرنىڭ ئەھمىيىتى خېلى زور بولسىمۇ،ئەمما ئەخلەت كۆچۈرۈلمىلەرمۇ بەك جىق!تېمىلارنىڭ بىزىلىشى،رەڭدارلىقى كىشىنى دىگەندەك ئۆزىگە مەپتۇن قىلالمايدۇ.شۇڭا تېما تەھرىرلەش ئىقتىدارىنى كۈچۈيتىش تەكلىپىنى بېرىمەن. يەنە بىر جەھەتتە ئىنكاسلارنىڭ سۈپىتى تۆۋەن،يىغىپ كەلسە تىرناقتا توختىغۇدەك ئىنكاسلارنىڭ تايىنى يوق.بەزى پىكىرلەرنىڭ ئۆزگىچىلىكى يوق،مۇشۇنداق چاغدا مېنىڭ دەيدىغىنىم،باشقۇرغۇچىلىرىمىز پىكىر يۆنىلىشىگە باشلامچىلىق قىلىشىمىز كېرەكمىكىن دەيمەن.ئەخلەت ئىنكاسلارنى ئۆچۈرۈپ،مۇنازىرە مۇنبىرى بولغاندىن كىيىن،ھەقىقىي «مۇنازىرە»قىلىشىپ باقساقمىكىن دەيمەن.بۇ جەھەتتە ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى بەزى ئىنكاسلار ھەقىقەتەنمۇ بىزنىڭ ئۈگىنىشىمىزگە ئەرزىيدىكەن.
4.ئومومىي كەيپىيات مەسىلىسى مېنىڭچە مۇنبەر كەيپىياتىغا ئۇيغۇرئاينىڭ كىيۇكىيۇ توپى ياخشى دەرسلىك بولالايدۇ دەپ قارايمەن.بۇ قىز كىچىك بولغىنى بىلەن،ئەزالارنى قاتتىق خىللايدىكەن،ئەزالارنىڭ ئىناق -ئىتتىپاقلىقىمۇ شۇنداق ياخشى،بەزى تايىنى يوق پىكىرداشلارنى شۇ زامان چىقىرىپ تاشلىدى.ئەمما ئومومىي كەيپىيات شۇنداق جانلىق.بۇنىڭدىكى يەنە بىر زور ئامىل شۇ توپ باشلىقى بولغان ئۇيغۇر ئايدىمىكىن دەيمەن.چۈنكى ئۇ بار بولسىلا،بالىلارنى سۆزلىتىپ،ئۆزىمۇ تەڭ كوتۇلداپ،ئومومىي كەيپىياتنى شۇنداق ياخشى تەڭشەيدىكەن. مېنىڭچە بىز باشقۇرغۇچىلارمۇ بىر -بىرىمىزگە تەتۈر قاراشماي،ھەمكارلىشىپ،تولا مۇنبەر بۇزۇلدى دەپلا ئەزالارنى قاچۇرىۋەتمەي،ياخشى تېمىلارنى داۋاملىق يوللىساقلا،مېنىڭچە مۇنبەرنىڭ ئومومىي كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇش تەس ئىش ئەمەس! دوستلىرىم،ھازىر رىقابەت دەۋرى،«بىكاغا مۈشۈكمۇ ئاپتاپقا چىقماپتۇ»دىگەندەك،ئۆزىمىزدىكى بەزىبىر نوقتىلارغا دىققەت قىلمىساق،ئەزالىرىمىز توزۇپ كىتىشى مۇمكىن،مېنىڭچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىز خاراپلىشىۋاتقان مۇشۇنداق كۈنلەردە،مۇشۇنداق بىر ئۇيغۇر مۇنبىرىنىڭ بولمىقى ئاسان ئىش ئەمەس،ھەممىمى قول تۇتۇشۇپ مۇشۇ ئازغىنە بايلىقىمىنى بولسىمۇ قوغدايلى،ئۇنى تاكاممۇلاشتۇرايلى،باشقىلار بىزگە ھەۋەس قىلسۇن،سۆيۈنسۇن!بۇ يەرنى خاراپلاشتۇرۇپ قويمايلى!جىقراق كوتولداپ قويدۇم،خاتا بولسا ئېغىر ئالماي پىكىر بېرەرسىلەر!
ئاخىرىدا ھەممىڭلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن!ۋەتەندە خۇشال كۈلگىنىڭلاردا،دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا بىزدەكمۇ قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالمىغايسىلەر![s:103]
يازغىنىم يوقاپ كەتمىسۇن،ئاۋال يوللىغاچ يازاي ھە!ھىلىقى قالايمىقان كۆچۈرمەڭ دىگەن سۆز مۇشۇنداق ئۇزۇن تېما يازغاندا بىزگە دۈشمەن بولۇپ قالىدىكەن. [/size][/color]

جۇڭگو كەمبەغەللىرى خەلقارادا نەچچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ؟

[color=#669900] [size=4] 2007-يىللىق «جۇڭگودىكى 500 باي» شىياڭگاڭدا ئېلان قىلىندى.500 باينىڭ ئومومى مۆلۈكى 4تىرلىيون 342مىليارد600مىليون يۇەنگە يەتكەن.گۇاڭدۇڭلۇق بايلار ئەڭ كۆپ بولۇپ،87 كىشى تىزىملىككە كىرگەن.سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا،جۇڭگو مىليادىرلار دۆلىتى قاتارىدا ئىككىنچى ئورۇندا بولۇپ،ئامرىكىنىڭلا كەينىدە تۇرغان.بۇنىڭدىن سىرت مىليادىرلارنىڭ سانى 146 نەپەر بولۇپ،بىر يىلنىڭ ئالدىدا تېخى 85 كىشى ئىدى.(2007-يىلى 12-ئېينىڭ 31-كۈندىكى 新京 گېزىتى گە قارالسۇن) بىر يىل ئىچىدە 61مىليادىر كۆپەيگەن،بۇ بىر ياخشى ئىش،دۆلەت مالىيەسى 1تىرلىيون200مىليارت كۆپەيگەن مۇھىتتا بايلارنىڭمۇ بايلىقى ئاشقان. ئەمما بۇ خەۋەر تورداشلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىيالمىغان،ئەكسىچە «چالما-كىسەك»كە قالغان.چۇنكى دۆلەتنىڭ مالىيەسى ئاشقان،بايلار كۆپەيگەن بولسىمۇ،پۇقرالارنىڭ كىرىمىدە ئۆزگىرىش بولمىغان،گەرچە دۆلەت مالىيەسى بىلەن بېقىلىدىغان كىشىلەرنىڭ كىرىمى ئاشقان بولسىمۇ،دىھقانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا مۇئاشلىقلارنىڭ كىرىمى ئاشمىغان،بۇنىڭغا قارشى مال باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ،ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەمەلى كىرىمى تۆۋەنلەپ كەتكەن. بۇ خىل شارائىتتا،500 باينىڭ شۇنچە جىق بايلىقى،2007 يىللىق دۆلەت باج كىرىمى 6 تىرلىيوندىن سەللا كەم قالغان.بۇ جۇڭگونىڭ بايلىقىنىڭ ئاز سانلىقلارغا مەركەزلىشىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەسلىدە ھاللىق سەۋىيەدىكى جەمئىيەت قۇرۇشتا،بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئاۋال بېيىشى نورمال ئەھۋال بولسىمۇ،دۆلىتىمىزدىكى بايلار سانىنىڭ كىشىنى چۆچۈتكۈدەك سۈرئەتتە ئېشىپ بېرىشى،جۇڭگو پاي چېكى بازىرى ۋە ئۆي-مۆلۈك بازىرىنىڭ «نەتىجىسى»دەپ قارالدى.بۇ پەن-تېىنىكا تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسى ئەمەس،ھالال ئەمگەكنىڭ نەتىجىسى ئەمەس،يەنە بىر نوقتىدىن قارىغاندا بۇ كۈرمىڭلىغان ئەمگەكچىلەرنىڭ دۆلەت باج كىرىمىدىن ئۆسۈشىدىن بەھىرىلىنەلمىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسىدۇر! دۆلەت تەرەققىي قىلسا،ئىجتىمائىي بايلىق ئاشىدۇ،بۇ ئادەتتىكى ئەمگەكچىلەردە ئۆز ئەكسىنى تاپىدۇ،ناۋادا دۆلەتنىڭ مالىيە كىرىمى ئاشسا،ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ كىرىمىدە ئۆزگىرىش بولمىسا،پەقەت نەچچە مىليادىرلا كۆپەيسە،ئۇنداقتا جەمئىيەتتە «باي»لارغا ئۆچ بولۇش ئىدىيىسى شەكىللىنىدۇ،ئەمگەكچىلەرنىڭ بايلىق يارىتىپ تۇرۇپ،ئىجتىماي بايلىقنىڭ كۆپىيىشىدىن بەھرىلىنەلمىسە،بۇنى ئىناق جەمئىيەت دىيىشكە بولامدۇ؟ «جۇڭگو 2-مىليادىرلار دۆلىتى،ئامرىكىنىڭلا كەينىدە تۇرىدۇ»دىگەننى داڭلاشنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيىتى يوق بىر ئىش! بىرىنچى:جۇڭگو دۇنيادىكى چوڭ دۆلەت،بايلارنىڭ كۆپ بولۇشى ئەقىلگە سىغىدۇ. ئىككىنچى:جۇڭگودىكى كەمبەغەللەر دۇنيادا نەچچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ؟ناۋادا بىرىنچى ياكى ئىككىنچى ئورۇندا بولسا،بايلارنىڭ كۆپىيىشىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا،كىشىنى ھەيران قالدۇرسا بولىدۇ.بۇنىڭغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك!چۇنكى،جۇڭگونىڭ مالىيە كىرىمى 5تىرلىيون100 مىليارد قا يەتتى.مىليادىرلار دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا،ئەمما نامراتلار يەنە نىمىشقا شۇنچە كۆپ؟!بۇ تۇزۇلمە مەسىلىسىمۇ ياكى ئىجتىمائىي بايلىقنى ئالاھىدە تەبىقكە بۆلۈشىۋالغاننىڭ نەتىجىسىمۇ؟!بۇ مەسىلىنى ئوبدان ئىزدىنىش كېرەك! «جۇڭگو 2-مىليادىرلار دۆلىتىمئامرىكىنىڭلا كەينىدە تۇرىدۇ»دىگەن سېلىشتۇرۇشقا نىسبەتەن،«جۇڭگودىكى نامراتلار دۇنيادا نەچچىنچى ئورۇندا؟» نى سېلىشتۇرساق،نەتىجە بىزنى تېخىمۇ سەگىتىدۇ.چۇنكى جۇڭگو دۇنيادا «بەك باي»بولۇپ كەتتى،بىرىنچىدىن بايلارنىڭ سانى 2-ئورۇندا،ئىككىنچىدىن جۇڭگو ئاللىقاچان قىممەت بۇيۇملار ئىستىمال دۆلىتىگە ئايلىنىپ بولدى. ھالبۇكى،بۇ پەقەت بىر ھادىسە خالاس،جۇڭگونىڭ شەھەر -بازار ئوتتۇرىچە كىرىمى ئاران 11759يۇەن،دىھقانلارنىڭ يىللىق كىرىمى ئاران 3587يۇەن(2006- يىللىق).كىشى بېشىغا كىلىدىغان كىرىمنى ئېلىپ ئېيتساق،جۇڭگو تېخى نامرات دۆلەت ھىساپلىنىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگونىڭ كىشى بىشى كىرىمى پرامىدا شەكلىدە بولۇپ،بايلار ئار ھەم باي،نامراتلار كۆپ ھەم بەك نامرات!مەسىلەن،100 كىشىنىڭ ئىچىدە بىر كىشىنىڭ يىللىق كىرىمى 1مىليون بولسا،10 كىشىنىڭ يىللىق كىرىمى ئاران 10 مىڭ يۇەن بولسا،قالغان 89 كىشىنىڭ يىللىق كىرىمى 3000 يۇەندىن تۆۋەن بولسا،ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمى 13670بولىدۇ،بۇنداق ھىساپلاشنىڭمۇ قىلچىلىك ئەھمىيىتى بولمايدۇ. يېڭى يىل باشلانغاندا،ھۆكۈمىتىمىز «جۇڭگو 2-مىليادىرلار دۆلىتى،ئامرىكىنىڭلا كەينىدە تۇرىدۇ»دىگەن خىيالدىن«جۇڭگونىڭ نامراتلىرى نەچچىنچى ئورۇندا؟»دىگەننى خىيال قىلىشقا ئالمىشىشى كېرەك،كىرىم تەقسىمات تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئويلىشىشى كېرەك!يولداش خۇجىنتاۋ 17-قۇرۇلتاي دوكىلاتىدا«تۈنجى تەقسىمات ۋە قايتا تەقسىماتتا ئۈنۈم بىلەن باراۋەرلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياىشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك،قايتا تەقسىماتتا باراۋەرلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك »دىگەن،ئۇ يەنە «ئەمگەك ھەققىنى ئاشۇرۇش تۈنجى تەقسىماتنىڭ مۇھىم ھالقىسى»دەپ كۆرسەتتى. ئېنىقكى،بىزنىڭ ئەسلىدىكى «تۈنجى تەقسىماتتا ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش،قايتا تەقسىماتتا باراۋەرلىككە ئەھمىيەت بېرىش»تەك تەقسىمات پىرىنسىپىمىز ئۆزگىرىشى كېرەك.جۇڭگو نوپوس كۆپ دۆلەت،يەنە كىلىپ ئىشلەپچىقىرىش كۈچى سەۋىيەسى تۆۋەن بىر دۆلەت،تەقسىماتنىڭ ئادىل-باراۋەرلىكى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپلىقىنى ئاشۇرۇش،ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە!يەنجاۋ شەھەر گېزىتى :جاڭكۇيشىڭ[/size][/color][url]http://fuxing.bbs.cctv.com/viewthread.php?tid=11482992&extra=page%3D1[/url]
中国穷人数量排名世界第几  2007年“中国500富豪榜中榜”日前在香港发布,500名上榜富豪身家总数高达43426亿元。广东富豪上榜87人,数量最多。据统计,中国已成为亿万富豪人数排名第二的国家,仅次于美国。此外,资产超10亿美元的中国富豪已达146名,一年前这个统计数据为85名。(2007年12月31日《新京报》)
  一年之间,资产超10亿美元的中国富豪增加61名,应该说这是好事,在国家财政收入增加1.2万亿的大环境下,富豪的资产也该随之增加。
  但是,这个消息并没有引起网友的兴奋,相反引来的却是“板砖横飞”。因为国家财政大幅度增长,中国富豪大幅度增加,老百姓的收入却几乎没有见涨,尽管财政供养人员的工资增加了,但是包括农民工在内的其他工薪者的收入没有增加,相比于物价飞涨,劳动者的收入反而降低了。
  在这种语境下,500名上榜富豪身家总数高达43426亿元,与2007年全国入库税收仅差6000亿元,这说明中国的财富越来越走向集中。
  本来在建设小康社会的进程中,有一部分人先富起来是很正常的现象,然而中国富豪人数的惊人增长,被认为是中国股市和楼市高速增长的“功劳”,不是科技进步的结果,不是辛勤劳动的结果,换个角度说就是亿万普通劳动者没有共享到国家税收增长的成果。
  国家的进步,社会财富的增长,最应该体现在普通劳动者的身上。如果国家财政增加了,普通劳动者的收入依旧如故,只是增加了几十个亿万富翁,那这个社会的“仇富”思想就会蔓延。劳动者创造社会财富,却无缘分享社会财富的增加值,那社会能和谐吗?
  “中国已成为亿万富豪人数排名第二的国家,仅次于美国”,这是不值得炫耀的。
  第一,中国是世界第一大国,即使富豪人数排名世界第一,也是正常的应该的;第二,中国的穷人数排名世界第几?如果还是第一或第二,相对于富豪人数的增加就是不应该的,而且是值得关注的。因为,中国的财政收入已经达到5.1万亿元,亿万富豪人数排名第二,为什么穷人还那么多呢?是制度设计的原因,还是社会财富被特殊阶层瓜分了的原因,这是应该好好追问的问题。
  相对于“中国已成为亿万富豪人数排名第二的国家,仅次于美国”这样的排行榜,我以为看看“中国穷人数居世界第几”更让人警醒。因为在世界上“中国太富有了”,一是中国亿万富豪人数居世界第二,二是中国早已成为奢侈品消费大国。
  然而,这只是表面现象,中国城镇居民年均可支配收入只有11759元,农村居民人均纯收入才有3587元(2006年)。从人均收入看,中国还是一个穷国,而且中国居民收入结构是金字塔形结构,富者少而富,穷者多而穷。比如,100人中有1人年收入100万,有10人年收入只有1万,其余89人年收入在3000元以下,平均收入为13670元以下,这样的统计没有任何意义。
  在新的一年开始,作为人民政府及其官员应从“中国已成为亿万富豪人数排名第二的国家”,想到“中国穷人数排名世界第几”,该如何完善和修正我们的我国的分配制度?胡锦涛在十七大上作报告时提出“初次分配和再分配都要处理好效率和公平的关系,再分配更加注重公平”,他还强调,要“提高劳动报酬在初次分配中的比重”。
  可见,我们原来的“初次分配注重效率,再分配注重公平”分配原则将会得到改变。中国是一个人口大国,而且是一个生产力水平低下的人口大国,分配的公平对于提高劳动者的生产积极性、对于社会的和谐建设有着特殊的意义。(燕赵都市报 作者:张魁兴)

غېرىپلىق....

[color=#660066][size=4] [attachment=4911]
غېرىپلىق بىر خىل ئەقىلنىڭ دورىسى ئىكەن،بۇنداق دىيىشىمدىكى سەۋەپ ئۇ كۆڭۈلنى تىنچلاندۇرغۇچى دورا،بىر خىل روھنىڭ پەرىشتىسى ،قەلبنىڭ ئاقلىغۇچىسى ۋە تازىلىغۇچىسى،مەردانە ھالدا ئېچىلىپ كۈلۈشتىن ئىبارەت!ھالبۇكى،كۆپلىگەن كىشىلەر غېرىپلىقتىن قورقىدۇ،ئۇنى ھاياتلىقىنىڭ كۈشەندە قاپقىنى،كۆڭۈل پاراكەندىلىكىنىڭ مەنبەسى،ھاياتلىققا ئۇرۇلغان ئۆتكۈر تىغ،بەدەنگە چىرماشقان ئالۋاستىدەك،ھاياتلىقنىڭ قاقشال شاخلىرىدەك كۆرۈشىدۇ. قىشنىڭ كىچىلىرى جىمجىت ھەم ئۇزۇن،قاراڭغۇ تۈننىڭ مۇدھىش نۇرلىرى،كىشىگە بىر خىل سوغۇق تۇيغۇ بېرىدۇ،يوتقانلىرىمنى شۇنچە چىڭ ئورىساممۇ،يەنىلا تىترىكىم بېسىقمىدى،مەن تېخى ئۆزۈمنى غېرىپلىققا كۆنىدىغان كىشى دەپ قاراپ كەپتىمەن.....
[attachment=4910] قەلبىمنىڭ نىمىشقا بۇنداق چۈشكۈنلىكىنى بىلەلمىدىم،ناھايىتى ھارغىن ھىس قىلىمەن،مەن ھېرىپ قالغان ئوخشايمەن،ھارغان چاغلىرىمدا يۈرىكىم بەكرەك ھېرىپ كىتىدۇ،نۇرغۇن ئىشلار ماڭا تۇرمۇشنىڭ مۇشەققىتىنى ھەقىقىي ھىس قىلدۇردى،ئويلىغانسىرى غېرىپلىشىپ كىتىۋاتىمەن،بەزىدە ياشلىرىم مەڭزىمنى سۆيۈپ ئۆتىدۇ،شۇندىلا يىغلىشىمنىڭ جاۋاپسىز ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىمەن.نىمىشقا يىغلىغىنىمىنى بىلىمەيمەن،ئەمما،ياشلىرىم بەزىدە ئىرادەمگە باقماي توختاۋسىز ئېقىپ كىتىدۇ. تۇرمۇشنىڭ نىمىشقا بۇنداق ھارغىن بولىدىغىنىنى پەقەتلا بىلەلمىدىم،مەن بەكلا چارچىدىم،ئۇزاقتىن بېرى ماڭا ھەمراھ بولغان ساختا غەيرەت،غېرىپ كىچىلەردە ئۆزىنى ئاشكارىلىماقتا،مەن بۇنىمۇ يېڭەرمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم،غېرىپ يىغلىمايمەن،غەيرەت ۋە ئىرادەمگە ئىشىنىمەن دىگەنىدىم،ئەمما ئاخىرىدا مەغلۇپ بولدۇم.پۇشمان،چارچاش ۋە نۇرغۇنلىغان ئەجەپلىنەرلىك تاقەتسىزلىكلەر،ئىرادەمگە باقمىغان كۆزياشلار مېنى ئويلاتتى.قانداق قىلىمەن؟؟ھەممسىنى ئۆز ئەركىگە قويۇپ بەردىم،قانغىچە يىغلىدىم،ئۆزۈمنى تاشلىۋەتتىم،ھىسياتلىرىمنىڭ چۇلۋۇرىنى بوشىتىپ تاشلىدىم،كۆڭلۈمنى ئەمىن تاپقۇزدۇم،ھەقىقەتەنمۇ بەك چارچاپ كىتىپتىمەن.رىئال دۇنيانىڭ ئازاپلىرىدىن،روھىيىتىمدىكى ئىشكەللەردىن قۇتۇلۇشنى ئويلايمەن،ئاركىن پەرۋاز قىلىشقا يىتىشنى ئويلىمىساممۇ ،ئەمما ئۆزۈمگە چۇشلۇق بوشلۇقۇم بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن،چارچاش،غېرىپلىق دەل ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ئورتاق تېمىسى...... ئۇزۇن قارا كىچىلەردە،تىنىمسىز خىياللىرىم ئېقىۋاتقان رېتىملاردۇر،سەللا ئېزىپ كەتسەم قەلبىمنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىدىكى مېنى كىچىچە ئازاپلايدىغان تاۋۇشلىرىنى چالىدۇ،ئەمما شۇنداقتىمۇ كۆڭۈل چىگىشلىرىم يىشىلمەيدۇ،مۇنبەرگە يازغان تىللىرىم بولسا غېرىپلىق گىرداۋىنى ساقلاۋاتقان،مۇدھىش كىچىلەردىكى يۆگەنسىز خەياللىرىمنىڭ ئەكسىدۇر.كىشىلەر غېرىپلىق پەردىسىنى يىرتىپ تاشلاپ،جاھان خولۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشنى،شېرىن شاراپ،ئېسىل لەززەتلەر دۇنياسىدا مەست بولۇشنى ئىزدىشىدۇ،ئەمما ئېنىقكى ئۇلار شاراپلاردا ئۆزىنى يوقىتىپ،ئىسلار قوينىدا ئۆمرىنى خاراپ ئىتىشىدۇ. رىقابەت بىلەن تولغان مۇشۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ خىزمەن بېسىمى،تۇرمۇش بېسىمى ۋە «خان»بېسىملىرى بولىدۇ،بۇ يۈزلەنمەي بولمايدىغان بىر رىئاللىق!بېسىم بىر خىل قوش بىسلىق خەنجەر،بىر جەھەتتىن،ئۇ ياشاشنىڭ ئاساسى ۋە تۈرتكىسى بولسا،يەنە بىر جەھەتتىن،ئۇ ئىنسانىي تەبىئەتنى دەپسەندە قىلىدۇ ۋە ئۆزگەرتىدۇ. غېرىپسىنالمايدىغان،غېرىپلىقتىن قورقىدىغان،ئۇنى ئۆچ كۆرىدىغان كىشىلەر زېرىكىشنىڭ نىمىلىكىنى بىلەلمەيدۇ.كىشىلەر يالغۇزلۇققا بەرداشلىق بېرەلىگىنى بىلەن،غېرىپلىققا چىدىيالمايدۇ.چۈنكى يالغۇزلۇق ئىچىدىكى غېرىپلىقتا ئۆزىمىزنى تونىۋالالايمىز،ئەمما غېرىپلىق ئىچىدە يالغۇزلۇقنى يۈرەك تارىلىرىمىز بىلەن چىكىشىمىزگە توغرا كىلىدۇ.ناۋادا سىز يالغۇز قېلىپ باقمىغان بولسىڭىز،ئۇنداقتا سىز كىشىنى تۇنجۇقتۇرىدىغان غېرىپلىقنى ھىس قىلىپ باقمىغان بولىسىز،يالغۇز غېرىپلىق يېشىنىڭ تەمىنىڭ قانداق بولىدىغىنىنىمۇ بىلەلمەيسىز..... يېرىم كىچىدە ھەممە ئۇيقۇدا،شاماللارنىڭ زىمىننى سۆيۈپ ئۆتكەن تاۋۇشلىرى ئېنىق ئاڭلىنىدۇ،كاللامدا ئۆتمۈشنى ئەسلەشلەر،ھالبۇكى خىياللىرىم تېخىچە ئۆزىنى قويىدىغان يەرنى تاپالماي يۈرىدۇ.يوتقانغا كىرىۋالغىنىم بىلەن،توختىماي ئۆرۈلىمەن،ئۇيقۇلىرىم قاچقان.قارىغاندا بۇ كىچە ئۇيقۇ مەن بىلەن خوشلاشقان ئوخشايدۇ..... خىياللىرىمغا ئەگىشىپ ئاسمانغا چىقىپ،يەرگە كىرىپ،مەستخۇشلۇق ئىچىدە ئۆزۈمنىڭ ھەقىقىي ئەكسىمنى ئىزدىدىم،پەردازلانمايدىغان مىجەزىمنى،ھەقىقىي ئۆزۈمنى ئىزدىدىم،مۇشۇنداق قاتمال دۇنيادا ئۆزىگە تەئەللۇق غېرىپلىققا ئېرىشىشكەندىلا،غېرىپلىق جامىدا شېرىن شاراپ ئىچىكەندىلا،غېرىپلىقنىڭ مەنىسىنى تونۇپ يىتىپ،كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ ئاجايىپ لەززەت ۋىسالىغا يەتكىلى بولىدىكەن....
[attachment=4912] [attachment=4909][attachment=4913]
[flash=500,400]http://www.maidee.com/v/43Ev33sqa0.swf[/flash]
Feelings, nothing more than feelings, trying to forget my feelings of love. Teardrops, rolling down on my face, trying to forget my feelings of love. Feelings, for all my life I'll feel it. I wish I've never met you, girl. You'll never come again. Feelings'Feelings'Feel you again in my arms. Feelings, feelings like I've never lost you, and feelings like I'll never have you again in my heart, again in my life. Feelings' Feelings' Again in my heart. Feelings'Feelings.[/size][/color]

(بويىغا يەتمىگەنلەر كۆرمەڭلار)خوتۇن قوللانمىسى

[size=4][color=#ff0000][مەھسۇلات ئىسمى][/color][color=#6600cc]ئېغىز تىلىدا خوتۇن،ئاممىۋى سورۇنلاردىكى ئىسمى ئايالىم ياكى رەپىقەم،ھازىرقى زاماندىكى ئىسملىرىدىن سۆيگۈنۈم قاتارلىقلار بار.[/color] [color=#ff0000][تەركىبى][/color][color=#6600cc]سۇ،قان ،ماي ۋە ئانئورگانىك ماددىلاردىن تەركىپ تاپقان[/color]. [color=#ff0000][شەكلى][/color][color=#6600cc]بۇ مەھسۇلات زىلۋا سوزۇنچاق كەمپۈتسىمان،سىرتقى يۈزىدە بىر قەۋەت ئۇپا-ئەڭلىك ۋە لەۋسۇرۇق قاتارلىق تەركىپلەر بار.بۇلارنى چىقىرىپ تاشلىغاندا سەل سېرىققا مايىل رەڭدە.قىياپىتىمۇ سىرتقى قىياپىتىنى چىقىرىپ تاشلىغاندا ئىلگىرىكىدىن خېلىلا زور پەرقلىنىدۇ.بۇ مەھسۇلات ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ،سەمرىش،قورۇق چۈشۈش قاتارلىق ھادىسىلەر پەيدا بولىدۇ،ئەمما داۋاملىق ئىشلىتىشىڭىزگە دەخلى قىلمايدۇ[/color]. [color=#ff0000][داۋالاش ئۈنۈمى][/color][color=#6600cc]بويتاقلىق كىسىلى،ئەۋلات قالدۇرالماسلىق قاتارلىق كىسەللەرگە ئالاھىدە پايدا قىلىدۇ،مۇھەببەتتىن بەھرۇم بولغان ياكى خۇدىنى بىلمەي مۇھەببەتلەشكەنلەرگىمۇ ئۈنۈمى ياخشى[/color]. [color=#ff0000][ئىشلىتىش ئۇسۇلى][/color] [color=#6600cc]ئىچى ۋە تېشىدىن تەڭ ئىستىمال قىلىنىدۇ،بىر قېتىمدا بىر دانە.ئۈنۈمى بولمىغانلار ئىشلىتىشنى توختىتىپ،نىكاھ مەسلىھەت مۇتەخخەسسىلىرىدىن مەسلىھەت سورىسا،ياكى بىر مەزگىل توختاتقاندىن كىيىن ئاندىن ئىستىمال قىلسا بولىدۇ[/color]. [color=#ff0000][دىققەت قىلىدىغان ئىشلار][/color][color=#6600cc]بۇ مەھسۇلات بويتاق ۋە بالاغەتكە يەتكەن ئەرلەرگىلا ماس كىلىدۇ.ئىستىمال قىلغاندا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئەكس تەسىرىنى ئېھتىيات بىلەن كۈزىتىش لازىم،ناۋادا ئەكس تەسىرى بوپ قالسا،ئىشلىتىشنى دەرھال توختىتىش كېرەك.ھاراق تاماكىنى تاشلىۋەتسىڭىز ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ[/color]. [color=#ff0000][مىقدارى][/color][color=#6600cc]ئادەتتە 45-55 كىلوغىچە بولىدۇ،ئالاھىدە ئەھۋال بۇنىڭ سىرتىدا[/color]. [color=#ff0000][ساقلاش][/color][color=#6600cc]نورمال تېمپراتورىدا ساقلىنىدۇ.سالقىن جايدا ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ.ناۋدا سىرتتا قويۇلغاندا،قۇياش نۇرىدىن ۋە يامان كۆزلەردىن ئالاھىدە ساقلىنىش كېرەك.ساقلىنىش مەزگىلىدە،بىر تەرەپكە چۆرۈپ قويۇپ،كارى بولماسلىققا بولمايدۇ[/color]. [color=#ff0000][قاچىلىنىشى][/color][color=#6600cc]ھەر خىل مودا كىيىملەرگە قاچىلىنىدۇ،پەسىلنىڭ ئالمىشىشىغا ئەگىشىپ ئالماشتۇرۇلۇپ تۇرۇلىدۇ[/color]. [color=#ff0000][تەستىق نۇمىرى][/color][color=#6600cc]ئىمامنىڭ تەستىقى ۋە نىكاھ كىنىشكا تەستىقىغا قارالسۇن[/color]. [color=#ff0000][ئىشلىتىلىش مۇددىتى][/color][color=#6600cc]مەمنۇنلۇق دەرىجىسىگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ،ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا بىر ئۆمۈر،قىسقا بولغاندا بىر ياكى ئىككى كۈن بولۇشىمۇ مۇمكىن![/color] [color=#ff0000][ئىشلەپچىقارغان ئورۇن][/color][color=#6600cc]«تاتلىق»ئاتا-«تاتلىق» ئانا[/color] [color=#ff0000][ئالاھىدە چۈشەندۈرۈلمە][/color] [/size][color=#669900][size=4]1.توي قىلمىغان يىگىتلەر ئىستىمال قىلشتىن ئىلگىرى بۇ قوللانمىنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقىشى لازىمدۇر.ھەمدە قوللانما بەلگىلىمىسى ۋە نىكاھ مۇتەخخەسسىسلىرىنىڭ ياردىمىدە ئىشلىتىش كېرەك. 2.بۇ مەھسۇلاتقا زىيادە سېزىمچانلارنىڭ ئىشلىتىلىشى چەكلىنىدۇ. 3.باشقا مۇشۇ خىلدىكى دورىلارنى ئىشلىتىۋاتقانلارنىڭ بۇ دورا بىلەن بىللە ئىشلىتىشى چەكلىنىدۇ. 4.بۇ مەھسۇلار رىتسىپسىز دورا،ئەمما سېتىۋىلىپ ئىشلەتكەندە ،بىر قىسىم قىممىتى بار بۇيۇملىرىڭىزنى چىقىرىشىڭىز شەرت! 5.بۇ مەھسۇلاتنى بالىلارنىڭ ۋە ياتلارنىڭ قولى يەتمەيدىغان يەرگە قويۇڭ!!![/size][/color]

ئامرىكىنىڭ زادى نەرى يامان---ئازاتلىق ئارمىيە ئوفىتسىرى تىلىدىن...

[color=#669900][size=4]ئازاتلىق ئارمىيە ئوفىتسىرى----لىيۇياجوۋ
ئامرىكىنىڭ زادى نەرى قورقۇنچلۇق؟ئامرىكىنىڭ گەرچە دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك قوشۇنى،ئەڭ ئىلغار تېخنىكىسى بولسىمۇ،ئەمما مېنىڭچە بۇ قورقۇنچلۇق ئەمەس.ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ يۇشۇرۇن ئايروپىلانىنىڭ جۇڭگوغا ئۇچۇپ كىلىشى ناھايىتى ئاسان بىر ئىشكەن،ئەمما بۇمۇ قورقۇنچلۇق ئىش ئەمەس،ئۇنىڭ قورقۇنچلۇق يېرى ھەرگىزمۇ بۇلارلا ئەمەس!
1972-يىلى مەن ۋۇخەن ئۇنۋېرستىتىدا ئوقۇۋاتقىنىمدا،سىياسەت دەرىسىدە ئوقۇتقۇچىمىز:«ئامرىكا چىرىكلەشكەن،قالاق بۇرژۇئازىيەنىڭ ۋەكىلى،ئۇنىڭ كۈنلىرى ئاز قالدى...»دىگىنىدە،مەن ،يەنى بىر ئىنقىلابىي ھەربىيچە كىيىم كىيگەن ئوقۇغۇچى ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ:«مۇئەللىم،مېنىڭچە دىگىنىڭىز خاتا،ئامرىكا گەرچە جۇڭگوغا ئوخشاش سەھەردىكى قۇياش بولمىسىمۇ،ئەمما ئۇ ھەرگىزمۇ ناماششام قۇياشى ئەمەس،بەلكى دەل چىڭ چۈشتىكى قۇياش»دىگەنىدىم. مۇئەللىم ئاچچىقلانغىنىدىن چىرايى تامدەك تاتىرىپ،كىكەچلىگىنىچە ماڭا:«سەن ئوقۇغۇچى تۇرۇپ بۇنداق سۆزلەشكە قانداق پېتىندىڭ!؟»دىگەنىدى،ئۇ مېنىڭ نىمىشقا بۇ سۇئالنى سورىغىنىمنى سورىماستىن،ئەكسچە «پېتىندىڭ»دىگەن سۆزنى ئىشلەتتى.بۇنىڭدىكى ئۇنىڭ مەناسىنىمۇ بىر قاراپلا بىلگىلى بولاتتى.مانا مۇشۇنداق چىرىكلەشكەن،قالاق بۇرژۇئازىيە دۆلىتى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ دۇنيانىڭ يېڭى سانائەت ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلىپ كەلدى.مېنىڭ ئوقۇشۇمنىڭ پۈتۈشىمۇ ئىسلاھات ئىشكنى ئېچىۋىتىش دەۋرىگە توغرا كەلدى. مېنىڭ قارىشىمچە،ئامرىكا مىليونلىغان ئۆز دۆلىتىنى ياخشى كۆرمەيدىغان باشقا دۆلەت كىشىلىرىدىن تەركىپ تاپقان بىر دۆلەت،ئەمما ئۇلار ئامرىكىنى ئىنتايىن سۆيىدۇ،ئۇ چاغلاردا نۇرغۇن باشلىقلار ئاغزىدا ئامرىكىنى تىللىغىنى بىلەن،ئاستىرىتتىن بالىلىرىنى ئامرىكىغا ئېۋەرتىشەتتى،بۇنداق پەرقمۇ بەك چوڭ ئىدى.دىمەك ئامرىكىنىڭ قوقۇنچلۇق يېرى زادى قەيەردە؟ مېنىڭ 3 خىل كۆز قارىشىم بار.
بىرىنچى:ئامرىكىدىكى تالانلىقلار تۈزۈلمىسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.ئۇلارنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى سايلامنى ئاساس قىلىدۇ،بۇ ئارقىلىق قارار چىقارغۇچىلارنىڭ بىر قىسىم تالانتلىقلاردىن تەركىپ تېپىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.جۇڭگونىڭ ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى،چوڭى دۆلەتتىن،كىچىكى بىرەر ئىدارىغىچە كۆپىنچە خىل ئەھۋالدا،ئىدىيىسى بارلار قارار چىقىرالمايدۇ،قارار چىقارغۇچىلارنىڭ بولسا ئىدىيىسى بولمايدۇ،ئەقلى بولغانلارنىڭ ئورنى بولمايدۇ،ئورنى بارلارنىڭ ئەقلى بولمايدۇ،ئامرىكا دەل بۇنىڭ ئەكسىچە،ئۇنىڭ «گۆھەر راۋاق»تۈزۈلمىسى ،دەل شۇنداق بىر قىسىم تالانلىقلارنى باشقۇرۇش ئورنىغا چىقارغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئامرىكا خاتالىق ئۆتكۈزمەيدۇ،خاتالىقنى ئاز ئۆتكۈزىدۇ،خاتالىق بولسا ناھايىتى تېزلا ئوڭشىيالايدۇ.بىز بولساق خاتالىق ئۆتكۈزىمىز،دائىم خاتالىشىمىز،خاتالاشساقمۇ خاتالىقىمىزنى ئوڭشىمىقىمىز بەك تەس!ئامرىكا كىچىككىنە تەيۋەن ئارقىلىق جۇڭگونى يېرىم ئەسىرگە يېقىن تۇتۇپ تۇردى،ئۇ بۇ پىچكىنى شۇنداق جانلىق ئوينىتىپ،پۈتكۈل شەرقى جەنۇبى ئاسىيانىڭ سىياسىي ئىكولوگىيەسىگە تەسىر كۆرسەتتى.مېنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنىم دەل جۇڭگونىڭ يېڭى ئەسىردىكى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ تەيۋەننىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ بۇزۇلۇپ كىتىشى ھىساپلىنىدۇ. ھازىر كۈچلۈك مىللەتكە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا،زىمىننىڭ مۇھىملىقى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى،زىمىن تالىشىشىتىن دۆلەتلەر كۈچىنى سېلىشتۇرۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلدى.ئامرىكىنىڭ ھىچقانداق دۆلەتكە قارىتا زىمىن تەلىپى يوق،ئۇنىڭ ئۈچۈن زىمىن مۇھىم ئەمەس،ئۇنىڭ 20-ئەسىرىدىكى بارلىق قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسى ھەيۋە قىلىشى ئۈچۈن بولدى.ئۇنىڭ ھەيۋىسى نىمە؟ئىقتىساتنىڭ كۈچىيىشىدىن باشقا ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ھەيۋىسى خەلقىنىڭ قوللىشى!خەلقنىڭ قوللىشى بولسىلا دۆلەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچ بولىدۇ،يۈتكەن زىمىنمۇ قايتىپ كىلىدۇ.خەلىق قوللىشى بولمىسا،ئېرىشكەن زىمىنىمىزدىنمۇ ئايرىلىپ قالىمىز!بەزى دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى بىر قەدەمنىلا كۆرسە،ئامرىكا دائىم 10 قەدىمىنى سانايدۇ.شۇڭا 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن،يۈز بەرگەن ھەر قانداق مۇھىم خەلقارالىق ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى ئامرىكىنىڭ خەلقارالىق ئورنىنى چىڭداپ كەلدى. ناۋادا بىز داۋاملىق ئامرىكا تەرىپىدىن يىتىلىنىپ ماڭساق،بارلىق سىتراتىگىيىلىك ئۆزەڭگىلىرىمىزدىنمۇ ئايرىلىپ قالىمىز!مېنىڭ دەيدىغىنىم،ئامرىكىنىڭ سىتراتىگىيىلىك مۇھىم نوقتىسى ھەرگىزمۇ ئاسىياغا يۆتكەلمەيدۇ،ئەمما ئۇنىڭ جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.نۇرغۇن يولداشلار ھەربىي جەھەتتە ئامرىكىنىڭ جۇڭگونى مۇھاسىرىگە ئالغىنىنىلا كۆردى،بۇ خۇددى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تېخنىكا ۋە قورال جەھەتتىكى پەرقىنى كۆرگەندەكلا بىر ئىش.ئەمما نۇرغۇنلىرى چوڭ سىتراتىگىيەنى،بولۇپمۇ دېپلوماتىيە جەھەتتىكى تېخىمۇ ئېغىر تەڭپۇڭسىزلىقنى كۆرۈپ يىتەلمىدى.بىزنىڭ ئامرىكىغا قاراتقان دىپلومەتىيىمىز،ياكى تەدبىرى بار ئەمما چېكى يوق،ياكى ئىنچىكە نوقتىسى بار ئەمما چوڭ ۋەزىيەت يوق!«9.11» دىن كىيىن،ئامرىكا ئىككى ئاي ئىچىدىلا ئافغانىستاننى ئېلىپ،جۇڭگونى غەرپتىن قىستى،ياپون،تەيۋەن ۋە ھىندىستاننىڭ ھەربىي بېسىمىمۇ ئاز ئەمەس،قارىماققا بىر «9.11» دىن ئازغىنە نەپكە ئېرىشكىنمىمىز بىلەن،ئەمما بۇ نەپلەر بىر -ئىككى يىل ئىچىىلا غايىپ بولىدۇ.مېنىڭچە جۇڭگونى ھەربىي قامالغا ئېلىش بىر خىل دەرىجىدىن ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەت! قاراڭ،يېقىنقى يىللاردىن بېرى،دۆلىتىمىزنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر كەينى - كەينىدىن سوتسىيالىستىك تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىپ،ئاتالمىش«دېموكراتىك»دۆلەتلەرگە ئايلاندى،رۇسىيە،مۇڭغۇلىيە ئۆزگەردى،قازاقىستان ئۆزگەردى،بۇنىڭغا ئەسلىدىكى كورىيە،فېلىپپىن،ھىندىنوزىيە،تەيۋەنلەرمۇ قېتىلدى.بۇ خىل ھەيۋە دۆلىتىمىزگە نىسبەتەن ھەربىي ھەيۋىدىن كۈچلۈكرەك!ھەربىي ھەيۋە قىسقا مۇددەتلىك بولىدۇ،ئەمما ئاتالمىش «دېموكراتىك»دۆلەتلەرنىڭ قورشىشى ئۇزۇن مۇددەتلىك بولىدۇ.
ئىككىنچى:ئامرىكىنىڭ سېخى ۋە كەڭ قوساقلىقىياۋروپاغا بارغاندىن كىيىن ،ئاندىن ئامرىكىغا بارسىڭىز ناھايىتى چوڭ پەرق ھىس قىلىسىز،ياۋروپانىڭ سەھەردىكى كوچىلىرىدا ئادەم كۆرگىلى بولمايدۇ،ئەمما ئامرىكىنىڭ چوڭ -كىچىك كوچىلىرىدا چىنىقىۋاتقان كىشىلەرنى نۇغۇن ئۇچراتقىلى بولىدۇ.بەزىدە پۈتۈن كۈن مۇشۇنداق كىشىلەرنى ئۇچرىتالايسىز،مېنىڭچە بەدەن چېنىقتۇرۇش بىر خىل ئەخلاق،بەدەن چېنىقتۇرۇش بىرخىل ئالغا ئىنتىلىدىغان مەدەنىيەت،بىر دۆلەتنىڭ ھاياتى كۈچى بولمىسا،ئۇنىڭدا قانچىلىك كىشىنىڭ سالامەت تۇرۇشىنى پەرەز قىلالايمىز! ئامرىكىلىقلار دۆلەت بايرىقىنى كۇسار قىلىپ كىيەلەيدۇ،مەنمۇ ئامرىكىدا شۇنداق كۇساردىن بىرنى سېتىۋالغان،ئۇنى دائىم كىيىمەن،ئۇنى كەمسىتىمەن،ئاچچىقىمنى چىقىرىمەن،روھىيەتتە ئاچچىقىمنى چىقىرىمەن،ھوزورلىنىمەن.ئەمما ئامرىكىلىقلار پەخرى ئۈچۈن كىيىدۇ.بۇ ماھىيەت جەھەتتىن ئوخشىمايدۇ.ئامرىكىلىقلار كوچىدا ئۆز دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرەلەيدۇ،دەيشۇ(يازغۇچىنىڭ دوستى«ھاۋا ئارمىيە ھەربىي تەلىمات»ژورنىلىنىڭ تەھرىرى) نىڭ دىيىشىچە،ناۋادا بىر دۆلەت ئۆز دۆلىتىنىڭ بايرىقىنىمۇ كۆيدۈرەلىسە،سىزنىڭ ئۇنى كۆيدۈرۈشىڭىزنىڭ ئەھمىيىتى نىمە؟
ئۈچىنچى:روھىيەت ۋە ئەخلاقنىڭ غايەت زور كۈچى،بۇ ئەڭ قۇرقۇنچلۇق!«9.11» بىر قېتىملىق ئاپەت،بۇ ئاپەت كەلگەندە،يىقىلغىنى بەدەن بولغىنى بىلەن ،دەس تۇرغىنى روھ بولدى!بەزى مىللەتلەر ئاپەتكە دۇچار بولغاندا،گەۋدىسى يىقىلماي تۇرۇپلا،روھى قورال تاپشۇرۇپ تەسلىم بولۇپ بولىدۇ!«9.11» ۋەقەسىدە ئۈچ ئىش يۈزبەرگەن.بىز بۇلاردىن ئامرىكىلىقلارنىڭ كۈچىنى كۆرەلەيمىز! 1 .سودا بىناسىغا ئايروپىلان سوقۇلۇپ،قىل ئۈستىدە تۇرغاندا،كىشىلەر ئىشىككە قاراپ قاچقىنىدا،ئالاقىزادە بولۇپ كەتمىگەن.كىشىلەر تۆۋەنگە،ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر يۇقۇرىغا قاراپ يۇگۈرۈشكەن.ئۇلار ئۆز-ئارا يول بېرىشكەن،تۇقۇنۇشۇپ قالمىغان،ئاياللار بالىلار ۋە قارىغۇلارغا ئۇلار ئۆزلۈكىدىن يول بەرگەن،ھەتتا بىر ئەمەك كۈچۈككىمۇ يول بېرىشكەن.بىر مىللەتنىڭ روھى مەلۇم دەرىجىگە يەتمىسە،بۇ خىل ھەرىكەت شەكىللىنەلمەيدۇ،ئۆلۈمگە يۈزلەنگەندىكى ئېغىر بېسقلىق،بەلكىم ئەۋلىيالاردىلا بولسا كېرەك! 2.«9.11» نىڭ ئىككىنچى كۈنى،دۇنيا بۇنى ئەرەپ تېرورچىلىرىنىڭ قىلغىنىنى بىلدى.نۇرغۇن ئەرەپ دۇكانلىرى،ئاشخانىلىرى ئامرىكىلىقلار تەرىپىدىن چېقىۋىتىلدى.بىر قىسىم ئەرەپلەرمۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىدى،بۇ چاغدا بىر قىسىم ئامرىكىلىقلار ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ،ئەرەپلەرنىڭ دۇكانلىرى ۋە مىھمانخانىلىرىغا بېرىپ،ئۇلار ئۈچۈن قاراۋۇللۇق قىلغان.ئەرەپ ئاھالىلەر رايونلىرىدا چارلاپ،ۋەقە يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.بۇ خىل روھنى نىمە دىسەك بولار؟ بىزدە ئەزەلدىن ئۆچنى چوقۇم ئالىدىغان ئەنئەنىمىز بار،مەن چىڭدۇدا تۇرىمەن.تارىختا دىڭ ئەي چىڭدۇنى ئالغاندىن كىيىن،پېڭدېنىڭ ئوغلى گۇەنيۈنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى بىراق قىرىپ تاشلاپتىكەن.قانلىق ئۆچ ئېلىش،قان پۇراپ تۇرغان،تارىختا ئۈزۈلمىگەن. 3.ئامرىكىنىڭ پىنسىلۋانىيەدە چۈشۈپ كەتكەن ئاشۇ 767 ئايروپىلانى ئەسلىدە ئاق سارايغا ئۇرۇلماقچى بولغان،ئەمما كىيىن يولۇچىلار تېرۇرۇچىلار بىلەن ئېلىشقاندىن كىيىنلا،ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن.چۈنكى ئۇلار شۇ چاغدا سودا بىناسى ۋە 5 بۈرجەك بىنانىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغىنىنى بىلگەن،شۇڭا قاراپ تۇرماي،تېرۇرچىلار بىلەن ئېلىشقان.دەل مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ ئۇلار مۇنداق بىر ئىش قىلغان،يەنى بىلەت تاشلاش ئارقىلىق ئېلىشىش ياكى ئېلىشماسلىقنى قارار قىلغان،مۇشۇنداق ھەل قىلغۇچ پەيتتىمۇ ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى خەققە تاڭمىغان!كىيىن ھەممەيلەن قوشۇلۇپ ئاندىن ئېلىشقان. دېمۇكراتىيە دىگەن نىمە؟مانا بۇ دېمۇكراتىيە!دېمۇكراتىيە ئېڭى ئۇلارنىڭ ھاياتىغا،قېنىغا ھەتتا يىلىكلىرىگىچە سىڭىپ كەتكەن! بۇ خىل مىللەت ھەرگىز مەغلۇپ بولمايدۇ،بۇ خىل مىللەت دۇنياغا خوجايىنلىق قىلمىسا يەنە قانداق مىللەت خوجايىنلىق قىلىدۇ؟مەن ئويلايمەن،دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار قورال،ئەڭ يېڭى تېخنىكا،ئەڭ كۈچلۈك قوشۇننىڭ مۇشۇلارنىڭ قولىدا بولۇشى ئەقىلغە مۇۋاپىق بىر ئىشكەن!ياپونلۇقلارنىڭ قولىدا تۇرغىنىدىن مىڭ ھەسسە ياخشىدۇ؟لېۋىيە ئېراقلىقلارنىڭ قولىدا تۇرغىنىدىن ياخشىدۇ؟بىزنىڭ قولىمىزدا بولسۇنمۇ دەيلى،بىزنىڭ نىمە قىلىشىمىزنى ھىچكىم بىلمەيدۇ.ئامرىكىنىڭ نۇرغۇن مۇۋەپپىقىيەتلىك تەجرىبىسى بار،بۇلار بىزنىڭ ئۈگىنىشىمىزگە ئەرزىيدىغان بىر ئىش![/size][/color]
[color=#6600CC]刘亚洲---美国真正的可怕之处在哪儿?


美国真正的可怕之处在哪儿?美国虽然有着世界上最强大的军队,最先进的科技,但我认为这并不可怕。据说它的隐形飞机来去中国很自由,但这也没有什么可怕的。它可怕的东西不是这些。
  1972年我在武汉大学读书,上政治课,一个政治老师讲:“美国是腐朽、没落的资本主义国家的代表,已经日薄西山,气息奄奄了。”我,工农兵大学生,一身军装,立即站起来,反驳:“老师,我觉得你说得不对。美国虽然不象中国一样,是早晨八、九点钟喷薄而出的太阳,但它也不是什么夕阳,而是正午的太阳。”
  老师气白了脸,结结巴巴地说:“你这个同学,怎么敢说这话!”他没有问我为什么要说这话,却用了一个“敢”字。其间心态,一眼看穿。就是这个腐朽、没落的资本主义国家,却在上世纪九十年代领导了世界上最新的一场科技革命。我大学毕业后,正逢改革开放。
  我又有一个观点:美国是由千千万万不爱自己祖国的人组成的国家、但他们都很爱美国。那时很多领导人,一边骂美国,一边把子女往美国送。反差巨大!讲了半天,美国可怕之处何在呢?
  我自己感觉有三点:第一,美国的精英体制不可小觑。他的干部制度,他的竞选机制,能够确保决策者是一批精英。我们中国的悲剧,大到国家,小到一个单位,多数的情况是,有思想的人不决策,决策的人没有思想。有脑子就没位子,有位子就没脑子。美国正好相反,他的宝塔尖体制,正好把一批精英弄上去了。
  因此,第一,他不犯错误,第二,他少犯错误,第三,犯了错误他能很快改正错误。我们是犯错误,这是第一。第二,常犯错误。第三,犯了错误很难改正错误。美国用一个小小的台湾牵制了中国整整半个世纪。他把这个棋子走活了,走神了,一个台湾,改变了东亚的国际政治生态。我最担心的中国新世纪发展的战略框架因为台湾而扭曲。
  现在对强势民族来说,领土的重要性大大下降,已经变追求领土为追求国势。美国人对任何国家都没有领土要求。它不在乎领土,它在二十世纪的全部作为都是造势,什么叫造势?除了经济强大以外,民心啊!有了民心国家就有凝聚力,失去的领土可以回来;没有民心,你拥有的土地肯定会失去。有的国家领导只看一步。美国行事往往看十步。因为如此,所以二次世界大战结束后发生的每一次重大的全球性事件都在加强美国的地位。
  如果我们被它牵着走,就可能丢掉所有的战略筹码。我一再讲,美国的战略重心不会移到亚洲来,但不意味着它不包围中国。很多同志只看到美国在军事上包围中国,就象很多人只看到中美双方在科技和武器装备方面的差距,而没有看到在大战略、尤其是外交层次上比装备落后更严重的失衡。我们的对美外交,要么有措施没有境界,要么有细节没有全局。“9. 11”之后,美国迅速在两个月之内拿下阿富汗,从西面包抄中国。日本、台湾、印度的军事压力也未减轻。看起来我们从“9. 11”中得到了一些眼前的利益,但这些利益不出一两年可能就会消失。我认为对我国的战略包围是另外一种,不是军事,超乎军事。
  你看,近些年,我国周围的国家纷纷改变社会制度,变成所谓的“民主”国家,俄罗斯、蒙古变了,哈萨克斯坦变了。再加上原先的韩国、菲律宾、印度尼西亚,再加上台湾。这种威胁对我国而言比军事威胁更厉害。军事威胁或许是短期效应,而被所谓的“民主”国家包围则是长期效应。第二,美国的大气与宽容。你要到欧洲去,再去美国,你会发现一个重大差异:欧洲早晨大街上没有什么人,而美国早晨大街小巷有很多健身的人,甚至全天如此。我有句言论:健身是一种品质。健身代表一种蓬勃向上的文化。一个国家有没有朝气,看看它有多少人健身就知道了。
  美国人可以把国旗当裤衩穿在身上。我在美国买过一条星条旗裤衩。我常穿。我穿它是为了蔑视它,是出气,是一种心理的渲泄和满足。美国人穿则是一种调侃。本质不同。美国人可以在大街上焚烧自己的国旗。戴旭(作者朋友,《空军军事学术》编辑)说:如果一个国家连自己的国旗都可以烧的话,你还有什么理由去焚烧它呢?第三,精神和道德的伟大力量。这是最可怕的。“9. 11”是一场灾难。当灾难袭来时,最先倒下的是躯体,但站的是灵魂。有的民族逢灾难,躯体未倒,灵魂已缴械。“9. 11”事件中发生了三件事,都可以让我们从中看到美国人的力量。第一件,世贸大楼顶部被飞机撞击之后,烈焰奔腾,形势千钧一发。
  楼上的人们通过EXIT向下逃生的时候,并不特别慌乱。人往下走,消防队员往上冲。互相让道,并不冲突。有妇女、小孩、盲人到时,人们都自动地让出一条道来,让他们先走。甚至还给一条宠物小狗让道。一个民族的精神不强悍到一定的程度,断然做不出这种举动。面对死亡,冷静如斯,恐怕不是圣人也接近圣人了吧。第二件事,“9. 11”的第二天,世界就知道这是阿拉伯恐怖分子所为。很多阿拉伯商店、餐馆被愤怒的美国人砸了。一些阿拉伯商人也受到袭击。这个时刻,有相当一批美国人自发地组织起来,到阿拉伯人的商店、饭馆为他们站岗。到阿拉伯人居住区巡逻,阻止悲剧的进一步发生。这是一种怎样的精神啊。
  我们自古就有报复的传统。我住在成都。邓艾破成都后,庞德的儿子把关羽一家老幼全杀光了。血腥报复,斑斑点点,不绝于史籍。第三件事,在美国宾夕法尼亚坠毁的那架767客机,本来是要撞向白宫的。后来机上乘客与恐怖分子搏斗,才使飞机坠毁。因为当时他们已经知道世贸大楼、五角大楼被撞的消息,他们决定,不能无所作为,要和恐怖分子进行殊死斗争。即便是在这种情况下,他们还做了一件事:决定投票通过,是不是要和恐怖分子作斗争。在这么一个生死悠关的时刻,我都不把我的意志强加给别人。后来全体同意,才去与劫机者搏斗。什么叫民主,这就是民主。民主的理念已经深入到他们的生命中、血液里、骨髓中。
  这样的民族,他不兴盛谁兴盛;这样的民族,他不统治世界,谁能统治世界。我常作奇想:世界最尖端的武器、最新的科学技术、最强大的武装力量,掌握在这些人手中,还是挺合适的。总比掌握在日本人手中强吧,总比掌握在利比亚、伊拉克人手中强吧?就是掌握在我们手中,我们能做出些什么,也未可知。美国这个国家有很多成功的经验,值得我们学习的借鉴。
[url]http://bbs.news.sina.com.cn/treeforum/App/view.php?bbsid=1&subid=0&fid=29285&tbid=2588&ismain=[/url][/color]

ئالىملار غېرىپتۇر

[color=#6600CC][size=4]ئىلىم - پەن كىشىدىن غېرىپلىقنى تەلەپ قىلىدۇ.ئىلىم-پەن كەسپىمۇ ئىنتايىن زېرىكىشلىك بىر كەسىپ.ئالىملار غېرىپ كىلىدۇ،ئۇلارنىڭ بۇ تەرىپى تولىمۇ سۆيۈملۈك ۋە سېھرىيەتكە تولغان بولىدۇ.ياخشى ئىلىم ئىگىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە ئالدىنقى شەرتى قوڭىنى بىر يەرگە مۇقىم قويۇپ،پۈتۈن زېھنىنى يىغىپ بىز مەسىلە ئۈستىدە ئىزدىنەلەيدىغان بولۇشى كېرەك.ئەلمىساقتىن ئالىملىق دەرىجىسىگە يەتكۈچىلەرنىڭ مۇنداق ئۈچ خىل ئالاھىدىلىكى بولۇشى كېرەك.بىرىنچى: قاراڭغۇ زۇلمەت ئىچىدىمۇ نىشاندىن ئازماي،يىراقنى كۆرەرلىكى بولۇشى كېرەك.ئىككىنچى: بىلىم ئىشقىدا «جاندىن كەچمىگۈچە جانانغا يەتمەپتۇ»دىگەندەك ئىگىلمەس روھ بولۇشى كېرەك.ئۈچىنچى: ئالدىنقى ئىككىش شەرتنى ھازىرلىغاندىن كىيىن،يەنە ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك.
ئېينىشتىيىن ئالىملارنى مۇنداق ئۈچ تۈرگە ئايرىغانىكەن.بىرىنچى خىلدىكىلەر ئىلىم -پەن ئۇلارغا قابىلىيىتىنى نامايەن قىلىدىغان سورۇن ھازىرلاپ بەرگىنى ئۈچۈنلا ئىلىم-پەن بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن،ئۇلارنىڭ ئىلىم -پەنگە بولغان سۆيگۈسىمۇ،تەنتەربىيەچىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ماھارىتىنىلا ياقتۇرغىنىدەك بىر ئىش ئىكەن.ئىككىنچى خىلدىكىلەر بولسا ئىلىم-پەننى ھاياتلىق كەچۈرۈشتىكى ۋاستە قىلىدىكەن،ئۇلار پەقەت تەلىيىنىڭ غەيرىلىكىدىنلا تەتقىقاتچى بولۇپ قالغانىكەن.ئۈچىنچى خىلدىكىلەر بولسا ئۆزىنى ئىلىم-پەنگە بېغىشلىغۇچىلار بولۇپ،بۇنداق ئالىملار ئاز ئۇچرايدىكەن،ئەمما ئۇلارنىڭ ئىلەم-پەنگە قوشقان تۆھپىسىمۇ ئەڭ زور بولىدىكەن.
ھەقىقىي ئىلىم -پەن تەتقىقاتى بىر خىل ياراتقۇچ خاراكتىرلىق خىزمەت،ئۇ مۇھتەقىل پىكىر قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ.ئۇ ھەم ئەتراپىدىكى شەيئىلەر بىلەن مۇئەييەن ئارىلىق تاشلىغاندىلا ئاندىن ئىلىم-پەنگە مەركەزلىشىدۇ.دارۋىننىڭ «مەۋجۇداتلارنىڭ كىلىپ چىقىشى»دىگەن ئەسىرىنى يېزىشقا 33 يىل ۋاقىت كەتكەن،بېل ئۆزىنىڭ تۈنجى تېلىفونىنى ئېلان قىلغاندا،كۆپچىلىك ئۇنى زاڭلىق قىلغان،پروست تاناسىپلىق تىئورىمىنى ئىسپاتلاشقا 9 يىل ۋاقىت سەرپ قىلغان....بۇنىڭدىن سىرت يەنە نۇرشغۇنلىغان جاپالىق ئەمما مەغلۇپ بولغان تەتقىقات جەريانلىرى بار.مانا مۇشۇ جەريانلارنىڭ ھەممىسى ئىلىم-پەن تەتقىقاتىنىڭ مۇشەققەت ۋە غېرىپلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.ھالبۇكى ئىلىم-پەن تەتقىقاتىدىكى غېرىپلىق بىزنىڭ ئادەتتىكى زېرىكىش،يالغۇزلۇق ۋە غېرىپلىقلاردىن پەرقىلىنىدۇ،ئۇ بىر خىل پەننىي غېرىپلىق،شۇنداقلا تىنچ قەلپ بىلەن دۇنيا مۆجىزاتلىرىنى تەپەككۈر قىلىدىغان غېرىپلىقتۇر!
ساپ ئىلىم -پەن نام-شۆھرەت قوغلاشمايدۇ،قوساقنى كەڭ تۇتۇپ،نام -شۆھرەتتىن ئۆزىنى چەتكە ئالماي تۇرۇپ،چوڭ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدۇ.ئىلىم-پەن نام-شۆھرەت ۋە مەنپەئەت بىلەن ئىلىشىپلا قالىدىغان بولسا،ئۆز قىممىتىنى دەرھال يوقىتىدۇ،شۇنداقلا ئىلىم-پەننىڭ غېرىپلىق ۋە مۇشەققەت قېلىپىدىن چىقىپ كىتىدۇ.ماركىس«ئىلىم-پەندە داغدام يول يوق،پەقەت پەقەت جاپاغا چىداپ تىك چوققىلارغا ياماشقۇچىلارلا،ئىلىم-پەننىڭ بۈيۈك چىققىسىغا يىتەلەيدۇ»دىگەنىدى.ھەقىقىي ئالىمغا نام -شۆھرەت،مەنپەئەتنىڭ لازىمى بولمايدۇ،ئۇلار جاپاغا چىداملىقلىقى ،ماددى قىزىقىشلاردىن خالىيلىقى،سۇنماس روھى ھەمدە دەرىجىدىن تاشقىرى ئىرادىسى بىلەن ھەر خىل مۇشەققەتلەرنى يېڭىدۇ.«كاپىتال»نىڭ بىرىنچى تومى پۈتكەندە،ماركىس خۇرسىنغان ھالدا«مەن بۇ ئەسىرىم ئۈچۈن ئۆلۈم گىردابىدا يۈردۈم،ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلالايدىغانلىكى ۋاقتىمنى سەرپ قىلدىم،ساغلاملىقىمنى،بەختىمنى ۋە ئائىلەمنى قۇربان قىلدىم»دىگەن.ئىلىم-پەن تەتقىقاتى قىزىقىشتىن قوزغىلىپ،مەسئولىيەت بىلەن پۈتۈپ،جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە ئۆز ۋىسالىنى تاپىدۇ.ناۋادا سەيچىلەرنىڭ سەي سېتىشىدەك ھىسيات بىلەن تەتقىقات ئېلىپ بېرىلسا،نەتىجە ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلسا،ئۇنداقتا ئالدىراقسانلىقتىن مەغلۇپ بولىدىغان ئىش كىلىپ چىقىدۇ.ناۋادا شەخسى مەنپەئەتنى چىقىش نوقتا قىلىپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغاندا،قوساقتىكى ئۇماچنىڭ كەملىكى تۈپەيلى سۇ قېتىپ يالغانچىلىق قىلىدىغان ئىشلارمۇ كىلىپ چىقىدۇ.غېرىپلىققا بەرداشلىق بېرىپ،نام-شۆھرەتنىڭ ئازدۇرۇشىدىن ساقلىنىش ئالىملارنىڭ ئىسىل ئەخلاقىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.شەخسى مەنپەئەت ئۈچۈن قىلىنغان تەتقىقاتنىڭمۇ زىيىنى يوق،چۈنكى ھالال ئەمگەكتىن ئېرىشكەن گۈزەل تۇرمۇش روھىنى قەدىرلەر ۋە تەرغىپ قىلىش لازىمدۇر.ئەمما ھەر قانداق ئەھۋالدا «ھەقىقەت»نىڭ ئىلىم-پەننىڭ ماھىيىتى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قىلىشقا بولمايدۇ.شۇنداقلا بۇ پەننىي ئەخلاقنىڭ چىگرىسىدۇر!پەن راستلىقىنى يوقاتقان چاغدىن باشلاپ،ئالىممۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆز ۋىژدانىنى سېتىپ يەپ،ئۆز نامىغا داغ كەلتۈرىدۇ.ھەتتا ئادىمىيلىقىنىمۇ يوقىتىدۇ.ھەر قانداق تەتقىقاتتا مەيلى ئاددىي ياكى مۇرەككەپ بولسۇن،ئىلىم-پەننىڭ ماھىيىتىگە خىلاپلىق قىلىشقا،پەننىي ئەخلاققا خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ.
مېنىڭ بۇ ئەسەرنى تەرجىمىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ يېزىشىمدىكى سەۋەپمۇ.سەلكىندىكى دوستلارنىڭ كاللىسىنى سىلكىۋىتىپ،ئەتراپىدىن پۇرسەت ئىزدەپ،راست بىلەن يالغاننى ئارىلاشتۇرىۋالماي،ھالال ئەمگىكى بىلەن ھازىرقى جەمئىيەتتە بىر كىشىلىك ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىسىكەن دىگەندىن ئىبارەت.
دوستلارنىڭ كۆزئالدىدىكىنىلا كۆرۈپلا قالماستىن ،يەنە ئەتراپلىق ئىزدىنىپ،يېڭى تەپەككۈرلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى ئۈمىت قىلىمەن،ئاللا ھەممىمىزنىڭ ئىشىغا بەرىكەت ئاتا قىلسۇن!


[/size][/color]

2008- يىللىق جۇڭگو پۇل پاخاللىقى توغرىسىدا مۇلاھىزە

[color=#666600][size=4] ئىقتىسادقا باش قاتۇرمىساق بولمىدى.ئىككى كۈن بولدى،خەنزۇچە مۇنبەرلەردىكى خەۋەرلەرگە دىققەت قىلىپ كىلىۋاتىمەن.بىر نەچچە توربەتلىرىدىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرىمغا ئاساسەن بۇ مۇلاھىزىنى تەرجىمە ئاساسىدا يازدىم.
2007-يىلنىڭ ئاخىرىدا،جۇڭگونىڭ باشقۇرغۇچى ئورگانلىرى شۇنى تونۇپ يەتتىكى،جۇڭگو ئىقتىسادى دۈچ كەلگەن ئەڭ ئېغىر مەسىلە«پۇل پاخاللىقىدىن ساقلىنىش» بولۇپ قالدى.خەلىق بانكىسى 6 قېتىم پۇل ئامانەت ئۆسۈمىنى تەڭشىدى.ھازىر قارىساق مەركەزدىكى قارار چىقارغۇچىلار،مالىيە باشقۇرۇش ئورگانلىرىدىن تارتىپ خەلق بانكىسى،سىتاتىستىكا تارماقلىرى ھەتتا ئىقتىساد مۇتەخىەسسىسلىرى،مەبلەغ ۋاكالەتچىلىرىمۇ پۇل پاخالىشىشىتىن ئىبارەت بۇ ئىشقا ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرىۋاتماقتا. 2006-يىلى كىيىنكى يېرىم يىلدىن بۇيانقى گېزىت-ژورناللار بولسۇن،ياكى خەلق بانكىسىنىڭ پۇل مۇئامىلە دوكىلاتى بولسۇن،ناھايىتى قىزىقارلىق بىر ھادىسە بار يەنى:گەرچە خەلق مال باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئكسكىنىدىن نارازى بولسىمۇ،ئەمما ئۇلار ئېرىشكەن ئۇچۇر «مال باھاسى ئۇنچە ئۆرلەپ كەتمىدى»بولدى.ئىستىمال باھا كۆرسەتكۈچى (Consumer Price Index) بولغان CPI پۇل پاخالىق كۆرسەتكۈچى بولغان 3% كە يىتىشتىن ئىلگىرى،ئەلۋەتتە پۇل پاخاللىقى كۆرۈلدى دىيىشكە بولمايدۇ.ھالبۇكى دۆلىتىمىزنىڭ CPI كۆرسەتكۈچى 3% نى بېسىپ ئۆتكەندىن كىيىن،مۇتەخخەسسىسلەر ھەر خىل كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،ئىستىمالنى كۈچەيتىپ،پۇل پاخاللىقىنىڭ «بىخ»لىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ،«تۈزۈلمە»جەھەتتىن پۇل پاخاللىقىنى ئوڭشاشنى ئويلاشقان بولسىمۇ،ئۈلگۈرەلمەي قېلىشتى. قانداقلا بولمىسۇن،پۇل پاخالىىقىى ئاخىرى ئۆزىنىڭ جامالىنى ئاشكارىلاشقا باشلىدى. ئانالىز قىلساق،بەلكىم نەزەرىيەدىكى قارغۇ نوقتىلار بۇ مۇتەخخەسسىسلەر بىلەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆزىنى غەپلەت قىلدى.ماكرو ئىقتىساد نەزەرىيەسىدە،CPI پويىنتى مەلۇم نوقتىغا يەتكەندىلا،پۇل پەخاللىقى دەپ قارىلاتتى.سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا،ھەممە نەرسىنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كەتمىگەن،ئۆي،يىمەكلىك قاتارلىقلارنىڭ باھاسى ئۆسكەندىن باشقا تاۋارلارنىڭ باھاسى ئانچە بەك ئۆرلەپ كەتمىگەن.شۇنىڭ بىلەن مۇتەخخەسسىسلەر ئېھتىياجنى قاندۇرساقلا،ياكى قالايمىقان باھا ئۆستۈرگەن ئىشنى چىڭ تۇتساقلا جاھان تىنجىيدۇ دەپ قاراشتى. ئەمەلىيەتتە ئادەتتىكى پۇل پاخاللىقى ھەرگىزمۇ مال باھاسىنىڭ ئومومىيۈزلۈك ئېشىشى ئەمەس.ناۋادا راستىنلا مۇشنداق ۋەزىيەت كىلىپ چىقسا،يامان سۈپەتلىك پۇل پاخاللىقى ھىساپلىنىدۇ.ئادەتتىكى پۇل پاخاللىقىنىڭ ئىپادىسى ئوخشىمىغان تاۋار،مۇلازىمەتلەرنىڭ باھاسى ئوخشىمىغان چاغدا نۆۋەتلىشىپ ئۆرلەيدۇ.چۈنكىك،پۇل پاخاللىقى بىلەن تاۋار ئېھتىياجى تەمىنلەش بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ،يىغىنچاقلىغاندا بىر خىل پۇل مۇئامىلە ھادىسىسى خالاس!بۇنى پۇلنى زىيادە كۆپ تارقىتىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.كۆپ تارقىتىلغان پۇل تەبىئىيلا مەلۇم بۆلەكلەرگە كىرىپ،يەنە بىر قىسىم بۆلەكلەرگە تەسىر قىلىدۇ.شۇڭا ئوخشىمىغان تاۋار ۋە مۇلازىمەتلەرنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ ئىلگىرى كىيىنلىكى ۋە يۇقۇرى تۆۋەنلىكى بولىدۇ. شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى،پۇل پاخاللىقىنىڭ بىخلىرى 2003-يىلدىن باشلاپ ئۈنۈشكە باشلىغان.شۇ يىلدىن باشلاپ،بارلىق خام ماتىرىيال،يېقىلغۇ،ئېنىرگىيە،سانائەت تاۋار پويىنتى،ئۆي باھاسى،پاي چەك بازىرى قاتارلىقلار ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۆستى.ھالبۇكى 2006 يىلى كىيىنكى يېرىم يىلدا،يىمەكلىكنىڭ باھاسى ئۆرلەشكە باشلىدى،ھەمدە تۆۋەن تۇرمۇش كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ تۈپكى ھاياتلىقىغا تەسىر كۆرسىتىپ،جەمئىيەتكە پۇل پاخاللىشىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. بەزىلەر شۇنداق دىيىشى مۇمكىن:ئىلگىرىكى نەچچە يىلدا ئىقتىسادىمىز تەرەققىي قىلغان ئىدىغۇ؟!شۇنداق،پۇل پاخاللىقى بىلەن ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشى ھەرگىزمۇ زىدىيەتلىك ئەمەس،جۇڭگونىڭ ئۆتكەنكى يىللاردىكى ئىقتىسادىي گۈللىنىشىدە پۇل پاخاللىقىنىڭ «تۆھپىسى»بار،2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر پۇل پاخاللىقىدىن پايدىلىنىپ،ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇپ،ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان. بۇ خىل گۈللىنىش ھەقىقەتەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرغان،سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا،يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەت ئىچىدە مۇئاشنىڭ ئېشىشىمۇ بىر ھەقىقەت!ئەمما پۇل پاخاللىقى خاراكتىرلىق ەۈللىنىش كىرىمنىڭ غەيرى تەقسىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ پۇلنىڭ پايدىسىنى كۆرۈش شەكلىمۇ ئۆزگەرگەن. ئوموملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا،كىرىم قانچە يۇقۇرى بولغانسىرى ئالىدىغان نەپمۇ قىق بولىدۇ،كىرىمى ئەسلىدىلا تۆۋەن بولغانلار بولسا ئەڭ زىيان تارتىدۇ.تۇرمۇشىمىزغا قارىساق،شېركەتكە مەبلەغ سالغانلار بېيىدى،پاي ۋە ئۆيگە مەبلەغ سالغانلار بېيىدى،نورمال ىىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى 20-30% بولۇشى ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش!يەنە بىر جەھەتتىن ئۆسۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقۇرى ئاشۇ تاۋارلار ئەدەتتە تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم نەرسىلەردۇر.مەسىلەن:يىمەكلىك،يىقىلغۇ قاتارلىقلارنىڭ باھاسى،بۇنچىلىك پۇل بايلار ئۈچۈن ھىچنىمە بولمىغىنى بىلەن ،كەمبەغەللەر ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ پۇل!ئېنىقكى ئۇلارنىڭ تۇرمۇش بېسىمىمۇ ماس ھالدا شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كىتىدۇ.مەلۇم مەنىدە پۇل پاخاللىقى يېڭى خەلق تۇرمۇش مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىقتىسادتىن قارىساق،پۇل پاخاللىقى خاراكتىرىدىكى گۈللىنىش داۋاملىشالمايدۇ،يۇقۇرى سۈرئەتلىك ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا چوقۇم چىكىنىش ۋە ئاستىلىشى ياندىشىپ كىلىدۇ. ھەر قايسى ئەللەرنىڭ پۇل مۇئامىلە باشلىقلىرى ئۈچۈن بۇنداق ئايروپىلاننى «يۇمشاق قوندۇرۇش»ئىنتايىن مۇشكۇل بىر ئىش.پۇل پاخاللىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن،پۇل مۇئامىلە باشلىقلىرى ھەر خىل سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ،كىشىلەرنىڭ ئارزۇسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.باشقۇرغۇچىلار يېڭەلمەيدىغان قېيىن مەسىلە بولسا دەل:ئۇ قايسى سىياسىتىنىڭ چىكىنىڭ نەگە تاقىشىدىغىنىنى ئېنىق بىلەلمەيدۇ،ھالبۇكى بۇ نوقتا بۇزۇپ تاشلانسىلا،كىشىلەرنىڭ ئىشەنچى تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ،ئىقتىسادى پائالىيەتلىرى زور دەرىجىدە چىكىنىپ،مەبلەغ ۋە ئىستىمالىنى زور دەرىجىدە ئازايتىدۇ.بۇ ئىنقلا ئىقتىسادنىڭ چىكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بۇنىڭغا ئەگىشىپ،ئىگىلىكمۇ قايتىدىن جاپالىق تەڭشىلىپ،نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىشسىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ.ئەلۋەتتە بۇ تۆلىنىدىغان بەدەلمۇ دەل تۆېەن كىرىملىك كىشىلەرنىڭ زىممسىگە يۈكلىنىدۇ. شۇڭا بۇ خىل ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ناچار ھادىسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن،پۇل پاخاللىقىنىڭ ئېلىپ كىلىدىغان ياخشى تەرىپىنىلا ئويلاشماسلىق كېرەك،شۇڭا مەركەر يېقىندا «كىلەر يىلى روشەن پۇل پاخاللىقىدىن ساقلىنىش »قارارىنى چىقاردى.ھالبۇكى بۇ نوقتىنى ئورۇنداش ئۈچۈن،مۇستەقىل مەركىزى بانكا تۈزۈمىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ،ئۇنى ئۆز خائىشى بىلەن ،بازار يۆنىلىشىگە ئاساسەن پۇل-مۇئامىلە بازىرىنى تەڭشەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ،مال باھاسىنى مۇقىم تۇتۇپ تۇرۇش لازىم!بۇ خىل ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىر قەدەر ئاستا بولسىمۇ،ئەمما خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا پايدىسى بولۇشى مۇمكىن...داۋامىنى يېزىۋاتىمەن،مۇلاھىزەم داۋاملىشىدۇ....[s:119][/size][/color]

10 خىل ئايالنى بىكارغا بەرسىمۇ خوتۇن قىلماسلىق لازىم

[color=#6600CC][size=4]1.كۈنبويى تاتلىق گەپ ئاڭلاشنى خالايدىغان ئاياللاربۇ خىل ئاياللار ئېرىنىڭ تاتلىق گېپىنى تاماق ئورنىدا يىيىشكە كۆنگەن بولۇپ،بىردەم ئاڭلىمىسىلا ئىچىرقاپ قالىدۇ.ئەرلىرى«سىز بۈگۈن بەك چىرايلىق جۇمۇ«بۈگۈن جاپا تارتتىڭىز»دىگەندەك گەپلارنى قىلغىنىدا،ئېرىنىڭ چىراي ۋە باشقا ئىپادىلىرى بىلەن ھىساپلاشمايلا،ئۆزى بىلەن ئۆزى مەست بولۇپ يۈرىۋېرىدۇ.
2.ئېرى تېلىفون ئالسىلا قۇلىقىنى ياقىدىغان ئاياللاربۇ خىل ئاياللار ئېرىنىڭ يات جىنىسلىق دوستلىرىغا كۆڭۈل بۆلمىگەندەك قىلغىنى بىلەن،ئەمما ئېرىنىڭ تېلىفونى جىرىڭلىشى بىلەنلا،ھەممە ئىشىنى تاشلاپ،دىققەت قىلىدۇ،بۇ خىل ئاياللار ئەلۋەتتە يەنە ئېرىنىڭ تېلىفونىنى مەخپى ئاختۇرىدۇ.
3.ئۆزىنىڭ گىرىم قىلىشىنى ئېرى ئۈچۈن قىلدىم دەيدىغان ئاياللاربۇ خىل ئاياللارنىڭ گىرىم قىلىشىغا كۆپ ھاللاردا بىر نەچچە سائەت ۋاقىت كىتىدۇ،گىرىمگىمۇ ئائىلە چىقىمى كۆپ بولىدۇ،ئېرى ئالدىراتقاندا«مەن سىز ئۈچۈن ياسىنىۋاتىمەن»دىگەندەك يالغان گەپلەرنى قىلىدۇ.ئاياللار ئىشقا بارغاندا يېنىدا ئەلۋەتتە ئېرى بولمايدۇ،گىرىمنىمۇ خەقنى دەپ قىلىدۇ،ئاددىي قانونىيەت شۇكى:ئېرى بىلەن ھەقىقىي بىللە بولۇشقا گىرىم قىلىش كەتمەيدۇ.
4.ئېرىنىڭ پۇلىنى پاك-پاكىزە خەجلىۋىتىدىغان ئاياللارئېرىنىڭ مۇئاشى چىقىشىغا بىر ھەپتە قالمايلا،ئېرىنىڭ مۇئاشىنىڭ دېرىكىنى قىلىدىغان ئاياللار.مۇئاشنى ئالغاندىن كىيىن،ئازراقىنى ئېرىگە تۇتقۇزۇپ قويۇپلا،قالغىنىغا ئۆزى ئىگە بولىدىغان ئاياللار.
5.كىر يۇغاندا ئېرىنىڭ كىيىمىنى پۇرايدىغان ئاياللاربۇ خىل ئاياللار جاسوسقا ئوخشايدۇ،دائىم ئېرىنىڭ كىيىمىنى پۇراپ يۈرىدۇ،ئۇنىڭ ئەتىرلەرنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ئىتلاردىنمۇ بەكرەك ئۆتكۈر كېلىدۇ.
6.ئۆي ئىشى قىلمايدىغان ئاياللارپەرتۇق سېتىۋىلىپ،ئېرى قايتىپ كەلسىلا پەرتۇق ئۇنىڭغا تارتىپ قويىدىغان ئاياللار،بەزىدە تاماق قىلىۋىتىپ،«ئاياللار تاماق ئېتىش ئۈچۈنلا يارالغانمۇ؟»دەپ قويۇپ،ئاندىن ئېرىگە چىنە-قاچا يۇغۇزۇپ روھىي تەسەللىي تاپىدىغان ئاياللار.ناۋادا ئەرلەر ئازراقلا ئۇنىمىسا،«مەن ساڭا بالا تۇغۇپ بەردىم»دىگەندەك گەپلەر بىلەن،ئەرلەرنى ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇش ئۈچۈن، بىر ئۆمۈر ئىئانە توپلىشى كېرەكتەك خىيالغا كەلتۈرۈپ قويىدىغان ئاياللار.
7.كۆسەيدەك ئورۇق ئاياللاربۇ خىل ئاياللار ئۆزىنى چىرايلىق دەپ قارايدۇ،ئېرىنى قارا بېسىپ قېلىشى بىلەن كارى بولمايدۇ،يەنە ئۆزىنىڭ ئورۇقلىقىنى كۆز-كۆز قىلىپ،ئائىلە تەرەقىياتىغا كۈچ قوشتۇم دەپ ماختىنىدۇ.
8.بەڭگى ئاياللارتاماكا ئەسلىدىنلا ئەرلەرنىڭ ھەركىتى،ئاياللارنىڭ ھە دەپ ئىسنى پۈركۈشى بىر خىل ئەرلىك قوغلاشقان ھەرىكەت،بۇنداق ئاياللارنىڭ كالپۇكلىرىمۇ قارىداپ،ئېرىنىڭ سۆيۈشىدىن ھوزورلىنالمايدۇ.
9.باشقىلارنىڭ ئېرىنى ماختايدىغان ئاياللاربۇ خىل ئاياللار كوچىدا باشقىلارنىڭ ئەرلىرىگە نەزەر سالىدۇ،باشقىلارنىڭ ئەرلىرىنىڭ ئەمىلىنىڭ ئۆسكىنىگە،ماشىنا ئالغىنىغا،خوتۇنىغا كىيىم ئېلىپ بەرگىنىگە ھەۋەس قىلىدۇ،قىزغىنىدۇ،يەنە ئېرىگە«قاراڭ،خەقنىڭ ئەرلىرىگە...»دىگەندەك سۆزلەرنى قىلىدۇ.
10.تورغا ئامراق ئاياللاربۇ خىل ئاياللار كۆپىنچە كىچىدە تورغا چىقىشىدۇ،كورت-ئويۇن ئوينىغاندەك قىياپەتكە كىرىۋالغىنى بىلەن،قانداقتۇر غايىپتىن بىر نىمىلەرنى تاما قىلىپ ساقلىشىدۇ.....[/size][/color]

بىز 100 ياشقا كىرەلەمدۇق؟

[size=4]مەن تىبابەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغىنىمغا خېلى يىللار بولۇپ قالدى،بۇ جەرياندا گەرچە كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە يارىتالمىغان بولساممۇ،ئەمما ئۆز كەسپىمگە دائىر بىلىملەرنى ئىگەللەپ كەلدىم.يېقىندىن بېرى ياپونىيەدە دىئابىت كىسەللىكى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئوزۇقلۇق بىلەن سالامەتلىكنىڭ باغلىنىشى توغرىسىدا نۇرغۇن ماتىرىياللارنى ئوقۇدۇم.ئۆزەم تىبابەت ساھەسىدە بولغاچقىمىكىن،تەبىئىيلا چەتئەللىك ئالىملارنىڭ بەزى تەتقىقات تېمىلىرىدىكى ئوزۇقلۇققا ئائىت بىلىملەرنى ئۆز تىبابىتىمىزدىكى ئۇزۇقلۇق ۋە سالامەتلىك بىلىملىرى بىلەن باغلاپ سېلىشتۇرۇپ قالدىم. ماتىرىياللاردا ئىنساننىڭ ئەمەلىي يېشى ئۆزىنىڭ ئەسلى يىشىدىن تولىمۇ قىسقا تۇرىدىكەن.چۈنكى ئىنسان پائالىيىتىدىكى ھەر خىل ياخشى ۋە يامان ئامىللارنىڭ ھەممىسى ئۆمرىمىزگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.بىزنىڭ دىيارىمىزمۇ دۇنيا تىبابەت ساھەسىدە «ئۇزۇن ئۆمۈر چولپانلىرىنىڭ ماكانى»دەپ نام ئالغانىدى.ئەپسۇس 100 ياشلىق بوۋايلىرىمىزنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ بۇ نامىمىزنىمۇ ساقلاپ قالالمايدىغاندەك قىلىمىز! يولداش [color=#ff0000]باغۋەن[/color] ئۆتكەندە دىئابىت كىسىلى توغرىسىدىكى تېمامنى يازغاندا،نورمال كىشىلەر نىمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك،قانداق قىلساق كىسەلنىڭ ئالدىنى ئالىمىز دەپ سورىغانىدى.بۇ توغرىلىق ئويلىغانلىرىمنى مەن تۆۋەندە ئوتتۇرىغا قويۇپ باقاي! ھەممىمىزگە مەلۇم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىمىز دەيدىكەنمىز ئاساسەن تۆۋەندىكى بىر نەچچە جەھەتلەردىن ئىزدىنىشىمىز لازىم!
[color=#6600cc]1.ئېتىقاد ۋە ئاكتىپ تۇرمۇش پوزىتسىيىسى 2.ياخشى ئوزۇقلۇق 3.ھاراق-تاماكىغا يېقىن يولىماسلىق. 4.نورمال بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش 5.دائىم چېنىقىش 6.ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوست-يارەنلەر بىلەن ئەپ ئۆتۈش،دائىم مۇڭدىشىپ،ئالاقىلىشىپ تۇرۇش. 7.مېڭىنى چېنىقتۇرۇش،بولۇپمۇ قىسقا ۋاقىتلىق خاتىرىنى كۈچەيتىش 8.ئىقتىساد ۋە تۇرمۇشنى ياخشى پىلانلاش 9.قاندىكى ئاقسىل مىقدارىنى ئاشۇرۇش 10.قان پىلازما،قان ھۆجەيرىسىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاش 11.دائىم سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش ۋە تىبابىتىمىز[/color]
[color=#6600cc]1.ئېتىقاد ۋە ئاكتىپ تۇرمۇش پوزىتسىيىسى[/color] بىر ئىنساندا ئېتىقاد بولۇشى ئىنسانىيلىقنىڭ جۇملىسىدىن،ئېتىقادسىز پەقەت ماددىي تۇرمۇشنىلا قوغلىشىش مەنىسىز ۋە قەدىرسىز دەپ قارايمەن.مېنىڭچە بىزنىڭ ئېتىقادىمىز ئىسلام بولغاچقا،ئېتىقادىمىزدا چىڭ تۇرىشىمىز ۋە ئۆز ئىتىقادىمىزنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك!بۇنى سۆزلىسەم گەپ بەك جىق!شۇڭا سۆزلىمەيمەن،ئەمما ئىسلام دىنىدا پەرز قىلىنغان 5 پەرز ۋە باشقا سۈننەتلەرنىڭ قايسىسىنىڭ بىزنىڭ ساغلام روھىمىز ۋە ساغلاملىقىمىزغا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى مەن بىلمەيمەن!مېنىڭچە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ روھىيەت ئىلمىيلىقىلا ئەمەس بەلكى رىئال تۇرمۇشتىكى پايدىسىمۇ مۇقەررەر! بىز دۇنياغا تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ يىتىلىپ ئۆلۈپ كىتىش ئۈچۈنلا كەلمىگەن.«يارىتىشنى مەن ياراتتىم،يارىلىشىڭ ئۆزۈڭدىن»دەپتىكەن،ئەمما قانداق يارىلىمىز؟قانداق ياشايمىز؟مېنىڭچە بىز خام -خىيال قىلىشقا،تەپەككۇر قىلىشقا،كۈندە بىرەر ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ،ئۆزىمىزنى خۇشال قىلىشقا ماھىر بولۇشىمىز كېرەك.ئىنساندا ئارزۇ-ئۈمىت بولمىسا،ناھايىتى تېزلا ئۆزىنىڭ نىمە ئۈچۈن ياشاۋاتقانلىق مەناسىنى يوقىتىپ قويىدۇ.بىز ھەر كۈنى سەھەردە كوچىلاردا نۇرغۇن ياشانغان كىشىلىرىمىزنىڭ ئايلىنىپ يۈرگىنىنى كۆرىمىز،مېنىڭچە ئۇلارنىڭ بىرەر كۈن بولسىمۇ ساغلام ياشىغۇسى بولغاچقا شۇنداق سەھەر تۇرۇپ، ھەرىكەت قىلىشىدۇ.«ھەر ئىشنىڭ بەرىكىتى سەھەردىدۇر».سەھەر قىلغان ئىشىڭ بەركىتى بولىدۇ،سەھەر تۇرۇپ كۆنگەن كىشىمۇ روھلۇق بولىدۇ.شۇنداقلا ئۆزىمىزنى تاشلىۋىتىپ قىلغان ئىشىمىزنىڭ كۆپىنچە ھاللاردا ئۈنۈمى بولمايدۇ.كەچتە ۋاقتىدا يىتىپ، سەھەر تۇرۇپ ناماز ئوقۇش،كۈندىلىك ئىشلارنى پىلانلاشنىڭ ساغلاملىققا بولغان ئىلمىي پايدىسى بەلكىم شۇنداق بولسا كېرەك!
[color=#6600cc]2.ياخشى ئوزۇقلۇق [/color]«كىسەل ئېغىزدىن كىرىدۇ»دەپ ياخشى ئېيتىلغان.يىمەكلىكىمىزنىڭ تازىلىقى،تۇز-تەمى،مىقدارى ۋە تەركىبى ئىنتايىن مۇھىم بىر ئۇقۇم! ئىنسانىيەت نوپوسىنىڭ ئىشىشغا ئەگىشىپ،يىمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ھالقىلىرىمۇ ئۆز رېتىمىنى تېزلەتمەكتە،بۇنىڭ بىلەن توكتا چىققان چۈجە بىر ئايغا يەتمەيلا ۋايىغا يىتىش،خېمىيىۋى ئوغۇت تەركىبى چەكتىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن سەي-كۆكتات،مىۋە -چىۋە،بۇلغانغان ئوت-چۆپلەرنى يەپ چوڭ بولغان،ھەتتا ئېنزىملار بىلەن ئۆسۈشى تېزلىتىلگەن قوي-كالا قاتارلىق گۆش زاپسىمىز،سانائەت ئەخلەتلىرىنىڭ تۇپراققا سىڭىپ كىرىشى ۋە سۇ مەنبەلىرىنى بۇلغىشى تۈپەيلىدىن ئېغىر مىتال دەرىجىسى ۋە باشقا زەھەرلىك تەركىپلەر مىقتارى ئېشىپ كەتكەن سۇ،كوچىلاردىكى «تەييار،تېز يىمەكلىكلەر» ،رايونىمىزدىكى ككپىنچە كالىلاردا تۇبىركىلىيۇز كىسىلىنىڭ ئېغىر بولۇشى قاتارلىق ئىشلار تۇرمۇشىمىزدا ناھايىتى نورمال ئەھۋال بولۇپ قالدى.مىسالەن مەن كورلىنىڭ مۇھىتىنى شىنجاڭ بويىچە ياخشى دەپ قارايتتىم،ئەمما ئۆتكەن يىلى قىشتا بارسام،نۇرغۇن بىنالار سېلىنىپتۇ،شور يەرلەر ئېچىلىپتۇ،ئەڭ ئىچىم ئېچىشقىنى كورلىمۇ ئۈرۈمچىگە ئوخشاش تۈتەك ئىچىدە قىلىشقا باشلاپتۇ.چەتئەللەردە مەخسۇس مۇھىت بۇلغۇنىشىنى كۈزىتىدىغان تارماقلار ۋە خادىملار بار،ئەمما بىزدىچۇ؟بەلكىم باردۇ،ئەمما بىرەر گېزىت -ياكى ژورناللاردا ئۇلارنىڭ شۇ توغرىلىق ھەقىقىي سانلىق مەلۇماتلىرى ئېلان قىلىنىۋاتامدۇ؟ شۇڭا يىمەكلىك مەسىلىسىدە گەرچە كۆز قارىشىم سەل ئىپتىدائىي بولسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ باقاي: كونىلاردا يىمەكلىك قىلىدىغان قوي-كالىنى ھەپتە بېقىپ،ئاندىن يەيدىغان ئادەتلەر بار ئىدى.چۈنكى بۇنداق بولغاندا ئىچى بىرەر قۇر تازىلىنىدۇ دەپ قارىلاتتى.مېنىڭچە شارائىتىمىز بولسىلا ئۆزىمىز يەيدىغان مالغنى بوداپ يىسەك.ئەگەر شارائىتىمىز يوقلار ئىشەنچلىك قاسساپلاردىن ئېلىپ يىسەك ياخشىمىكىن دەيمەن.باشقا يىمەكلىكلەرنىمۇ ئالغاندا سۈپىتىنى ئالاھىدە تەكشۈرۈپ،ئىشەنچلىك دەپ قارىغانلىرىمىزنى ئىستىمال قىلساق دەيمەن.يەنە بىر جەھەتتىن رىستورانلاردىكى ئوزۇقلىنىش ئادىتىمىزنى ئۆزگەرتىپ،ئۆيدە ئۆز تامىقىمىزنى ئۆزىمىز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ ئېتىپ يىسەك بۇمۇ ناھايىتى ياخشى ئامال،مېنىڭچە بۇنداق بولغاندا ئائىلە ئىقتىسادىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن،سالامەتلىكىمىزگىمۇ ئالاھىدە پايدىلىق.شۇڭا بىر «ئۆي تامىقى»نى ئەزىزلەيدىغان ئوزۇقلۇق ئادىتىنى يىتىلدۈرسەك دەيمەن.
[color=#6600cc]3.ھاراق-تاماكىغا يېقىن يولىماسلىق. [/color]بۇنى دەپ ئولتۇمىساممۇ ھەممىڭلارنىڭ كۆڭلىگە ئايان.ئەمما تاماكا مەسىلىسىدە مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى بىئو-خېمىيە ئوقۇتقۇچۇم مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەرگەنىدى.يەنى تاماكا چېكىپ 7 يىلدىن ئاشقانلار تاماكىنى توساتتىنلا تاشلىۋەتمەي،پەيدىن-پەي تاشلىشى كېرەك،دىگەنىدى.چۈنكى بەدەندە 7 يىلغىچە مەخسۇس نىكوتىن پارچىلايدىغان ئېنزىملار شەكىللىنەرمىش،شۇڭا ھەر كۈنى بەلگىلىك نىكوتىن تەلەپ قىلارمىش،ناۋادا تۇيۇقسىزلا تاماكا تاشلاپ نىكوتىن قۇبۇل بولمىغاندا بۇ ئېنزىملار بەدەندىكى نورمال ئېنزىملارنى پارچىلارمىش!بۇ توغرىلىق ئېنىق ماتىرىيال ئىزدىمىدىم،ھەر ھالدا ئويلىنارسىلەر.
[color=#6600cc]4.نورمال بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش[/color] بۇ بولۇپمۇ ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە بەكمۇ مۇھىم بىر ئىش بولۇپ قالدى،كىشىلەر نورمال بەدەن ئېغىرلىقىدىن ئىككى قۇتۇپقا بۆلىنىۋاتىدۇ،بولۇپمۇ رايونىمىزدا بۇخىل ئەھۋال تولىمۇ ئېغىر.بەزىلەر تامىقىنى كونترول قىلالماي سەمرىپ كەتسە،يەنە بەزىلەر «گۈزەللىك»قوغلىشىپ زىيادە ئورۇقلاپ كىتىپ بارىدۇ.سېمىزلىكنىڭ ھازىر نۇرغۇن كىسەللەر بىلەن ئالاقىسى ئىنتايىن قويۇق،بۇنىڭ مۇھىم سەۋەپلىرىنىڭ بىرى ئادەم زىيادە سەمرىگەندە،بەدەندە «frre fatty acid »دەيدىغان خېمىيىۋى تەركىپ كۆپىيىدىكەن،بۇ يەنى ئەركىن ياغ تەنچىلىرى بولۇپ،بۇ خىل ياغ تەنچىلىرى قان ئايلىنىش سېستىمىسىغا كىرىپ بەدەندە ئايلىنىپ يۈرىدىكەن،خۇددى قەرەللىك بومبىدەكلا،بەدەندە بىرەر جايدا ياللۇغ يۈز بەرگەندە،ياللۇغلانغا ئورۇن چىقارغان بەزى بىئولوگىيىلىك ئۇچۇرلار بۇ ياغ تەنچىلىرىنىڭ ئورگانىزىم ۋە قان تومۇرلاغا چۆكمىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن،مېنىڭ ھازىرقى تەتقىقاتىممۇ نىمىشقا ياغلار چۆكمىلىنىدۇ،بىئولوگىيىلىك ئۇچۇرلارنى قانداق قۇبۇل قىلىدۇ،بۇنى ئالدىنى ئالىدىغان دورىلار تەتقىقاتى ئۈستىدە بولىۋاتىدۇ. زىيادە ئورۇقلۇقنى دىسەك،مېنىڭچە زىيادە ئورۇق كىشىلەرنىڭ ئىممۇنت ئىقتىدارى مۇكەممەل بولمايدۇ،شۇڭا بەزىبىر تاشقى ئامىللار تەسىرىدە ياللۇغلىنىش ياكى تەكرار قايتىلىنىشى تەسىرىدە،ئۆز ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالالمايدۇ. شۇڭا نورمال بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىش!
[color=#6600cc]5.دائىم چېنىقىش[/color] بۇ توغرىلىق جىق سۆزلىمەيمەن،ئەمما دائىم ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ساقلاشتىكى ئەڭ مۇھىم ئەڭگۈشتەر ئۆزىڭىزگە ماس كىلىدىغان ياخشى تەنھەرىكەت ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىش ۋە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشتۇر.ھىچ بولمىغاندا ھەپتىسىگە 3-4 سائەت چېنىقىپ بېرىش كېرەك.شەھەرلەردە چېنىقىش ئۇسۇللىرى ئانچە ككپ ئەمەس،ئەمما تور بەتلىرىدىن ئىزدەپ كۆرسەك ئۆزىمىزگە ماس كىلىدىغان ئۆي-ئىچى چېنىقىش ئۇسۇلىنى تاپالايمىز.
[color=#6600cc]6.ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوست-يارەنلەر بىلەن ئەپ ئۆتۈش،دائىم[/color] مۇڭدىشىپ،ئالاقىلىشىپ تۇرۇش. بىز مۇڭچى خەلقمىز،ئەجداتلىرىمىز ئۇزۇن تارىخلاردىن بۇيان ئۆز-ئارا سالام-تازىم قىلىش،خوشنىلار ئارا باردى كەلدى قىلىش،دائىم مۇڭدىشىش قاتارلىق ياخشى ئەنئەنىلىرىنى ساقلاپ كەلگەن،ئەمما بىزگە كەلگەندە بۇ خىل ئادەتلەر بارغانسىرى يوقىلىشقا ياكى «شەكىل ئۆزگەرتىش»كە دۈچ كىلىشكە باشلىدى.تۇرمۇش رېتىمىمىزنىڭ تېزلىشىشى ۋە ئىجتىمائىي بېسىمنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ،كىشىلىرىمىز بارغانسىرى «غېرىپ»لىشىپ كىتىۋاتىدۇ.مەسىلەن پائالىيەتلىرىمىز رېستوران-قاۋاقلارغا،تورخانا-ئويۇنخانىلارغا،ئۆيدىكى تېلىۋىزورغا مەركەزلىشىۋاتىدۇ.بىرەرسى بىلەنمۇ مەلۇم مەقسىدىمىز بولمىسا قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ ئالدىراپ چىراي ئاچالمايمىز!دوستلار ئارامۇ پايدا -مەنپەئەتنى شەرت قىلىپ ئارىلىشىۋاتىمىز.ياپونلارنىڭ بىر ئىشى مېنى بەكمۇ تەسىرلەندۈردى.بۇلارنىڭ جەمئىيىتى ھەممىمىزگە مەلۇم رېتىمى ئىنتايىن تېز ھەم جىددىي،كۆپىنچە ئەرلەر ئىشلەپ،ئاياللار ئۆيدە ئولتۇرىشىدىكەن.خوشنا -خۇلۇملار ئارامۇ ئانچە بەك ئىزدىشىپ كەتمەيدىكەن،ئەمما بۇلارنىڭ تۇرمۇش مەركىزى ئائىلە ئىكەن.بولۇپمۇ شەنبە-يەكشەنبىدە ھەرقانداق خىزمەتكە دائىر ئىشلارنى ئويلاشمايدىكەن،پۈتۈن زېھنىنى ئۆيىگە سەرپ قىلىدىكەن،بالىلىرى بىلەن بىللا بولىدىكەن،نۇرغۇن مەكتەپلەر پائالىيەتلەرنى ھەپتە ئاخىرى قىلىدىكەن،ئاتا-ئانىسى تەڭ قاتنىشىدىكەن.شۇڭا بۇلاردا ئىنسانىي مۇلايىملىق ۋە تۇرمۇشقا بولغان سۆيگۈ شۇنداق كۈچلۈككەن،قېرىلار ئالاھىدە كۈتىلىدىكەن،شۇڭا ياپونىيەدە ياشانغانلار شۇنداق جىقكەن.مېنىڭچە بۇلارنىڭ بەزى تۇرمۇش ئادەتلىرىنى بىرمۇ ئۈگىنىشىمىز كېرەك.
[color=#6600cc]7.مېڭىنى چېنىقتۇرۇش،بولۇپمۇ قىسقا ۋاقىتلىق خاتىرىنى كۈچەيتىش[/color] ھازىر بىزنىڭ مېڭىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ قاتىلى تىلىۋىزور،كومپۇتىر ۋە يانفون دەپ قارايمەن.چۈنكى نۇرغۇن «زامانىۋىلاشقان»كىشىلىرىمىزدە بۇ 3 نەرسە كەم ئەمەس.تېلىۋىزور ۋە كومپيۇتىر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئېلىپ كىتىپ بارىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇنلىغان ئۇچۇرلارنى كاللىمىز دەماللىققىلا قۇبۇل قىلالماي،رودىمىتلىشىپ،كۆرگەن نەرسىلىرىمىزنى ناھايىتى ئاسانلا ئۇنتۇپ كىتىدىغان ئەھۋاللار شەكىللىنىۋاتىدۇ.ئىلگىرى مېنىڭ بىر ئەنگىلىيەلىك ئوقۇتقۇچۇم بار ئىدى،بىر قېتىم ئۇنىڭ ئۆيىگە بارسام شۇنسدق جىق كىتاپلار بار ئىكەن،ئەمما تېلىۋىزور يوق ئىكەن.مەن سورىسام .ئۇ«تېلىۋىزور مېنىڭ نۇرغۇنن ۋاقتىمنى ئېلىپ كىتىدۇ،ئىشەنمىسەڭ بىر كۈن تېلىۋىزورمۇ ئاچماي،كومپۇتىرمۇ ئاچماي سىناپ كۆرگىن»دىدى.شۇنىڭ بىلەن مەن ئۆيگە قايتىپ بېرىپ سىنىدىم،دەرۋەقە شۇ كەچتە بۇرغۇن كىتاپ ئوقۇدۇم،يەنە ئادەتتە قىلالمىغان ئىشلىرىمنىمۇ قىلىۋالدىم،ئىشقىلىپ قىلغۇلى ئىش چىقتى،ھەم بالدۇر ئۇخلىدىم،بۇنىڭ ھەقىقەتەن پايدىسى بولىدىكەن. يانفوننى دىسەم ئۇنىڭ ئىككى تەرىپى بار،بىرى مەن يانفون رادىئاتسىيىسىنىڭ ئۆسمە پەيدا قىلىدىغىنىغا ئىشىنىمەن،شۇڭا مەن ھېلىقى جۇڭگو تىلىگىرافىنىڭ«كىچىك لەقۋا»سىنى ئۇزۇن يىل ئىشلەتتىم،چۈنكى بەزىدە بەك «لەقۋا»بولسىمۇ،ئەمما ئەرزان،ئاڭلاشلارغا قارىغاندا رادىئاتسىيىسى تېلىۋىزور تېزگىنىكىدىنمۇ تۆۋەنمىش!يەنە بىر جەھەتتىن ئۇنىڭ تېلىفون دەپتىرى مېنىڭ ئاستە ساقالىشىمنىڭ دۈشمىنى،ئىشەنمىسەڭلار،تېلىفونۇڭلار يۈتۈپ كىتىپ باقسۇن،ئەڭ يېقىن دوستلىرىڭلارنىڭ قانچىسىنىڭ تېلىفونىنى ئەسلىيەلەيسىلەركىن؟! شۇڭا مېڭىمىزنى چېنىقتۇرۇش،دائىم كىتاپ كۆرىدىغان ئادەتنىى يىتىلدۇرۈش سالامەتلىككە بەكمۇ پايدىلىق!
[color=#6600cc]8.ئىقتىساد ۋە تۇرمۇشنى ياخشى پىلانلاش[/color] ياشلارغا بولۇپمۇ يېڭى توي قىلغانلار ئۈچۈن بۇ نوقتا تولىمۇ بەك مۇھىم!بىر ئۆينىڭ ئىقتىسادى شۇ ئائىلىنى تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ مۇھىم ئامىلى،ئىقتىساتتا بىرلىككە كىلەلمىگەن ئائىلىنىڭ ۋەيران بولۇشى مۇقەررەر!ئەرلەرنىڭ ئىقتىسادى كاللىسى بولۇشى ،بېلى چىڭ بولۇشى،ئائىلىسىدە ئىناۋىتىنى ساقلىشى،ئايالنىڭ ئەرنى تولۇقلىشى،ئاياللىق بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىپ ئەرنى قوللىشى،بالىلىرىنىڭ ۋە ئاتا-ئانا دوست يارەنلەرنىڭ ئالدىدا ئۆز-ئارا ئىززىتىنى قىلىشى بەكمۇ مۇھىم بىر ئىش!بىر خوتۇننى مەيدىسىگە ئۇرۇپ ئالغان يىگىت ئۆز بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلىشى،ئائىلىسىنى ھەر جەھەتتىن تەمىنلەپ ھىمايە قىلىشىنى بەكمۇ مۇھىم دەپ قارايمەن.بۇ توغرىلىق سەلكىن مۇنبىرىمىزدىمۇ چۆلگۈلى باشلىق ئەزالىرىمىزنىڭ تېمىلىرى بەك جىق.شۇلارنى كۆرۈپ پايدىلانساڭلار بولىدۇ.
[color=#6600cc]9.قاندىكى ئاقسىل مىقدارىنى ئاشۇرۇش 10.قان پىلازما،قان ھۆجەيرىسىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاش[/color] بۇ ئىككىسى بىر مەۋقەگە ياتىدۇ.بۇنى ئورۇنداش ئاسان،مەن يۇقىرىدىكى ئوزۇقلۇق قىسىمىدا سۆزلىگەن يەرلەرگە دىققەت قىلىپ،كۆڭۈلنى ئازادە تۇتۇپ،ھاۋالىق يەرلەردە يۈرگەندە،دائىم مۇۋاپىق چېنىققاندا بۇنى ئورۇنداش ئۇنچە تەس ئىش ئەمەس.
[color=#6600cc]11.دائىم سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش ۋە تىبابىتىمىز[/color] تىبابەت قارىشىمىز بىزنىڭ ئۇيغۇر تىبابىتىمىزدە بەدەننىڭ بىر پۈتۈنلىكى ئەزەلدىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇلۇپ كەلگەن.شۇنداقلا ئۇ بىزنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى مىراسىمىزدۇر! تورداشلار ئىزدىنىپ كۆرسەڭلار بولىدۇ،تىبابەت تورلىرىمىزدا ياكى كىتاپخانىلىرىمىزدا تىبابەت دەستۇرلىرىمىز كەم ئەمەس.مېنىڭچە بىزنىڭ كىسەلنى بايقىشىمىزدىن ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز بەكرەك مۇھىم!ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئىنسانلار خېلىتىنى ۋە مىزاجىنى ئىسسىق،سوغۇق،قۇرۇق،ئىسسىق ۋە سەپرا،سەۋدا،بەلغەم،قان دەپ بۆلىدۇ،ھەم شۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ داۋالاش ئېلىپ بارىدۇ.ئەمما [color=#ff0000]ھەممىدىن مۇھىمى ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن تارتىپ،يىلدا بىر ياكى ئىككى قېتىم مۇنزىچ ئىچىپ بەدەندىكى زەھەرلەرنى يىغىش،ئاندىن مۇسھىل بىلەن ئۇنى بەدەن سىرتىغا تازىلاپ چىقىرىشنىڭ ئەھمىيىتى بەكمۇ زور![/color]ئۇنىڭ ئۈستىگە قىممەتمۇ ئەمەس،تۇمۇر تۇتۇپ،مىزاجىڭىزنى ئايرىغاندىن كىيىن،شۇ خىلدىكى ماس مۇنزىچ ۋە مۇسھىللارنى سېتىۋىلىپ،ئۆيدە تەييار قىلىش شۇنداق ئاسان بىر ئىش!يەنە كىلىپ قىممەمۇ ئەمەس،يىلدا پەقەت 50-60 يۇەن كىتەر،ماڭىمۇ ئايالىم قاينىتىپ بېرەتتى،خېلى پايدىسىنىمۇ كۆرگەنىدىم،مېنىڭچە دوستلار بۇنى سىناپ كۆرۈپ ،بولسا ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن قالغان بۇ ئۇدۇمنى ئۆزىمىزگە ھەمراھ قىلساق،100 ياش ئەمەس،ئاللاھ خالىسا 200 ياشقىمۇ كىرىشىمىز مۇمكىن!
[color=#669900]يۇقۇرىدا شۇنداق بەزى نوقتىلارنى توختىلىپ ئۆتتۈم ،كىمنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈسى كەلمەيدۇ؟!كىمنىڭمۇ ياخشى ساغلام ياشىغۇسى كەلمەيدۇ؟!ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن سىجىل ئىرادە بىلەن يۇقۇرىقىدىكىدەك يامان تۇرمۇش ھادىسىلىرىنى توسۇپ،ياخشى سالامەتلىك ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كۆرسەك دىگەن قاراشتىمەن.بۇ تېمامنى سەلكىندىكى دوستلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يېزىپ چىقتىم،بەلكىم پايدىسى بولۇپ قالار!خاتالىق يەرلىرىمۇ بولۇشى مۇمكىن،ئەپۇ قىلارسىلەر ياكى ئۇچۇر يوللارسىلەر. [/color]

[/size]

«كورىيەدە ئۆلسە بولىدىكەن»كەيپىياتىدىن پۇقرالار ھوقوق-مەنپەئەت پەرقىگە نەزەر

[color=#669900][size=4] 1-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەتىگەندە،كورىيە توڭ ئىسكىلاتىدا پارتىلاش يۈز بېرىپ ئوت كەتكەن.بۇنىڭ بىلەن 57خىزمەتچىدىن 40 نەپىرى ئۆلگەن،بۇنىڭ ئىچىدىكى 12 نەپىرى جۇڭگولۇق ئىكەن.قازاغا ئۇچرىغۇچىلانىڭ ئائىلىسى ئەڭ تۆۋىنى 145مىليون ۋوندىن ئەڭ يۇقىرىسى 480مىليون ۋونغىچە تۆلەمگە ئېرىشكەن.ئوتتۇرىچە ھىساپ بىلەن 240مىليون ۋون تۆلەم بېرىلگەن(تەخمىنەن 1مىليون950مىڭ يۇەن).(«جۇڭگو ياشلار گېزىتى»1-ئاينىڭ 15 -كۈنى خەۋىرى). يۇقۇرىدىكى سان سېفىردىن قارىغاندا كورىيەنىڭ تۆلەم ئۆلچىمى جۇڭگودىن 10 ھەسسىدىن يۇقۇرى بولغان.ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئىچىدە ئىقتىسادى تەرەققىياتتىكى پەرقمۇ يوق ئەمەس.ئەمما ئۇلارنىڭ ھىساپلاشتىكى باش پىرىنسىپىنىڭ ئۆزىلا كىشىلىك ھاياتى قىممەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان.يەنە بەزىلەر ھىساپلاش ئارقىلىق،ئامرىكىدىكى كان ئىشچىسىنىڭ ھاياتلىق قىممىتىنىڭ بىزنىڭ 37.5ھەسسىسىگە توغرا كىلىدىغىنىنى ھىساپلاپ چىققان.بۇمۇ بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ھاياتلىققا ئىتىبار بەرمىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.ئاممىنىڭ نارازىلىق كەيپىياتىمۇ شۇنىڭ بىلەن باشلاندى،ھەتتا«كورىيەدە ئۆلسە بولىدىكەن»دىگەندەك ئەقىلگە زىت كۆز قاراشلارمۇ بارلىققا كەلدى. «كورىيەدە ئۆلسە بولىدىكەن»،بۇ بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا،خەلىق ئاممىسىنىڭ دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ ھاياتىنىڭ ئاجىز ھەم تەڭسىزلىكىگە بولغان ئېچىنىشلىق ھىسياتى ھىساپلىنىدۇ،مەسىلەن كان ئاپەتلىرىدە،بەزى كان ئىگىلىرى ئىنسانىي قىلىپىدىن چىقىپ«جەسەت ساندۇقى دورىدىن جىق ئەرزان»دىيىشكەن.«5000يۇەن+500 جىڭ ئاشلىق=1كان ئىشچىسىنىڭ ھاياتلىق قىممىتى»دىگەندەك تىئورىمىلار بارلىققا كەلگەن.بۇنىڭ ئىچىدە ھاياتلىقنىڭ شۇ تەرىقىدە خارلىقى كىشىنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇيدۇ،ھاياتلىقنىڭ خاسىيىتى ئۆز رولىنى يوقاتقان بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئېيىتقاندا كورىيەنىڭ تۆلەم ئۆلچىمى خەلىق ئاممىسىغا ھاياتلىق قىممىتىگە بولغان ھۆرمەتنى ئېنىق كۆرسىتىپ قويدى.ئىككى خىل روشەن سېلىشتۇرما،ئاممىنىڭ غۇلغۇلىسى ۋە گۇمانىنى قوزغىدى.ئەمما «كورىيەدە ئۆلسە بولىدىكەن» غەزەپلىنش كەيپىياتىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ،يەنە ھاياتلىقنى خارلاش كەيپىياتىنىڭ غەيرى ئەكسى ھىساپلىنىدۇ.چۇنكى،بۇ بىر خىل ئەقلى كەيپىيات ئەمەس،،ئەمما بۇ بىزنىڭ ھاياتلىقنىڭ قىممىتىنى تەھلىل قىلىشىمىزغا توسالغۇ بولالمايدۇ،غەيرى ئەقلى كەيپىيات شەكىللەندۈرگەن ئۇقۇمنى ئېنىق تونۇشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ. «كورىيەدە ئۆلسە بولىدىكەن»،تۈپكى جەھەتتىن ئېيتىقاندا،ئاممىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇت بولغان پۇقرا ھوقوق-مەنپەئەتىنىڭ پەرقىگە بولغان نارازلىق ئىپادىسى،ھەم بىزنىڭ مەسىلىنى كۈزىتىشىمىزدىكى نوقتىمىز ھىساپلىنىدۇ. ھازىرنى ئېلىپ ئېيتقاندا،دۆلىتىمىزدە ئىنسانلار توغۇلغان جايى،كەسپى،تارمىقىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن،ھاياتلىق قىممىتىدىمۇ ئاسمان-زىمىن پەرق بولىدۇ،ھالبۇكى ھەر خىل پەرقلەر ئىچىدە،بەزىلىرىنىڭ كىشىلىك قىممىتى كىشىنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ،مەسىلەن تارماق پەرقى،يېزا- بازار پەرقى دىگەندەكلەر.مەيلى قانون نوقتىسىدىن بولسۇن،مەيلى ئەقلى جەھەتتىن بولسۇن،بىزنىڭ قازا يۈز بەرگەن يەرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ،تۆلەمنىمۇ ھەر خىل بېرىشىمىزنىڭ قىلچىلىك ئاساسى يوق!كىشىلىك قىممەتنى ئېلىپ ئېيتقاندا،ھەممە ئادەم مۇتلەق باراۋەر،ئەمما ئۇلارنىڭ بالا-قازا بىلەن بولغان ئارىلىقىلا ئوخشىمايدۇ خالاس!ئەمما ھىچقانداق ئېسىل-پەس،يۇقۇرى-تۆۋەنلىك پەرقى بولمايدۇ. تۆلەم مەسىلىسىدە،بىز ئەقىلگە سىغىدىغان پەرققە يول قويىمىز،ئەمما ئەقىلگە سىغىدىغان پەرقنىڭ ماھىيىتى شەكىل جەھەتتىكى باراۋەرلىك ئادىل باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يەتمىگەندە،شەكىلدىكى باراۋەرلىك ئارقىلىق ئادىللىقنى ياقلاشقا مەجبۇر بولىمىز!ناۋادا پەرقلىق مۇئامىلە ئىجتىمائىي كوللىكتىپنىڭ پاراۋانلىقىنى ئىلگىرى سۈرەلمىسە،مەلۇم مىقتاردا ئۇنى ئازايتىپ قويسا،ئالاھىدە كوللىكتىپنىڭ باشقا ئىجتىمائىي ئەزالار بىلەن بولغان پەرقىنى چوڭايتىۋەتسە،ئۇنداقتا بۇ خىل پەرىق ئەخلاقىي ئەقلىيلىككە ئىگە بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە،دۆلىتىمىزنىڭ كىشىلىك ھايات قىممىتىگە بولغان سۇسلۇق ئىپادىلىرى ھەر تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ،مەسىلەن دۆلىتىمىزدە ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقوقى يەڭدى،نۆۋەتتە ھەر بىر ئەنزىدە بېرىلىدىغان تۆلەم پۇلى ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 700 يۇەن،ئەمما ئامرىكىدا بۇ سان 35مىڭ ئامرىكا دوللىرى!جۇڭگو ئىستىمالچىلار جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ۋۇگاۋخەننىڭ دىيىشىچە،گەرچە دكلەت ئاھۋالى ئوخشىمىسىمۇ،ئەمما جۇڭگونىڭ تۆلەم قىممىتى روشەن ھالدا تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ. ھاياتلىق ھوقوقىىغا بولغان باراۋەر مۇئامىلە باراۋەرلىكنىڭ ئەڭ ئاساسى تەلىپىدۇر.ھاياتلىق تۆلىمىدەك تۆلەم ھادىسىسى باراۋەرلىك روھىنى تەرغىپ قىلىدىغان سەھنە ھىساپلىنىدۇ،شۇنداقلا ھاياتلىق قىممىتىنى ھەقىقىي ئەكىس ئەتتۈرىدىغان مۇھىم سەھنە ھىساپلىنىدۇ.ھاياتلىق سوقوقى ئادىل مۇئامىلىگە ئېرىشەلمىگەندە،باشقا سوقوقلارنىڭ باراۋەرلىكىدىن ئېغىز ئېچىش تېخىمۇ تەس بىز ئىش!بۇمۇ ھەم ئامما ئىچىدە «كورىيەدە ئۆلسە بولىدىكەن»دىگەندەك قاراشنىڭ تارقىلىشنىڭ سەۋەبى.كىشىلىك بىخەتەرلىك ھوقوقى،ساغلاملىق ھوقوقى كىشىلەرنىڭ ئەڭ تۈپكى ھوقوقىدۇر،بۇ ھوقوققا بولغان ھۆرمەتمۇ يوقالسا،پۇقرالارنىڭ كىشىلىك قىممىتى كاپالەتكە ئېرىشەلمەيدۇ.شۇڭا بۇ نوقتىنى ئېنىق تونىغاندىلا،ئاممىنىڭ «كورىيەدە ئۆلسە بولىدىكەن»دىگەندەك غەيرى قاراشلىرىنى يوقاتقىلى بولىدۇ. [/size][/color]
[post]
死就死在韩国”情绪源于公民权利落差 2008-01-17 12:43:51  21CN论坛   【 浏览字号: 大 中 小 】


  作者:朱四倍
  1月7日上午,位于韩国京畿道利川的冷冻物流仓库发生爆炸和大型火灾,导致在里面工作的57名职工中40人死亡,其中有12名中国公民。遇难者家属和Korea冷冻方面在赔偿金支付协议书上签字,遇难者家属将得到最低1.45亿韩元至最高4.8亿韩元赔偿,而人均赔偿金将达到2.4亿韩元(约合人民币195万元)。 (《中国青年报》1月15日)
  从数据上看,韩国的赔偿标准高出我国赔偿标准10倍以上,当然,这有经济发展差异在内,但其计算方式本身就是对生命价值尊重的体现。另外还有人通过计算,认为美国煤矿一个工人的命价等于我国37.5个工人的命价,这也说明了我国长期以来对生命价值的不尊重,公众的不满情绪由此得以爆发。甚至流露出了“要死也死在韩国”的非理性情绪和心态。
  “要死也死在韩国”,一方面是公众对我国公民生命脆弱和价值不平等的刻骨体验,比如在矿难赔偿中,有的矿主说出了毫无人性的话语:“买棺材比买药便宜得多”,出现了“5000元+500斤粮食=1个矿工的生命”的生命等式,其中,生命的卑贱让人心寒,生命的神圣性荡然无存!

  另一方面,韩国的补偿标准让公众看到了其对生命价值尊崇的一面。两者的鲜明对比,引发了公众的讨论和质疑。但是,“要死也死在韩国”在表达愤懑情绪的同时,也是对生命不尊重的折射,因此,这是一种不理性的情绪,但,这并不阻止我们去探讨生命的价值,并不能阻止我们去真正认识非理性情绪产生的土壤。
  “要死也死在韩国”,从根本上说,是公众对长期存在的生命权利落差不满的表达,这是我们看问题的立足点。
  就现实来说,在我国,个体由于出生地、所在行业、部门的不同,也可能产生巨大的生命权利落差。而在种种差别中,有的本身毫无合理性可言,如部门差别或行业差别、城乡差别。无论是从法律上看,还是从情理上看,我们没有任何理由仅仅因为损害发生的领域不同,而给予不等的赔偿。就生命价值而言,每个人都是绝对平等的,只有距离死亡远近的不同,而没有高低贵贱的差异。
  在生命价值赔偿问题上,我们承认合理差别存在的可能性,但合理差别的本质在于,当形式上的平等不足以实现平等或正义时,通过形式上的不平等以求正义。如果差别待遇非但不能促进特殊社会群体的福利,而可能在一定程度上减少其福利,扩大特殊社会群体与其他社会成员的不平等,那么,这种差别就不具有道德上的合理性。
  事实上,我国对生命价值认识模糊体现在各个方面,比如在我国,消费者维权获胜,目前每案得到的赔偿金平均700多元人民币;而在美国这一数字是35万美元。中消协副秘书长武高汉就表示,尽管国情不同,但中国赔偿额度明显偏低。
  生命权的平等对待是对平等的最基本要求,生命赔偿这一对生命权受侵害的赔偿是社会宣扬平等精神的首要舞台,也是彰显生命价值的首要平台。在生命权平等不能得到公正对待的前提下,何谈其他权利的平等,这是公众流露“要死也死在韩国”愤懑情绪的重要原因。人的生命安全权、身体健康权是人的最基本权利,离开对人的生命安全权、身体健康权的尊重,公民的生命价值就无法得到保证。笔者以为,只有认识到这点,才能消除公众诸如“要死也死在韩国”之类的非理性情绪。









[/post]