2008/10/10

ئاخىرقى تىنىق

Forest

ئاخىرقى تىنىق
كۆزلەردە ئۈمۈد
ھىجرانغا تولغان
يۈرەك
مۇھەببەت ئۈچۈن
سوقماقتا ئاجىز
ھاياتقا ئاخىرقى رەت
تەلپۈنگەندەك
ئاخىرقى تىنىق
ئىنساندىكى ھەممىنى
بارچە ھېسلارنى
دۇنيادىكى ئازاپنى
ئېلىپ كىتەر
ئۆزى بىلەن تەڭ
قېپقالار پەقەت
تېنىق كۆل سۈيىگە ئوخشاش
جىمجىت تۇيغۇلار
ئەسلىمىلەر
ئاخىرقى تېنىق
ھاياتقا تۇتاش
سىڭگەن ئۇنىڭغا
ئىنساننىڭ بارچە روھى
ئاخىرقى تىنىق
نۇرسىز كۆزلەر
سارغايغان لەۋ
ئوخشىتار ئۇنى
بەئەينى
مۇزلىغان تەنگە
شۇ چاغ
لەۋلەر پىچىرلاپ ئاستا
نىمىلەرنىدۇر ئېيتماقچى بولغاندەك
ۋە لېكىن
بىر ئۆزىگە ئاڭلىنار سادا
ئاجىز كۈلكىگە
يۇشۇرۇنغان چىراي
يۈرەكلەرنى سالدى
قايغۇغا
ياپراق كەبى تىترىگەندە
جان
شۇ دەم كۆكتىن سىرغىغان
يۇلتۇز
ئېلىپ كەتتى سۈبھى بەرگىنى

بۇ كىچە

جىمجىت كېچە
تىنىق كۆك ئاسمان
خىيالىمغا ھەمراھتۇر مۇڭداش
كۆزلەر بىدار
ئۇيقۇدىن يىراق
يار يولىغا تەلمۈرۈپ شۇنچە

مۇھەببەت

مۇھەببەت
گەر ئويغاتسا دىلدا ئوتلارنى
يۈرەكلەردە ئارمان قالارمۇ
گۈلگە شەيدا شوخ بۇلبۇل كەبى
خەندان ئۇرۇپ باغدا سايرارمۇ

گۈل ئىشقىدا ناۋا ئەيلىگەن
خەندان ئۇرۇپ سايرىغان بۇلبۇل
قىز چېھرىدە نازۇك بىر تۇيغۇ
يۈرەك ئۇندا قېنىپ كۈلەرمۇ

Google

Translate Text

Original text: Translation: Arabic » English
 
Iakyrqy Tynyq
»
  Suggest a better translation

Translate a Web Page

»

   
   
   

 

   
   

salam dostlar!

kandak yahximu?

 

بۇ دىگەن سىناق نوسقا!داۋاملىق سىناق قىلىۋاتىمەن! 

 

Garden

 

 

 

 

 

Map image