2009/05/21

Test iphone

Test from iPhone

Sent from my iPhone

2009/05/06

ياپوندىكى دوكتۇرلۇق ئوقۇشۇم باشلاندى.

4-ئاينىڭ 21-كۈنى شۇنچە ئالدىراشلىق ئىچىدە ياپونىيەگە يىتىپ كەلدىم،ئاللانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن،ياپوندا ئوقۇش ۋىزام ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىلەردە قولۇمغا تەگدى.خۇددى ئوقيانىڭ ئوقىدەك ياپونىيەگە قاراپ يول ئالدىم،ناگويا ئايرۇدۇرومى مەن كەلگەندە سىم-سىم يامغۇر ئىچىدە جىمجىتقىنە مېنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ.

كەچ سائەت 9:30 دا يېتىپ كەلدىم. ئەمما ئۆيۈمگە كىرسەم قۇپقۇرۇق،شۇئان يولنىڭ ئۇدۇلىدىكى AEONغا چىقىپ،15،000 ياپون پۇلىغا يوتقان كۆرپىلەرنى سېتىۋالدىم،ھەر ھالدا داق يەر بولسىمۇ ياتىدىغان يېرىم ھاسىل بولدى.

ئەتىسى سەھەر ئەكەلگەن نانلىرىم بىلەن چېيىمنى ئىچىۋالغاندىن كىيىن،ئىسسىق سۇدا بىر يۇيۇنىۋىلىپ،ئىشخانامغا چىقتىم،مۇئەللىم مېنىڭ ئۆيۈمنى ئوڭشىۋىلىشىمغا 3-4 كۈن ۋاقىت بەردى،شۇ جەرياندا شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە بېرىپ،رويخەتلەندىم،ئاندىن كونا ئۆي-جاھازىلىرىنى ئىزدىدىم،ئەمما مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىدەكلىرى چىقمىدى.نەچچە دۇكاننى كۆرگەن بولساممۇ،تازا قاملاشمىدى.ئامالسىز يېڭىسىنى ساتىدىغان دۇكانلارغىمۇ باردىم،ھەم كارىۋات،ئۇستەل ۋە ئورۇندۇقلارنى زاكاس قىلدىم،قېرىشقاندەك 2 ھەپتە ساقلايدىكەنمەن.ئامالسىز ماقۇل بولدۇم،بۇ ياپونلار جۇڭگوغا ئوخشىمايدۇ،جۇڭگودا ئازراق پۇل قېتىۋەتسىڭىزلا ئىشلار شۇنداق ئاسان پۈتىدۇ،ئەمما بۇ يەردە بېشىڭىزنى تاشقا ئۈسىۋالسىڭىزمۇ،ئۇلارھەرگىز قىلىپ بەرمەيدۇ،ھەممە ئىشنى ئۆز ئىزىدا ۋە ۋاقتى قەرەلىدە قىلىدۇ.ئامال يوق…

قايتىپ كىلىپ،توڭلاتقۇنىڭ كىچىكلىىنى ھىس قىلدىم،ۋە توردىن توڭلاتقۇ بىلەن گۈرۈچ دۈملەيدىغان توك ئوچاق زاكاس قىلدىم،قارىسام يېڭىسى بىلەن كونىسىنىڭ باھاسى جىق پەرق قىلمايدىكەن.

شۇنىڭ ئۆزىگىلا 30،000 ياپون پۇلى كەتتى، كارىۋاتلىرىمغا 50،000 ياپون پۇلى كەتتى،ئۆينىڭ قالدۇق ئىجارە ھەققى بولۇپ،80،000 غا يېقىن تۆلىدىم…ئىشقىلىپ قىسقىغىنە ئىككى ھەپتىگە قارىماي،300،000 ياپون پۇلۇمنى خەجلەپ بولاي دىدىم،. ھەجەپ تەستە ئىككى يىلدا يىغىپ تۆۋەپ تاپقان پۇللىرىمنى مانا مۇشۇنداق تېز سۈرئەتتە خەجلەپ،ئىچىم ئىچىشىشقا باشلىدى…ئەمما ئامالىم قانچە؟بۇ نەرسىلەر زۆرۈر نەرسىلەر تۇرسا؟!

 

ئاللا ئىشلىرىمنى ئاسان قىلىپ،ئوقۇشۇمغا ئاسانلىق بېرەر…

The first sura in a Qur'anic manuscript by Hat... 

Reblog this post [with Zemanta]